جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

غەيرى Unicode لۇق دېتاللارنى نورمال كۆرسىتىش تېخنى

يېزىلغان: چارشەنبە سېنتەبىر 08, 2010 9:51 am
تەرىپىدىن يوللانغان afrasyap
Unicode نى قوللىمايدىغان دېتاللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش باش ئاغرىتىۋاتقان مەسىللەرنىڭ بىرى. ئەرەبلەر قانداق قىلغاندۇ؟ دېگەن قىزىقىش بىلەن توردىن ئىزدەپ كۆرسەم ئەرەبلەرنىڭ بىر ئامالى باركەن.
تۆۋەندىكى رەسىم ئەرەبچە Winrar نى ئىجرا قىلدۇرغاندىكى ئەھۋال. قارىساق خەتلەر پۈتۈنلەي قالايمىقان كۆرۈندۇ.
[img]http://www.microsoft.com/middleeast/Arabicdev/Windows/tools/images/AppLocale/figure1.gif[/img]

ئۇنىڭ ئەرەبچە خېتىنى نورمال كۆرسىتىشنىڭ مۇنداق ئىككى ئامالى بار ئىكەن.
1. ۋىندوۋسنىڭ كونتىرول تاختسىغا كىرىپ، <رايون ۋە تىل> دىكى <باشقۇرۇش> قا كىرسەك، <غەيرى Unicode پىروگىرامما تىلى> دەپ بىر يەر باركەن. ئۇ يەردىكى <سىستېما رايون سەپلىمىسنى ئۆزگەرتىش> دېگەن كۇنۇپكىنى باسساق تىللارنىڭ تىزىملىكى باركەن، شۇنىڭ ئىچىدىن ئەرەبچە (ئۇيغۇرچە) نى تاللاپ قويساق كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلدىكەن، قايتا قوزغاتساق يوقارقى رەسىمدىكى قالايمىقان كۆرۈنگەن خەتلەر نورمال كۆرۈندىكەن.[مەن ۋىندوۋس 7 دە مەشغۇلات قىلدىم، ۋىندوۋس XP دىمۇ شۇنداق يەر بار، ئازراق ئوخشىمايدۇ]
ئەمما، بۇ ئۇسۇلدا تەڭشەپ قويساق، بەزى خەنزۇچە دېتاللاردىكى خەنزۇچە خەتلەر قالايمىقان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىپ، نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن. بىز جۇڭگودا بولغاندىكىن خەنزۇچە دېتاللارنى ئىشلەتمەيمىز دېيەلمەيمىز، شۇڭا بۇ ئۇسۇل تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

2. مەخسۇس دېتال ئىشلىتىش. مىكروسوفىتنىڭ مۇشۇ مەسلىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىدىغان مەخسۇس بىر دېتالى بار ئىكەن.
ئۇ Microsoft AppLocale دېگەن دېتال بولۇپ، بۇ دېتالنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلدى.
[img]http://www.microsoft.com/middleeast/Arabicdev/Windows/tools/images/AppLocale/figure3.gif[/img]
خېتىنى نورمال كۆرسەتمەكچى بولغان دېتالنى كۆرسىتىپ بېرىمىز.

[img]http://www.microsoft.com/middleeast/Arabicdev/Windows/tools/images/AppLocale/figure5.gif[/img]

بۇ يەردىن نورمال كۆرسەتمەكچى بولغان تىلنى تاللايمىز. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىمۇ بار. ئاۋۇ دېتال ئەرەبچە بولغاچقا، بىز ئەرەبچىنى تاللايمىز.
[img]http://www.microsoft.com/middleeast/Arabicdev/Windows/tools/images/AppLocale/figure6.gif[/img]

بۇ يەردىن تېزلەتمە قۇردىغان، قۇرمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيمىز. تامام
[img]http://www.microsoft.com/middleeast/Arabicdev/Windows/tools/images/AppLocale/figure7.gif[/img]

ماۋۇ رەسىمدىكىدەك Microsoft Applocale نىڭ ئىچىگە بىز بەلگىلىگەن دېتالنىڭ تېزلەتمىسنى قۇرىدۇ. شۇنى ئىجرا قىلدۇرساق دېتالنىڭ خەتلىرى نورمال كۆرۈندۇ.
[img]http://www.microsoft.com/middleeast/Arabicdev/Windows/tools/images/AppLocale/figure8.gif[/img]

مەن Winrar نىڭ خېتىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ سىناپ باقتىم، <ھۆججەت> دەپ يازسام، دېتالنى قوزغاتقاندا <ۆ، ئە> ھەرپلىرى كۆرۈنمەي، باشقا ھەرپلەر كۆرۈنۋاتىدۇ. دېمەك، مۇشۇنىڭغا ماس خەت نۇسىخسى بولسا ئۇيغۇرچىنىمۇ نورمال كۆرسىتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار.
بۇ ھالەتتىكى تىل ھۆججىتى ANSI فورماتىدا كودلانغان. ANSI نى قوللايدىغان ئۇيغۇرچە فونت ياساشقا بولامدۇ-بولمامدۇ؟ كۆپچىلىك ئىزدىنىپ باقساق.
ماۋۇ رەسىمدىكىسى مەن "ھۆججەت" دېگەن خەتنى يازغاندىكى ھالەت. قىزىل رامكىغا ئېلىنغان يەرگە قاراڭلار.
[img]http://www.alip.tk/data/attachment/forum/201009/08/171306wc5im4p4nzgi5gwr.jpg[/img]

بەزى رەسىملەر نورمال كۈرۈنمىسە مەنبەگە كىرىپ كۆرەرسىلەر.
مەنبەسى: [url=http://www.alip.tk/forum.php?mod=viewthread&tid=95]ئالىپ تور بېتى http:/www.alip.tk[/url]

يېزىلغان: چارشەنبە سېنتەبىر 08, 2010 10:53 am
تەرىپىدىن يوللانغان salahiddin
«قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش»

ئەپەندى، سىزدىكى بىلىمگە زاكات كەلمەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟

يېزىلغان: چارشەنبە سېنتەبىر 08, 2010 11:08 am
تەرىپىدىن يوللانغان afrasyap
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]salahiddin[/i] ، ۋاقتى: 2010-9-8 16:53 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3722&ptid=815][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
«قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش»

سىزدىكى بىلىمگە زاكات كەلمەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟[/quote]

نېمە دېمەكچى سىز؟ بىلىمگە زاكات كېلىدىكەن دەپ مەخسۇس تور بەت قۇرۇپ، بىلدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسنى يېزىۋاتقاندىمەن؟!

«قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش» دېگەن سۆزنى مەن يېزىپ قويمۇدۇم، تور بەت سېستىمىسى ئاپتۇماتىك چىقىرىپ قويغان خەت. ئۇ ئالاھىدە نەرسىمۇ ئەمەس، شۇ بىر تال رەسىم. رەسىمنى قوشۇمچە ھۆججەت شەكىلدە يوللىغان سىستېما شۇنداق تەڭشەكلىك ئىكەن.
بىر قۇر خەتكە ئېسىلۋالماي، ماۋۇ تېما ئۈستىدە گەپ بولسا قىلمامسىز.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: afrasyap ، ۋاقتى: 2010-9-8 17:11 [/i]]

يېزىلغان: چارشەنبە سېنتەبىر 08, 2010 11:30 am
تەرىپىدىن يوللانغان salahiddin
نېمانچە ئاچچىقىلايسىز؟ مەن شۇ كۆپرەك ئادەم نەپلەنسۇن دەپ سورىدىم. بەتنى سىز تەڭشىگەنسىز؟ ھەقسىز ئالبۇملار تولىغۇ؟

يېزىلغان: چارشەنبە سېنتەبىر 08, 2010 11:37 am
تەرىپىدىن يوللانغان afrasyap
Discuz!x نىڭ ئۇ يەرلىرىنى تەڭشەشنى بىلەلمەيۋاتىمەن، سىز بىلسىڭىز دەپ بېرىڭە، شۇنداق تەڭشەپ قوياي.

يېزىلغان: چارشەنبە سېنتەبىر 08, 2010 11:43 am
تەرىپىدىن يوللانغان salahiddin
پەرىزىمچە ئەزا ھوقۇقىنى بەلگىلەيدىغان جاي بولىشى كېرەك. قاراپ بېقىڭ. نۇرقۇت، ئىنتىللار بۇنى بىلمەي قالمايدۇ.

يېزىلغان: چارشەنبە سېنتەبىر 08, 2010 4:37 pm
تەرىپىدىن يوللانغان QUTBILIK
بىر ئوبدان تىمىنى بۇزمايلى :victory: :Q
تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك تىما ئىكەن . :handshake
باشقا دىتاللارنىمۇ سىناپ باقىلى، ئۈنىمى قانداقراقكىن .:P

يېزىلغان: پەيشەنبە سېنتەبىر 09, 2010 1:45 am
تەرىپىدىن يوللانغان afrasyap
ئەرەبچە بۇنداق دېتاللار خېلى بار. مەسلەن Internet download manager نىڭ تىل تاللاش تۈرىدە ئەرەبچە بار. ئەرەبچىگە توغرىلىساق خەتلەر نورمال كۆرۈنمەيدۇ.