Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسدا #C ئىىچىش مۇھىتى قۇرۇش

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسدا #C ئىىچىش مۇھىتى قۇرۇش

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە ماي 03, 2011 6:20 am

[align=right][align=center][img=256,256]http://www.uyghurpc.com/wp-content/uploads/2011/04/MonoDevelopLogo.png[/img][/align]
#C پروگراممىرلىرى ئادەتتە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا يۇمشاق دېتال ئاچىدۇ (ئويلىشىڭىز مۇمكىن #C بولسا مىكروسوفتنىڭ تۇرسا قانداقسىگە Linux شارائىتىدا يۇمشاق دېتال ئاچىقىلى بولسۇن دەپ ) ، يىقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىدە توختماستىن ھالال مەشغۇلات سىستېمىسى Ubuntu توغرىسىدا يازمىلار ئۈزۈلمىدى، شۇڭلاشقا بىكار ۋاقتىم بولسىلا Ubuntu بىلەن ئىتىشاتتىم ، ئىلگىرى #C ئانچە مۇنچە پروگرامما يىزىپ قويىدىغان بولغاچقا ، شۇ ۋەجىدىن مۇشۇ Ubuntu دىمۇ #C پروگراممىسى يازغىلى بولامۇ دىگەن مەقسەتتە بۈگۈنكى شىكەر يەكشەنبىنى قولدىن بەرمەي مەسلىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلدىم . تۆۋەندىكى يازمىمىزدا Ubuntu شارائىتىدا ئاددى بولغان #C پروگراممىسى يىزىش جەريانىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.
مەن ئىلگىرى مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلىدىن ASP.NET پروگراممىسىنى Linux مۇھىتىدا ماڭدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىپ mono دېگەن بىر دېتالنىڭ مۇشۇ مەسلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم ، بۇ قىتىم #C پروگراممىسى يىزىش ئۈچۈنمۇ ئىزدىنىپ يۈرۈپ ھەر قانداق Linux مۇھىتىدا NET. قۇرۇلمىلىق پروگراممىلارنى ئىچىشقا بولىدىغان (ئەمەلىيەتتە Mac OS X ، Microsoft Windows مۇھىتىدىمۇ ئاچقىلى بولىدىكەن) MonoDevelop ناملىق توپلاشتۇرۇلغان ئىچىش مۇھىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن تۈنجى پروگرامما «سالام دۇنيا» نى يىزىپ كۆرۈپ باقتىم ، ئىشلىتىلگەن جۈملە پۈتۈنلەي #C جۈملىسى، پروگرامما بىشىدىكى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاساسلىق تىپ بولاقلارمۇ پۈتۈنلەي Visual Studio دا يازغاندىكىگە ئوخشاش، دېمەك Windows شارائىتىدا يىزىلغان NET. قۇرۇلمىلىق پروگراممىنىڭ ئەسلى كودى بولسىلا Linux مۇھىتىدىمۇ ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ دېگەن گەپ ، (Ubuntu دا تۇرۇپ #C پروگراممىسىنى Compile قىلىشنى ۋاقىت تاپقانداق يەنە يازامەن).
[align=right]ئۇنداقتا باشلايلى.
ئاۋۋال سىز «ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى» گە كىرىپ ئىزدەش رامكىسىغا MonoDevelop دەپ كىرگۈزۈپ
ئاندىن بۇنىڭ ئىچىدىن MonoDevelop نى تىپىپ قاچىلايسىز . بۇ باسقۇچ ئىنتايىن ئاددى.[/align]
[img=694,435]http://www.uyghurpc.com/wp-content/uploads/2011/04/MonoDevelop.png[/img]
ئاندىن MonoDevelop قوزغىتىپ يۇمشاق دېتال ئىچىشنى باشلىۋەتسىڭىز.
ئەمدى قىسقىغىنىلام نەچچە مىنۇتتا كاللامدىن مۇنداق بىر ئىش كەچتى، ھەممىمىز بىلىمىز Commandline پروگراممىلىرىدا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنچە ئاسانمۇ ئىش ئەمەس ئىدى، مەن ئۇبۇنتۇدا يەنە مۇشۇ مەسلىنى سىناپ باقتىم .
Console.WriteLine(”Hello World“);
ئىكرانغا «سالام دۇنيا» نى چىقىردىغان بۇ قۇردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا مەن ساپ ئۇيغۇرچە يىزىقنى ئالماشتۇرۇپ ئىجرا قىلدىم Commandline دا (ئۇبۇنتۇدىكى تىرمېنال) كۆرۈنگىنى فونتى نورمال بولغان (خەت ئۇستىخىنى نورمال) بىر قاتار تەتۈر تىزىلغان «سالام دۇنيا» بولدى ، توختاپ تۇرە ! مەن Yulghun دىكى تەتۈر كۆچۈرۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ كودتىكى «سالام دۇنيا» نىڭ ئورنىغا تەتۈر كۆچۈرۈلگەن «سالام دۇنيا» نى قويۇشنى ئويلىدىم ، ئۇبۇنتۇرىمدا ۋايىنغا يۇلغۇن قاچىلانمىغان ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن توردىنلام نەزەرى گە مۇراجەت قىلدىم ، نەزەرى ناھايىتى تىزلا بىر قۇر تەتۈر تىكىست ئەۋەتىپ بەردى ، نىمە يازغانلىقىنى بىلمەيتىم ، ئاۋۇ پروگراممىدىكى «سالام دۇنيا» نىڭ ئورنىغا نەزەرىنىڭ تەتۈر تىكىستىنى قويۇپ ئىجرا قىلغانتىم ،ۋاھ ھەيران قالدىم،
[img=754,588]http://www.uyghurpc.com/wp-content/uploads/2011/04/MonoDevelop2.jpg[/img]

[align=right][img=461,552]http://www.uyghurpc.com/wp-content/uploads/2011/04/MonoDevelop3.jpg[/img][/align]
ئىككى ئىشقا ھەيران قالدىم، بىرى تېرمىنالدا ئۇيغۇرچە خەت ناھايىتى ئۆلچەملىك كۆرۈنگەنىدى،يەنە بىرى ۋۇ نۇمۇسسىز نەزەرى ئۇنىڭ ئەۋەتىپ بەرگەن تىكىستى «خوتۇن ئالغۇم كىلىۋاتىدۇ ئاداش» ئىكەن ،
ئۇنىڭ بىلەن بىرەر قۇردىن چاقچاقلىشىپمۇ قويدۇم، ھەي…… پروگراممىدا ھىچقانچە بىر تەرەپ قىلمايلا ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسەتكەنىدى. شۇ ئەسنادا تېلېفۇن كىلىپ سىرىتقا چىقىدىغان ئىش چىقىپ قالدى. كىيىن ۋاقىت چىقسا مۇشۇ ھەقتە يەنە توختىلىمەن.


[b][color=Blue][size=4]خۇلاسە كالام : يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار ئاساسەن ھارام (ئوغرى نەشىرى) سىستېما ئۈستىدە ھارام (ئوغرى نەشىرى) ئىچىش مۇھىتىنى (Visual Studio نىڭ ئۆزىلام نەچچە مىڭ يۈەنگە ساتىدۇ) ئىشلىتىپ پروگرامما ئىچىۋاتىدۇ ، ۋە شۇنى پۇلغا سىتىپ كۈن ئىلىۋاتىدۇ،بۇنى ئويلاپ باقساق خېلى بىر مەسىلىلەر كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا ھەقىقى نەشىردىكى سىستېما ئىشلىتىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يۇقارقى گەپلەر يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلارغا ئوبدانلا خوش ياقامدۇ قانداق؟[/size][/color][/b]


مەنبە : كومپيۇتېر تەجرىبىخانىسى [url]http://www.uyghurpc.com/?p=600[/url]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Omar14 ، ۋاقتى: 2011-5-3 12:26 [/i]]



Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » سەيشەنبە ماي 03, 2011 12:38 pm

كىماۋە نۇمۇسسىز نەزەرى دىگەن؟ مىنىڭ يۈزۈمنى تۆكۈپ نەزەرى دىگەن نامدا مۇبارەك ئۆمەرجانغا چالما ئاتقان؟ ;P
چاقچاقمۇ قىلىشىپ قويدۇق. مۇشۇ مۇنبەرنى بىر تاشلىۋەتمىسەك بولاتتى.
مۇشۇنداق تېمىاڭلار بولسا ئۈزۈلمىسۇن ئۆمەرجان.
يەنە بىر گەپ,مەن تېخى VS نى ھەقسىز دەپ يۈرۈپتىمەن. مەن VS نىڭ قالقان نەشرى(旗舰版) نى بىۋاستىلا قاچىلاپ ئىشلىتىۋەردىمغۇ.
ماۋۇ يەردە ئۇنىڭغا قانۇنلۇق ھەقسىز ئېرىشىشى يولى باركەن. شۇنىڭدىن پايدىلانساقمۇ بولغۇدەك.
[url]http://veware.wordpress.com[/url]/2010/04/28/%E6%97%A0%E9%9C%80%E7%A0%B4%E8%A7%A3%EF%BC%8C%E5%BE%AE%E8%BD%AF%E5%BC%80%E6%94%BE-visual-studio-2010-%E4%B8%93%E4%B8%9A%E7%89%88-%E5%85%8D%E8%B4%B9%E4%B8%8B%E8%BD%BD/

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە ماي 03, 2011 4:06 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]albert[/i] ، ۋاقتى: 2011-5-3 06:38 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=4062&ptid=875][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
كىماۋە نۇمۇسسىز نەزەرى دىگەن؟ مىنىڭ يۈزۈمنى تۆكۈپ نەزەرى دىگەن نامدا مۇبارەك ئۆمەرجانغا چالما ئاتقان؟ ;P
چاق ... [/quote]


شۇ تاشلىۋەتمىسەك بولاتتى ... سىزمۇ يازمىلىرىڭىزنى بۇياقلارغىمۇ مۇندا مۇندا بىر :handshake
نەزەرى يازمىڭىزدا كۆرسەتكەن ئادرېستا مىكروسوفىتنىڭ [url]https://www.dreamspark.com[/url] بېتىنى تاپتىم ئەجەپ ئۇچراتماپتىكەنمەن ....
لىكىن بىزلەگە پۇرسەت ئازدەك قىلىدۇ...
sql2008 نى بىر سىناپ باققۇم بارتى ..... ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىم sql2005 مۇمكىن بولسا سىلىنىڭ ئىلتىپاتىڭلا بىلەن بىر كۆچۈپ باقايمىكىن .... مۇلازىمىتىرىم سۆرىيەلەمۇ;P
گەپنى چۈشەندىڭلا ھە نەزەر قارى ...:lol :handshake

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار