Android يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسىنى كومپيۇتېردا تەقلىدلەش

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

Android يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسىنى كومپيۇتېردا تە

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » چارشەنبە سېنتەبىر 15, 2010 9:47 am

Googleتارقاتقان Android يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسى يانفۇن دۇنياسىدا بوران چاپقۇنلارنى ئىلىپ كەلدى،ھازىرقى ئەڭ ئالقىشلىنىۋاتقان iPhone مەشغۇلات سىستېمىسىدىن قالسىلا ئەقلىفۇنلاردىكى ئەڭ ئالقىشلىق سىستېما بولۇپ قالدى،يىقىندىن بۇيان UKIJ ۋە بىلىك تور بېكەتىرىدە ئەقلىفۇن سىستېمىلىرىغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش،ۋە شۇ ئەقلىفۇن مۇھىتىدىكى ھەرخىل فونت مەسلىسى توختىماي مۇلاھىزە قىلىنىۋاتىدۇ،بۇ تۈردىكى تېمىلارغا نىسبەتەن خېلى كۆپ ئەزالار قىزىقسىمۇ لىكىن ئۆزىدە مۇشۇ خىل ئەقلىفۇننىڭ بولماسلىقىدىن تازا چۈشىنەلمەيۋاتقان،ياكى ئىشلەتكۈسى كەلگەنلەر بولىشى مۇمكىن ،
شەخسەن ئۆزۈممۇ Nokia ھەۋەسكارى بولساممۇ ،لىكىن مۇشۇ سىستېمىلارنى بىر چۈشىنىپ باقاي دېگەن نىيەتتە تور ئاختۇرۇپ يۈرۈپ Google بېتىدە Android يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىچىش قورالى تەقلىدلىگۈچنى ئۈچرىتىپ قالدىم (Android SDK Emulator ) ، بۇ تەقلىدلىگۈچ(ئەمەلىيەتتەAndroid SDK كىسىنىڭ بىر كونتىرولى ) Androidيانفۇن پروگراممىرلىرى ئۈچۈن Google تەمىنلىگەن ،بولۇپ Windows،Mac,Linux لاردا ئىجرا قىلىپ تەقلىدلەپ كۆرۈشكە بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈشتىگە بۇ تەقلىدلىگۈچ (كونتىرول) ھەقسىز بولۇپ ئازراق ئىنگىلىزچىدىن خەۋىرىڭىز بولسىلا Android سىستېمىسىنى ئويناپ كىتەلەيسىز.

[url=http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/AndroidLogo.png][img=500,600]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/AndroidLogo.png[/img][/url]Android يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بەلگىسى

[color=#ff0000]تۆۋەندىكىسى مەن كومپيۇتېرىمدا تەقلىدلىگەن كۆرۈنۈش[/color]
[color=#ff0000][url=http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/Androiddemo1.jpg][img=620,615]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/Androiddemo1.jpg[/img][/url][/color]


[color=#ff0000][url=http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/Androiddemo2.jpg][img=620,615]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/Androiddemo2.jpg[/img][/url][/color]


ئۇنداقتا تەقلىدلىگۈچنى قاچىلاشنى باشلايلى .
لازىملىق ماتېرىياللار
1.Java ئىجرا مۇھىتى jre-6u21-windows-i586-s
چۈشۈرۈش ئادرېسى : [url=http://java.com/]ئەسلى مەنبەدىن چۈشۈرۈڭ[/url] [url=http://ishare.iask.sina.com.cn/f/9796961.html]بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈڭ[/url]
2. Android SDK Emulator
Windows مۇھىتىدىكى (باشقا سىستېمىدا سىنىغۇچىلارغا يازمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا Mac ۋە Linux مۇھىتىدىكى قاچىلاش ھۆججىتىمۇ تەمىنلەندى)
چۈشۈرۈش ئادرېسى: [url=http://developer.android.com/sdk/index.html]ئەسلى مەنبەدىن چۈشۈرۈڭ[/url] [url=http://dl.google.com/android/android-sdk_r06-windows.zip]Google دىن چۈشۈرۈڭ[/url] [url=http://ishare.iask.sina.com.cn/f/9796960.html]بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈڭ[/url]
يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ تەقلىگەندىن كىيىن ئاۋۋال jre-6u21-windows-i586-s نى قاچىلايمىز . قاچىلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى بولۇپ تەپسىلى سۆزلەنمىدى.
ئاندىن چۈشۈرگەن Android SDK Emulator نى پرېستىن يېشىپ ئاچساق ئىچىدە SDK Setup دېگەن بىر قاچىلاش ھۆججىتى بار ، شۇنى ئىككى بېسىپ قاچىلاش مەشغۇلاتىنى باشلايمىز. قاچىلاش مەشغۇلاتى تۆۋەندە رەسىملىك كۆرسىتىلدى.
[url=http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/installandroidsdk1.jpg][img=555,411]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/installandroidsdk1.jpg[/img][/url]
بۇ باسقۇچ تۈگىگەندىن كىيىن ئاستىدىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ،بۇ كۆزنەكتە تەقلىدلىگۈچنىڭ تىپ بولاقلىرىنى چۈشۈردىغان تاللاق بولۇپ بۇيەردىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تاللاش ئىلىپ بارىمىز، ئەگەر ۋاكالەتچى مۇلازىمىتىر ئارقىلىق تورغا چىقساق ئۈستىدىكى ProxySttings نى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئاستىدىكىدەك تاللىۋىتىمىز.
[url=http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/installandroidsdk2.png][img=487,337]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/installandroidsdk2.png[/img][/url]
تاللاپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ . بۇ كۆزنەكتىن Accept نى تاللاپ بولۇپ Installa دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز
[url=http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/installandroidsdk2.5.png][img=464,275]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/installandroidsdk2.5.png[/img][/url]نۆۋەەتتىكى باسقۇچ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ پۈتكۈل بولاقلارنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلايدۇ بۇ جەريانغا تەخمىنەن يىرىم سائەتتىن ئوشۇقراق ۋاقىت كىتىدۇ ، بۇ باسقۇچنى چوقۇم توغرا تاماملىمىسا بولمايدۇ،
توردىن چۈشۈرۈش تاماملانغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ، بۇ كۆزنەكتىن كۆرسىتىلگىنى بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
[url=http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/installandroidsdk3.png][img=657,338]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/installandroidsdk3.png[/img][/url]بۇ تەقلىدلىگۈچكە يانفۇندىن بىرنى قوشىمىز. Name دېگەنگە خالىغانچە ئىسىم قويىمىز،Target دېگەنگە ئىشلەتمەكچى بولغان Android سىستېمىمىزنىڭ نەشىرىنى تاللاپ بىرىمىز.Size دېگەنگە يانفۇن ساقلىغۇچىسىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرسىتىپ بىرىمىز ،
مەن 100 مىگا قىلىپ تەڭشەپ قويدۇم.Built-in دىگەنگە ئىشلەتمەكچى بولغان يانفۇننىڭ ئىكران ۋە كۆرۈنمە يۈزنى بەلگىلەيمىز (بۇنىمۇ خالىغانچە تەڭشىسىڭىز بولىدۇ ، ئىمكان بار بەك چوڭ تەڭشىۋەتمەڭ سىستېمىنىڭ سۈرئىتىگە تەسىر يىتىدىكەن).
[url=http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/installandroidsdk4.png][img=400,516]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/installandroidsdk4.png[/img][/url]ئاندىن ئاستىدىكى Create AVD نى باسىمىز. تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ .
[url=http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/installandroidsdk5.png][img=664,351]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/installandroidsdk5.png[/img][/url]
بۇكۆزنەكتىن بىز قوشقان يانفۇننى تاللىۋىتىپ ئوڭ تەرەپتىكى ئۆStart كۇنۇپكىسىنى باسىمىز، بۇ چاغدا ئاستىدىكىدەك كىچىك بىر كۆزنەك چىقىدۇ.
[url=http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/installandroidsdk6.png][img=232,282]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/installandroidsdk6.png[/img][/url]بۇ كۆزنەكتىن ئۈستىدىكىدەك تاللاش ئىلىپ بىرىۋەتكەندىن كىيىن ئېكران چوڭلۇقىنى بەلگىلەپ بىرىمىز ، ئاندىن Launch نى بىسىپ يانفۇننى قوزغىتىمىز.
مانا قاراڭ يانفۇن قوزغىلىپ كەتتى ئەمدى بىخارامان Android سىستېمىلىق يانفۇننى ئويناپ كەتتسىڭىز بولىدۇ.
[url=http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/starting2.png][img=595,559]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/starting2.png[/img][/url]
مانا قاراڭ سىستېمىغا كىردى
[url=http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/Androiddemo1.jpg][img=620,615]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/Androiddemo1.jpg[/img][/url]
[url=http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/Androiddemo2.jpg][img=620,615]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/Androiddemo2.jpg[/img][/url]
[url=http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/starting3.png][img=621,578]http://uyghurpc.com.h001.hweidc.com/wp-content/uploads/2010/09/starting3.png[/img][/url]
يۇقۇرىدا Android سىستېمىسىنى تەقلىدلەش سۆزلەندى ، كونكرېت سىناش ۋە ئىشلىتىشتە ئۇچرىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇيغۇرچىنى سىناشقا دائىر مەسىلىلەر بولسا ئورتاقلاشقايمىز.
……………………………………………
ماقالە مەنبەسى : [url=http://www.uyghurpc.com/]كومپيۇتېر تەجرىبىخانىسى تور بېكىتى[/url]

[color=#ff0000]Android SDK Emulator نى باشقا سىستېمىدىكى نۇسخىلىرى[/color]
[url=http://ishare.iask.sina.com.cn/f/9796962.html]Mac تىكى نۇسخىسىنى چۈشۈرش[/url]
[url=http://ishare.iask.sina.com.cn/f/9796963.html]Linux تىكى نۇسخىسنى چۈشۈرش[/url]
……………………………………………
[color=#ff0000]مۇناسىۋەتلىك يازمىلار[/color]



tuyghun
يازمىلار: 1
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 04, 2008 3:16 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tuyghun » جۈمە سېنتەبىر 17, 2010 1:46 pm

يېڭلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت.
ئۆمەر ئەپەندىنىڭ يېڭى تور بېتىنى يۈرۈشتۈرۈۋالغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ... :handshake

kerim805
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە فېۋرال 24, 2009 6:55 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kerim805 » يەكشەنبە سېنتەبىر 26, 2010 3:56 pm

سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت!!!
مەن بۇ خىل سېستىمىدىكى يانفوننى ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى لېكىن ھازىغا كەلگۈچە بىرەر بۇ توغرىلىق تېمىلارنى كۆرمىگەن ئىدىم، مانا بۇ جەھەتتنىمۇ قىززىققۇچىلار باركەن!
بۇ سېستىمىنى ئۇيغۇچىلاشتۇرۇش مۇمكىن بوللارمۇ؟
ئۇيغۇرچە يۇمتاللار بارمىدۇ؟

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار