UKIJ نىڭ 3.0 نەشرىدىكى يېڭى فونتلىرىنى سىناشقا قاتنىشىڭ!!!

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

UKIJ نىڭ 3.0 نەشرىدىكى يېڭى فونتلىرىنى سىناشقا قات

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » شەنبە نويابىر 13, 2010 12:56 pm

[size=4]



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە نويابىر 13, 2010 1:55 pm

چۈشۈرۈشكە ئامال بولمىدى [url]http://u.115.com/invite/a1c00347[/url] غا بولسىمۇ يوللاپ قويسىڭىز.
ياكى [email]yolyar@qq.com[/email] غا يوللاپ بىرىڭ، مەن ئىنتىل سەيناسىنىڭ بوشلۇقىغا قويۇپ ئۇلىنىش قالدۇراي.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2010-11-13 19:58 [/i]]

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » شەنبە نويابىر 13, 2010 3:19 pm

مەن يەنە بىر قانچە خەنزۇچە قوشۇلغان خەت نۇسخىسى ياسىغان ئىدىم، بۇلارنى يانفونلاردا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ، بولۇپمۇ نوكىيا تېلېفونىدا، ۋىندوۋس موبائىل تېلېفونلىرىغا ماس كېلىدۇ، بۇنىمۇ چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: [url]http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip[/url]
يوللانغان فونت جەمئىي تۆت دانە بولۇپ، بىرىنچىسى ئالپ-يانفون دېگەن فونت بولۇپ، بۇنى ئاندىرويىت مەشغۇلات سىستېمىسىدا تەمىنلەنگەن ھەقسىز فونتتىن پايدىلىنىپ ياسالغان. ئىككىنچىسى ئالپ-نوكىيا ناملىق فونت بولۇپ، نوكىيا تېلېفونىدىكى سىستېما خەت نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپلەر قوشۇپ ئىشلەنگەن، ئۈچىنچىسى Alp_SimHei ناملىق خەت نۇسخىسى بولۇپ، بۇنى گوگولنىڭ ئاندىرويىت مەشغۇلات سىستېمىسىدا تەمىنلەنگەن ھەقسىز فونتتىن پايدىلىنىپ ياسالغان. تۆتىنچىسى، Alp_SimSun نامىدىكى خەت نۇسخىسى بولۇپ، بۇنىڭغا 9 پىكسىلدىن 18 پىكسىلغىچە چېكىتلىك خەت تەسۋىرى چۈشۈرۈلگەن.
ئاندىرويىت، ۋىندوۋس موبائىل، سامسۇڭ، موتورولا قاتارلىق يانفونلاردا بۇ تۆت خىل فونتنى سىناپ ئىشلىتىپ بېقىشىڭلارنى، ھەمدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
نوكىيا تېلېفونىدا ‹ئە› ھەرىپىمىزنىڭ ئۇلانماسلىق مەسىلىسىدە، مەن ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق تىرىشتىم، ئەمما بۇنى فونت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولمايدىكەن. مەن فونتنىڭ ئۇلىنىش قائىدىسىگىمۇ ئامال ئىشلىتىپ باقتىم، ئەمما كار قىلمىدى. FontRuiter قاتارلىق قوراللاردىنمۇ پايدىلىنىپ باقتىم، بۇمۇ كار قىلمىدى، ھەر خىل سىناقلاردىن كېيىن، شۇنى سەزدىمكى، سىمبىيان سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى كىرگۈزگەندە ياكى كۆرگەندە، سىستېما بۇ ھەرپلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا، بەزى ئايرىم ھەرپلەرنى بولۇپمۇ ‹ئە›، ‹ئى›، ‹ئې› دېگەندەك ھەرپلەرنى ۋە سۆزنىڭ ئاخىرىدا كېلىدىغان ھەرپلەرنى كېڭەيتىلگەن رايوندا كۆرسىتىپ قويىدىكەن، ھەممە ھەرپلەر ئاساسىي رايوندا كۆرسىتىلگەن بولسا، ‹ئە› ھەرىپىنىڭ مەسىلىسىنى يەنە مەلۇم ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىشقا بولاركەنتۇق (ۋىندوۋستا بۇرۇن بىز ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشىنى USP10.dll دىن كۆرگىنىمىزدەك، نوكىيا تېلېفونىدىمۇ شۇنداق بىرەر ھۆججەت باردەك قىلىدۇ، ئەگەر شۇ ھۆججەتتە <ئە> توغرا كۆرسىتىلگەن بولسا، ئە ھەرىپى ئۇلىنىشى مۇمكىن)، ئەمما مېنىڭچە بۇ مۇمكىن ئەمەسكەن. شۇڭا، بىز نوكىيا شىركىتىگە بۇ ئەھۋاللارنى تەپسىلىي قىلىپ ئىنكاس قىلىپ باقساق، ئۇلار بۇنىڭغا كۆڭۈل بولۇپ قالسا، بۇ مەسىلە ئاخىرقى ھېسابتا ھەل بولىدىغاندەك قىلىدۇ. ئەمما، شۇنى بېلىشىمىز كېرەككى، ‹ئە› مەسىلىسىنىڭ ئۇلانماسلىقى، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بىر قىسىم قوشما ھەرپلەرنى يۇنىكودقا مەجبۇرىي قىستۇرۇۋالغانغا ئوخشاش ئۆزىمىزدىكى خاتالىق، بۇ خىل خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ جەريانى بەك مۇرەككەپ.
شۇنداق بولسىمۇ، ھەر ھالدا بىرلا ھەرپ ئۇلانماي قالغاندىمۇ، باشقا ھەرپلىرىمىز ناھايىتى نورمال، بەلكى سەل بىئارام قىلسىمۇ، ھەر ھالدا يوقتىن ياخشى، مەسىلىلەر ھەل بولغىچە، مۇشۇ تەرىقىدە ئىشلىتىپ تۇرساق بولىدىغاندەك قىلىدۇ، نوكىيا شىركىتى بىزنىڭ يېزىقلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ قالسا، بۇ فونتلىرىمىزدىكى ‹ئە› شۇ ۋاقىتتا نورمال ئۇلىنىدىغان بولىدۇ.
بۇ توغرىسىدا كۆپچىلىكنىڭمۇ ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنمۇ نوكىيا تېلېفونىدا ئە ھەرىپىنى ئۇلاش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىمەن، نەتىجىسى چىقسا بەك ياخشى بولاتتى.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2010-11-13 21:29 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2010-11-15 02:14 [/i]]

Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » دۈيشەنبە نويابىر 15, 2010 5:09 am

ئالدى بىلەن جاپاكەش ئۇستاز تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندىنىڭ مىھنەتسىز ئەمگىكىگە ئاپىرىن.
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Alpsoft[/i] ، ۋاقتى: 2010-11-13 21:19 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3805&ptid=834][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
مەن يەنە بىر قانچە خەنزۇچە قوشۇلغان خەت نۇسخىسى ياسىغان ئىدىم، بۇلارنى يانفونلاردا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ، بولۇپمۇ نوكىيا تېلېفونىدا، ۋىندوۋس موبائىل تېلېفونلىرىغا ماس كېلىدۇ، بۇنىمۇ چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: [url]http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip[/url]
يوللانغان فونت جەمئىي تۆت دانە بولۇپ، بىرىنچىسى ئالپ-يانفون دېگەن فونت بولۇپ، بۇنى ئاندىرويىت مەشغۇلات سىستېمىسىدا تەمىنلەنگەن ھەقسىز فونتتىن پايدىلىنىپ ياسالغان. ئىككىنچىسى ئالپ-نوكىيا ناملىق فونت بولۇپ، نوكىيا تېلېفونىدىكى سىستېما خەت نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپلەر قوشۇپ ئىشلەنگەن، ئۈچىنچىسى Alp_SimHei ناملىق خەت نۇسخىسى بولۇپ، بۇنى گوگولنىڭ ئاندىرويىت مەشغۇلات سىستېمىسىدا تەمىنلەنگەن ھەقسىز فونتتىن پايدىلىنىپ ياسالغان. تۆتىنچىسى، Alp_SimSun نامىدىكى خەت نۇسخىسى بولۇپ، بۇنىڭغا 9 پىكسىلدىن 18 پىكسىلغىچە چېكىتلىك خەت تەسۋىرى چۈشۈرۈلگەن.[/quote]
مۇمكىن بولسا ئالما سىستىمىلىرىغا ماس كىلىدىغان بىرەر فونت ھەققىدە ئىزدىنىپ باققان بولسىلا.:handshake
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Alpsoft[/i] ، ۋاقتى: 2010-11-13 21:19 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3805&ptid=834][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئاندىرويىت، ۋىندوۋس موبائىل، سامسۇڭ، موتورولا قاتارلىق يانفونلاردا بۇ تۆت خىل فونتنى سىناپ ئىشلىتىپ بېقىشىڭلارنى، ھەمدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.[/quote]
مەن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە سىناپ جاۋابىنى قالدۇراي.
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Alpsoft[/i] ، ۋاقتى: 2010-11-13 21:19 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3805&ptid=834][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
نوكىيا تېلېفونىدا ‹ئە› ھەرىپىمىزنىڭ ئۇلانماسلىق مەسىلىسىدە، مەن ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق تىرىشتىم، ئەمما بۇنى فونت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولمايدىكەن. مەن فونتنىڭ ئۇلىنىش قائىدىسىگىمۇ ئامال ئىشلىتىپ باقتىم، ئەمما كار قىلمىدى. FontRuiter قاتارلىق قوراللاردىنمۇ پايدىلىنىپ باقتىم، بۇمۇ كار قىلمىدى، ھەر خىل سىناقلاردىن كېيىن، شۇنى سەزدىمكى، سىمبىيان سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى كىرگۈزگەندە ياكى كۆرگەندە، سىستېما بۇ ھەرپلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا، بەزى ئايرىم ھەرپلەرنى بولۇپمۇ ‹ئە›، ‹ئى›، ‹ئې› دېگەندەك ھەرپلەرنى ۋە سۆزنىڭ ئاخىرىدا كېلىدىغان ھەرپلەرنى كېڭەيتىلگەن رايوندا كۆرسىتىپ قويىدىكەن، ھەممە ھەرپلەر ئاساسىي رايوندا كۆرسىتىلگەن بولسا، ‹ئە› ھەرىپىنىڭ مەسىلىسىنى يەنە مەلۇم ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىشقا بولاركەنتۇق (ۋىندوۋستا بۇرۇن بىز ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشىنى USP10.dll دىن كۆرگىنىمىزدەك، نوكىيا تېلېفونىدىمۇ شۇنداق بىرەر ھۆججەت باردەك قىلىدۇ، ئەگەر شۇ ھۆججەتتە <ئە> توغرا كۆرسىتىلگەن بولسا، ئە ھەرىپى ئۇلىنىشى مۇمكىن)، ئەمما مېنىڭچە بۇ مۇمكىن ئەمەسكەن. شۇڭا، بىز نوكىيا شىركىتىگە بۇ ئەھۋاللارنى تەپسىلىي قىلىپ ئىنكاس قىلىپ باقساق، ئۇلار بۇنىڭغا كۆڭۈل بولۇپ قالسا، بۇ مەسىلە ئاخىرقى ھېسابتا ھەل بولىدىغاندەك قىلىدۇ. ئەمما، شۇنى بېلىشىمىز كېرەككى، ‹ئە› مەسىلىسىنىڭ ئۇلانماسلىقى، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بىر قىسىم قوشما ھەرپلەرنى يۇنىكودقا مەجبۇرىي قىستۇرۇۋالغانغا ئوخشاش ئۆزىمىزدىكى خاتالىق، بۇ خىل خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ جەريانى بەك مۇرەككەپ.[/quote]
بىلىك كۇلۇبىدىن كۈمۈش ئوق ئەپەندى بۇجەھەتتە خىلى بۇرۇن ئىزدەنگەن . بىلىشىمچە بۇ سىستىما يادروسىدىكى مەسىلە دىگەنغۇ دەيمەن.
ھازىر يىڭى چىققان Memoسىستىمىدا بۇ چاتاق ئوڭشىلىپتۇ. قارىغاندا راستلا سىستىما چاتىقىدەك قىلىدۇ.
مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق كەسپىي تىخنىكلىرىمىز ئۆزئارا ئالاقىلىنى ئۈزۈپ قويماي، ئۆزئارا ھەمكارلاشساڭلار ياخشى بولاتتى. نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ تەكرار بولۇپ قىلىشىغا مۇشۇنداق ھەممەيلەن ئۆز ئالدىغا ئىز قىلىش سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.
ئۈمۈدۈم ،ئىشرلىرىمىز يۈرۈشسۇن.

nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » دۈيشەنبە نويابىر 15, 2010 8:00 am

بۇ كىچىك پروگرامما [url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=834]UKIJ نىڭ 3.0 نەشرىدىكى يېڭى فونتلىرىنى سىناشقا قاتنىشىڭ![/url] دىكى فونت سىناش ئىھتىياجى ئۈچۈن يېزىلدى. نۆۋەتتە سىناققا قويۇلغان فونت ئىسىملىرى قوشۇلىۋاتىدۇ. بۇ بەت ئارقىلىق كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خەت نومۇرلىرىدىكى ئۈنۈمنى كۆرگىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى خەت ئىسىملىرىنى چەكسىڭىز بەت يۈزىدىكى خەتلەر شۇ خەت نۇسخىسىدا كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئاۋۋال سىناق ئۈچۈن يوللانغان [url=http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip]UKIJ نىڭ 3.0 نەشرىدىكى يېڭى فونتلىرىنى چۈشۈرۈشىڭىز كېرەك.[/url] ئۇيغۇرچە فونتلارنى سەرخىللاشتۇرۇش ئۈچۈن كومپيۇتېر ساھەسىدىكى كەسىپداشلارنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئاممىۋىي مەنپەئەتنى ئەلا كۆرۈپ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

قولايلىق سىناق قىلىش ئادرېسى: [url=http://www.nurqut.com/lab/public/ukijfont3test.php]بۇ يەردىن كىرىڭ[/url]

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » دۈيشەنبە نويابىر 15, 2010 3:35 pm

مەن ئالما مەشغۇلات سىستېمىسىدا ھازىرقى فونتلارنى سىناق قىلدىم، مەسىلە كۆرۈلمىدى، ۋىندوۋستا ئىشلەتكەندەك ئىشلىتىۋاتىمەن، ئەمما ئالما مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆزىدە تەمىنلەنگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە تازا كۈنەلمىدىم. ئالما تېلېفونىدا سىناق قىلالمىدىم، ئەمما ئالما تېلېفونىغا ئىشلىتىلگەن مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ، ئالما كومپيۇتېرىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، شۇڭا ئالما سىستېمىلىرىدا نوكىيانىڭ سىمبىيان سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىستېمىسىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ئۇچرىمايدىكەن.
ئەگەر، بىر قانچە نوكىيانىڭ سىمبىيان سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىستېمىسىنى چۈشىنىدىغان تورداشلار بىر يەرگە جەم بولالىغان بولساق، بۇ مەسىلىنىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلەيتۇق دەپ ئويلايمەن. بۈگۈن شىركىتىمىزدىكى بىرەيلەن نوكىيانىڭ سىمبىيان 3- ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىيچىشىپ يۈرۈپ، خېلى كۆپ يېرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپتۇ، ھەم ئالپ-نوكىيا دېگەن فونتنى قويۇپتىكەن، خەنزۇچە خەتلەر بىلەن ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشى نورمال كۆرۈنۈپتۇ، بۇنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم. بىزنىڭ يەنە بىر خىزمەتدىشىمىزنىڭ نوكىيا سىمبىيان مەشغۇلات سىستېمىسىغا بولغان چۈشەنچىسى خېلى چوڭقۇر، ئۇ ھازىر ھېيتلىق ئائىلىسىگە قايتقان ئىدى، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدا ھېيتتىن كېيىن ئىزدەنمەكچى بولدۇق.
نۇرقۇت تورىنىڭ سىناق بېتى مېنى بەك سۈيۈندۈردى، سىلەرنىڭ بۇ ئەمگىكىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر. قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن. ناھايىتى ياخشى سىناق بولۇپتۇ، بۇنىڭدا ھەرپلەرنى تولىمۇ ياخشى كۆرگىلى بولىدىكەن. سىناق جۈملىسىنىڭ كەينىگە چېكىت-پەش، سوئال، ئۈندەش، سىزىق، سىزىقچە ۋە بىر قانچە لاتىنچە ھەرپلەرنى قىستۇرۇپ قويغان بولساڭلار، بۇنىڭدا، ئۇيغۇرچە ھەرپلەر بىلەن تىنىش-بەلگىلەر ۋە لاتىنچە ھەرپلەرنىڭ ماسلاشقان-ماسلاشمىغانلىقىنىمۇ ياخشى سىنىغىلى بولاتتىكەنتۇق.
سىناق بېتىگە كىرگۈزۈلگەن فونتلارنىڭ لاتىنچە مۇندەرىجىسىنى بولسا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تىزماي، ئوڭدىن-سولغا، چېكىتلىك پەش بىلەن ئايرىپ تىزغان بولسا، كۆرگەزمە بېتىنىڭ ئاستىدىكى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى كۆرۈشكە تېخىمۇ قۇلايلىق بۇلاتتىكەنتۇق. مەسىلەن: 1) UKIJ Bom؛ 2) UKIJ Chechek؛ 3) UKIJ Orqun Basma؛ 4) UKIJ Orqun Yazma؛ 5) UKIJ Qolyazma Tuz؛ 6) UKIJ Qolyazma Yantu … دېگەندەك.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2010-11-15 21:41 [/i]]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە نويابىر 15, 2010 3:55 pm

nurqut قا تەشەككۈر، ھەممىمىز قولىمىزدىن كىلىشىچە تەشۋىق قىلايلى ھەم سىنايلى.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » دۈيشەنبە نويابىر 15, 2010 9:35 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

تۇرسۇنجاننىڭ بۇ پائالىيەتنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىگە رەھمەت.

ئۇيغۇرچە فونتلارنى مەخسۇس تۈر سۈپىتىدە سىستېمىلىق باشقۇرۇش ھەم ھەمكارلىشىپ تۈر ئىشلەشنى يولغا قويۇش ئۈچۈن Google دا [url=http://www.svn8.com/svnjs/20090608/6307.html]SVN[/url] ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان تۈر تەسىس قىلىندى. فونت ئۇستىلىرى بۇندىن كېيىن خالىغان ۋاقىتتا بۇ تۈرگە قاتنىشىپ يېڭىلاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. UKIJ رەھبەرلىرى يېڭىلىقلارنى قەرەلىك تەكشۈرۈپ، ئەزالارنىڭ سىنىشىدىن ئۆتسە فونتلارنىڭ نۇسخىسىنى يېڭىلاپ تارقىتىدۇ. تۈر ئادرېسى [url]http://code.google.com/p/ukijorgfonts/[/url] . بۇ پەقەت SVN ئارقىلىق تۈر باشقۇرۇشنى بىلىدىغان فونت ئۇستىلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلاندى.

مەن فونلارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئامالنىڭ بارىچە تېزلىكتە يوللاشقا تىرىشىمەن.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » دۈيشەنبە نويابىر 15, 2010 9:53 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]nurqut[/i] ، ۋاقتى: 2010-11-15 14:00 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3809&ptid=834][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بۇ كىچىك پروگرامما UKIJ نىڭ 3.0 نەشرىدىكى يېڭى فونتلىرىنى سىناشقا قاتنىشىڭ! دىكى فونت سىناش ئىھتىياجى ئۈچۈن يېزى ... [/quote]
نۇرقۇت ئەپەندىنىڭ سىناشنى قولايلىقلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئىزدەنگىنى بەك ياخشى بوپتۇ.

مۇمىكىن بولسا غەيرەت ئەپەندىمنىڭ [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=436&extra=&page=2[/url] دىكى 15-قەۋەتتىكى يازمىسىدىكى بارلىق ھەرپلەرنىڭ ھەممە شەكلىنى كۆرسىتىدىغان تېكست ئىشلىتىلگەن بولسا تېخىمۇ قولايلى بولار ئىكەن. ئۇندىن باشقا تىنىش بەلگىلىرى، رەقەم ۋە لاتىنچە ھەرپلەرنى قوشۇشنىمۇ ئويلىشىپ باقسىڭىز...

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » دۈيشەنبە نويابىر 15, 2010 10:01 pm

دەسلەپكى بايقىشىم:

مەن بۇرۇن [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=436&extra=&page=2[/url] دىكى يازمىنىڭ 14-قەۋىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان UKIJ Tuz Tom دىكى ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ ۋە ئە لەرنىڭ ئوتتۇرا شەكلىدىكى مەسىلە تېخى تۈزىتىلمىگەندەك قىلىدۇ...

[img]http://www.ukij.org/eza/oyghan/tests/o.png[/img]
[img]http://www.ukij.org/eza/oyghan/tests/hmefghq.png[/img]

تەپسىلىي پىكىرىمنى كېيىنچە ئېلان قىلىمەن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار