joomla نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى !!! چۈشۈرىۋېلىڭ

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
hanjar
يازمىلار: 17
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئىيۇل 29, 2010 9:40 am
ئالاقىلىشىش:

joomla نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى !!! چ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان hanjar » يەكشەنبە يانۋار 16, 2011 5:31 am

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار كەمىنە خەنجەردىن سىلەرگە سالام ... قانداق ئەھۋالىڭلار ؟
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك joomla نىڭ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى نۇرغۇن قىينچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ 2010-يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پۈتكەن ئىدى . ھەقىقەتەن ئاسان توختىمىدى . بۇ تىل بولىقى ئالدى بەت ۋە ئارقا بەت ھەممىسىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . 95 % ئەتراپىدا پۈتتى . ئۇ ۋاقىتتا مەن تىل ھۆججىتىنى joomla تەرەپ ئورگان بېتىگە يوللاپ قويۇپ كېرەك بولغانلارغا ئادرىسىنى بەرگەن ئىدىم ، بولمىسا ئورگان بېتىدىن ئۇيغۇر دەپ ئىزدىسىمۇ تېپىلىشىدا شەك يوق ئىدى. قارىسام نۇرغۇن تورداشلار تاپالماپتۇ ، ھەم سەپەرۋەرلىك يازمىسىنى ئېلان قىلغىلى ئۇزۇن بولغاندىن كېيىن قانداق بولدى دەپ ئاغرىنغانلارمۇ بولدى . ئەسلىدە پۈتكەندىلا ئۇيغۇرچە بەتلەردىمۇ ئېلان قىلىپ بىراقلا تارقاتماقچى بولغان ئىدىم . لېكىن قارىسام ئۇنى ئىشلىتىش دەسلەپ باشلىغانلارغا سەل تەس كېلىشى مۇمكىنكەن سەۋەبى ئۇ ئەنئەنىۋى تور بەت باشقۇرۇشقا ئوخشىمايدىكەن ، لېكىن ئەنئەنىۋى تور باشقۇرۇش سېستىمىسىنى ئەستىن كۆتۈرۈۋەتكەندە ھەققەتەن ئوڭاي ۋە قولايلىق دېيىشكە بولىدۇ . بۇ جەھەتتە ماتىرىياللار ئاساسەن ئېنگلىزچە بولۇپ خەنزۇچە ماتىرىياللارمۇ كەم سەۋەبى بۇ ئۇلارنىڭ يېزىقىدا ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، قالايمىغان كود چىقىۋالىدىكەن ، خۇددى بىز ئۆلچەملىك utf-8 قىلمىغان چاغدا كۆرۈلگەن كودلارغا ئوخشاش . ھەم مەنمۇ ئۆگەنگۈچى بولغاچقا ئىلگىرلەش ئاستا بولدى . ئەلۋەتتە بۇ يېڭىچە تور بەت سېستىمىسى بولغانلىقتىن دەرسلىكنى بىللە ئېلىپ مېڭىش زۆرۈر ئىدى . شۇنداق بولغاندا ھەۋەسكارلار زېرىكىپ قالمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم . ھەم مەنمۇ ئۇندىن كېيىن بىر مەزگىل تورغا چىقالمىدىم . ئەمدى يەنە سوزىلىپ كەتسە بولمىغۇدەك .... قىزىققۇچىلار بولسا ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ تەتقىق قىلغاچ تۇرسا دىگەن ئۈمۈدتىمەن . joomla مۇناسىۋەتلىك يازمىلار [url=http://hanjar.com]خەنجەر تورىدا[/url] بار كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ .

قاچىلاش قوللانمىسىنى نورۇز ئەپەندىم ئىشلەپ بەرگەن ئىدى . ئۇ تېمىنىڭ بىلىكتىكى ئادرىسى : [url]http://www.bilik.biz/bbs/thread-22883-1-1.html[/url]
خەنجەر تورىدىكى ئادىرىسى : [url]http://hanjar.com/joomla/tarjimah/71-2010-10-10-11-00-58.html[/url]

ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى بولسا : ئورگان تەرەپ تور بېتىدىكى ئادرىسى : [url]http://joomlacode.org/gf/project/ug-uy/frs/[/url]
خەنجەر تورىدىكى ئادرىسى : [url]http://hanjar.com/ug-uy_Unitag_U[/url] ... _Full.1.5.20_v1.zip

قاچىلاش ئۇسۇلى: ئاۋۋال joomla سېستىمىسنى چۈشۈرۈپ ، قاچىلايسىز بۇنى نورۇز ئەپەندى قوللانمىسىدا ناھايىتى ئەترپلىق سۆزلىگەن . ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقنى چۈشۈرۈپ ، ئۇنى يەشمەيلا باشقۇرۇش بېتىگە كىرىپ قاچىلاش دىگەن يەرگە مۇشۇ ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز ، ئاندىن تەڭشەككە كىرىپ كۆڭۈلدىكى قىممەتكە ئۇيغۇرچە دىگەننى تاللايسىز تامام . ئەمدى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن css تىن خەت شەكلنى تەڭشەيسىز ئەلۋەتتە ، eot نىمۇ ئۇلاشنى ئۇنۇتماڭ . بىز تېخى editor قىسمىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشتە بىرەر ئۇسۇل تپالمىغان ئىدۇق . تور خۇمار تورىدا بۇنىڭغىمۇ يول چىقىپتۇ ، ئۇ تېمىنىڭ ئادرىسى : [url]http://www.torhumar.com/uyghurinput-for-wordpress.html[/url]
joomla مۇ ئاشۇ تېمىدىكى editor نى ئىشلىتىدۇ ، ھەم خالىسىڭىز باشقا editor لارنى قوشۇش ھەم مۇمكىن .

بۇ ھەقتە دەرىسلىكەر ھەم ئىشلىنىۋاتىدۇ دېققىتىڭىز [url=http://hanjar.com]خەنجەر تورىدا[/url] بولسۇن .بۇ بىر مەزگىل ۋاقىتلىق تورغا چىقالماسلىقىم مۇمكىن ، لېكىن ئۇزۇن ئەمەس . شۇنىڭدىن باشلاپ تېمىلار ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بولسىلا joomla تەتقىقاتى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ . ئىشلىتىپ سىنىغانلار كۆرۈلگەن مەسلە ۋە خاتا تەرجىملەرنى ئىنكاستا قالدۇرۇپ قويۇشىڭلارنى قارشى ئالىمىز ، كېيىنكى نەشىرىدە تۈزىتىشكە پايدىسى بولار. خەنجەر تەرجىمە گۇرۇپپىىسىغا ئەزا بولىدىغانلارنى قارشى ئالىمىز .

قولاي پۇرسەتتە شۇنىمۇ سورىۋالسام مەن ئىشلىتىۋاتقان بوشلۇق bluehost ئىشلىشى يامان ئەمەس ، بولسا ياخشىراق بوشلۇق بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار ،سۈرەت تېز ، cpu ,iis , ئېقىم مىقدارى قاتارلىقلار چەكلەنمەيدىغان دۆلىتىمىزدە تېز ئېچىلىدىغان چەتئەل بوشلۇقى بولسا ياخشى بولاتتى . يەنە بىر ئىقتىدارى gzip نى قوللىشنى ئۈمۈد قىلىمەن .



hanjar
يازمىلار: 17
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئىيۇل 29, 2010 9:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان hanjar » سەيشەنبە يانۋار 18, 2011 7:36 am

ئۇيغۇرچە joomla كۆرۈپ بېقىش ئادرىسى : [url]http://sinaq.hanjar.com/[/url]
باشقۇرۇش بېتىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز : [url]http://sinaq.hanjar.com/administrator[/url]
كىرىش ئىسمى : admin پارول : admin888

يۇقىرقى مەزمۇنلار پەقەت تورداشلارنىڭ joomla ئۈنۈم ۋە ئىقتىدارىنى كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈنلا يوللاندى .شۇڭا مەزمۇن يوللاپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ . لېكىن پارولنى ئۆزگەرتىپ يۈرمەڭ ، ئەخلاقلىق بولايلى . تەكلىپ پىكىر بولسا قارشى ئالىمىز .

karakash
يازمىلار: 27
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇل 10, 2007 10:06 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان karakash » سەيشەنبە يانۋار 18, 2011 8:08 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي! بولسا xoops نىمۇ تەرجىمە قىلىدىغان بۇرادەرلەر چىقسا بەك خوشال بولاتتىم!

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » جۈمە يانۋار 21, 2011 11:49 am

كۆپچىلىككە ياخشى سوۋغات سۇنغىنىڭىزغا تەشەككۈر!

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار