كوررېكتورلۇق ھەققىدە كونا تەجرىبىنىڭ يېڭى ئىشلىتىلىشى

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Sawut
يازمىلار: 9
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 26, 2007 10:55 am
ئالاقىلىشىش:

كوررېكتورلۇق ھەققىدە كونا تەجرىبىنىڭ يېڭى ئىشلىتىل

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sawut » شەنبە ئىيۇن 02, 2007 10:08 am

2000- يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇستاز تورداشلاردىن تەشنا ئەپەندى ، UKIJ نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇرىھىم ئەپەندىلەر Word مۇھىتىدا ULY دىكى ماقالىلارنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈشكە ئائىت قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى قالدۇرغان ئېدى . ئابدۇرىھىم ئەپەندى نەچچە ئونمىڭ سۆزلۈك ئىملا ئامبىرىنى تارقاتقان . مانا ھازىر ئۇيغۇر سوفت كوررېكتى ، كەنجى كوررېكتورى قاتارلىقلار بارلىققا كەلدى . «ئۇيغۇر ئېدىت »، «يۇلغۇن» تەھرىرلىگۈچ قاتارلىقلارنىڭمۇ كوررېكتورلۇق ئىقتىدارى خېلى يامان ئەمەس . تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان «ئۇدمىش» كوررېكتورىنىڭمۇ ئىقتىدارى كىشىنى خېلى رازى قىلىدۇ . بۇنىڭدا ئادەمنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان ئىش «يۇلغۇن » بىلەن «ئۇدمىش» نىڭ ئىملا ئامبىرىنىڭ ئوچۇق بولغانلىقىدۇر . بىز مۇشۇ ئىككى قورالنىڭ ئىملا ئامبىرىنى («يۇلغۇن» نىڭ ئىملا ئمبىرى uyghur.dic، «ئۇدمىش»نىڭ ئىملا ئامبىرى dic.dic) ئۇيغۇر ئېدىتتا ئېچىپ («يۇلغۇن» ۋە «ئۇدمىش» تىمۇ ئاچقىلى بولسىمۇ يەنىلا «ئۇيغۇر ئېدىت» نى تەۋسىيە قىلاي ) بارلىق مەزمۇننى ULY غا ئايلاندۇرۇپ ، چوڭ ھەرپلەرنى كىچىك ھەرپكە ئايلاندۇرۋالغاندىن كېيىن( ئۇيغۇر ئېدىت بۇ خىل ئىقتىدارنى تەمىنلىگەن ) ھەممىنى تاللاپ 写字板 گە ئاپىرىپ چاپلاڭ ، ئاندىن باشقا نامدا ساقلاڭ . مەسىلەن:imla.dic دېگەندەك . ساقلىغاندا Unicode بويىچە ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ ، بولمىسا ئۈستىدە تاجى بار بىر نەچچە ھەرپلەر ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ . مۇشۇلارنى قىپ بولسىڭىز سىزنىڭ Word مۇھىتىدا ئىشلىتىدىغان كوررېكتورلۇق قىلىدىغان ئىملا ئامبىرىڭىز پۈتۈپ بولغان بولىدۇ .
ئەمدى ، بۇ ئامبارنى Word قا مۇنداق يۈكلەيمىز .
قەدەم باسقۇچلىرى : Word نىڭ مەشغۇلات تىزىملىكىدىن 工具 نى ئاچىسىىز ، ئاندىن 选项 نى ، ئاندىن 拼写和语法 نى ، ئاندىن 自定义词典 نى ، ئاندىن 添加 نى ئاچىسىز -دە باياتىنقى imla.dic دېگەن ھۆججەتنى ئېچىپ مۇشۇنى كۆڭۈلدىكدەك قىممەتكە توغرىلاپ قويسىڭىز ئىش تامام .
ئاندىن كېيىن ULY دا خەت ئۇرۇپ Word نىڭ مەشغۇلات تىزىملىكىدىن 工具 نى تاللاپ F7 نى باسسىڭىز كوررېكتورلۇقنى باشلايدۇ . خەت ئۇرۇش جەريانىدا ئۈستىدە تاجى بار ھەرپلەرنى چىقىرىشنى بىلەلمىگەندە مەسىلەن Üzüm دەپ كىرگۈزمەكچى بولۇپ سىز uzum دەپ كىرگۈزسىڭىزمۇ ئاپتوماتىك ھالدا Üzüm گە ئۆزگۈرەيدۇ .
ئىملا ئامبىرىنى كۆپەيتىشكە يەنە كۈچەپ باقىمىزمۇ باللا:lol :handshake



kaskin
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئىيۇن 01, 2007 1:14 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kaskin » يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 2:51 am

رەھمەت سىزگە ......... مەن مۇشۇ ئىشنى پەقەت قىلالماي يۈرەتتىم .......... كۆپ رەھمەت :lol بۇلسا پايدىلىق ئۇچۇرلار ئۈزۈلمىگەي ......... :handshake

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار