بىر deb ھۆججىتى بىلەن ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇرچە فونتلارنى تۇللۇق قاچىلاش

bakhtiyar
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇل 07, 2010 4:03 pm
ئالاقىلىشىش:

بىر deb ھۆججىتى بىلەن ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇرچە فونتلارنى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان bakhtiyar » شەنبە ئاپرىل 23, 2011 3:56 pm

غەيرەت ئەپەندىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئۇيغۇرچە فونتلارنى ئۇبۇنتۇغا قاچىلايدىغان deb ھۆججىتى ياساشقا تۇتۇش قىلغىلى خېلى بولغان. بىراق ئوقۇش ئالدىراشچىلىقى ھەمدە ug-ttf-fonts_1.0.deb نى ئۆچۈرگەندىكى خاتالىقلارنى تۈزەيمەن دەپ بۈگۈن ئەمدى تارقىتىدىغان بولدۇم. ug-ttf-fonts_1.0.deb ھەم بۇنىڭدىن كىيىن يېڭىلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى [url=http://www.ugubuntu.com/chushurush]بىلوگنىڭ چۈشۈرۈش بېتىدە[/url] ۋە [url]http://ugubuntu.googlecode.com[/url] دا تەمىنلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىلىرى ئۈچۈن ئايرىم يازما يېزىپ ئولتۇرمايمەن.

ug-ttf-fonts_1.0.deb ھۆججىتى بولسا ئۈچىنچى قېتىم ئۆزگەرتىلگەن UKIJ نىڭ بارلىق فونتلىرى، تور بەتلەردە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان ئەلپىدا فونتىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئەلكاتىپ فونتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ug-ttf-fonts_1.0.deb نىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى: [url]http://ugubuntu.googlecode.com/files/ug-ttf-fonts_1.0.deb[/url]


ug-ttf-fonts_1.0.deb نى چۈشۈرگەندىن كىيىن قوش چېكىپ قاچىلىساقمۇ ياكى ug-ttf-fonts_1.0.deb بار مۇندەرىجىگە كىرىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن قاچىلىساقمۇ بولىدۇ (cd بۇيرۇقى بىلەن deb ھۆججىتى بار مۇندەرىجىگە كىرىپ دېمەكچى)

[align=left][/align]sudo dpkg -i ug-ttf-fonts_1.0.deb

[img]http://www.ugubuntu.com/wp-content/uploads/2011/04/003.jpg[/img][align=center][/align]

قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن سىستېمىنىڭ ئۇسلۇب، تەگلىك رەسىم ... ئۆزگەرتىدىغان يېرىگە كىرىپ فونتلارغا قاراپ باقساڭلار بولىدۇ.

[img]http://www.ugubuntu.com/wp-content/uploads/2011/04/04.jpg[/img][align=center][/align]

[img]http://www.ugubuntu.com/wp-content/uploads/2011/04/05.jpg[/img][align=center][/align]

ئەگەر بۇ يەردە مەن يازمىنىڭ ئەڭ بېشىدا ئېيتقان فونتلار نورمال كۆرۈنسە، قاچىلاشتا ۋە deb ھۆججىتىدە مەسىلە يوقلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئەگەر بۇ deb ھۆججىتى ئارقىلىق قاچىلانغان فونتلارنى ئۆچۈرمەكچى بولساق، تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزسەكلا بولىدۇ.

sudo apt-get remove ug-ttf-fonts[align=left][/align]

[img]http://www.ugubuntu.com/wp-content/uploads/2011/04/06.jpg[/img][align=center][/align]

ئەگەر قاچىلاش، ئىشلىتىش جەريانىدا قانداق مەسىلە بولسا ئىنكاس قىلارسىلەر.

ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بىلوگىدىن: [url=http://www.ugubuntu.com/]http://www.ugubuntu.com[/url]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: bakhtiyar ، ۋاقتى: 2011-4-25 10:43 [/i]]



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە ئاپرىل 25, 2011 5:00 pm

بۇنى چۈشەنمەي قالدىم .
[quote]ug-ttf-fonts_1.0.deb ھۆججىتى بولسا ئۈچىنچى قېتىم ئۆزگەرتىلگەن UKIJ نىڭ بارلىق فونتلىرى، تور بەتلەردە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان ئەلپىدا فونتىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئەلكاتىپ فونتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
[/quote]
بۇنىڭغا 3 خىل فونت قوشۇلغان دېگەن گەپمۇ؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2011-4-25 23:02 [/i]]

bakhtiyar
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇل 07, 2010 4:03 pm
ئالاقىلىشىش:

# Intil غا يوللانغان جاۋاب

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان bakhtiyar » سەيشەنبە ئاپرىل 26, 2011 2:36 am

