جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

ئۇبۇنتۇ ئۈستەلئۈستى قوللانمىسى

يېزىلغان: سەيشەنبە ئىيۇن 05, 2012 9:45 am
تەرىپىدىن يوللانغان gheyret
ئۇبۇنتۇ ياردىمىدە ئېشىپ قالغان 600 دەك ئۇچۇرلارنى، بۈگۈن ساھران ئەپەندى تاماملاپ، launchpad قا يوللىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇبۇنتۇ ئۈستەلئۈستىنىڭ قوللانمىسىمۇ تەييار بولدى. ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتىش جەريانىدا قىيىنچىلىققا يولۇققانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ماتېرىيال ئۇيغۇر تىلىدا بارلىققا كەلدى.
بۇنى كۆپچىلىك بىلەن بالدۇرراق يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ugubuntu.com ئۇنى تورغا قويۇپ كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى.
زىيارەت ئادرېسى:
[url]http://ugubuntu.com/ug/[/url]
(كومپيۇتېردا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى بولسىلا نورمال كۆرۈنىدۇ)
باشقا بىر قانچە بېكەتلەرگىمۇ پات ئارىدا قويۇلىدۇ.

تۇنجى قېتىملىق تەرجىمە بولغاچقا نۇرغۇن خاتالىقلار ۋە ئۈستەلئۈستىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن قوللانمىدا تىلغان ئېلىنغان ئۇچۇرلار ئارىسىدا پەرقلەر مەۋجۇت. بۇنى كۆپچىلىكنىڭ كۈچى بىلەن ئالدىرىماي تۈزىتىشكە تىرىشىمىز.

قوللانمىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنىڭ زىيارەت ئادرېسى: [url]https://help.ubuntu.com/12.04/ubuntu-help/index.html[/url]
قوللانمىنى تەرجىمە قىلىدىغان ئورۇن: [url]https://translations.launchpad.net/ubuntu/precise/+source/ubuntu-docs/+pots/ubuntu-help/ug/[/url]

تەرجىمىگە كۈچ چىقارغان بارلىق قېرىنداشلارغا كوپ تەشەككۈر.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئىيۇن 05, 2012 12:24 pm
تەرىپىدىن يوللانغان m.erdem
سالام غەيرەت ئەپەندى، قېرىنداشلار!

بەك ئېسىل ئىش بولۇپتۇ،Ubuntu نىڭ ئۇيغۇرچەسىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن Windows مۇ ئۇيغۇرچە بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا، ئەمدى مۇشۇ ئىككى سىستېمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن بىر بىرىدىكى نۇخسانلارنى ئاستا-ئاستا تۈزۈتۈپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشساق. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىلغان ئەجرى ئۈچۈن مىڭ مەرتىۋە ھەشقاللا!

بارچە ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولغاي!

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2012 5:42 am
تەرىپىدىن يوللانغان omar
ئاجايىپ ئېسىل ئىشلار بولۋاتىدۇ ، ئاللاھ نېسىپ قىلسا ئالما مەك مۇ ئۇيغۇرچىلىشىپ ئۇيغۇرغا چىلىشىپ قالغۇسى

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2012 2:41 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Omar14
ھەقىقەتەن ئىسىل ئىش بولۇپتۇ . زۆرۈر تىپىسلسا ئۇزتاج بىلوگىمۇ تەشۋىقات ئىشلىرىغا ھەمدەمدە بولىدۇ ...

يېزىلغان: جۈمە ئىيۇن 08, 2012 6:35 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
3-4 يىل بۇرۇن ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمىسىگە ئىشتىراك قىلغاندا تەرجىمە بېتىگە ئەزا بولغاندەك قىلغانتىم، yulghunjan ياكى intil دېگەن نامنىڭ قايسىسىدا ئەزا بولغىنىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
شۇنى تاپقىلى بولارمۇ؟

يېزىلغان: شەنبە ئىيۇن 09, 2012 12:25 pm
تەرىپىدىن يوللانغان gheyret
بارلىق ئەزالارنىڭ تىزىمى بۇ يەردە بار.
[url]https://launchpad.net/~ubuntu-l10n-ug/+members[/url]
كىرىشتە ئىشلەتكۈچى ئىسمى ئۈچۈن ئادەتتە ئېلخەت ئىشلىتىلىدۇ. سىناپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئىيۇن 11, 2012 4:24 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
tور سۈرئىتىنىڭ ئىشىمىكىن بۈگۈن ئېچىلماي قويدى.

يېزىلغان: جۈمە ئىيۇن 22, 2012 2:29 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
[size=5][color=#0000ff]بىز بارلىق دوستلارغا ۋاكالىتەن ئۇبۇنتۇنىڭ ياردەم ھۆججىتىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تاماملىغان ساھران ئەپەندىمگە چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمىز. [/color][/size] بۈگۈن [b][color=#03399][url=http://www.intil.biz/home/thread-10167-1-1.html][color=#0000ff]ئۇبۇنتۇ ئۈستەلئۈستى قوللانمىسى[/color][/url] يوليارغا [/color][/b]قويۇلدى. ئۇبۇنتۇغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر ياكى ياردەمگە ئېھتىياجىڭىز چۈشكەندە يوليارنىڭ [url=http://www.yolyar.com/ubuntu][color=#810081]http://www.yolyar.com/ubuntu[/color][/url] نى زىيارەت قىلغايسىز.