[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • ھاياسىزلار مەخسۇس تور نامى بۆلىكى.xxx ...
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

ھاياسىزلار مەخسۇس تور نامى بۆلىكى.xxx ...

يېزىلغان: جۈمە سېنتەبىر 09, 2011 12:43 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri
ئالدىنقى يىلدىن باشلاپ تالاش-تارتىش قىلىنغان مەخسۇس جىنسىيەت ۋە چوڭلارغا ئائىت مەزمۇنلار ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مەخسۇس تور نامى بۆلىكى .xxx كىلەر ھەپتىنىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشىدۇ.
بۇ تور نامىغا قارشى تۇرغۇچىلاردىن قوللىغۇچىلار كۆپ بولغاچ بۇ يىل 3-ئايدا تور نامى تېزىملاش ئورگىنى ICM Registry تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلىنىپ،ئاشكارە زاكاس تېزىملاش ئىقتىدارى ئېچىۋىتىلگەن.تىزىملىتىلغاندىن كىيىنكى تور نامى [url]http://www.abc.xxx[/url] شەكىلدە بولىدۇ. يىللىق ھەققى 60دوللار. ICM Registry تەرىپىدىن تېزىملىنىدۇ. دۆلىتىمىزدە بۇ خىل تورنامى تىزىملاش چەكلەنگەن.
قوللىغۇچىلارنىڭ پىكىرى بولسا بارلىق مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى مەخسۇس مۇشۇ تور نامى بۆلىكىگىلا يۈكلەپ، ئالاھىدە ئورۇنلاردا مۇشۇ تور نامى بۆلىكنىلا چەكلەپ، ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان زىياننى ئازايتىش.
قارشى تۇرغۇچىلار بولسا توردىن بۇنداق مەزمۇنلارنى ئۈزۈل كىسىل تازلاش ھەم مۇتلەق جىنسى ئېچىۋىتىشچانلىققا قارشى تۇرۇش.
يەنە بىر مۇھىم سەۋەب بولسا، بەزى قانۇنسىز شەخىس-تەشكىلاتلار داڭلىق يەر-جاي، داڭلىق كىشى، مۇھىم ئاتالغۇ، شىركەت-دۆلەت ناملىرىنى بۇ تور نام بۆلىكىگە تېزىملىتىپ قانۇنسىز مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش.ICM Registry بۇنىڭغا قارىتا 70 مىڭدىن ئارتۇق تور نامىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
[color=Red]تورداشلار ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇشۇ بۆلەك تور نامى بايقىسا دۆلەت مىللىي-دىنني ئىشلار ئورۇنلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ICM Registry غا ئىنكاس يازساق بولىدۇ.[/color]

يېزىلغان: جۈمە سېنتەبىر 09, 2011 5:08 pm
تەرىپىدىن يوللانغان serdar
مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىنسانىيەتكە زىيانلىق، كەلگۈسى ئەۋلادلار نەسلىنى خارابلاشتۇرىدىغان بۇ خىل ئىسىم، تور بېكەت قاتارلىقلارغا قارشى بىلەت تاشلايمەن..

يېزىلغان: چارشەنبە ئۆكتەبىر 05, 2011 3:28 am
تەرىپىدىن يوللانغان EnQa
ئوبدان ئىشكەن، جىنىسىيەت دىمەك ھاياسىزلىققا تەڭداش گەپ ئەمەس، تور نامى مۇشۇنداق بولسا سۈزىۋېتىشكە قولاي بولىدۇ، تورخانا ۋە مەكتەپلەردە چەكلەپ قويسىلا ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بوغدا دوختۇرخانىسى دىگەندەك جايلارمۇ مۇشۇنداق تورلاردىلا ئېلان بەرسە بولىدۇ، تېلىۋۇزۇرنى ئىگىلىۋالماي.

يېزىلغان: چارشەنبە ئۆكتەبىر 05, 2011 3:30 am
تەرىپىدىن يوللانغان EnQa
بۇ تور ناملىرى تەركىۋىدىن سېرىق مەزمۇندىكى تور بەتلەرنى چەكلەش زۆرۈر، ئىككىسى ئارلىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

يېزىلغان: شەنبە ئۆكتەبىر 29, 2011 8:51 am
تەرىپىدىن يوللانغان karakash
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بەلكىم مۇشۇ يول ئارقىلىق نورمال تور بەتلەر بىلەن سېرىق توربەتلەر ئوتتۇرىسىدا پەرق مەيدانغا كەلگۈسى. ئەمما بۇنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىىكى تور بەتلەردە ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن مەزكۇر پەرقنىڭ ئاۋال بىزنىڭ توربەت قۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا مەيدانغا كېلىشى كېرەك!