[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • UKIJ نىڭ مۇنبەر نەشىرىنى يېڭىلاپ قويايلى
جەمئىي2 بەتنىڭ 1 - سى

UKIJ نىڭ مۇنبەر نەشىرىنى يېڭىلاپ قويايلى

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 07, 2010 7:42 am
تەرىپىدىن يوللانغان Awral
قارىسىام UKIJ ئىشلەتكەن Discuz مۇنبەر سىستېمىسى تېخىچە 5.5 نەشىرىدە تۇرىدۇ ، ھازىرقى يېڭى نەشىرى DiscuzX گە كۆتۈرىلىپتۇ. نۇرقۇت ئەترىتىدىكى پىداكار دوستلارنىڭ ئۈزلىكسىز تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرىمۇ ماس ھالدا ئىلان قىلىنىۋاتىدۇ . دىمەكچى UKIJ بىر سەركە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تور بىتىنى مۇكەممەل قۇرۇپ چىقىشى كىرەك ، خاككىرلارنىڭ ۋە باشقا يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئاسانلا ئۇچرايدىغان بولۇپ قالسا بولمايدۇ . قارىسام نۇرقۇت ئەپەندىمۇ بۇ يەرنىڭ دائىملىق مىھمىنى ئوخشايدۇ ، مۈمكىن بولسا UKIJ نىڭ تور بوشلۇق ۋە بىكەت سىستمىسىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىنى نۇرقۇت ئەپەندىمگە تاپشۇرۇپ بەرگەن بولساق . مەن قارىسام بۇ مۇنبەردە يوچۇق خىلىلا كۆپتەك تۇرىدۇ . باشقۇرۇشمۇ ئانچە ياخشى ئەمەستەك ، بەزى باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىرە پارچە يازمىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ ئەمەس ئىنكاسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ .

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 07, 2010 4:04 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
2008- يىلى ئۇيۇل ئىسىملىك تورداشمۇ تەكلىپ بەرگەن.
[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=404[/url]

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 07, 2010 5:02 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Omar14
مەنچە ئاددى بولسا نىمىدىگەن قولاي، بېكەتنىڭ ئىچىلىشىمۇ تېز ...... codeproject،csdn لەرنىڭ مۇنبەر پروگراممىسىغا قارىساق ھەي نىمىدىگەن قولاي ، نىمىدىگەن ئاددى ھە ....مەنچە بولسىغۇ bbs xp تولىمۇ بولىدىغان سىستېمىتى :loveliness: لىكىن ھىچ قايسىڭلار ياراتمايسىلەر (يوچۇق كۆپ دەپ قارايدىكەن) ...كۆرگەن يامانمۇ كۆنگەن يامانمۇ دىسە كۆنگەن يامان دەپتىكەن ...مانا نۇرقۇت مۇنبىرگە ئەمدى بىر كۆنۈپ بولغۇچە دىسكاز ئىكىس دەمدۇ ئىشقىلىپ نەشىرى يۇقىرى كۆتۈرۈپ باش بەتكە كىرسە قايسى يېڭى تېما قايسى كونا تېما ئىشقىلىپ ئىلىشىپلا كەتتىم ...ئاندىن كىرمەس بولدۇم ، بۇنى دىسەم نۇرقۇتنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن .......
مەنچە بولسا مۇشۇنى ئىشلىتىۋىرەيلى كاڭشىڭ شىركىتى يېڭىسىنى ياماقلاپ چىقادۇق دەپ كونىسنىمۇ تاشلىۋەتمەس...نۇرقۇت مۇشۇ دىسكاز جەھەتتە خىلى مول بىلىمگە ئىگە 5.2 دىكى يوچۇقلارنى ياماشقا كۈچى يىتىدۇ.

----------------------
تەكلىۋىم :
codeproject،csdn لارغا ئوخشاش ئۆزىمىز بىرنى يىىزىپ چىقايلى ...بۇرۇنلا ASP.NET دا بىرنى يىزىپ چىقىش ئويۇم بارتى، لىكىن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويۇشقا بولمايدۇدە (Discuz ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان ) ، ئۆزىمىز يىزىپ چىققىنىنىڭ ئىقتىدارى ئۇنچە مول بوپ كەتمەيدۇ.
ئەگەر ASP.NET دا يىزىپ چىقىمىز دىسەك خۇدايىم بۇيرىسا مىنىڭمۇ كۈچۈم يىتىدۇ، ياكى ئۇستازلار بىلەن بىللە يىزىپ چىقساق بولىدۇ،
مۇشۇ PHP چىلەر ئەزەلدىن ASP بىلەن ASP.NET نى بىخەتەر دەپ قارىمايدۇ، بۇنداق ئويلايدىغانلار بولسا بېكىتىمىزدە ھەر ھەر PHP ئۇستازلىرى تۇرۇپتۇ....نىمىلا دىگەن بىلەن ئۆزىمىزنىڭكىگە نىمە يېتىدۇ. قاراڭلا ئۇيغۇردەۋ نىڭ پروگىراممىسىنىمۇ تەرجىمە قىلمىغان ئۇيغۇردەۋ دىكى باللا ئۆزى يىزىپ چىققان . تىل يىزىق كومتىتى، قارلۇق مۇنبىرى دىگەنلەرنىمۇ شۇ ئۇيغۇر دەۋدىكى باللا ئۆزى يىزىپ چىققان ، تا ھازىرغىچە بىرەسى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ ھوجۇم قىلغىنىنى ئاڭلىمىدۇق (ئىقىلىپ مەن ئاڭلىمىدىم) .
يۇقاردىكى تەكلىۋىمنىمۇ ئويلىشىپ باقساڭلار:)

# Omar14 غا يوللانغان جاۋاب

يېزىلغان: پەيشەنبە ئىيۇل 08, 2010 4:22 am
تەرىپىدىن يوللانغان nurqut
ئەسلى نېمانداق كۆرۈنمەيدىكىن دېسەم، باش بەتتىن يامانلاپ كىرمەيۋېتىپتىكەنسىز-دە ... سىزنىڭ نۇرقۇت ھەققىدە دېگەن گىپىڭىزنى كۆڭلۈمگە ئالمايمەن، ئەلۋەتتە. بېكەت سىستېمىسىنى يېڭىلاش باسقۇچىدا ئازدۇر-كۆپتۇر قالايمىقانچىلىقنىڭ چىقىشى نورمال ئىش. قارىغاندا بېكەتكە كىرمىگىلى خېلى بولغان ئوخشايدۇ سىزگە، ۋاقتىڭىز يەتسە قاراپ باقارسىز، يېڭى نۇسخا ئالماشتۇرغان چاغدىكىدەك قالايمىقان ئەمەس ھازىر.
-----------------------------
ئەمىلىيەتتە قانداق سىستېما ئىشلىتىش بەك مۇھىم ئەمەس، ئۇنى قانداق ئىشلىتىش ھالقىلىق مەسىلە. پەقەت ماس كىلىدىغان سىستېمىنى ئىشلەتكەندە ئاۋارىچىلىق ئازراق بولىدۇ شۇ. بىزنىڭ توختىماي نەشىر يۇقىرىلىتىشىمىزدىكى سەۋەب ، بىرتەرەپتىن ئىھتىياجلىق بېكەت باشلىقلرىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىلانغان تەرەپلەرنى چۈشىنىش، سىستېما يېڭىلاش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا ئىگىلەشكە تىگىشلىك نەرسىلەر بولسا ئىگەللەش ... بۇ قېتىمقى X نۇسخىغا كۆچىشىمىزدىكى يەنە بىرسەۋەپ ۋەزىيەت ئىھتىياجى. مۇنبەر چەكلىنىۋاتقاچقا ، سىرتقى كۆرۈنۈشى مۇنبەر سىياقىنى ئالغان بېكەت بولسا توختىتىپ قۇيىلىۋاتىدۇ، ئىلگىرىكى مۇنبەرنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى CMS قا ئوخشىتىش ئاۋارىچىلىق بولغاچقا، ئاچقۇچى تەرەپ يېڭى نۇسخىدا ئىككى خىل كۆرۈنۈش يۈزى تەمىنلىگەن، شۇڭا بىزمۇ بوشلۇق تەمىنلىگۈچىنىڭ تەلىپى بۇيىچە، مۇنبەر سىياقىنى يۇقاتتۇق خالاس. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا زىيارەتچىلەرگە ئاز ئاۋارىچىلىق كەلمىدى، ئەمما بەزىدە مەجبۇرىي بولۇپ قالىدىغان گەپ ئىكەن. كۆنۈپ كىتىمىز-دە.
-----------------
UKIJ نىڭ نەشرىنى يۇقىرىلىتىش ئىشىغا كەلسەك، پەقەت نەشىر يۇقىرىلىتىش ئۈچۈنلا نەشىر يۇقىرىلىتىش ياخشى ئەمەس. UKIJ غا نىسبەتەن مۇقىم بولغان بىر بېكەت سىستېمىسى بولسىلا يىتەرلىك، چۈنكى ئارتۇقچە ئىقتىدار قوغلىشىپ كەتمەيدۇ. ناۋادا يېڭىلايمىز دېسە بۇمۇ ئەلۋەتتە قولىمىزدىن كىلىدۇ. Discuz سىستېمىلىرى ئىچىدە 6.0.0 نۇسخىسى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئىقتىدار جەھەتتە 7.2.0 نۇسخا ئالدىنقى نۇسخىلرىىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ھازىرقى X بولسا تېخى تۇلۇق پىشمىغان نۇسخا، ئەمما ۋەزىيەت ئىھتىياجى بىلەن نۇرغۇن بېكەتلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ھەركىمنىڭ ياقتۇرغىنى ئۆزىگە ياخشى .
--------------
مېنىڭچە ھازىر UKIJ غا نىسبەتەن نەشىر يېڭىلاش ئەمەس، بېكەت رەتلەش ۋە ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقى مۇھىم دەپ قارايمەن. بولسا بۇرۇنقىدەك يولباشچىلار ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىمۇ UKIJ نى يۇقلاپ ئىزز قالدۇرۇپ، يول باشلاپ تۇرغان بولسا ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن.

يېزىلغان: پەيشەنبە ئىيۇل 08, 2010 11:22 am
تەرىپىدىن يوللانغان Jewlaniy
مېنڭچىمۇ مۇشۇنداق تۇرسۇن. كۆرۈنۈشى ئاددى بىلىملىرى مول.
بىلىك كۇلۇبىنىڭمۇ مۇشۇنداق ئىدى.
بىلىك ئەسلىگە كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ.
بىلىك كۇلۇبىدىكى ئەشۇ ئېسىل تىمىلارنىڭ يوق بولۇپ كەتكىنىنى ئويلىسام ئىچىم سىرىلىدۇ.
ساندانىنى زاپاسلىۋالغان بولسا ئاشۇ تېمىلارنى ئېلكىتاب قىلىپ چىقىرىپ قويسا بولاتتى.

# Jewlaniy غا يوللانغان جاۋاب

يېزىلغان: پەيشەنبە ئىيۇل 08, 2010 12:23 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
ئەنسىرىمەڭ، ئادەملا بولسا ھەممىسى بار بولىدۇ.

يېزىلغان: شەنبە ئىيۇل 10, 2010 7:41 pm
تەرىپىدىن يوللانغان karakash
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
مېنىڭچە بولغاندىمۇ مۇنبەرنىڭ سىستېمىسىنى يېڭىلاشتىن بەكرەك مۇنبەرنىڭ تېمىلىرىنى يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك!!!

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئىيۇل 12, 2010 3:46 am
تەرىپىدىن يوللانغان tayir
يەنىلا مۇشۇ پېتى تۇرىۋەرسۇن .
مۇنبەرگە كىرىپ قاچانلا قارىسا 10 ~ 20 ئادەمنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن . كىرگەنلەر نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ ؟؟؟ ...............

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئىيۇل 12, 2010 11:55 am
تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997
ئاخىرى ماۋۇ مۇنبەرگە كىرەلىدىم ۋە جاۋاب يازالىدىم.... مېنىچە مۇشۇ ھالىتى ئەڭ ئوبدان دەپ ئويلايمەن...

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئىيۇل 12, 2010 3:24 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
رەڭگىنى بولسىمۇ تەڭشىسە بولاتتى.