شۇنداق، ئۇبۇنتۇنى يېڭى قاچىلىغانلارنىڭ ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنى نورمال زىيارەت قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق قىلغان.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » پەيشەنبە ئاپرىل 28, 2011 1:46 pm

رەھمەت.
ئۇبۇنتۇنى ئوموملاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىشتا ئالدى بىلەن يېڭى ۋە ئوتتۇراھال كومپيۇتېرچىلارنى ئاساسى نىشان قىلىش زۆرۈر دەپ قارايمەن. شۇڭا رەسىملىك يازما ، سىنلىق دەرسلەرنى ئىشلەشكە كۈچ چىقارسىڭىز دەيمەن.

cukkunt
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2008 10:21 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان cukkunt » دۈيشەنبە ماي 02, 2011 6:30 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ فونتلارغا UKIJ نىڭ ئەڭ يېڭى فونتلىرىنى قوشقان ئوخشايسىز، « لا » ھەرىپلىرى بولغان خەتلەردىكى « ل » بىلەن « ا » ئۇلىنىشى توغرا ئەمەستەك تۇرىدۇ.كۆرۈپ بېقىڭ...

bakhtiyar
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇل 07, 2010 4:03 pm
ئالاقىلىشىش:

# cukkunt غا يوللانغان جاۋاب

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان bakhtiyar » دۈيشەنبە ماي 02, 2011 3:17 pm

بۇ deb ھۆججىتىنىڭ ئىشى ئەمەس. بۇ ھۆججەتنىڭ پەقەت UKIJ نىڭ ئەڭ يېڭى فونتلىرىنى ئۇبۇنتۇغا قاچىلاش روللا بار. UKIJ فونتلىرى firefox 4.0 دا "لا" سەت كۆرۈنۈپ قالىدىكەن. firefox 4.0 نى windows دا ئىشلەتسىىزمۇ يەنە مۇشۇنداق. مەن ئۇبۇنتۇدا chrome ئىشلىتىمەن، UKIJ نىڭ فونتلىرى شۇنداق نورمال. بۇ زادى فونتنىڭ ئىشى ياكى firefox 4.0 نىڭ ئىشى بىلەلمىدىم.

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە ماي 03, 2011 6:08 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]bakhtiyar[/i] ، ۋاقتى: 2011-5-2 09:17 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=4059&ptid=874][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
UKIJ نىڭ فونتلىرى شۇنداق نورمال. بۇ زادى فونتنىڭ ئىشى ياكى firefox 4.0 نىڭ ئىشى بىلەلمىدىم. ... [/quote]

مۇشۇ فونتنى ئىشلەتكەندە باشقا تېكىستلەر نورمال كۆرىنىدۇ. شۇ firefox 4.0 لا نورمال ئەمەس ..... مەنچە firefox 4.0 نىڭ ئىشىمىكىن دەپ قالدىمغۇ :lol :lol :lol

Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » سەيشەنبە ماي 03, 2011 12:46 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Omar14[/i] ، ۋاقتى: 2011-5-3 12:08 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=4060&ptid=874][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]


مۇشۇ فونتنى ئىشلەتكەندە باشقا تېكىستلەر نورمال كۆرىنىدۇ. شۇ firefox 4.0 لا نورمال ئەمەس ..... مەنچە firefox 4.0 نىڭ ئىشىم ... [/quote]
بىلىك كۇلۇبىدىكى تالاشمىغا قارىغاندا فونتتىكى مەسىلىمىكىن دىگەن گەپ بەكراق دېيىلدى.
ھازىرچە ئىشىمىزغا پۇتلاشمىغاندىن كىيىن دەپ تۇردۇققۇ.

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە ماي 03, 2011 3:50 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]albert[/i] ، ۋاقتى: 2011-5-3 06:46 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=4063&ptid=874][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]


بىلىك كۇلۇبىدىكى تالاشمىغا قارىغاندا فونتتىكى مەسىلىمىكىن دىگەن گەپ بەكراق دېيىلدى.
ھازىرچە ئىشىمىزغا پۇتل ... [/quote]
نەدە بادۇ ئۇ تالاش تارتىش تېمىسى مەن ئەجەپ كۆرمەپتىمەن .....مەنمۇ firefox4.0 نى سىنىغاندا مۇشۇ لا مەسلىسىنى ئوتتۇرغا قويسام تەكلىماكان دېگىنى بىرنىمىلەنى دەۋاتاتتتى ....

salahiddin
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان salahiddin » جۈمە ماي 06, 2011 3:00 am

رەھمەت سىزگە، ھارماڭ بەختىيار ئەپەندىم.
ھەقىقەتەن ياخشى بىلىمدىن بىرنى يوللاپسىز، مەن چوقۇم سىناپ باقىمەن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار