UKIJ فونتلىرىنىڭ يېڭىلانغان 3.1 نەشرىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ!

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

UKIJ فونتلىرىنىڭ يېڭىلانغان 3.1 نەشرىنى چۈشۈرۈۋېلى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » شەنبە ماي 14, 2011 7:39 am

UKIJ فونتلىرىنىڭ يېڭىلانغان 3.1 نەشرىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇندىن بىر ئايلارچە ئاۋۋال FireFox نىڭ 4.0 نەشرىدە «لا» ھەرىپىنىڭ نورمال ئۇلانماسلىقىدەك مەسىلىنىڭ كۆرۈلۈشى بىلەن، ئىتىل سەيناسى ۋە باشقا تور بېكەتلەردىكى تورداشلار ماڭا بۇ توغرىسىدا ئۇچۇر قالدۇرغان ئىدى. دەسلەپتە مەن بۇنىڭغا تازا ئېرەڭ قىلماپتىمەن، چۈنكى ھازىر خەت نۇسخىلىرىنى سىستېمىلاردا ئىشلىتىش جەريانىدىكى مەشغۇلاتتا، كۆرسىتىش نەتىجىسىدە سەل-پەللا مەسىلە كۆرۈلسە، بۇنى بىراقلا خەت نۇسخىسىدىن كۆرىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ كۆرۈلگەن ئىدى، بۇلارنى مەشغۇلاتنى توغرا قىلىش ياكى توغرا تەڭشەش ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىلىرىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ئوڭشالغان، مەن يەنە مۇشۇنداق مەسىلە بولۇشى كېرەك دەپ ئويلىدىم. مەن تور بېكەتتىكى تورداشلارنىڭ تەھلىللىرىنى ۋە ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ بۇنى نوقۇل ھالدا خەت نۇسخىسىدىن كۆرۈشكە بولمايدىغانلىقىنىمۇ تونۇپ يەتكەن ئىدىم. چۈنكى، باشقا ھەر قانداق جايدا نورمال ئىشلەۋاتقان خەت نۇسخىلىرى تۇرۇپلا FireFox تا ‹لا› ئۇلانماي قالسا، بۇنىڭغا دەرھال بىر نېمە دېمەكمۇ تەس ئەلۋەتتە، يېقىندىن بېرى ئۆزۈممۇ ئالدىراشچىلىقتا بىر نەچچە كۈن بۇنىڭغا دىققەت قىلمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈممۇ FireFox نى Windows تا ئىشلەتمەيمەن، Ubuntu دا بولغاچقا شۇنىڭدىلا ئىشلىتەتتىم. كېيىنرەك غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىم بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەن بىلەن ئالاقىلەشتى، ھەمدە UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنىڭ 2.0 نۇسخىسىدا بۇ مەسىلىنىڭ يوقلىقىنى، بىراق ھازىرقى يېڭى خەت نۇسخىسىدا بۇ مەسىلىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. مەن بۇ ئۇچۇردىن كېيىن، مەسىلىنىڭ بىزدىكى خەت نۇسخىلىرىدىمۇ بار بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم، ھەمدە دەرھال Windows قا FireFox 4.0 نى قاچىلاپ UKIJ Tuz Tom نىڭ 2.0 ۋە 3.0 نۇسخىسىنى ئايرىم ئايرىم سىناق قىلدىم، ھەقىقەتەن، غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىم سىناق قىلغاندىكىدەك نەتىجە كۆرۈلدى. بۇ خىل ئەھۋالغا تۇنجى قېتىم يولۇقۇشۇم بولدى، ھەممە يەرلەردە نورمال ئىشلەۋاتقان، ھەتتا FireFox نىڭ ئالدىنقى نەشرىدىمۇ نورمال ئىشلەۋاتقان خەت نۇسخىلىرىمىز، FireFox نىڭ 4.0 گە يېڭىلىنىشى بىلەنلا ‹لا› ھەرىپىمىز ئۇلانمايدىغان بولۇپ قېلىشى غەلىتىلىك ئىدى. ئەمما، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى خەت نۇسخىمىزنىڭ 2.0 نەشرىدە نورمال، بىراق 3.0 نەشرىدە نورمالسىز بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن خەت نۇسخىسىدىمۇ مەلۇم تۈزىتىلىدىغان ياكى تولۇقلايدىغان جايلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى. دەرھال سەۋەبىنى ئىزدەشكە كىرىشتىم، بۇ مەسىلە شۇنچىلىك جىددىي ھالغا كىرگەنكى، بەزى پىكىرلەرنى بەرگۈچىلەر ماڭا: «خەت نۇسخىلىرىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىش ھۆججىتى Volt پروجىكتى ئىچىدە <لا> نىڭ ئۇلىنىشى بېرىلمەي قالدىمۇ-يا؟» دېگەن جىددىي سوئاللارمۇ قويۇلدى، بۇنى ئاڭلىغاندا پۈتۈن بەدىنىم مۇزلاپ كەتكەن ئىدى، چۈنكى بۇنداق بولۇشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، ھەرقانچە سەۋەنلىك بولسىمۇ، بۇنىڭغا يول يوق ئىدى، ئەگەر مۇشۇنداق كۆپ خەت نۇسخىلىرىنى تۈزىتىش داۋامىدا ئۇنتۇلۇپ قېلىندى دېگەندىمۇ، تۈزىتىش داۋامىدىكى نۇرغۇن قېتىملىق سىناق داۋامىدا ھەم كېيىنكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەريانىدا <لا> ھەرىپىلا ئەمەس، بارلىق ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈلگەن ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا <لا> نىڭ ئۇلىنىشىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە. شۇڭا، ئۆزۈمگە <ياق، بۇ مۇمكىن ئەمەس، بۇنىڭ سەۋەبى باشقا> دېدىم دە، باشقا جەھەتلەردىن ئىزدىنىشتىن ئاۋۋال، نەچچە ۋاقىتلاردىن بۇيانقى يۈرۈكىمىزنىڭ سۇ بولۇپ كەتكەنلىكىدىنمۇ، يەنە <لا> نىڭ ئۇلىنىشى يېزىلغان جايلارنى بىرىنچى بولۇپ كۆرۈپ چىقىپتىمەن، ئۇلىنىش جايىدا، يەنى <لا> نىڭ Volt ھۆججىتىگە بېرىلگەن ئىككى خىل ئۇلىنىش ھالىتى نورمال.
ئەمىسە، نېمە ئۈچۈن FireFox تا <لا> ھەرىپى نورمال ئۇلانمايدۇ؟ بۇ سوئالغا تۆۋەندە تەپسىلىي جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن.
بۇنىڭ سەۋەبى، بىز بۇ قېتىملىق فونتلار ئىچىدىن كېڭەيتىلگەن رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 18 دانە قوشما ھەرپنى ئېلىۋېتىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن، ھەم بۇ 18 قوشما ھەرپنىڭ Volt ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىدىكى ئۇلىنىشلىرىنىمۇ ئۆچۈرۈۋېتىشنىمۇ لايىق تاپقان ئىدۇق. مۇشۇ پرىسىنسىپقا ئاساسەن، مەن ئالدىنقى قېتىم ئىشلەتكەن Volt ھۆججىتىدىن بۇ 18 دانە قوشما ھەرپنىڭ ئايرىم گۇرۇپپىلانغان قىسمىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىدىم، بۇنىڭ ئىچىدە ‹ا› ۋە ‹ل› دىن بىرىكىدىغان ‹لا› قوشما ھەرىپىنىڭمۇ بۇ گۇرۇپپىدىن ئۆچۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىكەن. بۇ يەردە <ھەرپلەرنىڭ ئايرىم گۇرۇپپىلاش قىسمى> دېگەن بىر سۆز ئۇچرايدۇ، مۇشۇنى چۈشىنىۋالغاندىلا ئاندىن بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىغا ئېرىشكىلى ۋە چۈشەنچىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇلارنى تۆۋەندىكى رەسىملەر ئارقىلىق ئېنىقراق چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمەن:
[img]http://www.alpsoft.cn/fonts/volt-1.jpg[/img]
يۇقىرىدىكى رەسىم ھازىرقى خەت نۇسخىلىرىمىزنىڭ ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىشى، ئوتتۇرا قىسمىدىكى Lookups بولسا ئاساسلىق ئۇلاپ كۆرسىتىش قائىدىسى كىرگۈزۈلگەن قىسمى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى I005 دا يەنى lrig قىسمىغا ئىككى ھەرپتىن بىر (تاق) ھەرپلىك شەكىلگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى يېزىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىگە ‹لا› قوشما ھەرىپىنىڭ ئۇلىنىپ كېلىدىغان شەكلى ‹ـلا› ۋە يالغۇز شەكلى ‹لا› بېرىلگەن، شۇڭا ‹لا› ئۇلىنىپ كۆرۈنىدۇ، بۇ دېگەنلىك بارلىق جايلاردا نورمال ئۇلىنىپ كېلىۋېرىدۇ (نورمال ئەھۋال ئاستىدا)، ھازىر بولسا FireFox نىڭ 4.0 نۇسخىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگىنى يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن بۇ نورمال ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ (بۇنىڭ سەۋەبىنى كەينىدىرەك چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن). دېمەك، تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈپ ئۆتسەك، ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىدە بىز ‹لا› نىڭ ئىككى خىل شەكلىنىڭ ئۇلىنىش ھالىتىگە ئېنىقلىما بەرگەن، ئەگەر بۇ ئېنىقلىما بولمىسا، باشقا سىستېما ۋە يۇمشاق دېتاللاردا بۇ ھەرپ ئۇلانماي چىقاتتى.
[img]http://www.alpsoft.cn/fonts/volt-2.jpg[/img]
ئەمدى، بۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك Volt ھۆججىتىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى Glyph Groups قىسمىغا ھەر قايسى ھەرپ ۋە شەكىللەر تۈرلەر بويىچە گۇرۇپپىلىنىۋېلىنىدۇ، مانا مۇشۇ ئورۇن مەسىلە كۆرۈلگەن جاي بولۇپ، مۇشۇ يەرنى ياخشى تەھلىل قىلساق مەسىلىنىڭ خەت نۇسخىسىدا ياكى FireFox تا كۆرۈلگەنلىكى بىلەلەيمىز. ھەرپلەرنى ئايرىم گۇرۇپپىلاش قىسمىدا، ھەمزە، زەبەر دېگەندەك قوشۇمچە بەلگىلەر بىر گۇرۇپپا قىلىنىۋېلىنىدۇ، ئىككى خىل شەكلى بار ھەرپلەر بىر گۇرۇپپا، تۆت خىل شەكلى بار ھەرپلەر بىر گۇرۇپپا، قوشما ھەرپلەر بىر گۇرۇپپا قىلىنىۋېلىپ، بۇنى Volt ئۇلاپ كۆرسىتىش قىسمىدا پايدىلىنىشقا ئىشلىتىمىز، بۇ ھەرپلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق رولى ھەرپلەرنى <ئىزاھلاپ قويۇش> بولۇپ، بۇنىڭ خەت نۇسخىلىرىنى ئۇلاپ كۆرسىتىش جەريانى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ، بۇ گۇرۇپپىنى قۇرۇۋېلىشنىڭ ئاساسلىق رولى، مۇشۇ خەت نۇسخىسىدا ئۇلاش ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلىدىغان ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ ھەممە بەلگىلىرىنى تۈرلىرى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇۋېلىش. ئاندىن مۇشۇ گۇرۇپپىلاردىكى ھەرپلەرگە قاراپ ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇلىنىپ كېلىش تەرتىپىنى تۈزۈپ چىقىشتىن ئىبارەت.
[img]http://www.alpsoft.cn/fonts/volt-3.jpg[/img]
بۇ قېتىملىق خەت نۇسخىلىرىنى تۈزىتىش جەريانىدا، 1- پارچە رەسىمنىڭ Lookups قىسمىغا (بۇ ئەڭ مۇھىم قىسمى) كىرگۈزۈلگەن 18 دانە قوشما ھەرپنىڭ ئۇلىنىشىنى lrig قىسمىدىن ئېلىۋېتىش بىلەن بىرگە، ئوڭ تەرەپ ئۈچىنچى كاتەكچىدىكى ئىزاھلانغان قوشما ھەرپلەر گۇرۇپپىسىنىمۇ ئۆچۈرۈپ تاشلىغان ئىدىم. چۈنكى بۇ جەدۋەلگە 18 دانە قوشما ھەرپ بىلەن <لا> نىڭ ئىككى خىل شەكلى بولۇپ 20 شەكىل كىرگۈزۈلگەن ئىدى، 18 قوشما ھەرپ شەكلى ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان <لا> نىڭ ئىككى خىل شەكلىنى بۇ يەردە ساقلاپ قېلىشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىغان ئىدىم، چۈنكى بۇ ئاساسىي ئۇلىنىش قىسمىدا بار ئىدى، بۇ ئىزاھات رايونىدا قالدۇرۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق دەپ قارالغان. بىراق مەن بۇ قېتىم بۇرۇن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن قوشما ھەرپلەر گۇرۇپپىسىنى قايتا قوشماي، پەقەت ئىككى خىل شەكلى بار ھەرپلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى قىسمىغا <ـلا> ۋە <لا> نى قوشۇپ قويۇپ، FireFox تا سىناق قىلسام، <لا> نورمال ئۇلاندى. ئەمىسە تۆۋەندىكى رەسىمدىن ھەرپلەر گۇرۇپپىسىنى كۆرۈپ باقايلى:
گەرچە، بۇ مەسىلە ناھايىتى تېزلا ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئومۇمىي قائىدىگە ئۇيغۇن ئەمەس، بۇ مېنىڭ كاللامدا نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلدى، ھەم بەزى كاللامدىكى چىگىش مەسىلىلەرگە جاۋاب تاپتىم. ئەگەر، بۇ خەت نۇسخىلىرىدىكى ئۇلىنىپ كېلىدىغان ھەرپلەرنى ئۇلاپ كۆرسىتىش قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان بولسا، بىز مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن نوكىيانىڭ سىمبىيان مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى ‹ئە› ھەرىپىنىڭمۇ ئۇلانماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋالغان بولاتتۇق، ئەمما بۇنىمۇ مۇشۇ قېتىم سىناق قىلىپ باقتىم (ئەسلىدىغۇ سىناق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقتى) يەنىلا ئۇلانمىدى، يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەرەب يېزىقىدەك ئۇلىنىپ يېزىلىدىغان يېزىقلارنىڭ ئۇلىنىش شەكلىنى ھەرپلەر ئۇلانمىسى قىسمىدا ئۆزىنىڭ قىممىتى بويىچە ئۇلىنىپ كېلىشى ھەم كۆرسىتىشى كېرەك، ھەرپلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك كۈچى بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ھەتتا، بىر قىسىم خەت نۇسخىلىرىدا ھەرپلەر گۇرۇپپىسى ئىشلەتمەيدۇ، دېمەك بۇنداق خەت نۇسخىلىرىدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار ئابايلا كۆرۈلىدۇ دېگەنلىك.
سىستېمىدا تەمىنلەنگەن ئەرەب يېزىق سىستېمىسىنى قوللايدىغان خەت نۇسخىلىرىنى تەھلىل قىلساقمۇ بىز ھازىر FireFox4.0 دە كۆرۈلگەن بۇ مەسىلىنى ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي خەت نۇسخىلىرىدىكى ئۇلاپ كۆرسىتىشكە سېلىشتۇرۇپ چۈشەندۈرسەك يەنىلا خاتالىشىمىز، بۇنىڭ مۇنداق بىر قانچە سەۋەب ۋە نەتىجىلىرى بار. ئەگەر بىز ئۆزىمىز ياساۋاتقان خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىنى سىستېمىدا تەمىنلەنگەن خەت نۇسخىلىرى بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزغا توغرا كەلسە، بىز يەنە باشتىكى ھالىتىمىزگە قايتىشىمىز كېرەك، يەنى بارلىق ھەرپلەرنى تولۇق ئېلىش كېرەك دېگەنلىكتۇر، ھەتتاكى 18 دانە قوشما ھەرپنىمۇ تولۇق ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەب، نەتىجىلىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.
1. مەسىلەن، سىستېما خەت نۇسخىلىرىدىن Microsoft Uighur ، Arial خەت نۇسخىلىرىنى مىسالغا ئالساق، بۇ خەت نۇسخىلىرىدا بارلىق ئەرەبچە يېزىقلارنى پۈتۈنلەي ياكى ئاساسەن ئۆز ئىچىگە ئالغان، يەنى ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە، كوردچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ۋ.ب. ھەتتاكى بەزى قوشما ھەرپلەرمۇ قالدۇرۇۋېتىلمەي تولۇق ئېلىنغان. شۇڭا، بۇلاردا مەسىلە ئاز كۆرۈلگەن. يۇنىكودقا ھەر قېتىم يېڭى ھەرپ شەكىللىرى قوشۇلسا، بۇ خەت نۇسخىلىرىدىمۇ تولۇقلاپ ماڭغان، كېرەك بولمايدۇ دەپ قارىمىغان، ھەر بىر ھەرپ قوشۇلغاندا، ئۇنىڭ ئۇلاپ كۆرسىتىش ھالىتىنىمۇ قوشۇپ ماڭغان، شۇڭا بۇ خەت نۇسخىلىرىدا مەسىلە ئاز كۆرۈلىدۇ.
مىسال ئۈچۈن مەن بىر ئاددىي مىسال ئېلىپ ئۆتەي. ئادەتتە سىستېما خەت نۇسخىلىرىدا <اللە> نىڭ ئۇلاپ كۆرسىتىش شەكلى بار، شۇڭا بىز <اللە> دەپ يازغاندا بۇ سۆز ئۆزلىكىدىن خەت نۇسخىسىنىڭ كودىغا ئورۇنلاشتۇرغان <ﷲ> شەكلىگە ئاپتوماتىك يۆتكىلىدۇ. بۇ سۆز خەت نۇسخىسىنىڭ ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىگە <ا + ل + ل + ە > تۆت ھەرپ بىرىككەندە كودىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان <ﷲ> دېگەن سۆز شەكلى كۆرۈلسۇن دەپ ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز زەر-زەبەرلىرى بىلەن بىزگە تولۇق كۆرۈنۈپ چىقىدۇ، زەر-زەبەرلىرىنى ئايرىم كىرگۈزۈپ ئولتۇرمايمىز. بۇ خىل ئۇلاپ كۆرسىتىش بارلىق ئەرەبچە خەت نۇسخىلىرىدا بار. ئەمما، بىز ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىدا بۇ خىل ئۇلاپ كۆرسىتىشنى ئىشلەتسەك مۇنداق نەتىجە چىقىپ قالىدۇ. يەنى، قىراللەر، ئابدۇللەتىپ، مەھەللە، ئەللەر، ئابداللەر، گۈللەر دېگەندەك سۆزلەردىكى <للە> ۋە <اللە> بولۇپ كەلگەن جايلار <ﷲ> بولۇپ قالىدۇ، كۆرسىتىلگەن مىسال سۆزلەرنى ۋوردقا چاپلاپ سىستېما خەت نۇسخىلىرى ۋە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىغا توغرىلاپ كۆرۈپ باقسىڭىز چۈشىنىشلىك بولىدۇ.
2. سىستېما خەت نۇسخىلىرىدا يەنە بىر قانچە ئەرەبچە خەت نۇسخىلىرى بار، بۇ خەت نۇسخىلىرىدا يۇنىكودىدا بېكىتىلگەن بارلىق ئەرەبچە ھەرپ-بەلگىلەر، زەر-زېۋىرلەر بىرىمۇ قالدۇرۇۋېتىلمىگەن، تاق ھەرپلىكلەر، قوش ھەرپلىكلەر، ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ھەرپتىن بېرىكىپ كېلىدىغان شەكىللەرمۇ تولۇق ئېلىنغان.
ئەمدى، خەت نۇسخىلىرىمىزدىكى ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتى بىلەن سىستېمىغا خەت نۇسخىلىرىدىكى، مەسىلەن Microsoft Uighur دەك خەت نۇسخىلىرىدىكى ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتى بىلەن پەرق يوق دېيەرلىك، پەرق ئىزدەشكە توغرا كەلسە يۇقىرىدا مەن ئېيتقان ئىككى تۈرلۈك سەۋەبتىن بەزى پەرقلەرنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى بايقىۋالساق بولىدۇ. يەنى، بىز خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىگەندە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچىدا ئىشلىتىلىدىغان ھەرپ-بەلگىلەردىن باشقا ھەرپلەرنى ئالماسلىقنى، ھەتتاكى قازاقچە بىلەن قىرغىزچىنىمۇ ئالماسلىقنى تەسەببۇس قىلىدىغانلار بار، بۇنداق قىرقىپ ئىخچاملانغان خەت نۇسخىلىرىدا مەسىلىنىڭ ئاز بولۇشى ناتايىن.
بىز كۆپرەك ھەرپلەرنى قوشۇپ خەت نۇسخىلىرىنى بىر قەدەر مۇكەممەلرەك ئىشلەشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز، ئەمما بىر ۋاقىتلاردا خەت نۇسخىسىدا ئوخشاش ئىككى خىل شەكىلدىكى ‹ە› بىرى ئاساسىي رايوندىكى ئەرەبچە ‹ە›، يەنە بىرى ئۇيغۇرچىگە ئىشلىتىدىغان ‹ە›، ئىككى ‹ى› بىرى ئەرەب ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرىغا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ‹ى›، يەنە بىرى پارس ۋە ئوردو يېزىقلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ‹ى›، ئىككى خىل ‹ف›، بىرى ئەرەب، ئۇيغۇر، پارس يېزىقلىرىدا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ‹ف›، يەنە بىرى پوشتولار ئىشلىتىدىغان ‹ف› لار كۆرۈلسە، يېزىق كىرگۈزگۈچ ئىشلەيدىغان بەزى پروگراممىرلىرىمىز بۇ ھەرپلەردىن قايسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ھەرپلىكىنى ئوبدانراق پەرقلەندۈرمەيلا، ئىچىدىن باشقىلىرىنى تاللاپ قويۇپ «قالايمىقانچىلىق» چىقارغانلىق ئىشلىرىمۇ بولغان، ھەتتا بۇ خىل قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇنداق ئوخشاش ھەرپلەرنى خەت نۇسخىلىرىدىن ئېلىۋېتىش توغرىسىدىمۇ پىكىرلەر بولغان. Microsoft Uighur خەت نۇسخىسىغا قارىساق يۇقىرىدا مەن ئېيقان ئۈچ خىل ھەرپتىن باشقا ئوخشاش ھەرپلەر تېخىمۇ كۆپ، ئۇلار خەت نۇسخىلىرىنى ياساش جەريانىدىمۇ ئازمىغان، ھەم بۇ ھەرپلەرنى تاللاپ ئىشلىتىشتىمۇ ئېزىپ قالمىغان-يۇ، بىز نېمە ئۈچۈن توغرا ئىشلىتىپ كېتەلمەيمىز. بۇنىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈشىمىز كېرەك. شۇڭلاشقا، ھازىرغىچە چەتئەللىكلەر ئىشلىگەن خەت نۇسخىلىرى توغرا ھەم سۈپەتلىك بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۆزىمىز ئىشلىگەن خەت نۇسخىلىرى خاتا ھەم سۈپەتسىز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ شۇنداق دېگۈم كېلىدۇكى، بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك، قىلماسلىققا ياكى قىلمىسىمۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۆزىمىزگە تاڭماسلىقىمىز لازىم دەپ قارايمەن.
Microsoft Uighur خەت نۇسخىسىدىكى مەسىلىلەرگە پىكىر-تەكلىپ توپلانغاندا، مەنمۇ ئىنكاس يېزىپ قويغان ئىدىم. دۇنيادا %100 ئىش بولمىغىنىدەك بۇ دۇنياۋى خەت نۇسخىسىدىمۇ مەسىلە بار، يەنى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە بىر قانچە ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ ياسىلىشى ۋە قازاقچە سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ توغرا ئۇلاپ كۆرسىتىشلىرىدە مەسىلە مەۋجۇد. بۇلار بۇ تىللاردىكى يېزىقلارنى تولۇق چۈشەنمىگەنلىكى ياكى چۈشىنىدىغانلارنىڭ تولۇق ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن شۇ خىل خاتالىقلار كۆرۈلگەن، بۇ خەت نۇسخىسىنى ياسىغۇچىنىڭ ئامالسىز ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكى. بۇنى بىزگە مىسال قىلساق، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىدا قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپ-بەلگىلەرنى توغرا ياساش ۋە ئۇلىنىشىنى توغرا بېرەلمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇنى ياسىمىساق دېگەن كۆز قاراشلارمۇ، ئەرەبچە ۋە پارسچىنى كىم ئىشلىتىدۇ، بۇنى قوشۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ دېگەندەك پىكىرلەر بار، مېنىڭ كۆز قارىشىمدا بىز ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىدا ھازىرغىچە قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپ بەلگىلەرنىڭ ياسىلىشى ۋە ئۇلاپ كۆرسىتىشىدە ئەڭ توغرا ئۇسۇلنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز دېيەلەيمەن، يەنە كۆپ كىشىلەرگە مەلۇم بولمىغىنىدەك قازاق يېزىقىدىكى تۆت سوزۇق تاۋۇشنىڭ خەت نۇسخىلىرىدا توغرا ئۇلاپ كۆرسىتىش تەس بولۇشىدەك قېيىن مەسىلىنىمۇ ھەل قىلدۇق، ھەل قىلغان ئىكەنمىز، بۇنى خەت نۇسخىلىرىدا ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇش ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ؟ ئەرەبچە ۋە پارسچىنى قوشۇشنىڭ زۆرۈرمۇ ياكى زۆرۈر ئەمەسمۇ بۇنى مەن يۇقىرىدا سۆزلىدىم، شۇنىڭدىن جاۋابى ئېنىقتۇر.
ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىمىز ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرقى سىستېما خەت نۇسخىلىرى بىلەن تامامەن ئوخشاش، ئېنىقسىز سەۋەبلەرنى يۇقىرىدا چۈشەندۈردۈم، ئەگەر بىزدىكى ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىنىڭ يېزىلىشى سىستېما خەت نۇسخىلىرىغا يەتمىگەن بولسا، باشتا ۋە كېيىن ئوخشاش مەسىلىلەر كۆرۈلسە بولاتتى، باشتا ياسالغانلىرىدا مەسىلە كۆرۈلمىدى، ئەمما بۇ قېتىمقىسىدا <لا> دا مەسىلە كۆرۈلدى، بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەب نەتىجىسىمۇ بايان قىلىندى. ھەرپلەرنى تولۇق ئېلىش ۋە ئىخچاملاش ئېلىش توغرىسىدىمۇ كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.
ئەگەر بىز ئۆلچەملىك ۋە سۈپەتلىك خەت نۇسخىسى ئىشلەپ ھەممىنى تولۇق رازى قىلىمىز دېسەك، ئۇنداقتا ھەر بىر تەكلىپ-پىكىر بەرگۈچىگە، ھەر بىر پروگراممىر ياكى تور بېكەت باشقۇرغۇچىغا بىردىن خەت نۇسخىسى ئىشلەپ بەرسەك تولىمۇ ياخشى بولار ئىدى. بۇنداق دېگىنىم، خەت نۇسخىسىنىڭ ئۇستىخىنى ئازراق ئۆزگۈرۈپ قالسا، ياكى بىرەر ھەرپنىڭ ئازراق بىر قىسمى ئىگىز-پەس بولۇپ قالسا بىراۋغا ياقسا، يەنە بىراۋغا ياقمايدۇ. شۇڭا، ياققانغا بىر خىل نۇسخا، ياقمىغانغا بىر خىل نۇسخا ئىشلەش كېرەكمۇ؟ بىر پروگراممىر چېكىتلىك تەسۋىرى بار خەت نۇسخىسىنى ياقتۇرىدۇ، يەنە بىرى ياقتۇرمايدۇ، بىرى ئىگىز بولۇپ قاپتۇ دېسە، يەنە بىر پاكار بولۇپ قاپتۇ دەيدۇ، يەنە بىرى سەل توم دېسە يەنە بىرى سەل ئىنچىك دەيدۇ، شۇڭا بىر چېكىتلىك تەسۋىرى بار خەت نۇسخىسى، چېكىتلىك تەسۋىرى يوق خەت نۇسخىسىدىن يەنە بىرنى، تومدىن بىرنى، ئىنچىكىدىن بىرنى، ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئوتتۇراھالدىنمۇ بىرنى ياساش كېرەكمۇ؟ تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ خاھىشىغا ئاساسەن بىردىن خەت نۇسخىسى ياساپ بېرەيلى. مۇشۇنداق قىلغاندا بارچە ھەممىسىنى تولۇق ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە قىلغىلى بولارمۇ؟ ئاندىن ئۇيغۇرچىلا ھەرپلەرنى ئېلىپلا بىر خەت نۇسخىسى ئىشلىسەك، تېخىمۇ ئىخچام ۋە كىچىك بولسا، بۇنى ئىشلىتىدىغانلار چوقۇم كۆپ چىقىدۇ، بۇ بەك ئىخچام بولغاچقا يېڭىدىن يېزىق كىرگۈزگۈچ ياساۋاتقانلار باشقا ھەرپلەرنى ئۇيغۇرچە ھەرپلەر ئوخشايدۇ دەپ قالماي، ھەرپلەرنى دەل جايىدا توتۇپ ناھايىتى تېزلا توغرا پروگراممىلارنى ئىشلىيەلەيدۇ ئەمەسمۇ؟
بىز بىرلىكنى ساقلاش كېرەك دېگەننى كۆپ ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئەمما <بىرلىك>، <ئۆلچەم>، <ئادەت> دېگەن ئاتالغۇلارنى چۈشىنىش كېرەك، بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ھازىر شىركىتىمىز ياسىغان فونتلار، ۋە باشقىلارغا زاكاسقا ياساپ بەرگەن خەت نۇسخىلىرى ئوخشاش. يەنى، بۇنىڭدا بارلىق ھەرپ-بەلگىلەر تولۇق ئېلىنغان، يۇنىكودتا نېمە بولسا شۇنى ئاساس قىلدۇق. دۆلەت ۋە رايون ئۆلچەملىرىگە ماس كەلتۈردۈق، بۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ ئەلۋەتتە. ئەمما، UKIJ خەت نۇسخىلىرىدا ئىككى يەردە شىركىتىمىز ئىشلىگەن فونتلار بىلەن پەرقى بار، بىرى 18 دانە قوشما ھەرپنىڭ بار يوقلىقىدا، ‹ھ› ھەرىپىنىڭ تۆت خىل ياكى ئىككى خىل شەكلى توغرىسىدا. شىركىتىمىزدىكى خەت نۇسخىلىرىدا 18 قوشما ھەرپ ۋە تۆت خىل ‹ھ› شەكلى بار. UKIJ خەت نۇسخىسىدا 18 دانە قوشما ھەرپ يوق، ‹ھ› نىڭ ئىككى خىل شەكلى بار. شۇڭا، مەن بۇ قېتىم خەت نۇسخىلىرىنى تۈزەتكەندە ئاۋۋال شىركەتنىڭ خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسىدىكى ئۇلىنىش ئۇچۇرلىرىنى ئايرىم، UKIJ فونتلىرىنى ئايرىم تۈزىتىشكە مەجبۇر بولدۇم، ئەگەر يۇقىرىدا دېگىنىمدەك ھەر بىرەيلەنگە ئايرىم تەلەپلەر بويىچە ياسالغان فونتلار بولغان بولسا ئىشلار تېخىمۇ ياخشى بولغان، ھەمدە كۆپلىگەن <بىرلىك>، <ئۆلچەم>، <ئادەت> لەرنى شەكىللەندۈرگىلى بولاتتى.
مېنىڭ ئاخىرقى كۆز قارىشىم مۇنداق:
1. UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى 3- قېتىم تۈزىتىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كېڭەيتىلگەن رايوندىكى 18 قوشما ھەرپنى ئالماسلىق پىكرىگە مەن شەخسەن تامامەن قوشۇلىمەن، چۈنكى بۇ بىردىن-بىر توغرا ئۇسۇل، چۈنكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسلىدىكى 20 خىل قوشما ھەرپ شەكلىنىڭ 18 دانىسى يۇنىكودقا كىرگۈزۈلۈك 2 سىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بۇ ئەجەللىك خاتالىقنى يۇنىكودقا چالا سۆرەپ كىرىلگەن، بۇ قوشما ھەرپلەرنى يۇنىكودقا ئىلتىماس قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. ئىلتىماس قىلىنغان ئىكەن تولۇق يوللانغان بولسا ھازىرقىدەك باش قېتىنچىلىقىمۇ كېلىپ چىقمايتتى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى قوشما ھەرپلەرنىڭ يېزىق بىر-تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى رولى چوڭ ئەمەس، پەقەت ئايرىم جايلاردا كۆرسىتىش ئىشلىرىدىلا ئۆزىنىڭ رولىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما بۇنى يەنە ئىككى ھەرپنىڭ ئۆز ئارا قوشۇلىشى ئارقىلىقمۇ كۆرسىتىش مۇمكىن، شۇڭا بۇ قوشما ھەرپلەر ئارتۇقچە، ئەگەر ئېلىپبەنى ئاساس قىلىمىز دېسەك، ئۇنداقتا بۇ 18 قوشما ھەرپنى فونتلارغا قوشۇش كېرەك. شۇڭا، مەن بۇ قېتىم <لا> مەسىلىسى بىلەن فونتلارنى تۈزەتكەندە شىركىتىمىز فونتلىرى ئىچىدىكى كۆپ قىسىم فونتلاردىن (باسما خەت نۇسخىلىرىدىكى ھۆسىنخەتلىك خەت نۇسخىلىرى ۋە بارلىق ھۆسىنخەت نۇسخىلىرىدا) 18 قوشما ھەرپنى چىقىرىۋەتتىم، بۇنداق قىلىش UKIJ خەت نۇسخىلىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئىدى. پەقەت، 4 دانە ئاساسلىق خەت نۇسخىسىدا ساقلاپ قالدىم. بۇمۇ ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ساقلاپ قېلىندى، چۈنكى بىر قانچە ئاساسلىق فونتىمىز مۇشۇنداق ياسالمىغاندا يەنە بىر قسىىم ‹ئۆلچەم› لەردىن ئۆتەلمەسلىكى مۇمكىن.
2. ‹ھ› مەسىلىسىدە مەن يەنىلا تۆت خىل شەكلى بار دەپ قارىغاچقا شىركەت فونتلىرىدا تۆت خىل ‹ھ› نىڭ شەكلى بويىچە ياسىدىم، UKIJ فونتلىرىدا ئىككى خىل شەكلىگە قىسقارتتىم، بۇنىڭدا تېخى ئېنىق پىكىر بىرلىكى ياكى تولۇق ‹ئۆلچەم› يوق، شۇڭا بۇ مەسىلە مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىندى.
3. ئەگەر، ئۆزىمىز ياساۋاتقان فونتلار ئىچىدىن مەخسۇس فونتتىن بىر قانچىنى ياساشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن فونت ياسىغۇچىلارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئالغاندىن كېيىن، تىل-يېزىق تەتقىقات خادىملىرىنىڭمۇ پىكرىنى ئېلىپ، ئاندىن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك پىكىر-تەكلىپلىرى ئويلىشىلسا دەپ قارايمەن. ئەمما، بۇنداق مۇمكىنچىلىك بەك تۆۋەن، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا فونت ياسىغۇچىلار فونت ئىشلەتكۈچىلەر ياكى قوللانغۇچىلار تەرىپىدىن يېتەكلەپ كېتىلىدۇ، تىل-يېزىق خادىملىرى خەت نۇسخىسىنى چۈشەنمەيدىكەنمىز دەپ ھەمكارلاشمايدۇ. خەت نۇسخىسى ئىچىدىكى ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ دەل ئۆزلىرى تەتقىق قىلىدىغان يېزىق ئىكەنلىكى بىلەن خەت نۇسخىسى دېگەن ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇۋالىدۇ. بۇنى پرىنسىپال مەسىلە، تېگىشكە بولمايدۇ دەپ قارىۋالىدۇ.
4. تەشكىللەش كەمچىل، ئارتۇقچە تەلەپلەر كۆپ. يەنە كېلىپ، خەت نۇسخىلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىمىزمۇ يوق دېيەرلىك.
ئەگەردە، خەت نۇسخىلىرىمىزنى تېلېۋىزوردا ئېلان قىلىپ، بىرەر سېرىق چاچلىق چەتئەللىك ئېلان سۆزىدە <بۇ خەت نۇسخىلىرى بەك سۈپەتلىك ھەم كۆركەم، ئىشلىتىپ مەن ئۈنۈمىنى كۆردۈم!> دەپ ئېلان بېرەلىگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.
5. ئەكىس تەھرىرلەش ئىشلىرى تېخىمۇ بېشىمىزنى قاتتۇرىدۇ، يانفونغا بىر فونت ياسىسام، ئۇنى ئۇنداق-بۇنداق ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىدىغانلارمۇ، پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغانلارمۇ بار؟ ھازىر بىرەرسى شۇنداق فونت ياساش توغرىسىدا گەپ ئېچىپ قالسا، تۇرۇپ تۇرۇڭ دەيدىغان بولدۇم. چۈنكى، شۇنىڭ تەلىپى بويىچە ياساپ بەرسىڭىزمۇ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىنىمۇ قوشۇۋالىدۇ، بۇ ئۆي سېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئۆي مېنىڭ، ئۆينىڭ قالغان جايلىرىنى ئۆزۈم بېزىۋالاي دېگەندەكلا بىر ئىش. بايان قىلسام، بايانلار كۆپكەن، بۇ ئىنكاسىم مەلۇم بىرلا كىشىگە ياكى كىشىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىغا قارىتىلغان ئەمەس، بۇ بايانلار بارلىق ھەممىمىزنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈنىشىنى سورايدۇ.
ھازىرقى شارائىتتا بىز ئۇيغۇر يېزىقىدىكى 18 دانە قوشما ھەرپنىڭ چوڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ خەت نۇسخىلىرىدىكى ئۇلىنىش ھۆججىتىدىنمۇ ئېلىپ تاشلىدۇق، ناۋادا بىر كۈنلەر كېلىپ تەڭ تور كۆرگۈلەر ياكى باشقا قوللىنىشچان سىستېمىلىرى <ھەرپلەرنى ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى ئىزاھلانغان ھەرپلەر قاتارى> غا بۇ 18 ھەرىپىمىزنى كىرگۈزۈپ قويسا، ئۇ ۋاقىتتا بىز يەنە فونت تۈزىتىش ئىشىغا چۈشمىسەك بولمايدۇ. دېمەكچىمەنكى، FireFox تەك يۇمشاق دېتاللارنىڭ خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىش ۋە كۆرسىتىش ئەھۋاللىرى بىرقەدەر ئالاھىدە، ئۇلار ھەر بىر خەت نۇسخىسىنى تارتىپ ئىشلەتكەندە، خەت نۇسخىسىنىڭ ئۇلاپ كۆرسىتىش ھالىتىگە ئۆزىدىكى بىر قىسىم قىممەتلەرنىمۇ ئىشلىتىدىكەن، بۇ قېتىمقى <لا> مەسىلىسى بۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ھازىرقى FireFox نىڭ خەت نۇسخىلىرىنى كۆرسىتىش بۆلۈك قىممىتىدە 18 دانە قوشما ھەرىپىمىزنىڭ ئورنى بولمىسا كېرەك، شۇڭا بۇ ھەرپلەر ھازىر FireFox تا نورمال كۆرۈنىۋاتىدۇ، ئەگەر كېيىن ئۇلار بۇنى FireFox نىڭ ئىچكى قىسمىغا يېزىپ قالسا قانداق مەسىلە يۈز بېرىدىغانلىقىنى كېيىن كۆرسەك بولىدۇ.
ھازىرقى خەت نۇسخىلىرىمىزنىڭ ئۇلىنىش ھۆججىتى قائىدە ۋە پرىنسىپقا ئۇيغۇن، پەقەتلا بەزى بىزگە مۇناسىۋەتسىز بولغان ھەرپ-بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا. سىستېمىلار ۋە يۇمشاق دېتاللار خەت نۇسخىسىدىن ھەرپلەرنى كۆرسەتكەندە، مەن 3- پارچە رەسىمدە كۆرسەتكەن ھەرپلەر گۇرۇپپىسىنى ئىشلەتمەيدۇ، ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشىنى 2- رەسىمدە كۆرسەتكەن lrig قىممىتىگە بېرىۋېتىلسە، مۇشۇ ئورۇننىڭ قىممىتى خەت نۇسخىسى ئىچىدە ئىناۋەتلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە كۆرسىتىپ ئۆتمەكچى بولغىنىم FireFox 4.0 نەشرىدە ‹قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغان› ئۇسۇلنى قوللانغان، FireFox نىڭ فونتلارنى كۆسىتىش جەريانىدا، فونتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۇلىنىش ۋە گۇرۇپپىلارنىمۇ تەكشۈرگەنلىكى، بۇنى فونتنىڭ ئۆزىدىكى ئۇلىنىش بۇيرۇقىغا قويۇپ بەرمىگەنلىكىدە دەپ قارايمەن. نوكىيا سىمبىيان مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى ‹ە› نىڭ ئۇلانماسلىقى، OpenOffice تا مەزمۇنلارنىڭ ئوڭ-سول ئىككى تەرىپىنى تەڭ كەڭلىكتە تىزغاندا بىر قىسىم سۆزلەردە ئارتۇقچە بىر سىزىق پەيدا بولۇپ قېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە يۇقىرىدىقىدەك ئەھۋاللار بار. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى بىز بۇ قېتىم ئامال قىلغاندەك ئۆزىمىز قول سېلىپ ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز، ئەمما بەزىلىرىگە ئامال يوق، چۈنكى ئامال بولمىغانلىرى پۈتۈنلەي قائىدىدىن چەتنىگەنلىرىدۇر.
FireFox نىڭ 4.0 دىن تۆۋەنكى نەشرلىرىدە <لا> نىڭ ئۇلانمايدىغان مەسىلىسى كۆرۈلمەيدۇ. ئەمما، بۇ قېتىملىق نۇسخىسىدا ئۇلانماسلىق كۆرۈلدى، بۇنى ھەم FireFox تىكى باگ بار دەپ قارايمەن، ئاقىۋەتتە بۇ فونتتىكى مەسىلىگە يۈكلىنىپ قالدى، بىز فونتلىرىمىزنى ئوڭشاپ بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇردۇق، ئەمما FireFox تىكى بۇ باگ مۇشۇنىڭ بىلەنلا غايىپ بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئېنىقراقىنى ئېيتقاندا، ئەگەر بىز ھەرپلەر گۇرۇپپىسى ھاسىل قىلىۋالماي، پەقەت شۇ فونتلاردىكى تۆت خىل شەكىللىك، ئىككى خىل شەكىللىك ۋە قوشما ھەپلىك ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ توغرا ئۇلىنىشىنى Volt نىڭ ئۇلىنىش ئۇچۇرىنى يازىدىغان قىسمىغا تولۇق ۋە توغرا يېزىپ كىرگۈزسەك، بۇ خەت نۇسخىسى ھەرپلەر گۇرۇپپىسى تۈزىۋالمىغانلىق سەۋەبىدىنلا بىر-بىرىگە ئۇلانماي قالىدىغان ئىش بولمايدۇ، ھەتتاكى (FireFox4.0) دىن باشقا سىستېما ۋە يۇمشاق دېتاللاردا نورمال ئۇلىنىپ ئىشلەۋېرىدۇ. ھەرپلەر گۇرۇپپىسى دېگەننى ئاددىي ئۇسۇل بىلەن چۈشەندۈرسەك، 0 دىن 9 گىچە بولغان سانلاردىن ھەر خىل سانلار قاتارىنى تۈزمەكچى بولدۇق دەيلى، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن 0، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9 دەپ بۇ ئون دانە ھەرپنى بىر ھەرپلەر گۇرۇپپىسى قىلىۋالساقمۇ بولىدۇ، قىلمىساقمۇ بولىدۇ، كۆڭۈلدە ساقلىۋالساقمۇ بولىدۇ دېگەنلىك، سانلار قاتارى قىلىۋالساق ئۇنداقتا بۇنى ئەسكەرتىش قىسمىغا ئايرىم كىرگۈزۈپ، كېيىن شۇ جايدا بارلىرىغا سانلار قاتارى ئىشلەيمىز، بولمىسا ئىشلىمەيمىز دەپ ئېلىۋالىمىز. ئاندىن بۇلارنى (Volt) بىر-بىرىگە ئالدى-كەينى قوشۇپ (ئۇلاپ) سانلار قاتارى ئىشلەيمىز، يەنى 1، 11، 111، 1111، 2، 22، 3، 33، 33، 12، 123، 1234 دېگەندەك، بۇلار قانۇنىيەتلىك بولىدۇ. ھەرپلەر گۇرۇپپىسىنى ئالمايمۇ بۇ سانلار قاتارىنى ئىشلىۋالغىلى ھەم پايدىلانغىلى بولىدۇ، بەلكىم FireFox <لا> ھەرىپىنى ئېكراندا كۆرسىتىش جەريانىدا ھەرپلەر ئۇلىنىشى جەدۋىلىدىكى لا نى كۆرسەتمەي، ھەرپلەر قاتارىدىن ئىزدىگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ، مەن بۇ خىل ئەھۋالنى قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارايمەن. نوكىيادا ‹ئە› ئۇلانمايدىغان مەسىلە، OpenOffice لاردىكى بىر سىق پەيدا بولۇپ قېلىش مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندىم، بۇلاردىكى ئورتاق مەسىلە مۇشۇ، بۇ ئىككىسى توغرىسىدا بۇرۇن خېلى كۆپ ھەپىلىشىپ باققانلىقىم ئۈچۈن، بۇ قېتىم FireFox تىكى مەسىلىنىمۇ دەرھاللا ئاشۇ ھەرپلەر قاتارىدىن ئىزدىدىم، ھەم دەرھال شۇ جايغا ئىككى ھەرپنى قوشۇپ قويسام، ئوڭشىلىپ قالدى. بىراق نوكىيادا ئۇنداق بولمايدۇ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ‹ئە› كىرگۈزسىڭىز ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت ئىزدەپ بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدىغان نەتىجىسى پەقەتلا بىر ئاساسىي رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارچە ‹ە› (06D5) بولۇپ، نوكىيادا بۇ ھەرپ كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ئىككى خىل ئۆزگىرىشىنى سىمبىيان ئەرەبچە ھەرپ دەپ قارايدۇ، ھەم بۇ ئىككى ھەرپكە ئۆتمەيدىكەن، پەقەت ئۇيغۇرچە ‹ە› نىڭ ئاساسىي رايوندا بىرلا شەكلى بار، ئۇنىڭ كېڭەيتىلگەن رايوندا شەكلى كۆسىتىلمىگەن دەپ قارايدىكەن، بىز بولساق كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ە نىڭ ئىككى خىل شەكلىنى ئەرەبچە، ئۇيغۇرچە ئورتاق ئۆزگۈرۈش شەكىللىرى دەپ قارايمىز. ئەمما بۇنى بىلمىسە ھېچكىم ئۇنى ئورتاق دەپ قارىمايدۇ. چۈنكى، بۇ كېڭەيتىلگەن رايوندىكى <ە> نىڭ ئىككى خىل شەكلىنىڭ ئاساسىي رايوندا يەنە بىر دانە ئەرەبچە ئايرىم ‹ە› سى بار، بۇ ھەرپنىڭ ئىككى خىل شەكلى بىزدىكى ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىنىڭ ھەرپلەر گۇرۇپپىسىدا ئورنى بار، ئۇلىنىشىمۇ توغرا (ئۇيغۇرچە ۋە ئەۋەبچە). OpenOffice دىكى بىر دانە ئارتۇقچە سىزىق چىقىۋالىدىغان مەسىلىدە مەن ئۇنىڭ 1.1 نۇسخىسىدىن باشلاپلا دىققەت قىلىشقا باشلىغان، ھازىرغىچىلىك بۇ مەسىلە OpenOffice دا بىرتەرەپ قىلىنمىدى، بۇ سىستېمىدا ھەرپلەرنى سوزۇش سىزىقى (0640) قوشۇپ كۆرسىتىش جەريانىدا كۆرۈلىدىغان مەسىلە ئىكەن. بۇنىڭمۇ ھەرپلەر گۇرۇپپىسى بىلەن ئالاقىسى يوق، ئەگەر ئالاقىسى بولغان بولسا، ھەر بىر سۆزنى سوزغاندا ئوخشاش مەسىلە كۆرۈلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى قانۇنىيەتلىك ئەمەس. مېنىڭ تەكشۈرۈشۈمگە ئاساسلانغاندا، OpenOffice ھەرپلەر ئۇلىنىشنىڭ ھەرپلەر گۇرۇپپىسىغا <06D4> نى قوشۇپ ياكى ئېنىقلاپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ <06D4> ئوردو يېزىقىدىكى ئابزاس ئاخىرلاشقاندا قويۇلىدىغان چېكىت بولۇپ، جۈلىدىن كېيىن چېكىت، ئابزاستىن كېيىن <06D4> قويۇلىدۇ، بۇ چېكىتتىن سەل ئۇزۇن بولۇپ، قارىماققا سوزۇش بەلگىسى <0640> غا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەمما، سۆز ئىچىدە كېلىدىغان ۋەزىپىسى تامامەن ئوخشاش ئەمەس. <06D4> نى پوشتو، كۇرت ۋە باشقا ئەرەب يېزىقىنى ئىشلىتىدىغان بىر قسىىم يېزىقلاردا <سىزىق> ياكى <سىزىقچە> ئورنىدىمۇ ئىشلىتىدۇ. <06D4> بىلەن <0640> نى ئارىلاشتۇرۇپ قويغاندا OpenOffice دا كۆرۈلگەن مەسىلىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. شۇڭا، مەن مۇشۇ جەھەتتىن گۇمان قىلىمەن.
ھەربىر ئىشنى تەھلىل قىلغاندا ئىككى تەرەپتىن تەھلىل قىلىش، قاتناش ۋەقەسىدىمۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دېيىلگەندەك، بۇ قېتىملىق FireFox4.0 بىلەن UKIJ 3.0 Fonts نىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەلىرى باشقا تاشيوللاردىمۇ يۈز بەردى. دېمەك ئەمدى بىز بۇندىن كېيىن خەت نۇسخىلىرىدىن ھەرپ-بەلگىلەرنى قىسقارتقاندا ياكى ئۇلىنىش ھۆججىتىدىكى ھەرپلەر گۇرۇپپىسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلمىساق، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ جەرىمانە تالونىنى ئېلىپ قېلىشىمىز ھەم مۇمكىن. بۇنىڭغا FireFox مۇ دېققەت قىلىشى كېرەكتەك قىلىدۇ. قانۇن ھەممىگە باراۋەر، بۇنى ئۇلار ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا، بۇ باگ توغرىسىدا ئۇلارغا ئىنكاس يېزىش كېرەك دەپ قارايمەن، ئەمما مەسىلە ھازىر بىز تەرەپتىن ھەل قىلىندى، ئەمدى ئۇلارنىڭ يۈزىگە بۇ ئىشلارنى ھېچكىم سەپ يۈرمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى، دۇنيادا نەچچە مىليون ئىشلەتكۈچىسى بار بۇنداق چوڭ يۇمشاق دېتاللاردا چاتاق كۆرۈلىدىغانلىقىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ، ھەم مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدۇ. بىز مۇشۇنداق چوڭ ئېقىنلارغا قوشۇلۇپ ئاققۇچىلار، شۇڭا چوڭ ئېقىننىڭ ئېقىشىغا ھەر ۋاقىت ماسلىشىش كېرەكتەك قىلىدۇ! ئېقىن قانداق ئېقىشىدىن قەتئىي نەزەر بىز ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىمىز توغرا دەپ قارىغان يولدا ماڭغىنىمىز لازىم، چۈنكى بىزنىڭ خەت نۇسخىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى ۋە ۋەزىپىسى بىر قەدەر پەۋقۇلئاددە يۇقىرى.
ھازىر UKIJ خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسىدىكى <لا> نىڭ FireFox4.0 تە ئۇلانماي كۆرۈنىدىغان مەسىلىسى ھەل قىلىندى، ھەمدە خەت نۇسخىسىنىڭ نەشرى 3.1 گە كۆتۈرۈلۈپ ئالدىنقى نەشرىدىن پەرقلەندۈرۈلدى. تۈزىتىلگەن خەت نۇسخىسىنى [url]Http://www.ukij.org/fonts[/url] قا يوللاپ يېڭىلاپ قويدۇم، ئىشلەتكۈچىلەر بۇ جايدىن يېڭىلانغان خەت نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈۋالسا بولىدۇ.



Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » شەنبە ماي 14, 2011 9:58 am

UKIJ تور بېكىتىدىكى ‹خەت نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈش› ئورنىدا ھەر بىر خەت نۇسخىسىنى بىر-بىرلەپ تاللاپ ئايرىم چۈشۈرگىلى بولىدۇ، ئەگەر ھەممىنى بىراقلا چۈشۈرۈۋالماقچى بولساق [url]Http://www.ukij.org/fonts/ukijorgfonts.zip[/url] دېگەن پرىسلانغان ھۆججەتنى بىراقلا چۈشۈرۈۋالساقمۇ بولىدۇ، كېيىن فونتلار يېڭىلانغاندا ئايرىم خەت نۇسخىسى ۋە بۇ پرىسلانغان ھۆججەتلىرىمۇ يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.
بۇندىن كېيىن خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئايرىم بىرەرىنى تۈزىتىش ياكى ئەلالاشتۇرۇش بولۇپ قالسا، خەت نۇسخىسىنىڭ نەشرى 3.101، 3.102، 3.103 دېگەن تەرتىپ بويىچە يېڭىلىنىپ مېڭىلىدۇ، ئەگەر بارلىق خەت نۇسخىلىرىنى تۈزىتىشكە توغرا كەلسە 3.2 نەشرگە كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ قېتىم 3.0 نەشرى يېڭىلىنىپ سىناق مەزگىلىدە FireFox 4.0 دە كۆرۈلگەن ‹لا› نىڭ ئۇلانماسلىقى مەسىلىسى خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئۇلىنىش ھۆججىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كەلگەچكە، بارلىق خەت نۇسخىلىرىغا قايتىدىن ئۇلىنىش ھۆججىتى قوشۇشقا توغرا كەلدى، شۇڭا 3.1 نەشرىگە كۆتۈردۈم.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە ماي 14, 2011 10:11 am

يەنە جاپا چېكىپسىز. يۇقارقى ئادرىستىن چۈشمىدى.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2011-5-14 17:03 [/i]]

Erdewil
يازمىلار: 27
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 06, 2007 2:58 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil » شەنبە ماي 14, 2011 1:27 pm

[url]http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip[/url] بۇ يەردىن چۈشۈرىدىغىنى ئەڭ يېڭى فونتمۇ ياكى...ئۈستىدىكى ئادرېستىن چۈشمىدىغۇ ؟ كۆپ جاپا تارتتىڭلار ،ئەجرىڭلارغا رەھمەت.

另存为قىپمۇ چۈشۈرگىلى بولمايدىكەن.سىز سىناپ بېقىڭ.
[img]http://i.6.cn/cvbnm/f7/04/f7/73f9e8eb8fa70d9db8d23e9339887386.jpg[/img]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Erdewil ، ۋاقتى: 2011-5-15 19:53 [/i]]

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » شەنبە ماي 14, 2011 1:48 pm

[url]http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip[/url] دىكى خەت نۇسخىلىرىنى تېخى يېڭىلىمىدۇق، بۇنى ۋارس ئەپەندىم يېڭىلاپ قويىدۇ.
[url]Http://www.ukij.org/fonts/ukijorgfonts.zip[/url] نى 目标另存为 قىلساق چۈشۈرگىلى بولىدۇ، بىۋاستە چېكىپ چۈشۈرۈشكە بولمايدىكەن.

Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » يەكشەنبە ماي 15, 2011 7:24 am

تۇرسانجان سۇلتان ئاكامغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!
يىڭى فونتىنى سىناپ مەسىلە بولسا مۇشۇ يەرگە ئىنكاس قىلىمەن
نەزەرى

tughyar
يازمىلار: 3
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 10, 2008 1:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tughyar » يەكشەنبە ماي 15, 2011 10:23 am

ئۇ ك ئى جى توربېكىتى بەك جىم بولۇپ قالغان ئىدى، ماۋۇ مىننەتسىز ئەمگەككە كۆپ رەھمەت، مۇبارەك بولسۇن!

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە ماي 15, 2011 1:42 pm

ukij غا ھەقىقەتەن كۆپ كىرەلمەيۋاتىمىز ئەمما ukij نى قوللاشنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق.

چۈشۈرۈش ئادرىسلىرى
[url]http://www.yolyar.net/soft/font/ukij_fonts310.rar[/url]
[url]Http://www.kiyas.biz/fonts/ukij_fonts_310.zip[/url]
بېقېتىمقى خەت نۇسخىسىدا ياسالغان eot
[url]http://kiyas.biz/alptuztom.eot[/url]
[url]http://kiyas.biz/ukijtuztom3.1.eot[/url]

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » يەكشەنبە ماي 15, 2011 2:13 pm

سالام كۆپچىلىك،

UKIJ مۇدىرىيىتىگە ۋاكالەتەن تۇرسۇنجانغا رەھمەت ئېيتىمەن. Google ۋە UKIJ تورىدىكى بارلىق فونتلار يېڭىلاندى. فونت تارقاتقان ئورۇننىڭ مەركەزلىشىشى ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئۇلانمىلىرىنىڭ [url]http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip[/url] ۋە [url]http://www.ukij.org/fonts/fonts/ukijorgfonts.zip[/url] قىلا قارىتىلىشىنى سورايمەن.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » دۈيشەنبە ماي 16, 2011 7:09 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۆپچىلىكنىڭ تەشەككۈرىگە رەھمەت.
مەن ئۆزۈم يالغۇز بولغاچقا بۇ ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئورۇنداپ كېتەلمىدىم، بىراق يەنىلا خەت نۇسخىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن.
خەت نۇسخىلىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئامال بار مەركەزلەشتۈرۈيلى، بەزى تور بېكەتلەردە ھازىرغىچە كونا نۇسخىسى ئېسىقلىق ئىكەن، ئەگەر مۇشۇنداق مەنبەلەرنى كۆرۈپ قالساق، ئۇلار يېڭى نۇسخىسىدىن خەۋەر تاپمىغان بولسا ئۇلارغا خەۋەر بېرىپ قويايلى، ياكى خەت نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئۇ ك ئى ج غا مەركەزلەشتۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلايلى. ھازىر يېڭى خەت نۇسخىلىرى ئۇ كى ئى ج، ئىنتىل، قىياس تور بېكەتلىرىدە چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلەندى، مېنىڭچە ئىنتىل ياكى يوليار، قىياس تور بېكەتلىرىگە ئىجازەت بېرىلسە بولىدۇ، ئۇلار داۋاملىق خەت نۇسخىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىغا باشتىن-ئاخىر دىققەت قىلىپ ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ ھەم ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان تور بېكەتلەردۇر، بىز ئۇ ك ئى ج ۋە خەت نۇسخىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىدا بىر قىسىم ياخشى تور بېكەتلەرنىڭ قوللىشىغا ۋە ھەمكارلىشىشىغا مۇھتاج.
بۇندىن كېيىن مەن خەت نۇسخىلىرىنى يېڭىلاپ قالسام، ئالدى بىلەن ئۇ ك ئى ج دا يازما يوللاپ ئۇقتۇرىمەن، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە تور بېكەتلەرگىمۇ ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق يېڭىلاش ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىمەن. بۇ قېتىم تۈزىتىلىش جەريانىدا بارلىق خەت نۇسخىلىرى تۈزىتىلگەنلىكى ئۈچۈن نەشر نومۇرىنى 3.100 دەپ كۆتۈردۈم. بۇندىن كېيىن ئايرىم بىرەر-ئىككى خەت نۇسخىسى يېڭىلىنىپ ياكى ئەلالاشتۇرۇلۇپ قېلىنسا ئۆزگەرتىلگەنلىرىنىڭ نەشر نومۇرى 3.101، 3.102، 3.103 دېگەن تەرتىپ بويىچە كۆتۈرۈلىدۇ. ئەگەر چوڭراق ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىپ بارلىق خەت نۇسخىلىرىغا يېڭىلاش ئېلىپ بېرىلسا 3.2، 3.3، 3.4 دېگەن تەرتىپ بويىچە يېڭىلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا يېڭىلىنىش ئەھۋالىنى ئېنىق چۈشەنگىلى بولىدىكەن.
ئۇ ك ئى ج خەت نۇسخىلىرىنى قوللاش، خەت نۇسخىسى ئىشلەش كەسپىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن بارلىق تورداشلارنىڭ ئەڭ يېڭى نەشردىكى خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىشىنى، يەنە ئارىسالدى بولۇپ ئولتۇرماسلىقىنى، كونا نەشرلىرىدىكى خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلەتمەسلىكنى، يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچىلەرنىڭمۇ، تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭمۇ يېڭى خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەم تەۋسىيە قىلىمەن. مۇشۇنداق ھەممىمىز تىرىشقاندىلا مەسىلىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ، خەت نۇسخىلىرى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئاجىز نوقتىلىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
ھازىر شىركىتىمىزنىڭمۇ ئالپ نامىدا ئاتالغان خەت نۇسخىلىرى بار، بۇرۇندىن تارتىپ شىركەت خەت نۇسخىلىرى بىلەن ئۇ ك ئى ج خەت نۇسخىلىرىنى بىرلىكتە ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن، شىركىتىمىزنىڭ خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلەتمەي، ئۇ ك ئى ج نامىدىكى خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىشنىمۇ كۆپ قېتىم ئويلاشتىم، بىراق بەزى ئەمەلىي ئەھۋاللار بۇنىڭغا ئىمكان بەرمىدى. بىراق شىركەت نامىدىكى خەت نۇسخىلىرىنى تەدرىجىي ئازلىتىۋاتىمەن، ئۇ ك ئى ج نامىدىكى خەت نۇسخىلىرى تەدرىجىي كۆپ ۋە سۈپەتلىك بولىۋاتىدۇ، بارا-بارا شىركەت نامىدىكى خەت نۇسخلىرىدىن بىرقانچە ۋەكىللىك شەكىلدىكى خەت نۇسخىلىرىنى ئېلىپ قېلىپ، قالغانلىرىنى قالدۇرۇپ، بۇنىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي ئۇ ك ئى ج خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىشكە ئۆتىمىز.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2011-5-16 13:15 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 3 ۋە 0 مېھمانلار