UKIJ نىڭ 3.0 نەشرىدىكى يېڭى فونتلىرىنى سىناشقا قاتنىشىڭ!!!

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » سەيشەنبە دېكابىر 07, 2010 2:04 pm

[size=4]ئۇيغۇر يېزىقىدىكى « ھ » ھەرىپىنىڭ قانچە خىل شەكلى بار دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مەنمۇ خېلى بۇرۇنلا ئويلانغان ئىدىم. ئالدىنقى قېتىملىق ۋە ھازىرقى مۇھاكىمىلىرىمىزدىمۇ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئېنىقسىزلىق بار، يەنى قايىل قىلارلىق ئىسپات تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۈزۈمنىڭ بۇ توغرىسىدا ئىزدەنگەندىن كېيىنكى بىر قىسىم پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي.
بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا مەن « ھ » نى تۆت خىل شەكلى بىلەن ياساپ كېلىۋاتىمەن. ئالدىنقى يىلى مەن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى « ھ » نىڭ قانچە خىل يېزىلىشى توغرىسىدا پىشقەدەم خەتتاتلار بىلەن كۆرۈشتۈم، بۇ پىشقەدەم ئۇستاز ئۆز ۋاقتىدا بېيدا فاڭجېڭ، خۇاگۇاڭ، چاۋجې قاتارلىق نوپۇزلۇق مەتبەئە سىستېمىلىرىغا خەت نۇسخىسى شەكىللىرىنى يېزىپ بەرگەن، ھەم ياساش ئىشلىرىغا قاتناشقان ئۇستاز بولۇپ، ئۇنىڭدىن مەن «ھ» ھەرپنى قانچە خىل شەكىلدە ياساش كېرەكلىكىنى سورىغاندا، ئۇ كىشىنىڭ ماڭا بەرگەن جاۋابى تۆت خىل شەكىلدە ئىشلەش لازىم دېدى. مەن يەنە، ئەمىسە بىر قىسىم ئېلىپبە كىتابلاردا 2 لا شەكلى بار ئىكەن، بۇ نېمە سەۋەبتىن شۇنداق بولغان دەپ سورىغاندا، ئۇ ماڭا تۆۋەندىكىدەك تەپسىلىي جاۋابنى بەردى:
1) ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئېلىپبەلەرنىڭ خەتلىرى ئاساسەن قولدا يېزىلىپ، سايىلاپ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن، شۇ سەۋەبتىن «ھ» ھەرىپىنىڭ 2 لا شەكلى كىرگۈزۈلۈپ قېلىنغان، كېيىنكى نەشرلەردىكى يېڭى ئېلىپبەلەردىمۇ، بۇرۇنقى ھالىتىدە قايتا-قايتا شۇنداق نەشىر قىلىنىپ كەلگەن.
2) ئەرەب يېزىقىدا ھ نىڭ 4 خىل شەكلى بار، يەنى « ھـ ـھـ ـە ە» بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىدىكى ئىككىسىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا «ھ» دەپ، كېيىنكى ئىككى خىل شەكلىنى «ئە» دەپ قوبۇل قىلىنغاچقا، بۇرۇنقى ئېلىپبەلەردە «ھ» ئىككى خىل شەكىلدە بېرىلىپ كەلگەن، ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا «ھ» نىڭ سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىمۇ ئۇلىنىپ ياكى يالغۇز ھالەتتە كېلىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، مەيلى باسما خەت نۇسخىلىرىدا بولسۇن، ياكى خەتتاتلىقتا بولسۇن، ئومۇمەن «ھ» نىڭ ئاخىرقى شەكلى ئۇزارتىلىپ ئېلىنىدىغان بولدى. مەسىلەن: پاھ، ئاھ، تەنبىھ دېگەندەك. شۇڭا، خۇاگۇاڭ قاتارلىق مەتبەئە سىستېمىلىرىدا ياسىلىۋاتقان خەت نۇسخىلىرىدا بىردەك «ھ» نىڭ تۆت خىل شەكلى ئېلىنغان، شۇڭا ھازىر ئېلان قىلىنىۋاتقان نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللار، كىتابلارنىڭ ھەممىسىدە «ھ» نىڭ 4 خىل شەكلىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
3) بىز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىسلاھ قىلغاندا، ئاساسەن ئەرەب يېزىقىنى ئۆرنەك قىلىپ تۇرۇپ ۋە بىر قىسىم ھەرپلەرنى پارس، ئوردۇ، پوشتۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەرپلىرىدىنمۇ ئۆرنەك ئېلىپ ئىسلاھ قىلغان. شۇڭا، بۇ يېزىق ئازادلىقتىن كېيىن ئىسلاھ قېلىنغاندا، ئېلىپبە كىتابلاردا «ھ» ئىككى خىل شەكىلدە، ئۆ بىلەن ئو نى بىرلا ئو بىلەن، ئۈ بىلەن ئۇ نى بىرلا ئۇ بىلەن ئىپادىلىگەن، يەنە ھازىرقى «ئى» ھەرىپىمۇ پارس يېزىقىدىن ئۆرنەك ئىلىنىپ «يـ ـيـ ـى ـى» شەكلىدە يېزىلغان، يەنى شينجاڭ، خەليق، شيمال دېگەندەك يېزىلغان، ئەمما بۇ خىل ئەھۋاللار قىسقا ۋاقىت داۋاملىشىپلا قايتا ئىسلاھ قىلىنىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، «ي» بىلەن «ى»، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ ھەرپلىرى ئېنىق ئايرىلىش بىلەن بىرگە، «ھ» ھەرىپىمۇ ھازىرقى ئوردۇ يېزىقىدىكى «ھ» ھەرپىگە ئوخشاش 4 خىل شەكىلدە يېزىلىدىغان بولغان. ئەمما، كىشىلەرنىڭ ئادەتلىنىپ كەتكەنلىكى ۋە «ھ» ھەرىپىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلىتىلىشىنىڭ بەك كۆپ بولمىغانلىقى، بولۇپمۇ بۇ ھەرپنىڭ سۆزنىڭ ئاخىرىدا كېلىشى تېخىمۇ ئاز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، كىشىلەردە ھ ھەرىپىنىڭ سىز سورىغاندەك سوئاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇقەررەر. «ھ» ھەرىپى ئۇيغۇر، قازاق يېزىقىدىلا بار، قىزغىز يېزىقىدا يوق. قازاق تىلىدىكى ئىشلىتىلىش چاستوتىسى ئۇيغۇر تىلىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاز، يوق دېيەرلىك، پەقەر بىر قىسىم چەتئەل تىللىرىدىن ۋە ئۇيغۇر تىلىدىن قوبۇل قىلغان سۆزلەردىلا ئۇچرايدۇ.
يۇقىرىقىلار مەن ئۇ كىشىدىن سورىغان «ھ» ھەرىپى توغرىسىدىكى سوئاللار.
تۆۋەندىكىلىرى بىر قىسىم نوپۇزلۇق مەتبۇئات، نابۇرچىلىق سىستېمىلىرىدا ھازىر ئىشلىتىلىنىۋاتقان خەت نۇسخىلىرىدىكى «ھ» ھەرىپىنىڭ ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان ۋە يالغۇز شەكلىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم.
بېيدا فاڭجېڭ نابۇرچىلىق سىستېمىسىدىن ئىككى دانە خەت نۇسخىسىدىن ئېلىنغان «ھ» ھەرىپىنىڭ رەسىمى:
FZWWShuBai خەت نۇسخىسىدىكى « ھ » ھەرىپىنىڭ ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى بىلەن يالغۇز شەكلى.
[img]http://www.intil.biz/tima/fz1.jpg[/img]

FZWWShuHei خەت نۇسخىسىدىكى « ھ » ھەرىپىنىڭ ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى بىلەن يالغۇز شەكلى.
[img]http://www.intil.biz/tima/fz2.jpg[/img]

خۇاگۇاڭ نابۇرچىلىق سىستېمىسىدىن ئىككى دانە خەت نۇسخىسىدىن ئېلىنغان «ھ» ھەرىپىنىڭ رەسىمى:
HGWW_JYB1 خەت نۇسخىسىدىكى « ھ » ھەرىپىنىڭ ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى بىلەن يالغۇز شەكلى.
[img]http://www.intil.biz/tima/hg1.jpg[/img]

HGWW_JYTLKH خەت نۇسخىسىدىكى « ھ » ھەرىپىنىڭ ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى بىلەن يالغۇز شەكلى.
[img]http://www.intil.biz/tima/hg2.jpg[/img]

چاۋجې نابۇرچىلىق سىستېمىسىدىن ئىككى دانە خەت نۇسخىسىدىن ئېلىنغان «ھ» ھەرپىنىڭ رەسىمى:
WWB3 خەت نۇسخىسىدىكى « ھ » ھەرىپىنىڭ ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى بىلەن يالغۇز شەكلى.
[img]http://www.intil.biz/tima/chj1.jpg[/img]

WWXBK خەت نۇسخىسىدىكى « ھ » ھەرىپىنىڭ ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى بىلەن يالغۇز شەكلى.
[img]http://www.intil.biz/tima/chj2.jpg[/img]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تىل-يېزىق كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆلچەملەشتۈرۈلۈپ تارقىتىلغان ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە خەت نۇسخىلىرىدىن ئېلىنغان ئۆرنەك:
Ukk kfa1 خەت نۇسخىسىدىكى « ھ » ھەرىپىنىڭ ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى بىلەن يالغۇز شەكلى.
[img]http://www.intil.biz/tima/ukk1.jpg[/img]

ukk tza1 خەت نۇسخىسىدىكى « ھ » ھەرىپىنىڭ ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى بىلەن يالغۇز شەكلى.
[img]http://www.intil.biz/tima/ukk2.jpg[/img]

مىكروسوفت شىركىتى ۋىستا ۋە ۋىندوۋس يەتتىلەرگە ئىشلەتكەن مىكروسوفت ئۇيغۇر دېگەن خەت نۇسخىسىدىن ئېلىنغان ئۆرنەك:
Microsoft Uighur خەت نۇسخىسىدىكى « ھ » ھەرىپىنىڭ ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى بىلەن يالغۇز شەكلى.
[img]http://www.intil.biz/tima/MS_Uighur.jpg[/img]

دۆلەت ئۇچۇر مىنىستىرلىكى ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش باش ئىدارىسى دۆلىتىمىزدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، يىزۇ، زاڭزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرىنىمۇ خەلقئارا يۇنىكود ئۆلچىمى بويىچە ئېلان قىلغان دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان خەت نۇسخىسىدىن ئېلىنغان ئۆرنەك:
SimSun18030 خەت نۇسخىسىدىكى « ھ » ھەرىپىنىڭ ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى بىلەن يالغۇز شەكلى.
[img]http://www.intil.biz/tima/simsun18030.jpg[/img]

يۇقىرىدا ئۆتنەك رەسىم ئېلىپ كۆرسەتكەن خەت نۇسخىلىرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ: [url]http://www.intil.biz/tima/fonts.rar[/url]
شۇ ۋاقىتتا مەن يەنە پىشقەدەم ئۇستازلاردىن يەنە بىر قانچە سوئاللارنىمۇ سورىغان ئىدىم، مەسىلەن:
1) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئـ ـئـ» (ھەمزە) ۋە قىرغىز يېزىقىدىكى «ئـ ـئـ ـئ ئ» ئۈستىدە سورىغان سوئالىمنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىدەك.
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئـ ـئـ» (ھەمزە) مۇستەقىل تاۋۇش ئەمەس، مەنا ئاڭلاتمايدۇ، پەقەت سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ بېشىدا كەلگەندە، شۇ سوزۇق تاۋۇشنىڭ يالغۇز شەكلىنى ھاسىل قىلىپ، ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن پەرىقلەندۈرۈلىدۇ. مەسىلەن: ئالما، ئەينەك، ئۆردەك، ئۈرۈك دېگەندەك. سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا كەلگەندە ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئاخىرىسىدىكىسىنىڭ سوزۇلۇپ ئوقۇلۇشى نەتىجىسىدە، ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىلىقىغا ھەمزە قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئائىلە، بىئولوگىيە، تەبىئەت دېگەندەك. بۇ خىل ئەھۋال، ئىككى سوزۇق تاۋۇش ھەرىپى ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەندە ئارقىدىكى ھەرپ سوزۇپ ئوقۇلىدۇ، ھەم ئىككى سوزۇق تاۋۇشنى ئايرىش رولىنى ئۆتەيدۇ.
قىرغىز يېزىقىدا بۇ ھەرپنىڭ «ئـ ـئـ ـئ ئ» دەك تۆت خىل شەكلى بار بولۇپ، بۇ ھەرپ مۇستەقىل مەنا ئاڭلىتىدۇ. بۇ ھەرپ قىرغىز يېزىقىدا «ئى» (i) تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.
شۇڭا، خەت نۇسخىسى ياسىغاندا، ئۇيغۇرلار پەقەت ئالدىدىكى 2 خىل شەكلىنى ئىشلىتىدۇ، قىرغىزلار تۆت خىل شەكلىنى تولۇق ئىشلىتىدۇ. شۇڭا، خەت نۇسخىلىرىدىمۇ بۇ تۆت خىل شەكىل تولۇق ئېلىنىشى كېرەك، بولمىسا قىرغىز يېزىقىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرەلمەي قالىدۇ.
2) قىرغىز يېزىقىدىكى «ۅ» ھەرىپى، مەيلى يازمىدا بولسۇن ياكى باسمىدا بولسۇن، ئاستىنقى قىسمى چوقۇم ئىللىپىس شەكلىدە ئېلىنىدۇ، «و» نىڭ ئاستىغا بىر سىزىق تارتىپ قويۇپ ئىپادىلەش خاتا. شۇڭا، خەت نۇسخىسى ياساش جەريانىدا، بۇ ھەرپكىمۇ دىققەت قىلىش لازىم.
3) قازاق يېزىقىدىكى « ٴا ٴو ٴۇ ٴى » ھەرپلىرىنى ياساشتا، خۇاگۇاڭ، چاۋجې قاتارلىق مەتبەئە سىستېمىلىرىدا ئالاھىدە ئۇلاش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، قازاق يېزىقىدىكى « ا و ۇ ى » لار بىلەن پەرىقلەندۈرۈلگەن. يەنى « ٴا ٴو ٴۇ ٴى » لار خەت نۇسخىسى ئىچىدە « ٴا ٴو ٴۇ ٴى » ٴا ٴـا؛ ٴو ٴـو؛ ٴۇ ٴـۇ؛ ٴىـ ٴـىـ ٴـى ٴى شەكىللەردە كىرگۈزۈلۈپ « ا و ۇ ى » دىن ئېنىق پەرقلەندۈرۈلۈپ ياسالغان، ئەمما بۇ مەتبەئە سىستېمىلىرى ئىچكى خەت نۇسخىلىرىدا ھەقىقىي يۇنىكود ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار مۇشۇنداق ئايرىم ياسىۋېلىپ، ئايرىم ئۇلىنىش بەلگىلىيەلەيدىكەن. ئەمما، ئۇلار تەمىنلىگەن يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىلىرىدا پۈتۈنلەي يۇنىكودتا كۆرسىتىلگەن ئاساسىي رايوندىكى « ٴا ٴو ٴۇ ٴى » شەكىللىرىلا بار، يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۇلىنىدىغان شەكىللىرى يوق، بۇنى يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىلىرىدىمۇ ھەل قىلىش لازىم.
بۇلار مەن سوراپ ئېنىقلىغان مەسىلىلەر، بۇ قېتىم تۈزەتكەن خەت نۇسخىلىرىدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەسىلىلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىندى. «ھ» ھەرىپىنى بارلىق خەت نۇسخىلىرىدا 4 كود ئورنى بويىچە 4 خىل شەكىلدە ئىشلەندى. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئـ» (ھەمزە)، قىرغىز يېزىقىدىكى «ئ» لارنىڭ 4 خىل شەكلىمۇ ئۆز ئەينى بويىچە ئېلىندى. قىرغىز يېزىقىدىكى «ۅ» ھەرىپى ھەممە خەت نۇسخىلىرىدا ئىللىپىس شەكىلدە ئىشلەندى. قازاق يېزىقىدىكى « ٴا ٴو ٴۇ ٴى » دىن ئىبارەت تۆت سوزۇق تاۋۇش ھەرىپى بىلەن « ا و ۇ ى » لاردىن ئىبارەت تۆت سوزۇق تاۋۇش خەت نۇسخىسىغا ئۇلىنىش يېزىش جەريانىدا ھەل قىلىندى.
مېنىڭ «ھ» ھەرىپى توغرىسىدا بېرىدىغان چۈشەندۈرۈشلۈرۈم يۇقىرىقىدەك.[/size]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2010-12-7 20:11 [/i]]



Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » پەيشەنبە دېكابىر 09, 2010 8:18 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك،
«ھ» ھەرىپى مەسىلىسىدىكى بۇ دەتالاش چوقۇم ھەل قىلىنىشى كىرەك، چوقۇم ئىلمىي ئۇسۇلدا، پاكىتلىق ئىسپات بىلەن ھەل قىلىنىشى زۆرۈر، ئالدىراقسانلىق بىلەن 4خىل نۇسخىنى ئىلىپ تارقىتىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇندىن بۇرۇنقى ئىنتايىن كۆپلىگەن باسمىلىرىمىزدا 2خىل شەكلنى قوللىنىپ كىللىۋاتىمىز، ھەم ئىلىپبەلەردە 2خىل شەكلنى تەشۋىق قىلىنىپ كىلنىۋاتىدۇ، بۇنى قايتىپ قويۇپ بىراقلا 4جخىل شەكلىنى ياساپ (بۇ ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپ) تارقاتساق، ئۇ ئارتۇقچە ھەرپ بەلگىنى قوشۇپ قويغان قالپاق كىيىپ قالىمىز، يەنە ئۇنى بۇنى دەپ تەتۈر قۇيۇن چىقىرىدىغانلار چىقمايدۇ، دىگىلى بولمايدۇ.
مىنىڭچە، چوقۇم [color=Red]پاكىتلىق ماتىرىيال بولىشى كىرەك[/color]، مەسىلەن، تۇرسۇنجان ئەپەندى تىلغا ئالغان شۇ نامى بار شەخىسلەر زادى كىم؟ تىل يېزىق كومىتىتى زادى نىمە دەيدۇ بۇ ئىشقا؟ ياكى ئۇلاردىن تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى قالدۇرغان ماتىرىياللارنى رەتلەپ، ئۇلاردىن زادى قانچە خىل شەكلى بار؟ دەپ سوراش كىرەك!

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Alpsoft[/i] ، ۋاقتى: 2010-12-7 20:04 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3947&ptid=834][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا مەن « ھ » نى تۆت خىل شەكلى بىلەن ياساپ كېلىۋاتىمەن. ئالدىنقى يىلى مەن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى « ھ » نىڭ قانچە خىل يېزىلىشى توغرىسىدا [u][color=Blue]پىشقەدەم خەتتاتلار[/color][/u] بىلەن كۆرۈشتۈم، بۇ پىشقەدەم ئۇستاز ئۆز ۋاقتىدا بېيدا فاڭجېڭ، خۇاگۇاڭ، چاۋجې قاتارلىق نوپۇزلۇق مەتبەئە سىستېمىلىرىغا خەت نۇسخىسى شەكىللىرىنى يېزىپ بەرگەن، ھەم ياساش ئىشلىرىغا قاتناشقان ئۇستاز بولۇپ، ئۇنىڭدىن مەن «ھ» ھەرپنى قانچە خىل شەكىلدە ياساش كېرەكلىكىنى سورىغاندا، ئۇ كىشىنىڭ ماڭا بەرگەن جاۋابى تۆت خىل شەكىلدە ئىشلەش لازىم دېدى. مەن يەنە، ئەمىسە بىر قىسىم ئېلىپبە كىتابلاردا 2 لا شەكلى بار ئىكەن، بۇ نېمە سەۋەبتىن شۇنداق بولغان دەپ سورىغاندا، ئۇ ماڭا تۆۋەندىكىدەك تەپسىلىي جاۋابنى بەردى:
1) ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئېلىپبەلەرنىڭ خەتلىرى ئاساسەن قولدا يېزىلىپ، سايىلاپ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن، شۇ سەۋەبتىن «ھ» ھەرىپىنىڭ 2 لا شەكلى [u][color=Red]كىرگۈزۈلۈپ قېلىنغان،[/color][/u] كېيىنكى نەشرلەردىكى يېڭى ئېلىپبەلەردىمۇ، بۇرۇنقى ھالىتىدە قايتا-قايتا شۇنداق نەشىر قىلىنىپ كەلگەن.
...
[/quote]
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى « ھ » ھەرىپىنىڭ قانچە خىل شەكلى بارلىقى مەسىلىسى شۇنداق ئاددىيلا بىر [color=Red]كىرگۈزۈلۈپ قېلىش[/color] ئىشى ئەمەس بولىشى مۇمكىن، بۇنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرپ ئاندىن تارقىتىش كېرەك.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » پەيشەنبە دېكابىر 09, 2010 2:26 pm

پاكىتلارنى مەن بىر-ئىككى يىل ئاۋۋالقى تىمىلاردىمۇ كۆرسەتكەن ئىدىم. ئەگەر شۇ ۋاقىتتىكى ۋە ھازىرقى پاكىتلارمۇ يېتەرلىك بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا مەنمۇ يېڭى پاكىت كۆرسىتىشكە ئامالسىزمەن. مەن خەتتات بولمىساممۇ، ئەمما خەت نۇسخىسى ياساش داۋامىدا بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلغاچقىلا، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى ئىگىلىدىم، ھەم چۈشەنمىگەنلەرگە چۈشەندۈردۇم. ئەگەر، ھ ھەرىپىنىڭ 2 خىللا نۇسخىسى بولغان بولسا، دۆلەت ئۇچۇر مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت ئۆلچەم باش ئىدارىسى يولغا قويغان دۆلەت ئۆلچىمى GB18030 دا ياساپ تارقىتىلغان فونتتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تىل-يېزىق كومىتېتى تەرىپىدىن ياسىلىپ كەڭ ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلارغا تارقىتىلغان UKK نامىدىكى فونتلاردا، مىكروسوفت شىركىتى ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس ياسىغان Microsoft Uighur خەت نۇسخىلىرىدا 2 خىل شەكىلدىلا ياسالسا بولاتتى. ئەمما، بۇ نوپۇزلۇق ئورۇنلار ئۇيغۇر تىلىدىكى ھ ھەرىپىنى 4 خىل شەكىلدە ياسىغان. بۇلارغا يەنە قانداق پاكىت كېرەك، مەن بىلمىدىم، ئەگەر بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلمىساق، ئۇنداقتا ئۆزىمىزنىڭ شۇ پاكىتلارنى ئىزدىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، بۇ ئىدىيىمىزدىكى سۇئالغا ئۆزىمىز جاۋاب بەرمىسەك، باشقىلارنىڭ جاۋابى قانائەت قىلالمايدۇ. مەنمۇ، ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇ خىل ئەھۋالدا قېلىپ، خېلى كۆپ كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتۈم ۋە ماتېرىيال كۆردۈم، ئاخىرى ئۆز-ئۆزۈمگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپقاندىن كېيىنلا، ئاندىن فونتلاردا ھ نى تۆت خىل ياسايدىغان بولدۇم.
مەن كۆرۈشكەن بەزى شەخسلەرنىڭ نام-شەرىپىنى بۇ يەردە ئاتاپ ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق بولغاچقا، «پىشقەدەم ئۇستاز» لار دەپلا ئومۇمىيلاشتۇرۇپ ئالدىم. يەنە، بېيدا فاڭجېن، خۇاگۇاڭ، سەنلى، چاۋجې قاتارلىق نابۇرچىلىق سىستېمىلىرى دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان يۇمشاق دېتاللار، ئۇلار پۈتۈنلەي دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەيدۇ. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يېزىقلارنى بىرتەرەپ قىلىش داۋامىدىمۇ، ئۇلار ھەرگىز بىر-ئىككىلا ئادەمنىڭ دېگىنى بويىچىلا ئىش قىلىدىغان شىركەتلەر ئەمەس. ئۇلار، رايونىمىزدىكى ئاتاقلىق كومپيۇتېرچىلار، نەشرىيات خادىملىرى، خەتتاتلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ، ئۇلار يېزىپ بەرگەن خەت شەكلىگە ئاساسەن خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىگەن، ھەم بۇ شىركەتلەر ئىشلىگەن خەت نۇسخىلىرىدا «ھ» ھەرىپى تۆت خىل شەكىلدە ياسالغان. شۇڭا، بۇ شىركەتلەرمۇ ئۆز ۋاقتىدا ھ مەسىلىسىنى بىزگە ئوخشاش يولۇقتۇرغان بولۇشى ھەم ھەرقايسى ساھە كىشىلىرىدىن ئەتراپلىق پاكىت ۋە ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن ھ نى شۇنداق ياساپ كىرگۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بۇ جەھەتتىن دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئۆلچەملىرى سىرتىدىكى ئىشلارنى قىلمايدۇ. دېمەك، بۇ بىر قانچە شىركەتلەرنىڭ خەت نۇسخىلىرىمۇ بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىسپات ۋە پاكىت بولالايدۇ.
يەنە كېلىپ، ئەرەب يېزىقىنى بىز ئىشلىتىۋاتقىنىمىزغا 1000 يىلدىن ئاشتى، ئەرەب يېزىقىنىڭ قانۇنىيىتى ھەممىمىزگە ئايان، ئەگەر بىز ئەرەبچىدىكى ھ نى ئىشلەتكەن بولساق، ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرچىدىكى ھ ھازىرقىدەك بولماي، مۇنداق بولاتتى: «ھـ ـھـ ـە ە».
بىر مەزگىللىك ئۇيغۇر كومپيۇتېرىچىلىقىدىكى ئۆز ئالدىغا كود بەلگىلەش دولقۇنىدا ئەرەب يېزىقىدىكى «ھ» نىڭ ئىككى شەكلى ئېلىنىپلا، ئۇيغۇرچە ھ ئورنىدا بىرتەرەپ قىلىنغان، شۇڭا ۋىندوۋستىكى بەزى فونتلاردا «ھ» 2 خىل شەكىلدە ياسالغان. بۇ مەسىلىنىمۇ مەن ئالدىنقى يىلدىكى تېمىلاردا سۆزلىگەن ئىدىم، ئۇ ۋاقىتلاردا ئەرەبچە فونتلارنى ئۆزگەرتىپلا ئۇيغۇرچە بىرتەرەپ قىلىناتتى، شۇڭا تولۇق بولغان يۇنىكود مەيدانغا كەلگۈچى، ۋىندوۋسقا فونت ياسايدىغان شىركەتلرە «ھ» نى 2 خىللا ياساپ كەلگەن چۈنكى شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھ بىلەن ئە ھەرىپىنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئەرەب يېزىقىدىكى ھ نىڭ ئالدىدىكى ئىككى شەكلىدىن پايدىلىنىپ ھ نىڭ 2 شەكلىگە پايدىلانغان، 2 خىل ئاياقلىشىغان شەكلىگە ئورۇن تەگمىگەن. ئەرەبچە ھ نىڭ ئارقىدىكى 2 شەكلىنى ئېلىپ ئۇيغۇرچىدىكى ە نى ئىپادىلىگەن. شۇ سەۋەبتىن، ھ نىڭ 2 خىل شەكلى بار دېگەن كۆز قاراشقا مەلۇم سەۋەب بولۇپ قالغان. بۇ ئەھۋاللارنى شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ فونت ياساپ كېلىۋاتقانلار ياخشى چۈشىنىدۇ. كېيىنرەك، يۇنىكودنىڭ ئومۇمىيلىشىشى داۋامىدا، بىز ھ نىڭ ھەقىقىي ئورنىنى ۋە شەكلىنى بىلىۋالدۇق، بولۇپمۇ دۆلەت ئۆلچىمى GB18030 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا، بىز ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بارلىق ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ يۇنىكودتىكى ئورنىنى بىلدۇق، ھەم فونتلارنى شۇ بويىچە ياساپ كەلدۇق، شۇ ۋاقىتلاردىن باشلىنىپلا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە فونتلاردا ھ ھەرىپى تۆت خىل شەكىلدە ياسېلىپ كېلىنىۋاتىدۇ.
دىققەت: ئەرەب يېزىقىدىكى «ھ» نىڭ يۇنىكودتىكى كود جەدۋىلىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن:
ە (0647) ئاساسىي رايوندىكى يالغۇز شەكلى. كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ئۆزگۈرۈشلىرى: «ھـ (FEEB)، ـھـ (FEEC) ـە (FEEA)، ە(FEE9)».
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ھ» نىڭ يۇنىكودتىكى كود جەدۋىلىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن:
ە (06BE) ئاساسىي رايوندىكى يالغۇز شەكلى. كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ئۆزگۈرۈشلىرى: «ھـ (FBAC)، ـھـ (FBAD) ـھ (FBAB)، ھ (FBAA)».
يۇنىكود جەدۋىلىدە كۆرسەتكەن ھەرپ شەكىللىرىدىمۇ ئۇيغۇرچىدىكى ھ ھەرىپىنىڭ شەكلى تامامەن تۆت خىل شەكىلدە كۆرسىتىلگەن.
مۇشۇنداق پاكىت، ئىسپاتلار بار تۇرۇقلۇق، بىز يەنە پاكىت تەلەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ ئەگەر ھ نىڭ 2 لا شەكلى بار دەپ قارىساق، ئۇنداقتا بۇنىڭغا يېتەرلىك پاكىت-ئىسپات تېپىپ بېرەلەمدۇق؟
مەن يوللىغان قوشۇمچە ھۆججەتلەر ئىچىدىكى فونتلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى، ئۆزۈڭلارمۇ ئېلىپبەدىن باشقا كىتابلارنى ئاختۇرۇپ كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەتراپىڭلاردىكى پىشقەدەملەردىن سوراپ بېقىشىڭلارنى، ھەمدە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇ جەھەتتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيدۇ دەپ قارىغان كىشىلەردىن سوراپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
تىلكومغا بۇ توغرىسىدا ماتېرىيال تەييارلاشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بۇ ئورۇن ئۆزلىرى قانۇنلۇق تارقاتقان يېزىق كىرگۈزگۈچ ۋە فونتلىرىدا «ھ» نى 4 خىل شەكىلدە ئالغان. مۇشۇنداق بىر تىل-يېزىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىغان نوپۇزلۇق ئورۇننىڭ ئۇيغۇر تىلىدا زادى 2 ياكى 4 خىل شەكىل بارلىقىنى بىلمەيلا، فونتلىرىدىكى ھ نى 4 خىل شەكىلدە ياسىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر 2 خىل شەكىلدە بولغان بولسا، ئۇلار چوقۇم 2 خىل ياسايتتى. باشقا شىركەتتىكىلەرنى ھ نى تۆت خىل ياساپ خاتالاشتى دېسەكمۇ، تىلكومنى خاتالىشىدۇ دەپ كىم دېيەلەيدۇ.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » پەيشەنبە دېكابىر 09, 2010 2:56 pm

نەچچە يىل ئاۋۋال يۇنىكود ئۇيغۇرلاردا تېخى ئومۇملاشمىغان ۋاقىتلاردا، ئەرەبچە فونتلارنى ئۆزگەرتىپ چالا يۇنىكودلۇق فونت ياسىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا، ئەرەبچە «ھ» نىڭ «ھـ (FEEB)، ـھـ (FEEC) ـە (FEEA)، ە(FEE9)» شەكلىنىڭ ئالدىدىكى ھـ (FEEB)، ـھـ (FEEC) ئىككى شەكلىدىن ئۇيغۇرچىدىكى ھ نى ئىپادىلەپ، ئاخىرىدىكى « ـە (FEEA)، ە (FEE9)» دىن ئۇيغۇرچىدىكى «ە» نى ئىپادىلىگەن ۋاقىتتا. كېڭەيتىلگەن رايوندىكى بۇ تۆت خىل شەكىلنى پارچىلاپ ئۇيغۇرچىدىكى ئىككى تاۋۇشنىڭ ھەرپ شەكلىنى ئايرىم-ئايرىم ئىپادىلىيەلىگەن بىلەن، شۇ ۋاقىتتىكى ئەرەبچە فونتلاردا ئەرەبچە «ھ» نىڭ ئاساسىي رايوندا پەقەت بىرلا شەكلى بار ئىدى، يەنى: ە (0647). ئەمما، بۇ ئەرەبچىدىكى «ھ» نى ئىككىگە پارچىلىيالىغان بىلەن ئاساسىي رايوندىكى ئۇ بىر دانە يالغۇز شەكلىنى ئىككىگە پارچىلىغىلى بولمايتتى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش شۇ ۋاقىتتىكى بەزى ئۆلچەمسىز لايىھەلەردە ئاخىرى ئەرەبچە «ھ» ئاساسىي رايوندىكى بىر دانە شەكلى ۋە كېڭەيتىلگەن رايوندىكى تۆت خىل شەكلىنى بۇزۇپ، ھەممىسىگە ھ نى چاپلاپ ئالغان. يەنى، ئالدىدىكى ھـ (FEEB)، ـھـ (FEEC) دىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلنى، كەينىدىكى « ـە (FEEA)، ە (FEE9)» دىن ئىبارەت ئىككى شەكلىگە كۆچۈرۈپ چاپلاپلا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ھ» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ە» گە باشقا ئەرەبچە يېزىقلارنىڭ ئورنىدىن ئورۇن بەرگەن ئىدى، ئەگەر بۇنداق قىلمىسا، بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق ئىدى.
كېيىن، مىكروسوفت شىركىتى يۇنىكودقا ئوردۇلار، پوشتولار، ئۇيغۇرلار، قازاقلار ئىشلىتىدىغان «ە» ئۈچۈن ئايرىم بىر دانە ھەرپنى ئىلتىماس قىلغان، بۇنىڭ كود نومۇرى ھازىرقى «06D5» بولىدۇ. بۇ ھەرپ قوشۇلغاندىن كېيىنلا، ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدىكى كود ئوخشىماسلىقىدا يېڭى بىر يېڭىلىنىش باشلىنىپ، ھەقىقىي يۇسۇندا ئەرەبچە «ھ» نىڭ «ھـ (FEEB)، ـھـ (FEEC) ـە (FEEA)، ە(FEE9)» شەكلىنىڭ ئالدىدىكى ھـ (FEEB)، ـھـ (FEEC) ئىككى شەكلىدىن ئۇيغۇرچىدىكى ھ نى ئىپادىلەپ، ئاساسىي رايوندىكى شەكلىگە «06D5» نى ئىشلىتىدىغان، ئاخىرىدىكى « ـە (FEEA)، ە (FEE9)» دىن ئۇيغۇرچىدىكى «ە» نى ئىپادىلەپ ئاساسىي رايوندىكى شەكلىگە ە (0647) نى ئالىدىغان ۋەزىيەت كېلىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچىدىكى ھ ھەقىقەتەن فونتلاردا ئىككى خىل ياسالمىسا بولمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، يۇنىكود 3.0 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ۋە شۇ ئاساستا دۆلەت ئۆلچىمى GB18030 ئېلان قىلىنىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، زاڭزۇ، يىزۇ، مانجۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرى خەلقئارا يۇنىكود ئۆلچىمى بويىچە GB18030 دا ئېنىق كۆرسىتىلگەندىن كېيىنلا، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا يۇمشاق ئىشلەيدىغان شىركەتلەر مۇشۇ ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىدىغان بولدى. بارلىق يۇنىكودقا كىرگۈزۈلگەن ھەرپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ يېڭىلىنىۋاتقان مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Arial Unicode MS خەت نۇسخىسىنىڭ يېڭىلىنىش باسقۇچىنى كۆرسەك، بۇ مەسىلىگە جاۋاب تاپالايمىز، بۇ فونتتىمۇ بىز پاكىت ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇرچىدىكى ھ ھەرىپى تۆت خىل شەكىلدە كىرگۈزۈلگەن.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » جۈمە دېكابىر 10, 2010 12:53 am

سالام،

بۇ مەسىلە توغرىسىدا پىكىرىمىز خېلى يېتەرلىك بولدى. ئەمدى مەسىلە قايسىسىنى تاللاشتا قالدى. ئەگەر ھ نىڭ تۆت خىل شەكلى بار دېسەك ئېلىپبەگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن بولىمىز؛ ھازىرقى ئېلىپبەنى ئاساس قىلىمىز دېسەك، تىلكوم فونتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان فونتلاردا نۇقساق بار دەپ قارىغان بولىمىز... بۇ مەسىلە ھەجەپ مۇرەككەپلىشىپ كەتتا؟!:loveliness:

مەن تىلكومدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشپ يەنە ئىزدىنىپ باقاي. ئەگەر ئېنىق جاۋاب تاپالمىساق تىلكوم فونتلىرىدىكىدەك تۆت خىل ئېلىۋېرىپ مەسئۇلىيەتنى تىلكومدىن كۆرسەكمۇ بولىدۇ. بۇ توغرىسىدا مۇدىرىيەتتىكىلەر email دا مەسلىھەتلىشىۋاتىمىز...

elnuri
يازمىلار: 1
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە دېكابىر 15, 2007 4:52 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان elnuri » جۈمە دېكابىر 10, 2010 4:40 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار مەن ئى.ن.ئەلنۇرى بولىمەن،مۇنازىرىنى ھەركۈنى كۆرىۋاتىمەن،ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن،ھازىر سەل ئالدىراش بولغاچقا فونت سىناشقا قاتنىشالمىدىم،كەچۈرگەيسىلەر.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » شەنبە دېكابىر 11, 2010 6:39 am

ھ نىڭ مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغۇچىلىك مەن فونتلاردىكى باشقا مەسىلىلەرنى تۈزەتكەچ تۇردۇم، ھازىر ئاساسلىق ئىشلار تۈگىدى. يېڭى فونتلارمۇ مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تارقىتىلىشى مۇمكىن.
ئەمدىكى ۋەزىپە ۋىندوېس، لىنۇكس، ماك سىستېمىلىرىغا سەپلىنىدىغان يېزىق كىرگۈزگۈچ ۋە تور يۈزى كىرگۈزگۈچلىرىدىكى ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىدىكى بىر قىسىم بەلگىلەرنىڭ ئورنى توغرىسىدا بىرلىككە كېلىش كېرەك. يەنى ئېچىلغان قوش تىرناق («)، يېپىلغان قوش تىرناق (»)، ئېچىلغان يالاڭ تىرناق (<)، يېپىلغان يالاڭ تىرناق (>)، سىزىقچە (002D) بۇنىڭ ئورنى ئېنىق. سىزىق (2014) بۇنى ئالدىنقى قېتىم سىزىققا مۇشۇ كود ئورنىنى ئېلىشتا بىرلىككە كېلىنگەن ئىدى، ئەمما قايسى ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە يوق، مەن ھازىرچە بۇنى Shift بىلەن - (سىزىقچە) كۇنۇپكىسىنى باسىدىغان ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇردۇم. سوزۇش بەلگىسى (0640) بۇ بەلگىنى ھازىر مەن كۇنۇپكا تاختىسىدىكى A نىڭ ئورنىغا Shift بىلەن بېسىلسا چىقىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. يەنە بەزى يېزىق كىرگۈزگۈچلەردە Shift بىلەن T بېسىلسا چىقىدۇ. بۇ سوزۇش بەلگىسىنىڭ ئورنىدىمۇ ئوخشىماسلىقلار بار.
كۇنۇپكا تاختا ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەرقلەر مەۋجۇد، شۇڭا بۇ نۆۋەت بۇ مەسىلىلەردىمۇ بىر بىرلىككە كېلىنسە ياخشى بولاتتى.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » يەكشەنبە دېكابىر 12, 2010 11:23 pm

سالام كۆپچىلىك،

فونتلارنىڭ 12-نويابىر يېڭىلانغان نۇسخسىنى [url]http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip[/url] غا چىقىرىپ قويدۇم. ئاساسلىق ئۆزگىرىشلەر:

1) «ھ» ھەرپىنىڭ قۇيرۇقى بۇ تېمىدىكى ۋە [url]http://bilik.co/bbs/thread-23105-1-1.html[/url] دىكى پىكىرلەرگە ئاساسەن پەسەيتىلىپ تۈزىتىلدى.
2) ئاستى سىزىق مەسىلىسى تۈزىتىلدى.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » چارشەنبە دېكابىر 15, 2010 8:44 am

دوستلار مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىنى بايقىدىم، سىلەرمۇ تەكشۈرۈپ باققان بولساڭلار.
1) مىكروسوفت ئۇيغۇر دېگەن خەت نۇسخىسىنىڭ ئاساسىي رايون 0647 دېگەن كود ئورنىغا ئەرەبچە ھ نىڭ يالغۇز شەكلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بەزى فونتلاردا بۇ ھەرپنىڭ شەكلى ە شەكلىدە كېلەتتى، ئەمما بۇ مىكروسوفت ئۇيغۇر دېگەن خەت نۇسخىسىدا 0647 دىكى ئەرەبچە ھ نىڭ شەكلى بىز بۇ تېمىدا پىكىر قىلىۋاتقان قۇيرۇقى بار ھ غا ئوخشاش ئېلىنىپتۇ.
2) يۇنىكود 5.0 نىڭ 472- بېتىدىكى ئەرەبچە ھ (0647) غا بېرىلگەن تەبىر بار ئورۇنغا قاراپ باقايلى، بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن ئەرەبچە ھ مۇ قۇيرۇقى بار شەكلىدە بېرىلىپتۇ.
بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ، مېنىڭ چۈشەنچەم تۆۋەندىكىدەك: ئەرەبلەردە ھ نىڭ ئىككى خىل يېزىلىش ۋارىيانتى بار، يەنى 1- خىل ۋارىيانتى < ھـ ـھـ ـە ە >؛ 2- خىل ۋارىيانتى < ھـ ـھـ ـھ ھ >. دېمەك ئوردۇلار كېيىنكى ۋارىيانتىدىن پايدىلانغان بولۇشى مۇمكىن. مەن توردىن ئەرەبلەرنىڭ ئېلىپبەلىرىنىمۇ ئىزدەپ كۆرۈپ باقسام، مۇشۇ خىل ئەھۋاللار ئۇلارنىڭ ئېلىپبەلىرىدە مەۋجۇد ئىكەن، ۋاقىت چىقىرىپ سىلەرمۇ ئىزدەپ كۆرۈپ باقساڭلار، ئەرەبچە ئېلىپبەنى كۆرۈش ھازىرقى بۇ تېمىغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى بولمىسىمۇ، ئەمما كۆرۈپ باقساق ئاز تولا بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلىپ قالغىلى بولىدىكەن. ھەر قايسى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى تور بېكەتلەردە ھەر خىل ئەرەبچە ئېلىپبەلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق جەدۋەللىرى باركەن.
مىكروسوفت ئۇيغۇر دېگەن خەت نۇسخىسى ۋە يۇنىكود 5.0 دىكى ھ نىڭ قۇيرۇق شەكلىدە ئېلىنىپ ئەرەبچە ە نىڭ ئاساسىي رايوندىكى شەكلىگە كۆرسىتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىپ قويدۇم، قوشۇمچە ھۆججەتلەرنى ياكى رەسىملىك قىلىپ يوللىيالمىدىم، ئىمكانىيىتى بار تورداشلار مۇشۇ ئىككى نۇقتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ باقسا دەپ بۇ ئىنكاسنى يازدىم.
قوشۇمچە ھۆججەتلەرنى يوللاي دېسەم:
قوشۇمچە ھۆججەتنى مۇلازىمېتىرغا يوللاشقا ئىمكان بولمىدى، مۇندەرىجە خاسلىغىنى بەلگىلەشتە مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
دەپ چىقىۋالدى.

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » پەيشەنبە دېكابىر 16, 2010 4:35 am

بۇ مۇشۇ تېمىنىڭ بىلىكتىكى نۇسخىسىغا يازغان ئىنكاستى،قارىسام بۇ يەردىمۇ باركەن چۈشەنچە بولۇپ قالسۇن دەپ چاپلاپ قويدۇم.
بۇ يەردە ئىنكاس يېزىۋاتقانلار مۇنداق ئۈچ خىل كىشىلەرگە ئايرىشقا بولۇدۇ:
1.كومپيۇتېردا مەۋلانىي لۇتفى(مەھمۇت قەشقەرىنىڭ كىتابىدا شۇنداق ئاتاپتىكەن، دوكتۇر دىگەننى) دەرىجىلىكلەر
2.كومپيۇتېرنى ئوبدان بىلىدىغانلار
3.كومپيۇتېرنى ئىشلىتەلەيدىغانلار
ئاۋال بۇنى كۆرۈپ باقايلى ،بۇنى تەرجىمە قىلىپ قوياي دىگەن ،لېكىن بىز ئەسلىنى كۆرمىسەك تەرجىمىگە ئىشىنىپ كەتمەيمىز. شۇڭا ئۆز پېتى ئىلىۋەردىم.
The standard order for applying Arabic features encoded in OpenType fonts:
Not all of the features listed below apply to all Arabic script languages.

Feature Feature function Layout operation Required
Language based forms:
ccmp Character composition/decomposition substitution GSUB
isol Isolated character form substitution GSUB
fina Final character form substitution GSUB X
medi Medial character form substitution GSUB X
init Initial character form substitution GSUB X
rlig Required ligature substitution GSUB X
calt Connection form substitution GSUB
Typographical forms:
liga Standard ligature substitution GSUB
dlig Discretionary ligature substitution GSUB
cswh Contextual swashes GSUB
mset Mark positioning via substitution GSUB
Positioning features:
curs Cursive positioning GPOS
kern Pair kerning GPOS
mark Mark to base positioning GPOS
mkmk Mark to mark positioning GPOS

[GSUB = glyph substitution, GPOS = glyph positioning]



Descriptions and examples of above features

Many of the registered features described and illustrated in this document are based on the OpenType font Arabic Typesetting. Arabic Typesetting contains layout information and glyphs to support all of the required features for the Arabic script and language systems supported. The Arabic Typesetting font will be available as part of Visual OpenType Layout Tool (VOLT) and is provided under the terms of the VOLT supplemental files end user license agreement. The Arabic Typesetting font is available for download in the Appendix of this document

فونتنىڭ قانداق ياسىلىدىغىنىنى يەنە بىلمىسەڭلار ،ئاۋال بۇنى كۆرۈپ ئاندىن بىرنەرسە يازساڭلار بولۇدۇ.
[url]http://www.microsoft.com/typogra[/url] ... bicot/features.aspx
ئۇنداقتا بىز ئىككى خىل يېزىپ كەلگەن ھەرپ نىمىشقا 4 خىل بولۇپ قالىدۇ. بۇنى ما ئىشتېرىپ يۈرگەن ئالپ ئەپەندى ئەمەس، ياكى قايسى بىر ئىدارە ئورگىنىمىز ئەمەس،ياكى مەلۇم شەخس ئەمەس،بەلكى مايكروسوفت شۇنداق بېكىتكەن. چۈنكى مەيلى سىز 2خىل يېزىپ ئادەتلىنىڭ ياكى 4خىل يېزىپ ئادەتلىنىڭ ،ياكى 6 خىل يېزىپ ئادەتلىنىڭ مايكروسوفتقا نىسبەتەن تەمىنلىيەلەيدىغان ئىقتىدار 4 تىنلا ئىبارەت خالاس. ئۇيۇن قائىدىسى مۇشۇ...بويسۇنساڭ فونتىڭنى مۇشۇ بويىنچە ياساۋەر بولمىسا مەن باشقىنى ئويلاپ يۇرمەيمەن....
بۇ قائىدىنى كىم بىلىدۇ؟ پەقەتلا فونت ياسايدىغانلار.يەنى
isol Isolated character form substitution GSUB
fina Final character form substitution GSUB X
medi Medial character form substitution GSUB X
init Initial character form substitution GSUB X
مۇشۇ تۆت نەرسە بەلگىلەيدۇ.
ناۋادا يەنە چۈشەنمىگەنلەر بولسا دەڭلار ئايرىم تەپسىلى پاراڭلاشساق بولۇدۇ.
ئەمدى بۇرۇن تىللاپ قويغان كىشىلەردىن ئەپۇ سوراپ قويامدۇق قانداق؟
ئىنكاس يازساڭلار بۇنى كۆرۈپ يازارسىلەر،ياكى ھوقۇقنى ئىشلىتىپ ئۆچۈرەرسىلەر..بۇ تېمىنىڭ،تالاشمىنىڭ يەشمىسى مۇشۇلا خالاس.....

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار