جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

ئويغان كىرگۈچ ھەققىدە ياردەم

يېزىلغان: پەيشەنبە يانۋار 15, 2009 6:44 pm
تەرىپىدىن يوللانغان azghun
ئەسسالام كەڭ ئۇستازلار، مەن سىلەردىن بىر ياردەم سورىماقچى ئىدىم، شۇڭا سىلەرنىڭ ياردەم قىلىشىڭلارنىڭ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈتۈنىمەن.
مەن ئويغان كىرگۈزگۈچىنى قاچىلىسام دائىم word نىڭ تىز ئىجرا قىلىش كۇنۇپكىسى ئىشلىمەيدۇ، يەنى 快捷键 ئىشلىمەيدۇ، بۇ نىمە ئۈچۈن؟
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغا تىز ئىجرا قىلىش كۇنۇپكىسى كۆچۈرۇش ctrl+c ، پۇتۇن تاللاش crtl+a ، چاپلاش crtl+v دېگەندەك، مۇشۇ سۇئالىمغا جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن.
رەھمەت...................

يېزىلغان: جۈمە يانۋار 16, 2009 2:22 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
ctrl+c ، پۇتۇن تاللاش crtl+a ، چاپلاش crtl+v نىڭ ئىشلىمەسلىكى ئويغان بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئاۋال ئويغانننى يۇيىۋىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ. يەنە شۇنداق بولامدۇ -يوق؟

يېزىلغان: چارشەنبە يانۋار 21, 2009 6:31 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan
بۇ سوئالغا ئىنتىل ئەپەندىم توغرا جاۋاب بېرىپتۇ.
------------------
3-قېتىملىق فونت تۈزەش پائالىيىتى تولۇق تاماملانغاندا، تۈزىتىلگەن فونتلار «ئويغان» كىرگۈزگۈچكە قوشۇلۇپ تارقىتىلىدۇ. باشقا تەكلىپ پىكىرىڭلار بولسا ئايىمىغايسىلەر...

يېزىلغان: سەيشەنبە فېۋرال 03, 2009 6:22 am
تەرىپىدىن يوللانغان OZHAN
سىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىدە تۇرۇپ Ctrl + C نى باسسىڭىز ئەلۋەتتە تىزلەتمە كۇنۇپكا ھالىتىدە ئىشلىمەيدۇ ئەكىسچە Ctrl=ctrl بولىدۇ ، c=غ بولىدۇ شۇڭلاشقا ، سىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىنگىلىسچىگە تاللاپ ئاندىن سىناڭ !

يېزىلغان: چارشەنبە فېۋرال 04, 2009 2:22 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
مىنىڭكىدە ھەممىسى نورمال ئىشلىدى. (ئويغان كىرگۈزگۈچ.)
ئويغان كىرگۈزگۈچ ھالىتىدە، سىز دىگەن بۇيرۇقلارنى مەن دائىم ئىشلىتىمەن، بۇنداق ئەھۋال سادىر بولمىدى.
ئىنگىلىزچىگە ئالماشتۇرمىغان ھالەتتىمۇ توغرا ئىشلىسە ئاندىن بولىدۇ. يۇقاردىكى ozhan ناملىق تورداش دىگەندەك بولۇپ قالسا ئۇ ھالدا ئويغان كىرگۈزگۈچنىڭ خاتالىقى بولغان بولىدۇ. ئۇنداق خاتالىق مىنىڭكىدە كۆرۈلمىدى.
سىز ئەڭ يىڭى نۇسخىسنى چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈپ بىقىڭ. officeنى قايتا قاچىلاپ كۆرۈپ بىقىڭ، ئويغان كىرگۈزگۈچنى باشقا كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ سىناپ بىقىڭ. ئۇنداق ئەھۋال بولمايدۇ.