GNOME 3.0 نىڭ تەرجىمىسى % 49 تاماملاندى

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » پەيشەنبە نويابىر 18, 2010 1:48 pm

ئاددىي بولسىمۇ بىر چاقىرىق قوراشتۇرۇپ قويدۇم

[align=center][color=Blue][size=3]ئەل ئۈچۈن كۆيمىگەن، سوقمىغان يۈرەك،

ئەمەستۇر بىر لوقما خام گۆشتىن ئارتۇق.

ھاياتنىڭ نە بولۇر مەنا قىممىتى،

خەلقتىن ئالمىسا زەررىچە تارتۇق. [/size][/color][/align]


قاتنىشىڭ: GNOME 3.0 نىڭ تەرجىمىسى % 49 تاماملاندى
[url]http://www.intil.biz/home/forum-viewthread-tid-1724-fromuid-10.html[/url]



باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » جۈمە نويابىر 19, 2010 1:30 pm

OmegaT دېتالى ۋە GNOME نىڭ تەرجىمە قۇرۇلۇش ھۆججىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
[url]http://kenjisoft.homelinux.com/gnome/[/url]
غەيرەت كەنجى

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » چارشەنبە نويابىر 24, 2010 1:04 am

تەرجىمە 51% گە يەتتى.

[url]http://l10n.gnome.org/languages/ug/gnome-3-0/ui/[/url]
غەيرەت كەنجى

salahiddin
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان salahiddin » چارشەنبە نويابىر 24, 2010 4:13 am

مۇبارەك بولسۇن، يىگىتلەر .:victory: :victory: :victory:
ukij كۈندىن- كۈنگە نۇرلىنىۋاتىدۇ. :handshake :handshake :handshake

nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » چارشەنبە نويابىر 24, 2010 9:57 am

سەل كىچىكىپ بولسىمۇ UBUNTU غا كۆچىۋالدىم. ئالدىنقى نۇسخىغا قارىغاندا زور ئىلگىرلەش بوپتۇ. مانا بۇ يەردە GNOME نىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە گەپ بولىۋاتىدۇ. ئەمما مەن چۈشەنمىگەن يىرىم: ئاڭلىشىمچە UBUNTU11.04 دىن باشلاپ GNOME ئىشلىتىلمەيدىكەن. ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا ھازىرقى تەرجىمە قىلىنىپ بولغان قىسمى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ بولسا ئۇستازلار مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرسە.

مەن UBUNTU10.10 دا ھەل قىلالمىغان 2 مەسىلە:
1. مەن تىل بولاقلىرىنى چۈشۈرگەن بولساممۇ كۆرۈنمە يۈز قەتئىيلا ئۇيغۇرچىغا ئالماشقىلى ئۇنىمىدى. كىرگەندە ئۇيغۇرچە دېگەن تۈرنى تاللىدىم بولمىسا. بۇنى ۋەجى نېمىدۇ؟
2. مۇشۇ UBUNTU10.10 دا IE نى ئورنىتىشقا بولامدۇ؟ بىر قىسىم تور بېكەتلەر چوقۇم IE دا ئېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىسىتېمىدىن چېكىنىپ باشقىغا ئالمىشىش سەل ئاۋارىچىلىقكەن. بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى بارمۇ؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: nurqut ، ۋاقتى: 2010-11-24 15:58 [/i]]

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » چارشەنبە نويابىر 24, 2010 11:08 am

[quote]سەل كىچىكىپ بولسىمۇ UBUNTU غا كۆچىۋالدىم. ئالدىنقى نۇسخىغا قارىغاندا زور ئىلگىرلەش بوپتۇ. مانا بۇ يەردە GNOME نىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە گەپ بولىۋاتىدۇ. ئەمما مەن چۈشەنمىگەن يىرىم: ئاڭلىشىمچە UBUNTU11.04 دىن باشلاپ GNOME ئىشلىتىلمەيدىكەن. ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا ھازىرقى تەرجىمە قىلىنىپ بولغان قىسمى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ بولسا ئۇستازلار مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرسە.
[/quote]
بۇنداق خەۋەرلەرنى مەنمۇ ئاڭلىدىم. بىراق بارلىق Linux (Debian، CentOs...) ھەممىسى GNOME نى تاشلىغىنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە GNOME نىڭ ئىقتىدارى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، شۇڭا مېنىڭچە بىر مەزگىل GNOME ئىشلىتىلىشى مۇمكىن(ئەگەر Ubuntu تاشلىغان تەقدىردىمۇ). ئەگەر شۇنداق بولسا Unity نى تەرجىمە قىلىشنىمۇ باشلايمىز.
ھازىرمۇ Ubuntu دا GNOME، KDE، XFCE دېگەندەك ئۈستەلئۈستى سىستېمىلىرىنى تاللاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. Unity قوشۇلغان تەقدىردىمۇ، ئۇمۇ يۇقىرىقىلاردەك بىر خىل تاللاشلا بولۇپ قالىدۇ. ئىشلەتكۈچى قايسىنى ئىشلەتكۈسى كەلسە شۇنى تاللاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
Ubuntu كېيىنكى نەشرىدە Unity ئىشلىتىدىغانلىقىنى دەپتۇ(تور بەتلىرىدە)، بىراق ھازىرغىچە Ubuntu نىڭ تەرجىمانلار ئېلخەت گۇرۇپپىسىغا بۇ ھەقتە تېخى ھېچقانداق ئالاقە كەلمىدى(مەن بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى، بۇ ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلخەت گۇرۇپپىسى ئەمەس).
Ubuntu تەرجىمە بېتىدە Unity نىڭ بىر قانچە ھۆججەتلىرى ئاللىقاچان تەرجىمە قىلىنىپ بولدى. Unity نىڭ ھۆججەتلىرى بۇلارلا بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بىز بۇ قېتىم GNOME نىڭ ئۈستەلئۈستى قىسمىنى تەلتۆكۈس تاماملىماقچى.
غەيرەت كەنجى

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » چارشەنبە نويابىر 24, 2010 12:08 pm

يۇقارقى چاقىرىقتا بىر توردشىمىز بۇ سەپكە قوشۇلغانلىقىنى يېزىپتۇ.

ordam
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە دېكابىر 31, 2008 12:21 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان ordam » سەيشەنبە دېكابىر 21, 2010 9:51 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەن خەنزۇ ۋە ئېنگلىز تىلىنى ئازدۇر-كۆپتۈر بىلىمەن. شۇڭا تەرجىمىگە قاتنىشاي دىگەن. ئۇستازلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

nuruz
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 07, 2009 10:39 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nuruz » جۈمە دېكابىر 24, 2010 7:49 am

ماڭا بىر ۋەزىپە بەرسەڭلارچۇ؟
كىچىكرەك سۈرەت كۆرۈش دېتاللىرىدىن بىرەرنى تەرجىمە قىلاي (سۈرەت تەھرىرلەش ئەمەس) ، چۈنكى تەرجىمە خىزمتى ئاسان ئەمەسكەن. شۇڭا كىچىكرەك سۈرەت كۆرۈش دېتاللىرىدىن بىرەرىنى تەرجىمە قىلىپ ئۆزۈمنى دەڭسەپ باقاي.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار