Ubuntu دا IP يېزىپ تورغا چىقىش

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

Ubuntu دا IP يېزىپ تورغا چىقىش

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » پەيشەنبە سېنتەبىر 02, 2010 10:31 am

مەن ئىشلىتىۋاتقىنى Ubuntuنىڭ 10.4 نەشىرى بولۇپ بۇ نەشىرىدە ipV4 ۋە ipV6 دىن ئىبارەت ئىككى خىل كېلىشىمدە تورغا چىقىشقا بولىدۇ.ھازىر بۇ يازمىمىزدا ipV4 دىن پايدىلىنىپ تورغا ئۇلاشنى سۆزلەيمىز.
تۆۋەندىكىلەرنى تەرتىپ بويىچە ئاچىمىز: «سىستېما–مايىللىق–تور ئۇلىنىشى» ، تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ، ئۈستىدىكى تاللاش كارتىسىدىن «سىملىق» تۈرىنى تاللايمىز (ئىنگلىزچىسى wired) ,
[img]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/ubuntuwired1.gif[/img]

ئاندىن ئاستىدىكى «قوش» دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ ،بۇ كۆزنەكتىن «ipV4 تەڭشىكى» (ئىنگلىزچىسى:ipV4 Settings) دېگەننى تاللىۋىتىپ «ئۇسۇل Method» دىن
«قولدا ئۇلاش Manual» دېگەننى تاللايمىز.
[img]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/ubuntuwired_2.gif[/img]

ئاندىن ئاستىدىكى «قوش» دېگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك يېنىدىكى تېكىست رامكىلىرى كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئۆتىدۇ ، بۇنى تۆۋەندىكىدەك توشتۇرساق بولىدۇ:
[img]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/ubuntuwired_3.gif[/img]

Address دېگەنگە IP ئادرېسىمىزنى ، Netmask دېگەنگە 子网掩码 نى ،GateWay دېگەنگە 默认网关 نى DNS server دېگىنى Windows نىڭكىگە ئوخشايدۇ.
يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ «جەملە»ۋەتسىڭىزلا تورغا چىقالايسىز .

مەنبە: [url]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/?p=188[/url]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Omar14 ، ۋاقتى: 2010-9-2 16:32 [/i]]



sonic
يازمىلار: 15
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاۋغۇست 04, 2010 4:26 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان sonic » پەيشەنبە سېنتەبىر 02, 2010 2:02 pm

بىزنىڭ مەكتەپنىڭ mac ئاددرىسى بىلەن ip ئاددرىسنى باغلىۋەتكەن، ئۇبۇنتودا mac ئاددرىسنى يۇقارقى تەڭشەكتىن ئۆزىمىز يازىدىكەنمىز، xp دىكى mac ئاددرىسقا ئوخشاش قىلىپ يازساق بولامدۇ؟

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » پەيشەنبە سېنتەبىر 02, 2010 3:47 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]sonic[/i] ، ۋاقتى: 2010-9-2 08:02 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3698&ptid=813][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بىزنىڭ مەكتەپنىڭ mac ئاددرىسى بىلەن ip ئاددرىسنى باغلىۋەتكەن، ئۇبۇنتودا mac ئاددرىسنى يۇقارقى تەڭشەكتىن ئۆزىمى ... [/quote]

مەك ئارىس دىگەن بىردىنبىر بولىدىغاندۇ. ئۇنى خالىغانچە يازغىلى بولماس......بىر ۋاقىتلاردىغۇ مەك بىلەن IP باغلىۋەتسە XP دا مەك ئادرىسنى ئۆزگەرتىدىغان ئىشلار بولىدىغان ...
بىزنىڭكى باغلىۋىتىلمىگەچكە سىناشقا ئامالسىز قالدىم ...
ئەگەر سىناپ مۇۋاپپىقىيەت قازانسىڭىز مۇشۇ يەرگە تەجىربىڭىزنى يىزىۋىتەرسىز :handshake

oghuzkb
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 21, 2008 1:30 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان oghuzkb » جۈمە سېنتەبىر 03, 2010 9:13 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]sonic[/i] ، ۋاقتى: 2010-9-2 15:02 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3698&ptid=813][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بىزنىڭ مەكتەپنىڭ mac ئاددرىسى بىلەن ip ئاددرىسنى باغلىۋەتكەن، ئۇبۇنتودا mac ئاددرىسنى يۇقارقى تەڭشەكتىن ئۆزىمى ... [/quote]
بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ شۇنداق، لىكىن mac ئادرىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، خۇددى windows xp دەكلا. ئىشخانىدا خاتېرە كومپيۇتېرىمنى ئىشلىتىپ تورغا چىقسام mac نى ئىشخانا كومپيۇتېرىدەك تەڭشەپ چىقىمەن.

artan
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 10, 2008 6:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان artan » شەنبە سېنتەبىر 25, 2010 4:03 am

نۇمۇر بۇراپ تورغا چىقىش ئۇسۇلىنىمۇ بىر تۇنۇشتۇرۇپ قويسىڭىز بۇپتىكەن، چۈنكى بىزنىڭ بۇ يەردە ئاساسەن نۇمۇر بۇراپ تورغا چىقىدۇ،

oghuzkb
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 21, 2008 1:30 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان oghuzkb » سەيشەنبە سېنتەبىر 28, 2010 7:32 am

تېمىدىكى بىرىنچى رەسىمدىكى DSL دىگەن يەرنى تاللاپ، يېڭى ئۇلىنىش قىتىڭ، قىتىلغان ئۇلىنىشنى تەھرىرلەش كۆزنىكىدىكى تاللاشلارنى مۇۋاپىق توشقۇزۇڭ. يەنى wired دىگەن يەردىكى mac ئادرىس دىگەن يىرىگە كومپېيوتىر ئۆزىنىڭ mac ئادرىسىنى xx:xx:... شەكلىدە توشقۇزۇڭ.settings ipV4 دىگەن يىرىگە PPPoE نى تاللاڭ.DSL دىگەن يىرىدىكى ئابونېت ئىسمى بىلەن پارولغا (username, passward) گە ۋىندوۋس ھالىتىدە نۇمۇر بۇراپ تورغا چىققاندا ئىشلەتكەندىكىسى بىلەن ئوخشاش قىلىڭ. connect automatically دىگەن يىرىنى تاللاپ قويوڭ. مۇقىملاشتۇرغاندىن كىيىن ئىكران ئۈستىدىكى تور بەلگىسىنى مائۇس سول كۇنۇپكىسى بىلەن چىكىپ تور ئۇلاشنڭ چەكسىڭىزلا بولىدۇ. .

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: oghuzkb ، ۋاقتى: 2010-9-28 08:39 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار