جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

ئۇيغۇرچە ئۇبۇنتۇ بېكىتى قۇرۇلدى

يېزىلغان: دۈيشەنبە مارت 14, 2011 2:17 pm
تەرىپىدىن يوللانغان bakhtiyar
سالام كۆپچىلىك:
تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ھەقسىز، ئىشلىتىش ئاسان بولغان لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇبۇنتۇنى تۇنۇشتۇرۇش ئۇچۇن ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇنى قۇرۇپ چىقتىم. ۋاقىپ بولغايسىلەر.
بېكەتتىن ئۇبۇنتۇ ئۈستەل يۈزى نۇسخىسىنى ئىشلىتىش ۋە ئەڭ يېڭى ئۇبۇنتۇ ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار بولالايسىلەر.
ئادرېسى: [url=http://www.ugubuntu.com]http://www.ugubuntu.com[/url]

يېزىلغان: پەيشەنبە مارت 17, 2011 6:14 am
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
مۇبارەك بولسۇن !

يېزىلغان: شەنبە ئاپرىل 02, 2011 3:23 am
تەرىپىدىن يوللانغان gheyret
سالام bakhtiyar ئەپەندى،
تولىمۇ ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز. مەزكۇر بەتنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشىغا تىلەكداشمەن. توختاپ قالمىغاي.
ULY ۋە USY دىكىنىمۇ كۆردۈم، ياخشى بولۇپتۇ.
بىر تەكلىپىم ULY ۋە USY لاردا كۆرسەتكەندە مۇمكىن بولسا، ھەر قايسى بەتنىڭ ئۇستىدىكى
béket heqqide
söz qaldurung
alaqilishing
terjime
chüshürüsh
ulinishlar
لارنىڭ باش ھەرپىنى چوڭ قىلىپ قويسىڭىز. يەنە ھەر قايسى سەھىپىلەرنىڭ ئاتىنىڭ باش ھەرپى ياكى ھەممىسىنى چوڭ قىلىپ قويسىڭىز. ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكىنىمۇ شۇنداق قىلىپ قويسىڭىز بەت تېخىمۇ، ULY ۋە USY دىكىسى تېخىمۇ كۆركەم بولغۇدەك.(بۇلارنى مېنىڭچە ئۇسلۇب ھۆججىتىدە تەڭشەشكە بولىدۇ).

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئاپرىل 04, 2011 10:58 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin
تۇلىمۇ ياخشى قۇرۇلۇپتۇ.
ئۇبۇنتۇ ھەققىدە داۋاملىق يېڭىلىقلار بىلەن تورداشلارنى يىتەكلىشىڭىزلارغا تىلەكداشمەن.

ياخشى باشلىنىش !

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئاپرىل 04, 2011 1:32 pm
تەرىپىدىن يوللانغان serdar
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام بەختىيار ئەپەندى !
ئۇبۇنتۇ توغرىسىدا مەخسۇس بەت تەسىس قىلغىنىڭىز بىز ئۈچۈن زور خوشاللىق ئىش ھېسابلىنىدۇ ! تەبرىكلەيمەن !
بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن تەكلىپ ـ پىكىر بېرىپ بۇ ساھەدە كۈچ چىقىرىۋاتقان بۇرادەرلەرنىڭ ئىشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تەڭ ھەمنەپەس بولايلى .. :handshake

___
سول تەرەپتىكى « تۇللۇق ئوقۇش » ــ « تولۇق ئوقۇش » :victory:

# غەيرەت غا يوللانغان جاۋاب

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئاپرىل 04, 2011 2:43 pm
تەرىپىدىن يوللانغان bakhtiyar
سالام غەيرەت ئەپەندى.
يۇقىرىدا سىز ئوتتۇرغا قويغان ئىسىملارنىڭ ھەممىسى سانداندا ساقلىندىغان، ئۇسلۇب بىلەن ئالقىسى يوق بولغاچقا ئوڭشاشقا ئامال قىلالمىدىم.
يەنە بىر گەپ، سىز دىگەن خەت نۇسقىسى قاچىلايدىغان deb ھۆججىتىنى ياساپ چىقتىم، بىر ھەپتىدىن كىيىن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇپ بىراقلا تارقىتاي.

# serdar غا يوللانغان جاۋاب

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئاپرىل 04, 2011 2:46 pm
تەرىپىدىن يوللانغان bakhtiyar
ئالدى بىلەن سىزنىڭ قوللىغىنىڭزىغا كۆپ رەخمەت، چۇقۇم تىرىشىمەن.
ئەگەر ياخشى پىكىر، مەسلىھەتىڭىز بولسا، ئېلخەتتە ئالاقە قىلايلى.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاپرىل 05, 2011 12:45 am
تەرىپىدىن يوللانغان gheyret
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام bakhtiyar ئەپەندى،

بولىدۇ، ئۇنداق بولسا ئاۋۋال خەت نۇسخىسىنى قاچىلايدىغاننى ياساپ كۆرۈڭ. قالغىنىنى يەنە ئىزدىنىپ كۆرسەك بولىدۇ. قاغانلىرىنىڭ پەرقى، كېرەكلىك ھۆججەتلەرنى كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن كۆرسىتىلگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشلا. بۇنى يەنە ئالدىرىماي ئىزدىنىپ كۆرەيلى.

[url]http://www.ugubuntu.com/?uls=ul[/url] دىكى مەن دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، مەن style-ltr.css نىڭ ئىچىدىكى

menu li {

# غەيرەت غا يوللانغان جاۋاب

يېزىلغان: چارشەنبە ئاپرىل 06, 2011 7:46 am
تەرىپىدىن يوللانغان bakhtiyar
css دا text-transform: capitalize نى ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمەن. ئەمدى بولدى، رەخمەت غەيرەت ئەپەندىم.