ubuntu دا تور بەتلەرنى نورمال كۆرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز ؟

ilyas331
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

ubuntu دا تور بەتلەرنى نورمال كۆرۈش ئۈچۈن قانداق ق

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان ilyas331 » چارشەنبە ئاۋغۇست 04, 2010 8:45 am

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، جامائەت ، كەمىنە ubuntu نى سىناش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ، مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلاپ ، ئۇنىڭغا ئاز-پاز قۇقۇ دېگەندەك بەزى دېتاللارنى قاچىلاپ ، توردىن يېڭىلاپ ، ئانچە مۇنچە ئويناشقا باشلىدىم ، بىراق مۇشۇ ئۇيغۇرچە تور بەتلەر سەل قالايمىقان بولۇۋالدى ،بۇ خەتلەرنىمۇ ubuntu دا يېزىۋاتىمەن ، قارىسام ې ،ۇ ،ھەرپلىرى نورمال كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. قانداق قىلىمىز ئەمدى ؟ يول كۆرسىتىڭلار جامائەت ،



Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » چارشەنبە ئاۋغۇست 04, 2010 10:31 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]ilyas331[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-4 14:45 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3150&ptid=591][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

بىراق مۇشۇ ئۇيغۇرچە تور بەتلەر سەل قالايمىقان بولۇۋالدى ،بۇ خەتلەرنىمۇ ubuntu دا يېزىۋاتىمەن ، قارىسام ې ،ۇ ،ھەرپلىرى نورمال كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. قانداق قىلىمىز ئەمدى ؟ يول كۆرسىتىڭلار جامائەت ،[/quote]

Ubuntu دا ئۇيغۇرچە تور بەتلەر ئالامەت چىقىدۇ، مانا مۇنداق:

[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/ubff01.png[/img]

قانداق؟! پەيزىمىكەن؟

ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، Ubuntu سىستېمىسىدا، سىستېما ئۆزى تەمىنلىگەن تېخى بىرەر ئۇيغۇرچە فونت يوق. ئەرەبچە فونتلار بار، لېكىن ئۇنىڭدا ئۇيغۇرچە ھەرپلەر تولۇق ئەمەس.

يەنە بىر گەپ، Ubuntu نىڭ كۆڭۈلدىكى تور كۆرگۈسى Firefox بولۇپ، Firefox تېخى EOT تېخنىكىسىنى تولۇق قوللاپ كەتمەيدۇ. (يېقىندا بۇ ھەقتە ئۆزگىرىش بولدى، EOT تور بەت ئۆلچىمى بولدى، Firefox تىمۇ فونت بولمىسىمۇ ئۇيغۇرچە تور بەتلەر چىرايلىق، نورمال چىقىدۇ... دىگەنلەرنى ئوقۇدۇم. لېكىن بۇ تېخنىكا ئۆزگىرىشلىرىگە ئۇيغۇر تور بەتلىرى تېخى ئاۋاز قوشۇپ بولالمىدى.)

گەپنى خۇلاسە قىلساق،
(1) Ubuntu دا ئۇيغۇرچە فونت يوق،
(2) Firefox بولسا تېخى EOT نى قوللىمىغاچقا،
شۇڭا ھازىرچە Ubuntu دا ئۇيغۇرچە تور بەتلەر قالايمىقان چىقىدۇ.

بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،
(1) Ubuntu غا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاش كېرەك،
(2)Firefox تەڭشىكىدىن، بۇ ئۇيغۇرچە فونتنى ئىشلىتىش كېرەك.

مۇشۇ 2 باسقۇچ بىلەن، Ubuntu دا ئۇيغۇرچە تور بەتلەر ئالامەت چىقىدۇ، خۇددى مەن يۇقۇرىدا كۆرسەتكەن رەسىمدىكىدەك.

Ubuntu ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسى Ubuntu نى تارقاتقان تەرەپلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، سىستېمىغا تېگىدىن بىر قانچە ئۇيغۇرچە فونتلارنى قوشۇۋېتىش ھەققىدە پىلان تۈزگەن ۋە بۇ ھەقتە ئىمكانىيىتى يار بەرگىنىچە مىدىرلاۋاتىدۇ. (بۇ خۇددى Windows قا كامىدا Microsoft Uighur دەپ بىر فونت بولسىمۇ، سىستېمىغا قېتىلغىنىغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭ ئەھمىيىتى يەنىلا بار.)

مەن كېيىنكى تېما-ئىنكاسلىرىمدا، Ubuntu غا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاش، Firefox تور كۆرگۈنى ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى نورمال كۆرەلەيدىغان قىلىپ تەڭشەش ھەققىدە بىر نىمە يازماقچى بولۇۋاتىمەن. بىر ئاز ساقلاڭ.

ياكى ساقلىيالمىسىڭىز، Ubuntu غا TTF فونتلىرىنى قوشۇش دەپ توردىن ئىزدەپ كۆرۈڭ. فونتنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، Firefox نىڭ فونت تاللانمىسىنى تەڭشەپ قويسىڭىزلا، ئۇيغۇرچە تور بەتلەر چىرايلىق، نورمال كۆرۈنىدۇ.

oghuzkb
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 21, 2008 1:30 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان oghuzkb » چارشەنبە ئاۋغۇست 04, 2010 1:06 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]ilyas331[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-4 09:45 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3150&ptid=591][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، جامائەت ، كەمىنە ubuntu نى سىناش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ، مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلاپ ، ئۇنىڭ ... [/quote]
بۇنى ھەل قىلىش ھازىر بەك ئاسان، ئۇيغۇرچە فونتتىن بىر نەچچىنى تاللاپ چۈشۈرۈڭ، ئاندىن شۇ چۈشۈرۈلگەن فونتقا بىرىپ چاشقىنەكنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چەكسىڭىز "فونت كۆرگۈچتە كۆرۈش" دىگەن تاللاش بار. تاللىغاندىن كىيىن فونت ھۆججىتى مەزمۇنىنى كۆرىسىز. شۇ كۆزنەك ئوڭ تەرەپ ئاستىدا "فونت قاچىلاش" دىگەن يىرى بار، شۇ يەرنى چەكسىڭزلا بولدى فونت قاچىلىنىدۇ. فونت قاچىلانغاندىن كىيىن تور بەتلەر نورمال كۆرىنىدۇ.
1.
[img]http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/font2.png[/img]
2.
[img]http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/font1.png[/img]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: oghuzkb ، ۋاقتى: 2010-8-4 14:07 [/i]]

sonic
يازمىلار: 15
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاۋغۇست 04, 2010 4:26 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان sonic » چارشەنبە ئاۋغۇست 04, 2010 5:51 pm

فونت قاچىلاشتا ئۈستىدىكى ئامال بولىدىكەن! :victory: سورايدىغان بىر مەسىلە: مەن بىۋاستە فونىتنى «ئىشلەتكۈچى» نىڭ «فونت» مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرىمەن دىسەم «ھوقوقۇم» يەتمەيدىكەن :loveliness: بۇ قانداق گەپ؟ ھوقوق قاتلىمىنى كىم چۈشەندۇرۇپ قويىدۇ؟ (مېنىڭ بىلدىغىن بۇ ھوقوق ئۈچ قاتلام، بىزنى سېستىمىنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلۋەتمىسۇن دەپ بىكىتىپ قويغان، لىكىن قانداق ئەمەلدىن قالدۇرىمىز؟ :loveliness: )

oghuzkb
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 21, 2008 1:30 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان oghuzkb » چارشەنبە ئاۋغۇست 04, 2010 6:33 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]sonic[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-4 18:51 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3160&ptid=591][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
فونت قاچىلاشتا ئۈستىدىكى ئامال بولىدىكەن! :victory: سورايدىغان بىر مەسىلە: مەن بىۋاستە فونىتنى «ئىشلەتكۈچى» نىڭ ... [/quote]
كومماندا كۆزنىكىدە شۇ ھۆججەت بار قىسقۇچقا كىرىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بىرىڭ:
chmod 777 höjjet-ismi
ھۆججەت ئىسمىغا سىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان ھۆججەت ئىسمىنى تولوقى بىلەن يىزىڭ، مىسالەن:
chmod 777 UKIJTuz.ttf
، ئەگەر ھوقۇقىڭىز يەتمىدى دىسە يېلتىز ھالەتتە ئىجرا قىلىڭ، تۆۋەندىكىدەك:
sudo chmod 777 UKIJTuz.ttf

kaqkuz
يازمىلار: 20
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇل 31, 2007 5:12 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kaqkuz » پەيشەنبە ئاۋغۇست 05, 2010 2:00 pm

Ubuntu غا ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلاشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى:
[url]http://www.kokkaptar.cn/article.asp?id=10[/url]
[url]http://www.kokkaptar.com/article.asp?id=10[/url]

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » جۈمە ئاۋغۇست 06, 2010 5:54 am

ئۇبۇنتۇغا ھازىر فونت قاچىلاشتىكى ئەڭ كاتتا، ئەڭ ئاسان ئۇسۇل يەنىلا oghuzkb ئەپەندىم يۇقۇرىدا رەسىم بىلەن چۈشەندۈرگەن ئۇسۇلدۇر. پەقەت چاشقاننى 2 قېتىم چەكسىلا مەسىلە ھەل بولىدۇ. Windows دىمۇ بۇنچىلىك ئاددى ئەمەس.

لىنۇكس قا ئوخشاش ئوچۇق مەنبەلىك سىستېمىلار ھازىر Windows قا ئېغىر خىرىس بولىۋاتقاچقا، Microsoft ھازىر ئۆز سىستېمىلىرىنىڭ تەرجىمە ئاتالغۇلىرى ۋە تەرجىمە بولاقلىرىنى ئاۋامغا ھەقسىز، ئاشكارا تەمىنلەپ بېرىشكە مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. بۇرۇن مىڭنى تازىم قىلىپ يالۋۇرسىمۇ، ھەتتا پۇلغىمۇ ساتمايتتى بۇنداق نەرسىلىرىنى.

ئۆلە، ۋىندوۋز! ياشا ئۇبۇنتۇ!

kaqkuz
يازمىلار: 20
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇل 31, 2007 5:12 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kaqkuz » جۈمە ئاۋغۇست 06, 2010 9:00 am

بۈگۈن ماۋۇ Windows دىگەن گۇي مېنى خاپا قىلىپ، بەش قىتىم قىتۋالدى، ئاچچىقىمدا Ubuntu غا چىقىپ كەتتىم، ماۋۇ خەتلەرنى Ubuntuدا يىزۋاتىمەن مانا. :lol

kaqkuz
يازمىلار: 20
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇل 31, 2007 5:12 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kaqkuz » جۈمە ئاۋغۇست 06, 2010 10:22 am

ماۋۇ ubuntu دىگەن كاساپەتكە IEنى قاچىلىۋالسام بولاتتى. Ies4 نى قاچىلاپ ئاخىرلىشاي دىگەندىلا توختىۋالدى.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار