Ubuntu نى ئۇيغۇرچە قىلىش

abral-ilkitap
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئىيۇل 05, 2010 7:01 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان abral-ilkitap » شەنبە ئاۋغۇست 14, 2010 6:01 am

مەن ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلىغان ئىدىم. بىراق مەن ئۆيدىن تورغا چىقىدىغان يەنى نومۇر بۇراپ تورغا چىقىدىغان بولغاچقا پەقەتلا تورغا ئۇلىيالمىدىم. ئوبۇنتۇدا ئادەتتە نومۇر بۇراپ تورغا چىقىشتا قانداق قىلىمىز. مۇشۇ تىمىنىمۇ بىر سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلار.



Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » يەكشەنبە ئاۋغۇست 15, 2010 1:12 am

uighur uyghur بۇ نىڭدىن Uyghur دەپ ئېلىشنىلا تەۋسىيە قىلىمەن. بىز ئىككىلەنسەك باشقىلار نىمە دەيدۇ. چۈنكى بۇ ukij.org قارارىدىن ئۆتۈپ بولغان مەسىلە.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » يەكشەنبە ئاۋغۇست 15, 2010 10:17 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]abral-ilkitap[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-14 12:01 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3503&ptid=603][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

ئوبۇنتۇدا ئادەتتە نومۇر بۇراپ تورغا چىقىشتا قانداق قىلىمىز.[/quote]

مەن بۇ تەرىپىنى تېخى بىلمەيدىكەنمەن. تەجىربەم يوقكەن.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » يەكشەنبە ئاۋغۇست 15, 2010 10:25 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Newruz[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-15 07:12 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3521&ptid=603][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

uighur uyghur بۇ نىڭدىن Uyghur دەپ ئېلىشنىلا تەۋسىيە قىلىمەن. بىز ئىككىلەنسەك باشقىلار نىمە دەيدۇ. چۈنكى بۇ ukij.org قارارىدىن ئۆتۈپ بولغان مەسىلە.[/quote]

ئېسىڭىزدە بولسۇن، بىز بۇ Ubuntu دىگەن نەرسىنى ئۆزىمىز ياسىمىدۇق، پەقەت كۆرۈنمە يۈزىنى تەرجىمە قىلىۋاتىمىز.

ئۇ ئېكراندا چىققان uighur uyghur دىگەن يەرلىرى ئاشۇ ياسىغانلار تەرىپىدىن شۇنداق ياسالغان، بىز تەرجىمە قىلغاندا چىقىرىپ قويغان نەرسە ئەمەس.

ئۇلارغا بۇ يېرىنى Uyghur دەيسەن دەپ تەلەپ قويۇش، خۇددى «كۆتۈمدە ئىشتان يوق، ئىسمىم مارجانبۈۋى» دىگەندەكلا بىر ئىش. بۇنىڭغا ئۇ ك ئى ج، ۋە ھەتتا تىلكومنىڭ تامغىلىق ھۆججىتى بولغان بىلەنمۇ.

Epshani
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 12:42 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Epshani » يەكشەنبە ئاۋغۇست 15, 2010 12:24 pm

تىرمىنالغا sudo pppoeconf كىرگۈزۈپ داۋاملاشتۇرۇڭ ئاندىن ئابونىت نامى ۋە مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىين تىرمىنالغا sudo pon dsl-provider ماۋۇنى كىرگۈزسىڭىز نومۇر بۇراپ ئۇلىندۇ .ئاندىن كىيىن ھەرقىتىم ubuntuغا كىرسىڭىز ئۆزى ئاپتۇماتىك ئۇلىندۇ ،ئەگەر ئۈزىۋەتمەكچى بولسىڭىز تىرمىنالغا sudo poff نى كىرگۈزسىڭىز ئۈزىلىدۇ ،مۇۋاپىقىيەتلىك تورغا چىقىشڭىزغا تىلەكداشمەن ، لىكىن بىر قىسىم مەسىلىلەرنى بەيدۇدىن ئىزدىسڭىزمۇ دەرھاللا چىقاتتى بۇ يەردە جاۋاپ كۈتۈشڭىزنىڭ ھاجىتىمۇ قالمايتتى .شۇڭا ۆوپرەك ئاۋۋال ئۆزىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرۈپ ھەل قىلالمىغاندا بۇ مۇنبەرگە كىلىپ سوراڭ

Epshani
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 12:42 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Epshani » يەكشەنبە ئاۋغۇست 15, 2010 12:42 pm

Bidar-Qutlan ئەپەندى تەھرىرلەپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت
ئاۋۇ تورنامىىم ئەسلىدە ئەپشانى دەپ ئىلىناتتى ،سىز ئاپخانى دەپ ئىپ قويۇپسىز لىكىن بۇ سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس بەلكى خەت باسقاندا شۇنداق بىسىلىپ قالغاندۇ .

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە ئاۋغۇست 15, 2010 1:20 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]apxani[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-15 18:42 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3547&ptid=603][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
Bidar-Qutlan ئەپەندى تەھرىرلەپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت
ئاۋۇ تورنامىىم ئەسلىدە ئەپشانى دەپ ئىلىناتتى ،سىز ئاپخانى د ... [/quote]
كەچۈرىسىز، مەن ھازىرقى زامان ئىلمىي ئوقۇلۇشى بويىچە شۇنداق يازغان ئىدىم، باشقا يەردە ئۆلچەمسىز قوللانغان تەقدىردىمۇ بۇ مۇنبەردە ئۆلچەملىك قوللۇنۇش تەشەببۇس ۋە تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر سىز «ئەپشانى» دېمەكچى بولسىڭىز ئۇنى Epshani دەپ يېزىشىڭىز كېرەك ئىدى، apxaniنى ئۇيغۇر ئېدىت ياكى يۇلغۇنغا سېلىپ بېقىڭ دە، خاتالىقنى شۇ ئان بايقايسىز. مۇۋاپىق كۆرسىڭىز ئىسمىڭىزنى توغرا يېزىلىشى Epshaniغا ئالمشتۇرۇپ قويايلى. ئۇنداق بولمىغاندا ئاشۇنداق ئۇقۇشماسلىقتىن بۇ مۇنبەردا داۋاملىق ساقلىنالمايسىز.

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » يەكشەنبە ئاۋغۇست 15, 2010 3:25 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]abral-ilkitap[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-14 12:01 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3503&ptid=603][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
مەن ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلىغان ئىدىم. بىراق مەن ئۆيدىن تورغا چىقىدىغان يەنى نومۇر بۇراپ تورغا چىقىدى ... [/quote]

ھازىمۇ نۇمۇر بۇراپ modem بىلەن تورغا چىقىدىغان ئىشلار بارمۇ ؟
ئەگەرچەندە سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز ADSL ھىساۋات نۇمۇرى(كەڭ بەلباغلىق تور ھىساۋات نۇمۇرى) بىلەن تورغا چىقىشنى دىمەكچى بولسىڭىز ئۇنداقتا تۆۋەندىكىدەك تەڭشەش ئىلىپ بارسىڭىز بولىدۇ...
تۆۋەندىكىلەرنى تەرتىپ بويىچە ئىچىڭ..
System---مايىللىق----تورئۇلىنىشى
بۇنىڭدا تورئۇلىنىشنى تەڭشەش كۆزنىكى چىقىدۇ(1-رەسىم) بۇنىڭدىن ئۈستىدىكى DSL دىگەننى تاللاپ بولغاندىن كىيىن «قوش» دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق يېڭى كۆزنەك پەيدا بولىدۇ(2-رەسىم) ، بۇنىڭدىن DSL نى تاللىۋىتىپ
Username گە ADSL ھىساۋات نۇمۇرىڭىزنى (ئەگەر جۇڭگو تېلگىرافى ئابونىتتى بولسىڭىز تېلفۇن نۇمۇرىنى كىرگۈزىسىز)
service غا ھىچ نىمە يازمايسىز
Password قا مەخپى نۇمۇرىڭىزنى (ئەگەر جۇڭگو تېلگىرافى ئابونىتتى بولسىڭىز ،ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا مەخپى نۇمۇرى 0000 بولىدۇ)
مۇشۇ ئارقىلىق تورغا چىقسىڭىز بولىدۇ...
كومپىيۇتېر قوزغالغاندىن كىيىن تىز قوزغىتىش رايۇنىدا (دائىم كۆرنىدىغان سائەتنىڭ يىنىدا) تور ئۇلىنىش بەلگىسى بار شۇنى بىسىپ DSL Connection نى باسسىڭىز تورغا ئۇلىنىدۇ....
1-رەسىم
[img]http://upload.ouliu.net/f/7d7fb50a6bf09e57d1213bea0cb6f832.png[/img]

2-رەسىم

[img]http://upload.ouliu.net/f/b6b8e81e81005faa4313db2d5ad2441a.png[/img]
ئازغىنە بولسىمۇ تەجىربەمنى سۆزلەپ قويدۇم، خاتا كەتسە كەچۈرەسىلەر.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Omar14 ، ۋاقتى: 2010-8-15 21:27 [/i]]

Epshani
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 12:42 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Epshani » يەكشەنبە ئاۋغۇست 15, 2010 5:03 pm

سىزنىڭ ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت مەن ئۇيغۇر ئىدىتقا سىلىپ تەكشۈرۈپ باقتىم ھەقىقەتەنمۇ شۇنداقكەن ،ئەمدى مۇنبەرنىڭ قائىدىسى
شۇ بولسا بويسۇنماي ئامال يوقتە .لىكىن ئىلگىرى بايقىماي شۇ پەدىدە ئىشلىتىپتىكەنمەن ،بۇرۇنقى بىلىك ياكى باشقا ھەرقانداق جايدا ئىلان قىلغان ماقالىلىرىمگەىمۇ مۇشۇ نامنى ئىشلەتكەن ،ھازىر بىردىنلا ئالماشتۇرىۋەتسەم قانداق بولار ،apxaniنى يىڭى ئۆزگەر%

Epshani
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 12:42 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Epshani » يەكشەنبە ئاۋغۇست 15, 2010 5:09 pm

ئاۋۇ ئىنكاسنىڭ داۋامى يوقاپ كىتىپتىغۇ ؟داۋامى ئەسلى مۇنداقتى <ئۆزگەرتكەن نامنىڭ ئاستىغا كىچىك قىلىپ چىقارغىلى بولماسمۇ ؟>

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار