[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • IT ساھەسىدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ 10 مەھسۇلات
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

IT ساھەسىدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ 10 مەھسۇلات

يېزىلغان: چارشەنبە ئاۋغۇست 01, 2007 6:22 pm
تەرىپىدىن يوللانغان qaraxan
8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، CompTIA مۇشۇ كەمگىچە ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئىگە 10 مەھسۇلاتنى باھالاپ چىققان. نەتىجىدە مىكروسوفتنىڭ IE تور كۈزەتكۈچ، WORD يېزىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سىستىمىسى ۋە Windows95 لەر ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەللىگەن.
5-ئايدىن 6-ئايغىچەCompTIA ، كەسپىي خادىملاردىن 471 ئادەمنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كىيىن، بۇگۇنكىچە تەسىرى ئەڭ چوڭ 10 مەھسۇلاتنى باھالاپ چىقتى. گەرچە مىكروسوفت دائىم «ئىجادىلىق كەم» دەپ تەنقىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، نەتىجىدە مىكروسوفتنىڭ يۇمشاق دىتالى 5 ئورۇننى ئىگەللىگەن. ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكىسى 1995-يىلى ئىلان قىلىنغان IE بولۇپ، 1999-يىلى IE ، تور كۈزەتكۈچ يۇمشاق دىتال ساھەسىدە بازارنىڭ باشلامچىسى ئىدى. NET Appications نىڭ يېقىنقى ستاتىسكىسىغا قارىغاندا IE نىڭ بازاردىكى ئىگەللىگەن نىسبىتى %79 گە يىتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا Microsoft Word ئىككىنجى ئورۇننى، Windows95 ئۈچىنجى ئورۇننى، Microsoft Excel بولسا بەشىنجى ئورۇننى ئىگەللىگەن. ئالدىنقى 5 نىڭ ئىچىدە پەقەت ئالما شىركىتىنىڭ iPod قويغۇچىلا تۆتىنجى ئورۇننى ئىگەللىگەن.

ھازىرغىچە ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئىگە 10مەھسۇلات تەرتىپى:

1 . Internet Explorer

2 Word

3 Windows 95

4 iPod قويغۇچ

5 Excel

6 RIM قارا بۆلجۈرگەن يانفونى

7 Adobe Photoshop

8 McAfee VirusScan

9 Palm PalmPilot

10 LaserJet 4L پرېنتىر

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: qaraxan ، ۋاقتى: 2007-8-2 00:29 [/i]]