ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق يانغۇن مەيدانغا كەلدى

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق يانغۇن مەيدانغا

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە سېنتەبىر 26, 2007 5:13 am

[quote][color=Red]ئەسكەرتىش: بۇ تىما سەلكىن مۇنبىرىدىن ئېلىندى. بۇ خەۋەر ئۇيغۇر ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسىغا ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈن UKIJ غىمۇ يوللاندى.
-تەشۋىقات بۈلىمىدىن: ئەلتېكىن
[/color][/quote]
«سالام ئۇيغۇر» __ئۇيغۇر خەلقىگە كاتتا سوۋغات

سالام ئۇيغۇر
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئەسسەلامۇ_ئەلەيكۇم قەدىردان ئۇيغۇر خەلقىم پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلار سىلەرگە بۈگۈن شۇنى ئىپتىخارلىق بىلەن جاكارلايمەنكى ئەرەب ئىلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى يانفۇن ساھەسىدە ئىشلىتەلمەسلىك مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق قېرىنداشلىرىمنى مۇبارەكلەيمەن.
9-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا شىركىتىمىز ئىشلەپ چىقارغان uyghur u1تىپلق يانفۇندىن شىنجىندا تۇرۇپ يوللانغان ئەرەب ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىمىزدا يېزىلغان ((سالام ئۇيغۇر )) دىگەن ئۇچۇر جۇڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت مىتىرىدىن ئۈتۈپ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئۈرۈمچىدىكى يەنە بىر uyghur u1 يانفۇنىغا كىردى ۋە ئۆلچەملىك يېزىق ھالىتىدە كۆرۈندى...ئارقىدىنلا قارشى تەرەپتىن ((سالام ئۇيغۇر يېزىقى))... دىگەن ئۇچۇر كەلدى دەل شۇ مىنۇتتا بۇ يانفۇننى سىناۋاتقان نەچچە نەپەر قېرىندىشىمىزنىڭ كۆزىگە ئىللىق ياش كەلدى..
ئارقىدىنلا شىركىتىمىزنىڭ باش پروگىرامما ئىنجىنىرى لايىھەلىگەن ،نوكىيا،موتورولا،سامسۇڭ ،ۋە سونيئېرىكسون قاتارلىق jawaمۇھىتىنى قوللايدىغان يانفۇنلاردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرچە كۆۋرۈك يۇمشاق دىتالى سىناق قىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى بۇ يۇمشاق دىتالنى يانفۇنىڭىزغا قاچىلىسىڭىزلايانفۇنىڭىز ئەرەب ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يوللاش قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلىدۇ ...
دىمەك ئۇيغۇر مۇۋەپپەقىيەت قازاندى...
ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىكتىرون ساھەسىدە يېڭى بىر يۈكسىلىشكە ئىرىشتى ....ئەزىز قېرىنداشلار
تۈۋەندە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر ...
ئۇچۇر يېزىلىۋاتقان چاغدىكى كۆرۈنۈشى :
[img]http://images13.51.com/28/b/6f/82/arkhon/1190745994_0.23301300.png[/img]
يانفۇننىڭ كۆرۈنۈشلىرى.
[attach]22[/attach]
[attach]23[/attach]
[attach]24[/attach]
يانفۇننىڭ قاتتىق دىتال قىسمى ئىنتايىن يۇقىرى سۈپەت تەلىۋىدە تاللانغان بۇلۇپ

2.6دىيۇملۇق نۇر سەزگۈچ ئىكران سەپلەنگەن ئۇيغۇرچە خەتنى نۇر سەزگۈچ ئىكران ئارقىلىق كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
يۇقۇرى ئىنىقلىقتىكى رەقەملىك كامىرا سەپلەنگەن
mp3 ,mp4ئۇقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە
سىمسىز ئۇچۇر يولىغۇچ كۆك چىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن
رەقەملىك رادىئو قۇبۇللىغۇچ سەپلەنگەن شىنجاڭ خەلق رادىئو ئستانزىسنىڭ پىروگىراممىلىرىنى يانفۇندىن ئاڭلىغىلى بۇلىدۇ
2500مىللىئامپىرلىق باتارىيەدىن ئىككىسى سەپلەنگەن بۇلۇپ نورمال سۆزلەشكۇچىلەر ئۈچۈن تەخمىنەن 10كۈن بىمالال يىتىدۇ .
بۇ يانفۇن ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە ئىنگىلىسچە ،روسچە،ئەرەبچە ،تۈرىكچە ،فىرانسوزچە ،ئىتالىيانچە، نىمىسچە ....قاتارلىق 15خىل يېزىقنى قوللايدۇ،
256مىگابايتىسلىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن
3GPھۆججەت شەكلىنى قوللايدۇ
ئۇندىن باشقا ھەر كۈنى بەش قېتىم ئەرزان ئۇقۇپ سىزنى نامازغا چىللايدۇ
قۇرئان كەرىمنىڭ mp3ھۆججىتى تۇلۇق تەمىنگەن بۇلۇپ 30پارە قۇرئاننىڭ قىرائتىنى ئاڭلىيالايسىز
بۇ يانفۇنغا قاچىلىنىدىغان ئۇيغۇرچە _خەنزۇچە _ئىنگىلىزچە ئىلىكتىرونلۇق لوغەتنى جىددى تەييارلاۋاتىمىز
شىركىتىز تەييارلىغان سىزگە لازىملىق ماتىرياللارنى تور بىتىمىز[url]www.yanfon.com[/url]دىن ھەقسىز چۈشۈرۈۋالالايسىز.
يانفۇنغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلىرى كىرگۈزۈلدى ھەتتا ئىچىدىكى رەسىملەرمۇ ئۇيغۇر رەسسام تەكلىپ قىلىپ سىزىپ چىقىلدى ...
ئىشقىلىپ بۇ يانفۇن پىلانلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغۇچە بارلىق كۈچىمىز بىلەن ئەڭ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشتۇق،ھەم داۋاملىق تارەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
ئالاقىلىشىش تىلىفۇن نۇمىرى 0991-6132228
يانفۇن نۇمىرى:15899420064:
ئالاقىلاشقۇچى : ئىھسان ئەپەندىم
باش شىركەت تىلىفۇنى:0755-22312935
يانفۇن نۇمىرى: 13826552002
ئالاقىلاشقۇچى: ھەمزە مۇھەممەد
ئىشىنىمەنكى خەلقىم ئۆز ئوغلانلىرىنى قوللايدۇ .
-سەلكىن مۇنبىرىدىن كۈچۈرۈپ يوللاندى.
[url]http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-26251.html[/url]



Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » جۈمە سېنتەبىر 28, 2007 5:45 am

ئوخخو، ياخشى خەۋەركەنغۇ بۇ......
قاچانلادا ئەتراپىمىزدا كۆرەرمىز بۇنى، باھاسى توغۇرلۇق ھىچ مەلۇماتلار يوققۇ بىتىدە؟ تور بىتى ياسلىۋاتقان ئوخشايدۇ.
بۇ تىلفۇن ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلار ئادەمنى ھىجەپ تەقەززا قىلدى- دىسە،،،،،،،،،

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » يەكشەنبە سېنتەبىر 30, 2007 6:46 am

شۇنداق، ياخشى خەۋەركەن بۇ.
قاچانلاردا كۆرەرمىز ئەتراپىمىزدىكى دۇكانلاردا.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 3 ۋە 0 مېھمانلار