Ubuntu نى USB بارماق دىسكىغا قاچىلاش

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

Ubuntu نى USB بارماق دىسكىغا قاچىلاش

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 12:49 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىنداشلار،

«VirtualBox بىلەن Ubuntu مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇش»
[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=586[/url]

ناملىق تېمىدا، ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېرىغا مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇپ، مۇشۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرغا Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق.

بۇ تېمىدا Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىۋاستە USB بارماق دىسكىغا قاچىلاش جەريانىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.

Ubuntu نى USB بارماق دىسكىغا قاچىلاپ ئىشلەتكەندە، بۇ بارماق دىسكىنى ھەر قانداق كومپيۇتېرغا سېلىپ، كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىز، Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغىلىدۇ. بارماق دىسكىنى ئېلىۋېتىپ، كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىز، كومپيۇتېردا ئەسلى بار بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغىلىدۇ. بۇ تەرىپى بەكمۇ قولايلىق.

بۇ ئۇسۇلدا، Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى USB بارماق دىسكىسىغا بىۋاستە قاچىلىنىدۇ، باشقا ھىچقانداق قوشۇمچە يۇمشاق دېتال قاچىلاش ۋە ياكى مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ. بارماق دىسكىڭىزنىڭ سىغىمى چوڭراق بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەسلىدە بار بولغان ھۆججەتلەر تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. بۇ بارماق دىسكا بىلەن Ubuntu نى قوزغىتىپ، بىرەر ئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن، نەتىجە ھۆججەتلىرىڭىزنى يەنە بۇ بارماق دىسكىنىڭ ئۆزىگە ساقلاشقا بولىدۇ.

Ubuntu نى قاچىلاپ قوزغاتسىڭىزلا، ئۇنىڭدا Firefox تور كۆرگۈ، OpenOffice ئىشخانا دېتاللىرى بىرگە بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە فونت، كىرگۈزگۈچ ۋە ياكى كۇنۇپكا تاختىسىنى ئاسانلا ئورنىتىۋالغىلى بولىدۇ. ۋە يەنە توردىن ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھۆججىتىنى چۈشۈرىۋالسىڭىز، بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچىغا ئايلىنىدۇ. (%100 ئەمەس، چۈنكى بۇ تەرجىمە تېخى %100 تاماملانمىدى.)

سۆزلەپ كەلسەك، ئارتۇقچىلىقلىرى بەك كۆپ. شۇڭا قاچىلاشنى باشلاپ كېتەيلى.



Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 12:59 am

Ubuntu نى USB بارماق دىسكىغا قاچىلاشتا، تۆۋەندىكى شارائىت بولۇشى كېرەك:

[1] نورمال خىزمەت قىلىۋاتقان Windows كومپيۇتېرى. (باشقا Apple Mac ۋە ياكى Linux كومپيۇتېرلىرى بولسىمۇ بولىدۇ. لېكىن كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ Windows نى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، پەقەت Windows مۇھىتىدىكى قاچىلاشنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.)

[2] USB بارماق دىسكا (سىغىمى كامىدا 1GB تىن كام بولماسلىقى كېرەك. ئەڭ كامىدا 2GB تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تەپسىلاتى ئۈچۈن تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلەرگە قاراڭ.)

[3] تورغا چىقىپ، يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش شارائىتى بولۇشى كېرەك. (شۇ كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىدە تورغا چىقىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. باشقا يەردە، باشقا كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ، توردىن زۆرۈر يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرىۋېلىش شارائىتى بولسىلا بولىدۇ.)

بۇ شارائىت ھازىر بولسا، مەشغۇلاتنى باشلايلى.

ئاۋال توردىن ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاچىلاشقا بولىدىغان CD تەسۋىر ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز.

[url]http://www.ubuntu.com[/url]
تور بېتىگە بېرىپ، شۇ تور بېتىدىكى، تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن «ئۇبۇنتۇنى چۈشۈر» كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ud01.png[/img]
.
.
.
كېيىنكى چىققان بۇ بەتتىن، «چۈشۈرۈشنى باشلا» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، چۈشۈرۈشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ud02.png[/img]
.
.
.
بۇ ۋاقىتتا
ubuntu-10.04-desktop-i386.iso
ناملىق بىر ISO ھۆججىتى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈشكە باشلايدۇ. بۇ ھۆججەتنىڭ سىغىمى 700MB ئەتراپىدا (بىر CD نىڭ سىغىمى) بولۇپ، تور سۈرئىتىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، چۈشۈرۈشكە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

بۇ ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى نەشرى 10.04 بولۇپ (2010-يىلى 04-ئايدا تارقىتىلغان دىگەن گەپ)، بۇ 32 بىتلىق ئۈستەل يۈزى كومپيۇتېرلىرىغا ماس كېلىدىغان نەشرىدۇر. ناۋادا سىزنىڭ خاتىرە كومپيۇتېر بولسىمۇ ۋە\ياكى CPU رىڭىز 64 بىتلىق بولسىمۇ ھېچ ئىككىلەنمەي مۇشۇ 32 بىتلىق ئۈستەل يۈزى نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 1:16 am

[url]http://www.pendrivelinux.com[/url]
تور بېتىگە بېرىپ، Universal-USB-Installer ناملىق، سىغىمى 1MB تىن كىچىك بولغان، بىر كىچىك قاچىلاش پروگراممىسىنى چۈشۈرىمىز. بۇنىڭ نەشرى ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۈگۈن مەن چۈشۈرگەن نەشرى 1.7.6 ئىكەن. ئۇنىڭ ئېنىق چۈشۈرۈش ئورنى:
[url]http://www.pendrivelinux.com/downloads/Universal-USB-Installer/Universal-USB-Installer-v1.7.6.exe[/url]

ناۋادا كېيىن بۇ چۈشۈرۈش ئادرېسى ئۆزگىرىپ كەتسە، شۇ تور بېتىگە بېرىپ تەپسىلى ئىزدەڭ ياكى گۇگىلدىن ئىزدەڭ.

بۇ چۈشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئالدىنقى ئۇبۇنتۇنىڭ ISO ھۆججىتى ۋە بۇ EXE ھۆججىتىنى كومپيۇتېرىڭىزدا ئايرىم بىر ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ، شۇ يەرگە، بىرگە ساقلاڭ. بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب، كېيىنكى مەشغۇلاتنى تېخىمۇ ئاددىلاشتۇرۇشتۇر.

شۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈش ئاخىرلاشتى. ئەمدى قاچىلاشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا، بارماق دىسكىڭىزنى كومپيۇتېرغا ئۇلاڭ، ۋە ئۇ ئېرشكەن قوزغاتقۇچ ھەرىپى، مەسىلەن، D:, E:, F ھەرپلىرىنى ئېسىڭىزدا ساقلىۋېلىڭ ۋە ياكى بىر يەرگە يېزىۋېلىڭ. ئامال بار كومپيۇتېرىڭىزغا باشقا بارماق دىسكىلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئۇلىماڭ. بىخەستلىك سەۋەبىدىن ئالماشتۇرۇپ قويۇپ، قىممەتلىك ھۆججەتلىرىڭىزنى يۇيىۋېتىپ قالماڭ.

ئەمدى بارماق دىسكىنىڭ سىغىمى ھەققىدە ئازراق توختىلايلى.

Ubuntu نى قاچىلاش ئۈچۈن، كامىدا 700MB بوشلۇق كېتىدۇ. شۇڭا بارماق دىسكىنىڭ سىغىمى ئەڭ كامىدا 1GB بولۇشى كېرەك.

لېكىن، بۇ بارماق دىسكىدىكى ئۇبۇنتۇنى ئىشلەتسىڭىز، يېڭىدىن ھۆججەت قۇرىسىز، تەھرىرلەيسىز، توردىن بىر نەرسە چۈشىرىسىز. ناۋادا مۇشۇ قېتىمقى ئىشلىتىش ئاخىرلاشقاندا، بۇ ھۆججەتلەرمۇ مەزكۇر بارماق دىسكىدا ساقلانسۇن دەپ ئويلىسىڭىز، يەنە باشقا ساقلاش بوشلۇقى لازىم بولىدۇ.

بۇ ساقلاش بوشلۇقى كامىدا 1GB نى بىرلىك قىلىپ ئېشىپ ماڭىدىغان بولۇپ (يۇقۇردىكى پروگراممىنى يازغانلار شۇنداق لايىھەلەپتۇ)، ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ھۆججىتىنىمۇ ساقلىغىلى بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بارماق دىسكىنىڭ سىغىمى كامىدا 2GB ۋە ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولۇشى كېرەك.

دىمەك، ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشتا ئەڭ كىچىك بارماق دىسكا، 1GB بولۇشى كېرەك. لېكىن بۇ بارماق دىسكىغا ئۆزىڭىزنىڭ باشقا شەخسىي ھۆججەتلىرىنى ساقلىيالمايسىز.

ناۋادا 2GB ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بارماق دىسكىنى ئىشلەتسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا ھەم ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ، ھەم ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ھۆججەتلىرىنى ساقلىۋېلىپ، ياندا بىرگە ئېلىپ يۈرگىلى بولىدۇ.

ئەمدى قاچىلاش باسقۇچىغا كېلەيلى.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 1:40 am

يۇقۇردا چۈشۈرگەن 2 ھۆججەتنى كومپيۇتېرىمنىڭ بىر ھۆججەت قىسقۇچىغا ساقلىۋالدىم:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ubus01.png[/img]
بۇنىڭدىكى EXE ھۆججىتىنى قوش چەكسەم،
.
.
.
بۇ كۆزنەك چىقتى.
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ubus02.png[/img]
بۇنىڭدىن، كاتەك ئىچىگە ئېلىپ قويغان «ئىجرا قىل» كۇنۇپكىسىنى باسسام،
.
.
.
بۇ كېلىشىمنامە كۆزنىكى چىقتى.
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ubus03.png[/img]
بۇنىڭدىن «قوشۇلىمەن» كۇنۇپكىسىنى باسسام،
.
.
.
بۇ كۆزنەك چىقتى.
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ubus04.png[/img]
بۇ كۆزنەكنىڭ بوياپ قويغان تىزىملىكىدىن، Ubuntu 9.10/10.04 Desktop i386 نى تاللايمىز.
.
.
.
مانا مۇنداق:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ubus05.png[/img]
بۇ ۋاقىتتا ئورۇن (2) ئۆزلىكىدىن تولدۇرىلىدۇ.

ئورۇن (3) دىن سىزنىڭ بارماق دىسكىڭىزنىڭ قوزغاتقۇچ ھەرىپىنى تاللايمىز. (بۇنى يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتتۇق.)

ئورۇن (4) بولسا بۇ بارماق دىسكىنى فورماتلاش تاللانمىسى بولۇپ، بۇنى ئۆز ئەھۋالىڭىز بويىچە تاللاڭ.
مېنىڭ تەۋسىيەرىم، بۇنى تاللىماڭ. ناۋادا بارماق دىسكىڭىزنى فورماتلىماقچى بولسىڭىز بۇ ئىشلار باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇنى ئايرىم فورماتلىۋېلىڭ.

ئورۇن (5) مۇھىم بولۇپ، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ساقلاش بوشلۇقىدۇر. ناۋادا بارماق دىسكىڭىز 1GB لىق بولسا، باشقا تاللاش ئىمكانىيىتى يوق. بۇ ۋاقىتتا «No Persistence» (شەخسىي ھۆججەتلەرنى ساقلىمايمەن) نى تاللايسىز.

ناۋادا بارماق دىسكىڭىز چوڭ بولسا، ئەمىلى ئەھۋالغا قاراپ بۇ يەرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە تاللىغان بوشلۇق بىلەن ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش بوشلۇقى 1GB نىڭ يىغىندىسى چوقۇم بارماق دىسكىنىڭ سىغىمىغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولۇشى كېرەك.

ناۋادا 8GB لىق بارماق دىسكىڭىز بولسا، ئۇنىڭ 1GB قا ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ، يەنە 3GB قا ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدىكى ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلىسىڭىز، يەنە 4GB ئېشىپ قالىدۇ. بۇنى Windows مۇھىتىدا يەنە بەھوزۇر ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

بۇنى تاللاپ بولۇپ (6) نى (قۇرىمەن) چەكسىڭىز
.
.
.
قاچىلاش جاريانى باشلىنىدۇ. ئاۋال ئۇ ئۇبۇنتۇ ISO نى پىرىستىن يېشىدۇ.
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ubus06.png[/img]
بۇنىڭغا 3-2 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.
.
.
.
ئاندىن قاچىلاش باشلىنىدۇ.
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ubus07.png[/img]
بۇنىڭغا 10-5 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.
.
.
.
قاچىلاش تامام بولدى:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ubus08.png[/img]
كۇنۇپكىنى بېسىپ، بۇ كۆزنەكنى تاقاڭ.

شۇنىڭ بىلەن قاچىلاش پۈتۈنلەي تاماملاندى.

مەن بۇ تېمىنى يېزىشتىن بۇرۇن، ئۆزەمنىڭ بىر 4GB لىق بارماق دىسكىسىنى سىناق قىلىپ باقتىم. ئاۋال ئۇنى فورماتلىۋەتسەم، سىغىمى 3.74GB دەپ كۆرۈندى. ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ، ئۇنىڭغا يەنە 1GB شەخسىي ساقلاش بوشلۇقى ئاجىرتىپ بەرسەم، ئاخىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇ بولدى:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ubus09.png[/img]

دىمەك جەمى ئىشلەتكەن بوشلۇق، 1.68GB بولۇپ، بۇنىڭ، 680MB بوشلۇقىغا ئۇبۇنتۇ قاچىلىنىپ، يەنە 1GB نى شەخسىي ھۆججەت ساقلاش ئۈچۈن ئايرىپ قويۇپتۇ. بۇنىڭدا يەنە ئۇبۇنتۇدىن مۇستەقىل، 2.06GB بوشلۇق بار بولۇپ، بۇ بوشلۇقنى Windows تا ئىشلەتسەم بولىدۇ.

Windows مەشغۇلات سىستېمىسى Ubuntu دىسكا رايۇنىنى ئوقۇيالمايدۇ، لېكىن Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى Windows دىسكا رايۇنىنى ئوقۇيالايدۇ.

لېكىن بارماق دىسكىنى Windows مۇھىتىدا فورماتلىسىڭىز، ئۇنى FAT32 شەكلىدە فورماتلىغاچقا، Windows مۇھىتىدىمۇ، بۇ بارماق دىسكىغا قاچىلانغان Ubuntu سىستېما ھۆججەتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

شۇڭا Windows مۇھىتىدا بۇ بارماق دىسكىنى ئىشلەتسىڭىز، ئۇنىڭ Ubuntu سىستېما ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرىۋېتىپ قالماڭ. بولمىسا، Ubuntu كېيىن ئىشلىمەي قالىدۇ.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Eagle ، ۋاقتى: 2010-8-3 07:44 [/i]]

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 1:51 am

دىمەك، ئەمدى بۇ بارماق دىسكىنى ھەر قانداق كومپيۇتېرلار
(Intel, AMD تىپىدىكى كومپيۇتېرلار، Apple Mac ئەمەس)
لارغا ئۇلاپ، كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىز،
(دىققەت، بۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېر چوقۇم ئاۋال USB دىن قوزغىلىشى كېرەك)
Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغىلىدۇ.

چىققان كۆزنەكتە

Ubuntu نى ئىشلىتىمەن
Ubuntu نى قاتتىق دىسكىغا قاچىلايمەن

قاتارلىق تۈرلەر بولۇپ، سىز «ئىشلىتىمەن» نى تاللىسىڭىزلا Ubuntu سىستېمىسى قوزغىلىپ، خىزمەتكە كىرىشىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن Ubuntu نى سىناق مۇھىتقا قاچىلاش جەريانى تولۇق تونۇشتۇرۇلدى. (مەۋھۇم كومپيۇتېرغا ۋە بارماق دىسكىغا.) سىلەرنىڭ ئەمدى ئۇبۇنتۇ نى سىناپ باقماسلىققا باشقا باھانا-سەۋەپلىرىڭلار قالمىدى.

ئۇبۇنتۇنى يۇقۇردىكى ئۇسۇللار بىلەن قاچىلاپ، ئانچە-مۇنچە سىناپ ئىشلىتىپ كۆرۈڭلار. كېيىنكى مەزمۇنلاردا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھۆججىتىنى قاچىلاپ، ئۇنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە قىلىشنى تونۇشتۇرىمىز. شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى سىناپ، پىكىر بەرسەڭلار بولىدۇ.

Awral
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە فېۋرال 01, 2008 7:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Awral » سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 2:03 am

رەخمەت قىرندىشىم، ناھايىتى تەپسىلى،چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپسىز، مەن ئىلگىرى بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ كۆرمەپتىكەنمەن، ئەمدى سىناپ باقاي.

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 5:12 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۈركۈت ئەپەندىم، مېنىڭ بارماق دىسكام ئىككى رايۇنلۇق ۋىرۇس يوقاتقۇسى بار، 8 گىگابايتلىق ئېدى، ئۇنىڭدىكى ماتېرىياللىرىمنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ قويماي، فورماتلىماي بىۋاستە قاچىلاۋەرسەم دىسكامدىكى ھۆججەتلىرىم دەخلىگە ئۇچرىماس؟

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 5:26 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-3 07:51 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3132&ptid=589][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
دىمەك، ئەمدى بۇ بارماق دىسكىنى ھەر قانداق كومپيۇتېرلار
(Intel, AMD تىپىدىكى كومپيۇتېرلار، Apple Mac ئەمەس)
لارغا ئۇلا ... [/quote]
مېنىڭ كومپيۇتېرىمغا قاچىلاش ھۆججىتىUniversal USB Installer نىڭ نامى Spiceworks.exeبولۇپ چۈشۈپتۇ، بۇ پەرقتىن قاچىلاش پروگراممىسىنى چۈشۈرمەي، باشقا بىر يۇمتالنى چۈشۈرۈپ سالغاندىمەنمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالدىم.

ilyas331
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان ilyas331 » سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 6:40 am

بۈركۈت ئەپەندى كۆرسەتكەندەك قىلىۋىدىم ،مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ قالدى ، ئەمدى ، ئۇبۇنتۇنى سىناش خىزمىتىگە كىرىشمەي ئامال بولمىدى. :$ بۇرۇنمۇ قاچىلاپ ئىشلەتكەن ئۇ بىر نېمىنى،:'( ئۇنى بۇنى قىلىپ يۇرۈپ، يەنە ئاشۇ windows قا كۆچۈۋالغان،بۇدا خەپ :@ ، نېمە بولسا مەيلى ، ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ بىر ئىشلىتىپ باقايچۇ ! كىم ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا بولغاندىكىن ، ئۆزىمىزنىڭ سىستېمىسى دەپ ئىشلىتىۋېرەي ، كېلە ئۇيغۇرۇنتۇ !;P

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 8:24 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-3 11:26 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3137&ptid=589][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

مېنىڭ كومپيۇتېرىمغا قاچىلاش ھۆججىتىUniversal USB Installer نىڭ نامى Spiceworks.exeبولۇپ چۈشۈپتۇ، بۇ پەرقتىن قاچىلاش پروگراممىسىنى چۈشۈرمەي، باشقا بىر يۇمتالنى چۈشۈرۈپ سالغاندىمەنمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالدىم.[/quote]

مەن بىدار ئاكامنىڭ بۇ ئىنكاسىنى كۆرۈپ، ئۆزەم چۈشۈرۈشنى قايتا سىناپ باقماقچى بولدۇم.

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-3 07:16 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3130&ptid=589][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

[url]http://www.pendrivelinux.com[/url]
تور بېتىگە بېرىپ، Universal-USB-Installer ناملىق، سىغىمى 1MB تىن كىچىك بولغان، بىر كىچىك قاچىلاش پروگراممىسىنى چۈشۈرىمىز. بۇنىڭ نەشرى ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۈگۈن مەن چۈشۈرگەن نەشرى 1.7.6 ئىكەن. ئۇنىڭ ئېنىق چۈشۈرۈش ئورنى:
[url]http://www.pendrivelinux.com/dow[/url] ... nstaller-v1.7.6.exe[/quote]

دەرۋەقە، مەن يۇقۇرىدا كۆرسەتكەن، چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى بىۋاستە چەكسەم، بۇ پروگرامما نورمال چۈشمەيدىكەن. (مەن Firefox تا سىنىغان. يۇقۇردىكى بەتتە گۇگىل ئېلانلىرى بولغاچقا، تور بەت ئىگىسى بىزنىڭ بىر چېكىپلا چۈشۈرىشىمىزنى خالىمايدىكەن، قەدەممۇ-قەدەم كېلىدىكەنمىز.)

ئۇنداقتا، قەدەممۇ-قەدەم كېلەيلى.

ئاۋال شۇ تور بەتنىڭ باش ئادرېسى
[url]http://www.pendrivelinux.com[/url]
غا بارساق، بەتنىڭ ئۈستىدەرەك، ئوتتۇرا قىسمىدا، مۇنداق ئۇلانما بار:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/pdl01.png[/img]
.
.
.
يۇقۇردىكى ئۇلانمىنى چەكسەك، يېڭى بىر بەت ئېچىلىدۇ. بۇ بەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا مۇنداق:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/pdl02.png[/img]
ئۇلانما بار. بۇ ئۇلانمىنى چەكسەك،
.
.
.
بۇ ھۆججەتنى ساقلاش كۆزنىكى
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/pdl03.png[/img]
چىقىدۇ. ساقلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ساقلاڭ.
.
.
.
Firefox نىڭ چۈشۈرۈش كۆزنىكىدە چۈشۈپ بولغاندىكى ئەھۋال:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/pdl04.png[/img]
.
.
.
Windows نىڭ ھۆججەت كۆرگۈچ بىلەن، چۈشۈپ بولغان ھۆججەتنى كۆرسەم،
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/pdl05.png[/img]
مۇشۇنداق كۆرۈندى.

دىمەك بۇ باسقۇچلار بىلەن نورمال چۈشىدىكەن.

باشقا تور كۆرگۈ ئىشلەتسەڭلارمۇ يۇقۇردىكى باسقۇچ بىلەن چۈشۈرسەڭلار، مېنىڭچە نورمال چۈشىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 3 ۋە 0 مېھمانلار