كۈمۈش ئوق:ئۇيغۇرچە فونتلار قايسى ئىجازەتنامىدە

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
kumushoq
يازمىلار: 25
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 13, 2009 9:44 am
ئالاقىلىشىش:

كۈمۈش ئوق:ئۇيغۇرچە فونتلار قايسى ئىجازەتنامىدە

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kumushoq » جۈمە ماي 01, 2009 9:11 am

مەن بۇ سوئالنى سوراش ئارقىلىق بىر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالماقچىمەن، ئۇيغۇرچە فونتلار ھازىر ئاساسەن ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقسىز، بىراق تارقاتقۇچىلار ئۈچۈن ھەقلىق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ مېنىڭ چۈشەنچەم، بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچىلەرنى تەڭقىسلىقتا قويۇۋاتىدۇ، چۈنكى يېڭى يۇمشاق دېتالغا ئۇيغۇرچە فونت قوشۇپ تارقىتاي دېسە، فونت ئىشلىگۈچىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمىز، قوشماي تارقىتاي دېسە، ھازىر ھەممە ئۇيغۇرنىڭ كومپىيۇتېرىدا چوقۇم قاچىلاقلىق دەپ ھۆددە قىلغۇدەك فونت يوق. نەتىجىدە ھەر بىر يۇمشاق دېتال ياسىغۇچى ئىشنى ئۆزىنىڭ فونتىنى ياساشتىن باشلاشقا توغرا كېلدىغان ھالەت شەكىللىنىۋاتىدۇ، مەسلەن غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى، يۇلغۇن ئەپەندىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ فونتى بار. مېنىڭچە بۇ خىل ھالەت توغرا ئەمەس، ئۇ ئەمگەكنىڭ قايتىلنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەپ قويۇۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرچە فونتلارنىڭ شۇنچە كۆپ بولۇشىغا قارىماي ئۇلارنىڭ تارقىتىلىشىدىكى پىرىنسىپ مۈجىمەل. مەن بۇندىن كېيىن فونت ياسىغۇچىلارغا مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن، ئىشلىگەن فونتلىرىڭلارنىڭ قايسى ئىجازەتنامىغا ئەمەل قىلدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويساڭلار، تۆۋەندە مەن يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆپ قوللىندىغان بىر نەچچە ئىجازەتنامىنى تونۇشتۇراي.
gpl ئەگەر بۇ ئىجازەتنامىنى ئىشلەتسىڭىز، سىزنىڭ فونتىڭىزنى ياكى كودىڭىزنى ئىشلەتكەن ئادەم ئۆزى ياسىغان دېتالنىڭ كودىنىمۇ چوقۇم ھەقسىز تارقىتىشى كېرەك. بىراق ئۇ كىشى سىزنىڭ فونتىڭىزنى ھەقسىز ئىشىلتىدۇ.
lgpl بۇ ئىجازەتنامە بويىچە باشقىلار سىزنىڭ فونت ياكى كودىڭىزنى ھەقسىز ئىشىلتىپ ئۆزى دېتال ياساپ ساتسا بولىدۇ، ئۆزىنىڭ كودىنى ئېلان قىلىش ھاجەتسىز، ئەمما بىر شەرت، ئەگەر ئۇ كىشى سىزنىڭ فونت ياكى كودىڭىزغا قارىتا مەلۇم ياخشىلاشلارنى ئېلىپ بارغان بولسا، شۇ ئۆزگەرتىشلەرنى چوقۇم ئېلان قىلىشى شەرت.
apache 2.0 بۇنىڭدا lgpl دىكى چەكلىمىمۇ يوق، باشقىلار سىزنىڭ كود ياكى فونتىڭىزنى ھەقسىز ئىشىلتىشكە بولىدۇ، ھېچقانداق شەرت قويۇلمايدۇ.

ئەگەر يۇقارقى ھېچقانداق ئىجازەتنامىگە ئەمەل قىلمىسىڭىز، سودا خاراكتېرلىك بولىدۇ، كىشىلەر سىزنىڭ فونتىڭىز ياكى كودىڭىزنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن سىزگە ھەق تۆلىشى شەرت.

ئەمدىكى مەسىلە، ئۇيغۇرلاردا شۇنچە كۆپ فونتلارنىڭ ئىچىدە lgpl ياكى ھېچبولمىسا gpl ئىجازەتنامىسىغا چۈشىدىغان فونت بارمۇ يوق، بولسا ئېلان قىلساڭلار، سىلەردىن خوش بوپ قالاي.



kumushoq
يازمىلار: 25
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 13, 2009 9:44 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kumushoq » شەنبە ماي 02, 2009 10:32 am

ئۇ ك ئى ج ناسق فونتىنى تونۇيالماي، ئۇنى مۇھەممەت ئابدۇللا ئەپەندى ئۆزى ئىشلىگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن، كەچۈرۈم سورايمەن، بىراق ئالدىدىكى سوئالىم يەنىلا كۈچكە ئىگە.

Tiken
يازمىلار: 1
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 03, 2009 10:36 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Tiken » سەيشەنبە ئىيۇن 09, 2009 8:15 pm

ھىچقانداق جاۋاب يوققۇ؟
بىر ئايدىن ئىشىپتۇ بولمىسا سورالغىلى؟باشقۇرغۇچىلار كۆرمىدىمۇ ياكى جاۋاب بېرىشنى خالىمىدىمۇ؟

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » پەيشەنبە ئىيۇن 11, 2009 8:07 pm

UKIJ فونتلىرى مەلۇم بىر ئىجازەتنامىگە چۈشىدۇ دەپ ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن. ئەمما، ئۇنى ھەر قانداق كىشى ھەقسىز ئىشلەتسە، ھەقلىق ياكى ھەقسىز يۇمشاق دېتاللىرىغا قوشۇپ تارقاتسا، خاتالىقلارنى بايقىغان بولسا مەلۇم قىلسا ۋە سۈپىتىنى ياخشىلاپ سەرخىللاشتۇرۇپ [url]http://ukij.org/fonts[/url] گە قويۇپ تارقاتسا بولىدۇ. يۇقىرىدىكىلەرگە ئاساسەن ئۇ فونتلارنى lgpl ئىجازەتنامىسىگە چۈشىدۇ دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ.

kumushoq
يازمىلار: 25
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 13, 2009 9:44 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kumushoq » شەنبە ئىيۇن 20, 2009 3:46 pm

رەھمەت، بۇ ئىش ماڭا ئالەمچە چوڭ ياخشىلىق بىلىندى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر پروگىراممېرلار تېخىمۇ يۈرەكلىك بۇ فونتلارنى ئىشىلتىپ ياخشى دېتاللارنى ئىشلەپ چىققۇسى، ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ خىزمەتلىرىمۇ يەردە قالماس، ئەگەر لازىم بولسا شەخسەن مەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشقا ھەر ۋاقىت تەييار.
ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ كەسپىيلىكىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن ئېلان قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىنىمۇ قوشۇپ قويسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار