UBUNTU دا تور كىنولىرىنى كۆرۈشتىن ياردەم...

mastan
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 05, 2010 5:43 am
ئالاقىلىشىش:

UBUNTU دا تور كىنولىرىنى كۆرۈشتىن ياردەم...

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان mastan » پەيشەنبە ئاۋغۇست 05, 2010 6:02 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
مەن ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى 8.04 نۇسخىسىدىن باشلاپ ھازىرقى نۇسخىسىگىچە ئىزچىل ئىشلىتىپ كەلدىم، 10.04 نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى قوشۇش ئۇسۇلى بۇرۇنقىدىن كۆپ قولايلىشىپتۇ.
(مەن بۇ يەردە ۋەتەن ئىچىدىكى تورداشلارغا قوشۇمچە پروگراممىلىرى بىرقەدەر تولۇق بولغان WINDOWS شارائىتىدا قاچىلاشقا بولۇدىغان ئۇبۇنتۇنى تەۋسىيە قىلاي: YLMF OS3.0 ئۇنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى url=http://www.ylmf.org )

مەقسەتكە كەلسەم: ئۇبۇنتۇدا بەزى تور بىكەتلەردىكى كىنولارنى پەقەت كۆرگىلى بولمىدى، قويغۇچلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قاچىلاپ باقتىم، باشقىچە ياخشىراق ئامالى بارمىدۇ؟



salahidin
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئىيۇل 29, 2010 4:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان salahidin » جۈمە ئاۋغۇست 06, 2010 5:07 am

قويغۇچ قاچىلىمىسىڭىز بولمايدۇ.
خەنزۇچە بىلسىڭىز بۇنى كۆرۈڭ ( رەسىمگە قاراپمۇ بىلەلىشىڭىز مۇمكىن)
[url]http://ep.cbifamily.com/2007/37/34/82658.html[/url]

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » جۈمە ئاۋغۇست 06, 2010 5:47 am

فىلىم قويغۇچ ئۈچۈن، VLC ئەڭ ياخشى.

بۇنى باشقا يەردىن ئىزدەپ يۇرمەي، ئۇبۇنتۇ سىستېمىڭىز تورغا ئۇلاقلىق بولسا، Synaptic 新立得 بولاق باشقۇرغۇچنى ئېچىپ، ئىزدەش كۆزنىكىگە VLC دەپ كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرۈپ قويسىڭىزلا، ھەممە نەرسىنى ئۆزى ئىزدەپ تېپىپ، قاچىلاپ، تەييار قىلىپ بېرىدۇ. بۇنداق ئىشنى تېخى ھەر قانداق Windows قىلالمايدۇ.

يەنە بىر گەپ، ئامال بار باشقىلار ئۆزگەرتىۋەتكەن سىستېمىنى ئىشلەتمەڭلار. مەيلى YLMF بولامدۇ، ياكى Deepin بولامدۇ، ۋە ياكى شوخلا بولامدۇ... سەۋەبى ئۇلار سىستېمىغا يوشۇرۇن كود قوشۇپ تارقىتىۋەتسە، سىلەر بىلەلمەيسىلەر. بۇنداق سىستېمىلار سىلەرنىڭ شەخسىيىتىڭلارنى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىڭلارنى ئوغرىلامدۇ، ھىچ بىلىپ بولمايدۇ.

بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەشكۇم يوق، لېكىن ئىشەنچسىز 3-تەرەپ ئۆزگەرتىۋەتكەن سىستېمىنى قاچىلاپ ئىشلىتىش خۇددى توڭگۇز گۆشىگە «ھالال» دەپ ماركا چاپلاپ بەرسە، «ۋاي، ھالال دەپ خېتى باركەن» دەپ يەۋەرگەندەك ئىش .

oghuzkb
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 21, 2008 1:30 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان oghuzkb » جۈمە ئاۋغۇست 06, 2010 3:31 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-6 06:47 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3171&ptid=593][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
فىلىم قويغۇچ ئۈچۈن، VLC ئەڭ ياخشى.

بۇنى باشقا يەردىن ئىزدەپ يۇرمەي، ئۇبۇنتۇ سىستېمىڭىز تورغا ئۇلاقلىق بولسا، S ... [/quote]

توغرا دەيسىز، 3-تەرەپتىن كەلگەن نەرسىگە يەنىلا ئىھتېيات بىلەن مۇئامىلە قىلغان ياخشى.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 3 ۋە 0 مېھمانلار