"ئامېرىكا قاپلىنى ' مەشغۇلات سېستىمىسى بازارغا سىلىندى

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
TwoSak
يازمىلار: 26
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 10:44 am
ئالاقىلىشىش:

"ئامېرىكا قاپلىنى ' مەشغۇلات سېستىمىسى بازار

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان TwoSak » شەنبە ئۆكتەبىر 27, 2007 6:07 am

دۆلەت سىرتىدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،10- ئاينىڭ 26 - كۈنى كەچقۇرۇن ، ئالما شىركىتى MAC OC X '' ئامېرىكا قاپلىنى '' مەشغۇلات سىستېمىسىنى سېتىشقا باشلىغان . بۇ يېڭى نەشىردىكى مەشغۇلات سىستېمىسى 300 خىلدىن ئارتۇق يېڭى ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن .
شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 6 دىن ئاشقان ۋاقىتتا ، ئالما شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى يۇمشاق دېتال سېتىش دۇكانلىرى بۇ يېڭى نەشىردىكى يۇمشاق دېتالنى سېتىشقا باشلىغان . بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يەككە باھاسى 129 ئامېرىكا دوللىرى ، بەش كومپيۇتېرغا قاچىلىغىلى بولىدىغان نۇسخىسى 199 ئامېرىكا دوللىرى بولغان .
ئالما شېركىتى 2001 - يېلى MAC OC X مەشغۇلات سىستېمىسىنى بازارغا سالغاندىن بۇيان جەمئىي بەش قېتىم يېڭىلاش ئىلىپ بارغان بولۇپ ، بۇ ئالتىنچى قېتىملىقى . بەشىنچى قېتىملىق يېڭىلانغان نەشرىنىڭ نامى '' يولۋاس '' ئىدى ، بۇ قېتىمسىنىڭ نامى '' ئامېرىكا قاپلىنى '' بولدى .
ئىگەللىنىشگە قارىغاندا '' ئامېرىكا قاپلىنى '' مەشغۇلات سىستېمىسىنى مىكروسوفت Windows مەشغۇلات سىستېمىلىرى بىلەن قوش قوزغاتقۇچلۇق قىلىپ بىر كومپيۇتېرغا قاچىلىغىلى بولىدىكەن .
نۆۋەتتە ئالما كومپىيۇتېرلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن ، '' ئامېرىكا قاپلىنى '' مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بازارغا سېلىنىشى ئالما كومپىيۇتېرلىرىنىڭ سېتىلىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن .
ئۈچىنچى تەرەپ شىركىتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا ، بازاردا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Windows مەشغۇلات سىستېمىسى كومپيۇتېر بازىرىنى كونترول قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما MAC OC X مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان ئالما كومپىيۇتېرلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ناھايىتى تىز سۈرئەتتە ئۆرلەشكە باشلىغان . كوپ يىللاردىن بۇيان ئالما شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى 2 پىرسەنتتىن3 پىرسەنتكە بولۇپ كەلگەن ئىدى ، بىراق Gartner شىركىتىنىڭ يېقىنقى دوكلاتىغا قارىغاندا ، ئالما شىركىتىنىڭ ئامېرىكا كومپيۇتېر بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يوقىرى كۆتۈرۈلۈپ 8 پىرسەنتكە يەتكەن .
ئالما شىركىتىنى iPod ۋاسىتە قويغۇچنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىق مودا ئېقىمى بولىشىغا ئەگىشىپ ، Windows ئىشلەتكۈچلىرى ئالما شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرى ۋە لايىھىلەش ئۇسلۇبى بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىغان . ھازىر ئالما شىركىتىنىڭ تىگىشچان كونترول ئېكران ئۇسلۇبىدىكى ئىقتىدارلىق يانفۇنلىرى دۇنيا مىقياسىدا ئالقىشقا ئېرىشمەكتە .
ئالما شىركىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، يېقىندىن بۇيان ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغان خېرىدارلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئىلگىرى MAC OC X سىستېمىسى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان ئىكەن .
سىلىشتۈرما قىلىپ كورىدىغان بولساق ، مىكروسوفت شېركىتىمۇ بۇ يىل بېشىدا ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ Vista مەشغۇلات سىستېمىسىنى بازارغا سالغان ، بىراق يۇمشاق دېتال ماسلىشىشچانلىقى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ، Vista ئەيىبلەشكە ئۇچراپ تۇردى . بىر قىسىم كومپيۇتېر ساتىدىغان ئورۇنلار Vista سېتىۋالغان خېرىدارلارنىڭ زورۇر تېپىلغاندا مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشىگە قولايلىق بولسۇن ئۇچۇن ھەقسىز XP مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەمىنلىدى .
'' ئامېرىكا قاپلىنى '' ئەسلى پىلاندا بۇ يىل ئالتىنچى ئايدا بازارغا سىلىنىش پىلانلانغان ، بىراق ئالما شىركىتى ئادەم كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ iPhone يانفۇننىڭ بازارغا سېلىنىشىنى كاپالەتكە ئىلىش ئۇچۇن ئەسلىدىكى بازارغا سىلىنىش ۋاقتىنى ئارقىغا سۈرگەن .

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: TwoSak ، ۋاقتى: 2007-10-27 12:11 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: TwoSak ، ۋاقتى: 2007-10-29 17:39 [/i]]



Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە ئۆكتەبىر 28, 2007 3:18 pm

قارلۇق شىركىتىگە ۋەدە بىرىپتىكەنتۇق ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنىمۇ قۇشۇش ھەققىدە.
قانداق قىلغاندۇ؟

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار