UyghurWeb PHP 1.0 تارقىتىلدى.

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
uyghurweb
يازمىلار: 13
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە نويابىر 24, 2007 4:32 am
ئالاقىلىشىش:

UyghurWeb PHP 1.0 تارقىتىلدى.

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uyghurweb » دۈيشەنبە ئىيۇن 16, 2008 5:43 pm

UyghurWeb PHP 1.0 تارقىتىلدى.
__ UyghurWeb تور بېكتى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان دوستلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپلىرى ۋە مەدەت بىرىپ قوللىشى ئاستىدا ئاز بولمىغان تەرەققىياتلارنىڭ قولغا كەلتۈرۈپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدىكى نۇپۇزلۇق بېكەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ھەم ئۆز نىشانى بويىچە ئۈزلۈكسىز ئالغا كېتىپ بارىدۇ. مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان بىلىم، ئىجادىي ۋە تەرجىمە دېتاللارنى كۆپچىلىككە سۇندى، شۇ ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان بېكەتلەرنىڭ قۇرۇلىشىغا تۈرۈتكە بولدى. UyghurWeb تور بېكىتىدىكى پروگراممىر ۋە ھەۋەسكارلار بىرلىكتە UyghurWeb PHP نى ھۇجۇتقا كەلتۈردى.
__ UyghurWeb PHP بولسا Windows مۇھىتىدا PHP, Mysql, Apache, Zend Optimizer, phpMyAdmin قاتارلىقلارنى بىرلا ۋاقىتتا ناھايىتى تىزلىك بىلەن كومپيۇتېرىمىزغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىزنىڭ PHP پروگراممىلىرىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش، Mysql ساندانلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرىمىزنى ئېنتايىن قولاي شارائىتلار بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.

UyghurWeb PHP 1.0 نىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. PHP ئىجرا قىلىش مۇھىتىنى كومپيۇتېرىمىزدا قۇرىدۇ.
2. Mysql ساندان باشقۇرۇش مۇھىتىنى كومپيۇتېرىمىزدا قۇرىدۇ.
3.Apache تور مۇلازىمېتىر پروگراممىسىنى كومپيۇتېررىمزىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
4.Zend Optimizer نى PHP بىلەن ماسلاشتۇرۇپ PHP ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىدۇ.
5. phpMyAdmin نى كومپيۇتېرىمىزغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق Mysql ساندانلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىمىزنى كۆرۈنمە يۈزلۈك پروگرامما بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.
6. PHP, Mysql, Apache, Zend Optimizer, phpMyAdmin قاتارلىقلارنى ئۆزلىكىدىن ماسلاشتۇرۇپ، بىزنى نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلايدۇ.

UyghurWeb PHP 1.0 ئۆز ئىچىگە ئالغان دېتالار ۋە نەشىرلىرى:


Apache-2.2.8
PHP-5.2.6
MySQL-5.0.51b
Zend Optimizer-3.3.3
phpMyAdmin-2.11.6



تۆۋەندە ئۇنىڭ قاچىلىنىش ئۇسۇلىنى ئاددىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
تۆۋەندىكىسى قاچىلنىش ئاساسىي يۈزى
1.gif (2.95 KB)

2008-6-16 17:24
بۇنىڭدىن ھۆججەت سومكىسىنىڭ سىن بەلگىسىنى چىكىپ قاچىلىماقچى بولغان ئورۇننى كۆرسىتىپ قويىمىز.
2.gif (4.85 KB)

2008-6-16 17:24

ئورۇننى كۆرسىتىپ بولغاندىن يېكىن مۇقۇملاشتۇرۇش كونۇپكىسىنى باسىمىز.
3.gif (2.15 KB)

2008-6-16 17:24

ئاندىن قاچىلىنىشقا باشلايدۇ...
4.gif (2.35 KB)

2008-6-16 17:24

چۈشۈرۈڭ

ئەسكەرتىش: پروگراممىنىڭ بەزى قىسىملىرى باشقا پروگراممىلاردىن ئۆزلەشتۈرۈلدى،كۆرۈنىشا بەزى مەسلىلەر تۈپەيلى ھازىرچە خەزۇ تىلىدا ياسالدى. دوستلار توغرا چۈشەنگەي.

مەنبەسى: [color=Red][size=4][url=http://www.uyghurweb.com]ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورى[/url][/size][/color]



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار