Ubuntu نى USB بارماق دىسكىغا قاچىلاش

kaqkuz
يازمىلار: 20
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇل 31, 2007 5:12 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kaqkuz » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 6:52 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-10 08:14 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3200&ptid=589][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

بۇ نەرسىلەر قانداق نەرسىلەر، نىمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟

Windows دا قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنى، Ubuntu دا قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، Windows تا قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنىمۇ Ubuntu دا قىلغىلى بولىدۇ.[/quote]

گوست = Ghost بۇ قاتتىق دىسكا ياكى مەلۇم بىر رايۇننى پۈتۈن زاپاسلايدىغان قورال. سېستىما رايۇنىنى زاپاسلاپ قويۇپ، سېستىما بۇزۇلغاندا قايتۇرساق بولىدۇ. تىلغا ئىلىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان يىرى، تورخانا ياكى دەرىسخانا كومپىيۇتېرىغا سېستىما قاچىلىماقچى بولساق، بىر كومپىيۇتېرنى ياخشى ياسىۋىلىپ، قالغان يۈز كومپىيۇتېرغا ئىككى سائەتتىلا سېستىما قاچىلىغىلى بولىدۇ.
پ چ = PQ يەنى Parttion Manager بۇ قاتتىق دېسكىنى رايۇنغا ئايرىيدىغان قورال.
د م = Disk Manager بۇمۇ PQ بىلەن ئوخشاش.



باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 8:18 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Omar14[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-10 12:19 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3202&ptid=589][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
16-جەۋەتتىكى بۈركۈتنىڭ يازمىسى بويىچە ساقلاپ ئولتۇردۇق...
قانداق قىلىپ كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىمىز ؟؟؟ ... [/quote]
كۆرۈنمە يۈزنى ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن 15-قەۋەتتىكى يازمىنى ئوقۇڭ. ياكى
[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=594[/url]
دىكى 3-قەۋەتتىكى يازمىدىكى رەسىم بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.
غەيرەت كەنجى

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 9:02 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]kokkaptar[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-10 12:52 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3204&ptid=589][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

پ چ = PQ يەنى Parttion Manager بۇ قاتتىق دېسكىنى رايۇنغا ئايرىيدىغان قورال.
د م = Disk Manager بۇمۇ PQ بىلەن ئوخشاش.[/quote]

Ubuntu نى CD ياكى بارماق دىسكىدىن قوزغاتقاندا، دىسكىنى رايۇنغا ئايرىيدىغان دېتال ئۆزىدە بىرگە چىقىدۇ، مانا مۇنداق:

[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ugparted.png[/img]

مەن پەقەت CD دىن قوزغاتقاچقا، كۆرۈنمە يۈزى ئىنگىلىزچە چىقىپ قالدى. ناۋادا DVD دىن قوزغاتسا، ياكى بارماق دىسكىغا قاچىلىغاندا، خەنزۇچىنىمۇ بىراقلا قاچىلىۋەتكەن بولسا، بۇنداق بارماق دىسكىدىن قوزغاتقاندا، يۇقۇردىكى ئېكران پۈتۈنلەي خەنزۇچە چىقىدۇ.

دىسكىنى دائىم رايۇنغا ئايرىيدىغان ئىش بولمىغاندىكىن، Ubuntu نى قاتتىق دىسكىغا قاچىلىغاندا، رايۇنغا ئايرىغۇچ قاچىلانمايدۇ. لېكىن ئۇنى كېيىن تاللاپ، قوشۇپ قاچىلىۋالغىلى بولىدۇ.

دىسكا باشقۇرۇش قورالى بولسا، ئۇبۇنتۇنىڭ ئۆزىدە بار، مانا:

[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/udisku.png[/img]

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]kokkaptar[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-10 12:52 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3204&ptid=589][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

گوست = Ghost بۇ قاتتىق دىسكا ياكى مەلۇم بىر رايۇننى پۈتۈن زاپاسلايدىغان قورال. سېستىما رايۇنىنى زاپاسلاپ قويۇپ، سېستىما بۇزۇلغاندا قايتۇرساق بولىدۇ.[/quote]

ئەمدى، گوستقا كەلسەك، مەن ئەزەلدىن بۇنداق دېتالنى ئىشلىتىپ باقمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۇبۇنتۇ نەشرىدىنمۇ خەۋىرىم يوقكەن. لېكىن بۇنداق دېتالنىڭ بولۇشى چوقۇم. چۈنكى لىنۇكس مۇھىتىدا نەچچە مىڭ، ھەتتا مىليۇنلىغان ھەقسىز دېتاللار بار، ھەممىسى ھەقسىز...

ھەتتا، ئۇبۇنتۇدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ھەقسىز لۇغەت پروگراممىلىرى، ھەقسىز ئىملا تەكشۈرگۈچ ۋە تۈزەتكۈچ (بۇلارنىڭ ئىقتىدارى پۇللۇق Word دىكىدىنمۇ بەك ياخشى ئىكەن) لارمۇ بار ئىكەن. بىز ئۇيغۇرلار پەقەت ئۇنىڭغا سۆز قوشۇپ، ئامبار ياساپ قويساقلا، بۇنداق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىمۇ ھەقسىز ئىشلىتەلەيدىكەنمىز. (لېكىن بىزنىڭ بېلىمىز بوش، بۇنىڭغا ئامبار ياساپ ئىشلىتىدىغان ئىشنى بىز قىلىپ بولالمايمىز.)

ئۆتكەندىكى 24 يادرولۇق كومپيۇتېرنى، ناۋادا Windows مۇھىتىدا ماڭدۇرىمىز دىسەك، ئۇنىڭغا يەنە 30 مىڭ دوللارلىق يۇمشاق دېتال سېتىۋالساق بولىدىكەن. بىزنىڭ باشلىق «بوپتۇ، سېتىۋالايلى» دىگەن ئىدى، بىز «توختا» دەپ، ئۇنىڭغا ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ، باشقا بىر تىيىنمۇ پۇل خەجلىمەي، بارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۇبۇنتۇ (ياكى لىنۇكس) مۇھىتىدىكى ھەقسىز دېتاللار بىلەن قىلىپ چىقتۇق. ئاۋۇ تېجەپ قالغان 30 مىڭ دوللارنى باشلىق بىزگە مۇكاپات قىلىپ بېرىۋەتمەكچى. (ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى 50 مىڭ دوللارلىق يۇمشاق دېتاللار بىلەن ۋەزىپىنى تاماملاش ئىكەندۇق. 30 مىڭنى بىزگە تارقىتىپ بەرسە، ئۆزى يەنە 20 مىڭنى چۆنتىكىگە سالىدۇ.)

شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋىندوۋز غا قارىغاندا، ئۇبۇنتۇ ياكى لىنۇكس بەكمۇ باپ كېلىدۇ.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Eagle ، ۋاقتى: 2010-8-10 15:15 [/i]]

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 9:06 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Omar14[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-10 12:19 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3202&ptid=589][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

16-جەۋەتتىكى بۈركۈتنىڭ يازمىسى بويىچە ساقلاپ ئولتۇردۇق...
قانداق قىلىپ كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىمىز ؟؟؟ ... [/quote]

مېنى ساقلاپ ئولتۇرمىسىڭىزمۇ، مۇشۇ يەردە خېلە تەپسىلى جاۋاپلار بېرىلگەن ئىدى. بۇ تېما ئىنكاسلار تېخى كۆمۈلۈپ كەتمىدى، باش بەتتە چىقىدۇ. شۇنى ئوقۇپ باقسىڭىزلا جاۋاپقا ئېرىشەلەيتتىڭىز.

بىز يېقىندا يەنە ئۇبۇنتۇنى تەرجىمە قىلىش، سىناش، تۈزىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. شۇڭا ئۇ كۆرۈنمە يۈزىدىكى تىل تاللاشنى تەپسىلى چۈشەندۈرىدىغان يازمىنى يېزىپ بولالمىدىم. ھەم يەنە ئاددى ئۇسۇلدا مەن بىر چۈشەندۈرگەن، كېيىن غەيرەت ئەپەندىم، رەسىم بىلەن يەنە چۈشەندۈردى. ۋاقىت يېتىشتۈرۈپ بولالمايۋاتقاندا يەنە بۇنداق گەپنىڭ ئەزمىسىنى ئېزىپ ئولتۇرۇشقا ۋاقىت چىقمىدى.

ساقلاپ ئولتۇرماي، ۋاقىت چىقىرىپ، ئانچە-مۇنچە تەرجىمىگە ھەمدەمدە بولىلى. ھازىر تەرجىمىنىڭ يەنە كام يەرلىرى بار ۋە بىز سىلەرگە ئېھتىياجلىق.

[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ibus0.png[/img]

مۇشۇ تىزىملىكتىكى كام قالغان يەرلەر سىزنى ساقلاپ تۇرغىلى ئۇزۇن بولدى... قېنى مەرھەمەت.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Eagle ، ۋاقتى: 2010-8-10 15:12 [/i]]

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 11:08 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-10 03:06 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3208&ptid=589][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]


مېنى ساقلاپ ئولتۇرمىسىڭىزمۇ، مۇشۇ يەردە خېلە تەپسىلى جاۋاپلار بېرىلگەن ئىدى. بۇ تېما ئىنكاسلار تېخى كۆمۈلۈ ... [/quote]

:L بۇنچىلىك ئۇيغۇرچە گەپلەرنى چۈشەنمەيدىغان يەردىمۇ ئەمەستىم .....
مەن قاچىلىغىنى ئىلگىرى ئۆزۈم توردىن چۈشۈرگىنى ئىدى .. شۇنىڭ كاشلىسىدىن ئوخشايدۇ ...
لىكىن مەن راسلا يۇقۇردا كۆرسىتىلگەن رەسىملەر بويىچە قىلىپ كۆردۇم پەقەتلا ئۇيغۇرچە UI كۆرۈنمىدى ... مىنىڭ سىستېمام يۇقۇردىكى رەسىمدىكىلەرگە پەقەتلا ئوخشىمىدى ..
ئىكىرانىم 1600*900 چىكىتتە ئەڭ ياخشى كۆرنەتتى . ئۇبۇنتۇمۇ ئاپتۇماتىكلا مۇشۇ ئىنىقلىقتا تەڭشەپتۇ ...ئۇنىڭدىن كىچىك تەڭشىسەم پەقەتلا نورمال ئەمەس.....
يىقىندىن بۇيان كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغۇدەك ۋاقىت چىقمىدىم خۇدايىم بۇيرىسا مەنمۇ باشلايمەن ..
ھە توغرا بۇنىڭغا pidgin قاچىلاپ نورمال كىرگىلى(Login) بولمىدى ... سىلەر قايسى im قورالىنى ئىشلىتىۋاتىسىلەر؟

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:13 pm

ئىكراننىڭ تولۇق چىقماسلىق مەسلىسى ھەل بولدى ... ئاندىن باشقا ئىلگىرى youtubeىدا كۆرگەن تەشۋىقات فىلىملىرىدىكىدەك ئاجايىپ ئۈنۈملەرنى كۆرگىلى بولىدى ... ھەقىقەتەن ئىسىلكەن ...
لىكىن UI سىنى يەنىلا تەڭشىيەلمىدىم قېنى مەن تۇتقان رەسىملەرنى كۆرۈپ باققايسىلەر ... (ھە راس Openoffice پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈندى)
1-رەسىم
كۆرۈنۈش ئۈنۈمىنى مۇنداق تەڭشىدىم (ھەقىقەتەن ئىسىلكەن)

[img]http://i3.6.cn/cvbnm/10/b1/9d/f0b0b67c209370459add0a5a11fb0085.png[/img]

2-رەسىم
Openoffice پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈندى

[img]http://i3.6.cn/cvbnm/bf/91/ee/e5649061e8d83d680fe2033bfe7b6f2d.png[/img]

3-رەسىم
تىل تاللاش كۆزنىكى
[img]http://i3.6.cn/cvbnm/21/28/6a/762be19af61e679320b4e262e5f5e37a.png[/img]


4-رەسىم
تىل تاللاش كۆزنىكى ئۇيغۇرچە مۇشۇ رەسىمدىكىدەك قاچىلانسا نورمال بولامدۇ ؟>
[img]http://i3.6.cn/cvbnm/ef/69/37/ecbd35577ffea08f2b4dce83ff270f2c.png[/img]

خاتا قىلدىممۇ ياكى توغرىمۇ كۆرۈپ بىقىشقايلا

Apple
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 05, 2008 11:02 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Apple » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:57 pm

سىز 3-رەسىمدىن Uyghur دېگەن تۈرنى مائۇس بىلەن چېكىپ،ئاندىن
apply system wide نى چەكسىڭىز بولىدىغۇ دەيمەن،سىناپ بېقىڭ.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 1:18 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Omar14[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-10 17:08 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3219&ptid=589][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

ھە توغرا بۇنىڭغا pidgin قاچىلاپ نورمال كىرگىلى(Login) بولمىدى ... سىلەر قايسى im قورالىنى ئىشلىتىۋاتىسىلەر؟[/quote]

Pidgin ناھايىتى نورمال، مەندە. سىز ئەسلى ئۇبۇنتۇ نى قەيەردىن چۈشۈرگەن؟ مەنبەسى؟

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 1:22 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Omar14[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-10 18:13 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3222&ptid=589][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

تىل تاللاش كۆزنىكى ئۇيغۇرچە مۇشۇ رەسىمدىكىدەك قاچىلانسا نورمال بولامدۇ ؟>

خاتا قىلدىممۇ ياكى توغرىمۇ كۆرۈپ بىقىشقايلا[/quote]

ئاۋال، تىل تۈرىدە، تىللارنىڭ يېنىدىكى كىچىك كاتەككە توغرا بەلگىسى قويۇپ، جەزملەشتۈرۈپ تىل ھۆججىتىنى تاللاپ قاچىلايمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن قاچىلانغان تىللار تىزىملىكى چىققان كۆزنەكتە، قايسى تىل تۈرىنى سۆرەپ، تىزىملىكنىڭ چوققىسىغا تاشلاپ قويۇپ، «سىستېما دائىرسىدە قوللان» كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، ئاندىن سىستېمىدىن چېكىنىپ قايتا كىرسەك (ياكى قايتا قوزغاتساق) سىستېمانىڭ كۆرۈنمە يۈزى شۇ تىلدا كۆرۈنىدۇ. بۇ تىللارنى سۆرۈپ، ئەڭ چوققىسىغا تاشلاپ قويۇش ئەڭ مۇھىم. مانا مۇنداق:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef12.png[/img]

مەن سەل تۇرۇپ رەسىمىنى يوللاي.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Eagle ، ۋاقتى: 2010-8-10 20:57 [/i]]

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 2:21 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-10 07:22 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3236&ptid=589][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]


ئاۋال، تىل تۈرىدە، تىللارنىڭ يېنىدىكى كىچىك كاتەككە توغرا بەلگىسى قويۇپ، جەزملەشتۈرۈپ تىل ھۆججىتىنى تاللا ... [/quote]
ئەسلىدە نۆۋەتتە ئىشلەتمەكچى بولغان تىل تۈرىنى تارتىپ چوققىلاپ قويدىكەنمىز ئەمەسمۇ ..... مۇۋاپپىقىيەتلىك بولدى .:handshake

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Omar14 ، ۋاقتى: 2010-8-10 20:23 [/i]]

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار