جەمئىي4 بەتنىڭ 2 - سى

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 8:45 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eagle
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-3 11:12 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3136&ptid=589][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۈركۈت ئەپەندىم، مېنىڭ بارماق دىسكام ئىككى رايۇنلۇق ۋىرۇس يوقاتقۇسى بار، 8 گىگابايتلىق ئېدى، ئۇنىڭدىكى ماتېرىياللىرىمنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ قويماي، فورماتلىماي بىۋاستە قاچىلاۋەرسەم دىسكامدىكى ھۆججەتلىرىم دەخلىگە ئۇچرىماس؟[/quote]

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

مېنىڭ ئۇنداق بارماق دىسكام يوق، شۇنداقتىمۇ بىلگىنىمنى بىلجىرلاپ باقاي.

كومپيۇتېرغا ئۇلىسا، 2 رايۇن بولۇپ كۆرۈنىدىغان بارماق دىسكىلارنىڭ 1-رايۇنىدا سىستېما ھۆججەتلىرى بار بولۇپ، بۇ رايۇننىڭ سىغىمى كىچىك، ۋە ئوقۇشقىلا بولىدۇ. ھۆججەت ساقلاشقا بولمايدۇ. شۇڭا بۇ رايۇنغا ئۇبۇنتۇنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ.

ئەمدى، 2-رايۇنى، يەنى، نورمال، ھۆججەت ساقلاشقا بولىدىغان، چوڭ رايۇنىغا كەلسەك، بۇ رايۇنغا ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشقا بولىدۇ.

ئۇبۇنتۇ يۇقۇردىكى ئۇسۇل بىلەن بارماق دىسكىغا قاچىلانغاندا، شۇ بارماق دىسكىنىڭ رايۇنىغا 10 غا يېقىن ھۆججەت قىسقۇچ قۇرىدىكەن ۋە يەنە بىر قانچە ھۆججەتلەرنى ئاشۇ رايۇننىڭ باش، يىلتىز مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرىدىكەن.

كېيىنكى ئاۋارىچىلىق ۋە قالايمىقانچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاۋال، بارماق دىسكىڭىزنىڭ مۇشۇ رايۇنىدىكى بارلىق ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلىرىڭىزنى يەنە بىر ئانا ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە توپلاپ، يىغىڭ. مەسىلەن، يېڭىدىن Bidar دىگەندەك بىر ئىسىمدا، ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ، بۇرۇنقى بارلىق نەرسىلەرنى مۇشۇ قىسقۇچ ئىچىگە يۆتكەڭ.

يەنىلا ھەر ئېھتىمالغا قارشى، بۇ ھۆججەت قىسقۇچنى ئاساسى كومپيۇتېرغا، ۋاقىتلىق بولسىمۇ، بىر نۇسقا زاپاسلاپ قويۇڭ.

ئاندىن ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ، بۇ باسقۇچ
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ubus05.png[/img]
قا كەلگەندە، بوشلۇق (3) كە مۇشۇ بارماق دىسكىڭىزنىڭ 2-رايۇنىنى تولدۇرۇڭ. ئاندىن ھەرگىزمۇ (4) نى تاللاپ سالماڭ، بولمىسا فورماتلىۋاتىدۇ. (5) نى تاللىغاندا، ئۆز ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن تاللاڭ.

يەنى بۇ ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، بارماق دىسكىڭىزدا قانچىلىك بوش ئورۇن بار؟ بۇنىڭ يەنە قانچىلىكىنى ئۇبۇنتۇ ئۈچۈن ئايرىپ، يەنە قانچىلىكىنى ۋىندوۋز ئۈچۈن قالدۇرىسىز؟ ... دىگەنلەردەك.

مەسىلەن، ھازىر بارماق دىسكىڭىزدا، 5GB بوش ئورۇن قالغان بولسۇن، بۇنىڭ 1GB سى ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشقا سەرپ بولۇپ كەتسە، يەنە 4 ى قالدى، بۇنىڭ 2 سىنى ۋىندوۋسقا قالدۇرۇپ، 2 سىنى ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، (5) تىن 2GB دەپ تاللىسىڭىز بولىدۇ.

قاچىلاپ بولۇپ، كومپيۇتېرنى قوزغىتىدىغان ۋاقىتتا، يەنە بىر مەسىلە، بۇنداق 2 رايۇنلۇق بارماق دىسكا بىلەن كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا، كومپيۇتېر ئاۋال قايسى رايۇندىن قوزغىلىشنى بىلەلمەي، گاڭگىراپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ناۋادا بۇ ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، كومپيۇتېر دەسلەپكى قوزغىلىپ، ئېكرانغا بىرەر قوزغىلىش ئۇچۇرى چىققاندىلا، F12, F10 دىگەندەك كۇنۇپكىلارنى بېسىپ، (بۇ ئانا تاختىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ) BIOS نىڭ ئاددى قوزغىلىش مۇندەرىجىسىگە كىرىپ، بارماق دىسكىڭىزنىڭ ئۇبۇنتۇ قاچىلانغان رايۇنىنى تاللاپ كۆرسىتىپ بەرسىڭىز، كومپيۇتېر يەنە نورمال قوزغىلىشى مۇمكىن.

يەنە مەسىلىلەرگە يولۇقسىڭىز، ئىنكاس قىلىڭ، بىز بىرلىكتە يولىنى قىلىمىز.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 9:19 am
تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan
يۇقۇرىدىكى ئۇسۇل ئارقىلىق نورمال چۈشۈرەلىدىم، شۇنداق ئاددىي ئىشنىمۇ قىلالماي سىزنى تەكرار ئەۋارە قىلغىنىمدىن خىجىلمەن. تىل بىلمەسلىك «تىل بىلمەسلىك»لا ئەمەسكەن، ھەم قارىغۇلۇقكەن.:$

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 9:59 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eagle
بۇ سىزدىكى سەۋەنلىك ئەمەس، مەندىكى سەۋەنلىك.

مەن بۇ تېمىنى يازغاندا، ئۇ تور بېتىدە [url]http://....xxx.exe[/url] دەپ ئۇلانمىنى كۆرۈپ، مۇشۇ ئۇلانمىنى چەكسىلا ھۆججەت چۈشىدىغۇ دەپ ئويلاپ، تېمىنى يېزىۋېرىپتىمەن.

ئەسلى ئۇ تور بەت ئاپتورى بېتىگە گۇگىل ئېلانى قويۇپ، پۇل تاپىدىغان بولغاچقا، تور بېتىنى ئۇستىلىق بىلەن ياساپتۇ. بىۋاستىلا ئۇ ئۇلانمىنى چەكسە، ئۇ ھۆججەت چۈشمەيدىكەن. مۇشۇنداق قەدەممۇ-قەدەم چۈشۈرىدىكەنمىز.

مەندىكى سەۋەنلىك. سىز ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، يۇقۇرىدا ئۆزەم تەپسىلى سىناپ، تۈزىتىپ قويدۇم.

ئەسلى بۇرۇن ئۆزەم چۈشۈرگەندە شۇنداق قەدەممۇ-قەدەمدە چۈشۈرگەن. تېما يازغاندا، سىلەرگە قولاي بولسۇن ئۈچۈن، بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى دەپ ئۇلانمىسىنى بەرسەم، ئۇ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى ئىشلىمەيدىكەن.

ئەمدى قاچىلاپ بېقىڭ، يەنە قانداق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا بايقايمىز.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 11:09 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eagle
مەن 4GB لىق بارماق دىسكامنى ۋىندوۋز مۇھىتىدا فورماتلاپ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇبۇنتۇنى قاچىلىدىم. ھۆججگت ساقلاش مۇھىتىغا 1GB بوشلۇق بەردىم. قاچىلىنىپ بولغاندا، بارماق دىسكىنى تەكشۈرسەم، ئىچى مانا مۇنداق
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb01.png[/img]
بولۇپ چىقتى. (بارلىق يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنىمۇ تولۇق كۆرسەتتىم.)

بۇ يەردىكى كۆك رەڭگە بوياپ قويغان ھۆججەت 1GB لىق ھۆججەت بولۇپ، ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدا، ئۆزەمنىڭ شەخسىي ھۆججەتلىرى مانا مۇشۇ يەرگە ساقلىنىدۇ.

بۇ بارماق دىسكىنىڭ ئېشىپ قالغان 2GB بوشلۇقىنى يەنە ۋىندوۋز مۇھىتىدا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ئەمدى بۇ بارماق دىسكا بىلەن كومپيۇتېرنى قوزغاتسام
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb02.png[/img]
بۇ قوزغىلىش ئېكرانى قىشقا مۇددەت كۆرۈنۈپ، كومپيۇتېر ئۇبۇنتۇ بىلەن قوزغىلىدۇ. 2-1 مىنۇت ساقلىغاندىن كېيىن ئاخىرى قوزغۇلۇپ، بۇ ئېكران كۆرۈنىدۇ:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb03.png[/img]

بۇ كۆرۈنمە يۈزلەر ئىنگىلىزچە بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە بۇلارنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە قىلىشنى بايان قىلىمىز.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 11:29 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eagle
كۆرۈنمە يۈزىنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە قىلىش

ئالدىنقى ئېكران يۈزى كۆرۈنگەندىن كېيىن مۇنداق مەشغۇلات قىلىمىز.

تىزىملىكتىن System-->Administration-->Language Support نى تاللايمىز. (بۇ دىگەنلىك، سىستېما --> باشقۇرۇش --> تىل قوللىشى دىگەنلىك بولىدۇ.) مانا مۇنداق:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb04.png[/img]

بۇ ۋاقىتتا مۇنۇ ئېكران
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb05.png[/img]
كۆرۈنىدۇ.

بۇنىڭدىن بوياپ قويغان كۇنۇپكا (تىللارنى قاچىلا\ئۆچۈر) نى باسساق، مۇنۇ ئېكران
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb06.png[/img]
كۆرۈنىدۇ.

بۇ ئېكراندىكى تىك تاياقچىنى تۆۋەنگە سۈرۈپ، ئاددى خەنزۇ تىلى كۆرۈنگەندە ئۇنى تاللايمىز. مانا مۇنداق:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb07.png[/img]

ۋە يەنە ئۇيغۇر تىلىنى تاللايمىز.
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb08.png[/img]

ئاندىن، بوياپ قويغان كۇنۇپكا (ئۆزگەرت) نى باسىمىز.

بۇ ۋاقىتتا ئۇبۇنتۇ توردىن خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھۆججەتلىرى، كىرگۈزگۈچ ۋە خەنزۇچە فونتلار (ئۇيغۇرچە فونتلارنى ئايرىم چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. بۇ كېيىن تونۇشتۇرىلىدۇ) نى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاشقا باشلايدۇ. مانا مۇنداق:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb09.png[/img]
.
.
.
چۈشۈرۈپ قاچىلاش تاماملانغاندا، مۇنۇ كۆزنەك
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb10.png[/img]
چىقىدۇ. ئۈستىدىكى كۇنۇپكىنى چەكسەك،
.
.
مۇنۇ كۆزنەك
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb11.png[/img]
كە قايتىدۇ. بۇ يەردىن ئاستىدىكى تىزىملىكتىن ibus نى تاللاپ (بۇ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشىدىغان يېرى)، ئاندىن سول يۇقۇرى تەرەپتىكى [X] كۇنۇپكىنى چېكىپ، بۇ ئېكراننى تاقاپ، ئاساسى ئۈستەل يۈزىگە قايتساق بولىدۇ.

بۇنىڭلىق بىلەن سىستېمىغا، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، كىرگۈزگۈچلەر ۋە خەنزۇچە فونتلار قاچىلىنىپ بولغان بولىدۇ. ئەمدى سىستېمىنى قايتا قوزغىتىش زۆرۈر.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 11:49 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eagle
سىستېمىنى قايتا قوزغىتىپ، يەنە ئازراق تەڭشىسەكلا، بۇ سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي خەنزۇچە بولۇپ چىقىدۇ. مانا مۇنداق:

[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb12-1.jpg[/img]

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى تېخى مۇكەممەل بولمىغاچقا ۋە يەنە ئاۋال ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاپ، يەنە بەزى زۆرۈر تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلگەچكە، ھەم ۋاقىت مۇناسىبىتى بىلەن، ھازىرچە مۇشۇ يەردە توختاتتىم.

كۆرۈنمە يۈزى خەنزۇچە بولغاندىن كېيىن، ئىنگىلىزچىگە قارىغاندا، كۆپچىلىك ئانچە قىينىلىپ قالمايدۇ دەپ ئويلايمەن. مۇشۇ خەنزۇچە كۆرۈنمە يۈزى بىلەن سىستېمىنى «ئويناپ» باقساڭلار بولىدۇ.

باشقا كام يەرلىرىنى ياكى باشقىلار تولۇقلا ياكى كېيىنكى تېما-ئىنكاسلارغا قالدۇراي.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 1:53 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Abdurehim
بۈركۈت ئاكىمىزنىڭ قەممەتلىك ۋقتىنى ئاجرىتىپ كۆرسەتمە بەرگىنىگە رەخمەت. تولىمۇ ئەتىراپلىق يېزىلىپتۇ.

يېزىلغان: شەنبە ئاۋغۇست 07, 2010 7:50 pm
تەرىپىدىن يوللانغان -MB35-
بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىغا winpe غا ئوخشاش گوست، پ چ ، د م دىگەندەك قۇراللارنى قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بۇلارمۇ؟

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 2:14 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eagle
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]-MB35-[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-8 01:50 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3176&ptid=589][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىغا winpe غا ئوخشاش گوست، پ چ ، د م دىگەندەك قۇراللارنى قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بۇلارمۇ؟ [/quote]

بۇ نەرسىلەر قانداق نەرسىلەر، نىمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟

Windows دا قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنى، Ubuntu دا قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، Windows تا قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنىمۇ Ubuntu دا قىلغىلى بولىدۇ.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 6:19 am
تەرىپىدىن يوللانغان Omar14
16-جەۋەتتىكى بۈركۈتنىڭ يازمىسى بويىچە ساقلاپ ئولتۇردۇق...
قانداق قىلىپ كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىمىز ؟؟؟