[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • GNOME 3.0 نىڭ تەرجىمىسى % 49 تاماملاندى -
جەمئىي2 بەتنىڭ 2 - سى

يېزىلغان: پەيشەنبە نويابىر 18, 2010 1:48 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
ئاددىي بولسىمۇ بىر چاقىرىق قوراشتۇرۇپ قويدۇم

[align=center][color=Blue][size=3]ئەل ئۈچۈن كۆيمىگەن، سوقمىغان يۈرەك،

ئەمەستۇر بىر لوقما خام گۆشتىن ئارتۇق.

ھاياتنىڭ نە بولۇر مەنا قىممىتى،

خەلقتىن ئالمىسا زەررىچە تارتۇق. [/size][/color][/align]


قاتنىشىڭ: GNOME 3.0 نىڭ تەرجىمىسى % 49 تاماملاندى
[url]http://www.intil.biz/home/forum-viewthread-tid-1724-fromuid-10.html[/url]

يېزىلغان: جۈمە نويابىر 19, 2010 1:30 pm
تەرىپىدىن يوللانغان gheyret
OmegaT دېتالى ۋە GNOME نىڭ تەرجىمە قۇرۇلۇش ھۆججىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
[url]http://kenjisoft.homelinux.com/gnome/[/url]

يېزىلغان: چارشەنبە نويابىر 24, 2010 1:04 am
تەرىپىدىن يوللانغان gheyret
تەرجىمە 51% گە يەتتى.

[url]http://l10n.gnome.org/languages/ug/gnome-3-0/ui/[/url]

يېزىلغان: چارشەنبە نويابىر 24, 2010 4:13 am
تەرىپىدىن يوللانغان salahiddin
مۇبارەك بولسۇن، يىگىتلەر .:victory: :victory: :victory:
ukij كۈندىن- كۈنگە نۇرلىنىۋاتىدۇ. :handshake :handshake :handshake

يېزىلغان: چارشەنبە نويابىر 24, 2010 9:57 am
تەرىپىدىن يوللانغان nurqut
سەل كىچىكىپ بولسىمۇ UBUNTU غا كۆچىۋالدىم. ئالدىنقى نۇسخىغا قارىغاندا زور ئىلگىرلەش بوپتۇ. مانا بۇ يەردە GNOME نىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە گەپ بولىۋاتىدۇ. ئەمما مەن چۈشەنمىگەن يىرىم: ئاڭلىشىمچە UBUNTU11.04 دىن باشلاپ GNOME ئىشلىتىلمەيدىكەن. ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا ھازىرقى تەرجىمە قىلىنىپ بولغان قىسمى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ بولسا ئۇستازلار مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرسە.

مەن UBUNTU10.10 دا ھەل قىلالمىغان 2 مەسىلە:
1. مەن تىل بولاقلىرىنى چۈشۈرگەن بولساممۇ كۆرۈنمە يۈز قەتئىيلا ئۇيغۇرچىغا ئالماشقىلى ئۇنىمىدى. كىرگەندە ئۇيغۇرچە دېگەن تۈرنى تاللىدىم بولمىسا. بۇنى ۋەجى نېمىدۇ؟
2. مۇشۇ UBUNTU10.10 دا IE نى ئورنىتىشقا بولامدۇ؟ بىر قىسىم تور بېكەتلەر چوقۇم IE دا ئېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىسىتېمىدىن چېكىنىپ باشقىغا ئالمىشىش سەل ئاۋارىچىلىقكەن. بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى بارمۇ؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: nurqut ، ۋاقتى: 2010-11-24 15:58 [/i]]

يېزىلغان: چارشەنبە نويابىر 24, 2010 11:08 am
تەرىپىدىن يوللانغان gheyret
[quote]سەل كىچىكىپ بولسىمۇ UBUNTU غا كۆچىۋالدىم. ئالدىنقى نۇسخىغا قارىغاندا زور ئىلگىرلەش بوپتۇ. مانا بۇ يەردە GNOME نىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە گەپ بولىۋاتىدۇ. ئەمما مەن چۈشەنمىگەن يىرىم: ئاڭلىشىمچە UBUNTU11.04 دىن باشلاپ GNOME ئىشلىتىلمەيدىكەن. ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا ھازىرقى تەرجىمە قىلىنىپ بولغان قىسمى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ بولسا ئۇستازلار مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرسە.
[/quote]
بۇنداق خەۋەرلەرنى مەنمۇ ئاڭلىدىم. بىراق بارلىق Linux (Debian، CentOs...) ھەممىسى GNOME نى تاشلىغىنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە GNOME نىڭ ئىقتىدارى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، شۇڭا مېنىڭچە بىر مەزگىل GNOME ئىشلىتىلىشى مۇمكىن(ئەگەر Ubuntu تاشلىغان تەقدىردىمۇ). ئەگەر شۇنداق بولسا Unity نى تەرجىمە قىلىشنىمۇ باشلايمىز.
ھازىرمۇ Ubuntu دا GNOME، KDE، XFCE دېگەندەك ئۈستەلئۈستى سىستېمىلىرىنى تاللاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. Unity قوشۇلغان تەقدىردىمۇ، ئۇمۇ يۇقىرىقىلاردەك بىر خىل تاللاشلا بولۇپ قالىدۇ. ئىشلەتكۈچى قايسىنى ئىشلەتكۈسى كەلسە شۇنى تاللاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
Ubuntu كېيىنكى نەشرىدە Unity ئىشلىتىدىغانلىقىنى دەپتۇ(تور بەتلىرىدە)، بىراق ھازىرغىچە Ubuntu نىڭ تەرجىمانلار ئېلخەت گۇرۇپپىسىغا بۇ ھەقتە تېخى ھېچقانداق ئالاقە كەلمىدى(مەن بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى، بۇ ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلخەت گۇرۇپپىسى ئەمەس).
Ubuntu تەرجىمە بېتىدە Unity نىڭ بىر قانچە ھۆججەتلىرى ئاللىقاچان تەرجىمە قىلىنىپ بولدى. Unity نىڭ ھۆججەتلىرى بۇلارلا بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بىز بۇ قېتىم GNOME نىڭ ئۈستەلئۈستى قىسمىنى تەلتۆكۈس تاماملىماقچى.

يېزىلغان: چارشەنبە نويابىر 24, 2010 12:08 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
يۇقارقى چاقىرىقتا بىر توردشىمىز بۇ سەپكە قوشۇلغانلىقىنى يېزىپتۇ.

يېزىلغان: سەيشەنبە دېكابىر 21, 2010 9:51 am
تەرىپىدىن يوللانغان ordam
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەن خەنزۇ ۋە ئېنگلىز تىلىنى ئازدۇر-كۆپتۈر بىلىمەن. شۇڭا تەرجىمىگە قاتنىشاي دىگەن. ئۇستازلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

يېزىلغان: جۈمە دېكابىر 24, 2010 7:49 am
تەرىپىدىن يوللانغان nuruz
ماڭا بىر ۋەزىپە بەرسەڭلارچۇ؟
كىچىكرەك سۈرەت كۆرۈش دېتاللىرىدىن بىرەرنى تەرجىمە قىلاي (سۈرەت تەھرىرلەش ئەمەس) ، چۈنكى تەرجىمە خىزمتى ئاسان ئەمەسكەن. شۇڭا كىچىكرەك سۈرەت كۆرۈش دېتاللىرىدىن بىرەرىنى تەرجىمە قىلىپ ئۆزۈمنى دەڭسەپ باقاي.