غەيرى Unicode لۇق دېتاللارنى نورمال كۆرسىتىش تېخنىكىسى

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
afrasyap
يازمىلار: 14
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە نويابىر 03, 2007 4:24 am
ئالاقىلىشىش:

غەيرى Unicode لۇق دېتاللارنى نورمال كۆرسىتىش تېخنى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasyap » چارشەنبە سېنتەبىر 08, 2010 9:51 am

Unicode نى قوللىمايدىغان دېتاللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش باش ئاغرىتىۋاتقان مەسىللەرنىڭ بىرى. ئەرەبلەر قانداق قىلغاندۇ؟ دېگەن قىزىقىش بىلەن توردىن ئىزدەپ كۆرسەم ئەرەبلەرنىڭ بىر ئامالى باركەن.
تۆۋەندىكى رەسىم ئەرەبچە Winrar نى ئىجرا قىلدۇرغاندىكى ئەھۋال. قارىساق خەتلەر پۈتۈنلەي قالايمىقان كۆرۈندۇ.
[img]http://www.microsoft.com/middleeast/Arabicdev/Windows/tools/images/AppLocale/figure1.gif[/img]

ئۇنىڭ ئەرەبچە خېتىنى نورمال كۆرسىتىشنىڭ مۇنداق ئىككى ئامالى بار ئىكەن.
1. ۋىندوۋسنىڭ كونتىرول تاختسىغا كىرىپ، <رايون ۋە تىل> دىكى <باشقۇرۇش> قا كىرسەك، <غەيرى Unicode پىروگىرامما تىلى> دەپ بىر يەر باركەن. ئۇ يەردىكى <سىستېما رايون سەپلىمىسنى ئۆزگەرتىش> دېگەن كۇنۇپكىنى باسساق تىللارنىڭ تىزىملىكى باركەن، شۇنىڭ ئىچىدىن ئەرەبچە (ئۇيغۇرچە) نى تاللاپ قويساق كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلدىكەن، قايتا قوزغاتساق يوقارقى رەسىمدىكى قالايمىقان كۆرۈنگەن خەتلەر نورمال كۆرۈندىكەن.[مەن ۋىندوۋس 7 دە مەشغۇلات قىلدىم، ۋىندوۋس XP دىمۇ شۇنداق يەر بار، ئازراق ئوخشىمايدۇ]
ئەمما، بۇ ئۇسۇلدا تەڭشەپ قويساق، بەزى خەنزۇچە دېتاللاردىكى خەنزۇچە خەتلەر قالايمىقان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىپ، نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن. بىز جۇڭگودا بولغاندىكىن خەنزۇچە دېتاللارنى ئىشلەتمەيمىز دېيەلمەيمىز، شۇڭا بۇ ئۇسۇل تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

2. مەخسۇس دېتال ئىشلىتىش. مىكروسوفىتنىڭ مۇشۇ مەسلىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىدىغان مەخسۇس بىر دېتالى بار ئىكەن.
ئۇ Microsoft AppLocale دېگەن دېتال بولۇپ، بۇ دېتالنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلدى.
[img]http://www.microsoft.com/middleeast/Arabicdev/Windows/tools/images/AppLocale/figure3.gif[/img]
خېتىنى نورمال كۆرسەتمەكچى بولغان دېتالنى كۆرسىتىپ بېرىمىز.

[img]http://www.microsoft.com/middleeast/Arabicdev/Windows/tools/images/AppLocale/figure5.gif[/img]

بۇ يەردىن نورمال كۆرسەتمەكچى بولغان تىلنى تاللايمىز. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىمۇ بار. ئاۋۇ دېتال ئەرەبچە بولغاچقا، بىز ئەرەبچىنى تاللايمىز.
[img]http://www.microsoft.com/middleeast/Arabicdev/Windows/tools/images/AppLocale/figure6.gif[/img]

بۇ يەردىن تېزلەتمە قۇردىغان، قۇرمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيمىز. تامام
[img]http://www.microsoft.com/middleeast/Arabicdev/Windows/tools/images/AppLocale/figure7.gif[/img]

ماۋۇ رەسىمدىكىدەك Microsoft Applocale نىڭ ئىچىگە بىز بەلگىلىگەن دېتالنىڭ تېزلەتمىسنى قۇرىدۇ. شۇنى ئىجرا قىلدۇرساق دېتالنىڭ خەتلىرى نورمال كۆرۈندۇ.
[img]http://www.microsoft.com/middleeast/Arabicdev/Windows/tools/images/AppLocale/figure8.gif[/img]

مەن Winrar نىڭ خېتىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ سىناپ باقتىم، <ھۆججەت> دەپ يازسام، دېتالنى قوزغاتقاندا <ۆ، ئە> ھەرپلىرى كۆرۈنمەي، باشقا ھەرپلەر كۆرۈنۋاتىدۇ. دېمەك، مۇشۇنىڭغا ماس خەت نۇسىخسى بولسا ئۇيغۇرچىنىمۇ نورمال كۆرسىتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار.
بۇ ھالەتتىكى تىل ھۆججىتى ANSI فورماتىدا كودلانغان. ANSI نى قوللايدىغان ئۇيغۇرچە فونت ياساشقا بولامدۇ-بولمامدۇ؟ كۆپچىلىك ئىزدىنىپ باقساق.
ماۋۇ رەسىمدىكىسى مەن "ھۆججەت" دېگەن خەتنى يازغاندىكى ھالەت. قىزىل رامكىغا ئېلىنغان يەرگە قاراڭلار.
[img]http://www.alip.tk/data/attachment/forum/201009/08/171306wc5im4p4nzgi5gwr.jpg[/img]

بەزى رەسىملەر نورمال كۈرۈنمىسە مەنبەگە كىرىپ كۆرەرسىلەر.
مەنبەسى: [url=http://www.alip.tk/forum.php?mod=viewthread&tid=95]ئالىپ تور بېتى http:/www.alip.tk[/url]



salahiddin
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان salahiddin » چارشەنبە سېنتەبىر 08, 2010 10:53 am

«قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش»

ئەپەندى، سىزدىكى بىلىمگە زاكات كەلمەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟

afrasyap
يازمىلار: 14
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە نويابىر 03, 2007 4:24 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasyap » چارشەنبە سېنتەبىر 08, 2010 11:08 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]salahiddin[/i] ، ۋاقتى: 2010-9-8 16:53 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3722&ptid=815][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
«قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش»

سىزدىكى بىلىمگە زاكات كەلمەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟[/quote]

نېمە دېمەكچى سىز؟ بىلىمگە زاكات كېلىدىكەن دەپ مەخسۇس تور بەت قۇرۇپ، بىلدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسنى يېزىۋاتقاندىمەن؟!

«قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش» دېگەن سۆزنى مەن يېزىپ قويمۇدۇم، تور بەت سېستىمىسى ئاپتۇماتىك چىقىرىپ قويغان خەت. ئۇ ئالاھىدە نەرسىمۇ ئەمەس، شۇ بىر تال رەسىم. رەسىمنى قوشۇمچە ھۆججەت شەكىلدە يوللىغان سىستېما شۇنداق تەڭشەكلىك ئىكەن.
بىر قۇر خەتكە ئېسىلۋالماي، ماۋۇ تېما ئۈستىدە گەپ بولسا قىلمامسىز.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: afrasyap ، ۋاقتى: 2010-9-8 17:11 [/i]]

salahiddin
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان salahiddin » چارشەنبە سېنتەبىر 08, 2010 11:30 am

نېمانچە ئاچچىقىلايسىز؟ مەن شۇ كۆپرەك ئادەم نەپلەنسۇن دەپ سورىدىم. بەتنى سىز تەڭشىگەنسىز؟ ھەقسىز ئالبۇملار تولىغۇ؟

afrasyap
يازمىلار: 14
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە نويابىر 03, 2007 4:24 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasyap » چارشەنبە سېنتەبىر 08, 2010 11:37 am

Discuz!x نىڭ ئۇ يەرلىرىنى تەڭشەشنى بىلەلمەيۋاتىمەن، سىز بىلسىڭىز دەپ بېرىڭە، شۇنداق تەڭشەپ قوياي.

salahiddin
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان salahiddin » چارشەنبە سېنتەبىر 08, 2010 11:43 am

پەرىزىمچە ئەزا ھوقۇقىنى بەلگىلەيدىغان جاي بولىشى كېرەك. قاراپ بېقىڭ. نۇرقۇت، ئىنتىللار بۇنى بىلمەي قالمايدۇ.

QUTBILIK
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە يانۋار 16, 2008 11:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان QUTBILIK » چارشەنبە سېنتەبىر 08, 2010 4:37 pm

بىر ئوبدان تىمىنى بۇزمايلى :victory: :Q
تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك تىما ئىكەن . :handshake
باشقا دىتاللارنىمۇ سىناپ باقىلى، ئۈنىمى قانداقراقكىن .:P

afrasyap
يازمىلار: 14
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە نويابىر 03, 2007 4:24 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasyap » پەيشەنبە سېنتەبىر 09, 2010 1:45 am

ئەرەبچە بۇنداق دېتاللار خېلى بار. مەسلەن Internet download manager نىڭ تىل تاللاش تۈرىدە ئەرەبچە بار. ئەرەبچىگە توغرىلىساق خەتلەر نورمال كۆرۈنمەيدۇ.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار