ئۇيغۇرچە Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە Open Office نى سىناش چاقىرىقى

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » پەيشەنبە سېنتەبىر 09, 2010 11:22 am

سالام quyash،
ubuntu نى ھەرقانداق ئادەم تەرجىمە قىلسا بولۇۋېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز [url]https://launchpad.net/~ubuntu-l10n-ug[/url] نىڭغا بېرىپ بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئىگىلەڭ. ئاندىن كېيىن شۇ خاتالىق بولغان يەرنىڭ ئەسلى ھۆججىتىنى توردا تۇرۇپلا تۈزەتسىڭىز بولىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي تەرجىمىڭىز ubuntu ئىشلىتىۋاتقان ھەممە ئادەمنىڭ كومپيۇتېرىدا كۆرۈنىدۇ. قېنى سىزمۇ تەرجىمىگە ھەسسە قوشۇڭ...


غەيرەت كەنجى

seyyare
يازمىلار: 14
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 27, 2007 12:24 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان seyyare » يەكشەنبە سېنتەبىر 12, 2010 4:59 am

سالام!
مەن OOo نىڭ Mac نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇچە كۆرسىتىپ تامام قىلدىم. مەندە دەسلەپتە بايقىغان مەسىلىلەر؛
1. ھەر قايسى تىزىملىكلەردىكى خەتلەر نورمال، ئەمما تەڭشەش قىسمى يەنى تىل تاللاش دىگەندەك بۆلەكچىدىكى خەتلەر ئۇلاشمىدى.
2. ئەلكاتىپ، ئۇ ك ج نىڭ خەت شەكىللىرىنى تاللاپ تۇرۇپ مەزمۇن كىرگۈزسەم ئۇلانمىدى. ئەمما Mac نىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن خەت نۇسخىسىدا نورمال.
ھازىرچە مىنىڭ لەپتوپىمغا قاچىلىغاندىن كېينكى دەسلەپكى مەسىلىلەر بۇ. قالدىسىنى ۋاقىت چىقىرىپ سىنايمەن.

_____________
بۇ يەردە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقسام، ئۇ ك ج نىڭ ياكى باشقا ئۇيغۇرچە خەت شەكىللەر نىمە ئۈچۈن Mac مەشغۇلات سىستېمىسىدا نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدۇ؟ بۇ خەت شەكىلنىڭ مەسىلىسىمۇ ؟ كىرگۈزگۈچنىڭمۇ؟ مەن كىرگۈزگۈچنىڭ ئوخشايدۇ دەپ؟ Mac نىڭ مەخسۇس سىتېس ئورنىغا بىرىپ ئۇيغۇرچە قوللاش مەسىلىسى ھەل بولدى دىگەن. Mac OS X 10.6.3 نىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىپ ئۇ ك ج نىڭ خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ سىناب باقتىم يەنىلا ئۇلانمىدى.
ئەمما قىززىق بىر ئىش بار. Mac نىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن خەت نۇسخىسىنى فونت ياسايدىغان قورالدا ئىچىپ ئۇ ك ج نىڭ خەت نۇسخىسىدىكى ھەرىپلەرنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ، باشقا نامدا ساقلاپ ئىشلەتسە نورمال بولىدىكەن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار