[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقى
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقى

يېزىلغان: شەنبە ماي 14, 2011 9:04 am
تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft
ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىنىش ئەھۋالىنى ھېسابلاپ چىقىش ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل-يېزىقى تەتقىقاتىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىشقا تېگىشلىك ياردىمى تېگىدۇ.
تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلار «ئالپسوفت كۆپ تىللىق لۇغەت» يۇمشاق ماتېرىيالىدىكى ئۆلچەملىك سۆز ئامبىرىدىن ئىلمىي ئۇسۇلدا ھېسابلاپ چىقىرىلغان. سانلىق مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىق نىسبىتى ئىشەنچلىك.
1- سېلىشتۇرما جەدۋەلدە ھېسابلاشقا ئىشلىتىلگەن سۆزلۈك 648391 دانە سۆز، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان بارلىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەمئىي ھېسابلانغان ھەرپ سانى: 5555926 بەش مىليون بەش يۈز ئەللىك بەش مىڭ توققۇز يۈز يىگىرمە ئالتە دانە.

[img]http://www.alpsoft.cn/fonts/tekrar-1.jpg[/img]

تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلار «ئالپسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق ماتېرىيالى (كەسپىي نۇسخىسى) دىكى ئۆلچەملىك سۆز ئامبىرىدىن ئىلمىي ئۇسۇلدا ھېسابلاپ چىقىرىلغان.
2- سېلىشتۇرما جەدۋەلدە ھېسابلاشقا ئىشلىتىلگەن سۆزلۈك 332822 دانە سۆز، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان بارلىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەمئىي ھېسابلانغان ھەرپ سانى: 3103213 ئۈچ مىليون بىر يۈز ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز ئون ئۈچ دانە.

[img]http://www.alpsoft.cn/fonts/tekrar-2.jpg[/img]

تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلار «ئالپسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق ماتېرىيالى (كەسپىي نۇسخىسى) دىكى ئۆلچەملىك سۆز ئامبىرىدىن ئىلمىي ئۇسۇلدا ھېسابلاپ چىقىرىلغان.
3- سېلىشتۇرما جەدۋەلدە ھېسابلاشقا ئىشلىتىلگەن سۆزلۈك 205276 دانە سۆز، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان بارلىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەمئىي ھېسابلانغان ھەرپ سانى: 1655203 بىر مىليون ئالتە يۈز ئەللىك بەش مىڭ ئىككى يۈز ئۈچ دانە.

[img]http://www.alpsoft.cn/fonts/tekrar-3.jpg[/img]

مەزكۇر جەدۋەلدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كىتاب-ژۇرناللاردا، توردا پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغانلار ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى ھاجەتسىز. ئەمما، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىپ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.