جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

ubuntu 10.04 سېستىمىسىنى تەڭشەشتىن ياردەم

يېزىلغان: چارشەنبە ئاۋغۇست 25, 2010 8:46 pm
تەرىپىدىن يوللانغان padiqibala
مەن ubuntu 10.04 نىڭ ip سىنى زادى تەڭشىيەلمىدىم. تەڭشەش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن. رەھمەت!

يېزىلغان: پەيشەنبە ئاۋغۇست 26, 2010 4:03 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eagle
سىز قايسى ئۇسۇلدا تورغا چىقىسىز؟ ناۋادا ADSL بىلەن تورغا چىقىدىغان بولسىڭىز، ئۇبۇنتۇ IP نى ئۆزى تەڭشەيتتى.

يېزىلغان: پەيشەنبە ئاۋغۇست 26, 2010 4:26 am
تەرىپىدىن يوللانغان oghuzkb
[url]http://www.liberiangeek.net/2010/06/how-to-configure-static-ip-addresses-in-ubuntu-10-04-lucid-lynx/[/url]

ئىككى خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپتۇ، پەستىكىسى يېزىق ئارقىلىق قىلىدىغىنى، لىكىن كوماندىلارنى تولوق يازماپتۇ.
[url]http://ubuntuforums.org/showthread.php?t=1494628[/url]
يۇقارقى بەتتېكى Detonate دىگەننىڭ ئىنكاسىغا قاراڭ، بەك ياخشى چۈشەندۈرۈپتۇ. تەرجىمە قىلىش لازىممۇ؟

يېزىلغان: پەيشەنبە ئاۋغۇست 26, 2010 1:30 pm
تەرىپىدىن يوللانغان padiqibala
نەچچە كۈندىن بۇيان توردىن ip تەڭشەش ئۇسۇلىنى ئىزدەشكە كۆپ ۋاقتىمنى سەرپ قىلىۋەتتىم. ئۇسۇلنى تاپتىم. بىراق كۆپىنچىسى oghuzkb بۇرادەر يوللىغان بىرىنچى ئادرېستىكىگە ئوخشاش ياردىمى بولمىدى.
oghuzkb بۇرادەر يوللىغان ئىككىنچى ئادرېستىكى مەزمۇندا كۆرسىتىلگىنى بويىچە تەڭشىۋىېىم بىردەمدىلا ip تەڭشىلىپ بولدى. oghuzkbبۇ رادەرگە كۆپ رەھمەت!

يېزىلغان: پەيشەنبە ئاۋغۇست 26, 2010 5:40 pm
تەرىپىدىن يوللانغان padiqibala
يۇقىرىدىكى ئىنكاستا ip نى ئوڭۇشلۇق تەڭشىدىم، دېگەنىدىم. بىراق ئۇ virtual box 6 دىكى سىناق ئىدى. ubuntu نى رەسمىي قاچىلىغاندىن كېيىن يۇقارقى ئۇسۇلنى قوللىنىپ ip نى تەڭشىيەلمىدىم.

يېزىلغان: سەيشەنبە سېنتەبىر 07, 2010 2:14 pm
تەرىپىدىن يوللانغان geek
سەل تەپسىلى دېسىڭىز؟ سىز تورغا قانداق ئۇلىنىسىز؟ يالغۇز چىقامسىز (dsl) ياكى ئىچكى تور ئەزاسىمۇ (lan)؟
ifconfig نىڭ كۆرسەتمىسىنى يوللاپ قويۇڭ .

يېزىلغان: چارشەنبە سېنتەبىر 08, 2010 2:00 am
تەرىپىدىن يوللانغان Omar14
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]padiqibala[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-26 11:40 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3662&ptid=802][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
يۇقىرىدىكى ئىنكاستا ip نى ئوڭۇشلۇق تەڭشىدىم، دېگەنىدىم. بىراق ئۇ virtual box 6 دىكى سىناق ئىدى. ubuntu نى رەسمىي قاچىلى ... [/quote]

قېنى بۇنى سىناڭ
Ubuntu دا IP يېزىپ تورغا چىقىش [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=813[/url]