ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى خەۋپ - خەتەرگە دۇچ كەلمەكتە

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
TwoSak
يازمىلار: 26
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 10:44 am
ئالاقىلىشىش:

ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى خەۋپ - خەتەرگە دۇچ كەلمە

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان TwoSak » دۈيشەنبە ئۆكتەبىر 29, 2007 4:34 am

10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلات مۇھىت پىلان مەھكىمىسى ( UNEP ) پۈتكۈل يەر شارىدىكى 1400 پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئەجرى سىڭدۈرۈلگەن « يەر شارىغا نەزەر - 4 » ( GEO-4 ) ئۇنىۋېرىسال دوكلاتىنى ئېلان قىلدى . يەر شارىغا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە بولۇپ ، 1987 - يىلدىن بۇيانقى 20 يىل ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ يەر شارى بايلىقلىرىنى خورىتىش سۈرئىتى ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش مۇھىتىنى خەۋپ - خەتەرلىك باسقۇچقا ئەكىلىپ قويغان .
[u]يەر شارى مۇنچىلىك يۈكنى كۆتۈرۈپ بولالمايدۇ [/u]
بۇ دوكلاتتا كوپ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئاتموسفېرا ، يەر ، سۇ ، بىئو-جانلىقلارنىڭ كوپ خىللىقىغا باھالاش ئىلىپ بېرىلغان ھەمدە باھالاش ئىلىپ بىرىلىپ ھەر قايسى رايون ۋە يەر شارىغا تەھلىل ۋە ئالدىن مۆلچەر ئىلىپ بېرىلغان . دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ تەھدىتى ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ، ئىنسانلار مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەنگە قەدەر پارنىك گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى زور دەرىجىدە ئازايتىشى ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەن .
ئىنسانىيەت نوپۇسىنىڭ تىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، يەر شارى ئېكولوگىيىلىك بەرداشلىق بېرىش كۈچى زور دەرىجىدە ئىشىپ كەتكەن . دېھقانچىلىق سۇغۇرۇش ئىشلىرىغا ئىچىملىك سۇنىڭ 70 پىرسەنتى سەرپ قىلىنغان ، 2025 - يىلىغا بارغاندا ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجى 50 پىرسەنت ، تەرەققىي قىلىۋاتقان رايونلارنىڭ 18 پىرسەنت ئۆرلەيدىغانلىقى مۇلچەرلەنگەن . دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن '' سۇغا بولغان بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۈنسىرى ئېشىشى سۇغا ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېغىر يۇكى بولۇپ قالىدۇ '' .
بىئو-جانلىقلارنىڭ كوپ خىللىقىنىڭ ئازىيىش سۈرئىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن . ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارغا ئىلىپ بېرىلغان ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ 30 پىرسەنتى ، سۇت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ 23 پىرسەنتى ، قۇش تۈرىنىڭ 12 پىرسەنتى ياشاش مۇھىتى جەھەتتىكى تەھدىتكە دۇچ كەلگەن .
« يەر شارى مۇھىتىغا نەزەر » تۈرى بولسا ئالدىنقى نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىپى ئانناننىڭ تەشەببۇسى بىلەن قانات يايدۇرۇلغان ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم بولغان تەتقىقات خاراكتېرلىق تۈرلىرىنىڭ بىرسى . UNEP مۇندىن ئىلگىرى 1997 - يىلى ، 2000 - يىلى ، 2003 - يىلى ئۈچ قېتىملىق يەر شارى مۇھىتىغا نەزەر دوكلاتىنى ئېلان قىلغان .
بۇ قېتىمقى يېڭى ئېلان قىلىنغان دوكلات بولسا ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلغان دوكلاتلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەتراپلىق بولغان دوكلاتلارنىڭ بىرسى بولۇپ ، جەمئىي ئون باپ ۋە پاراگرافقا ئايرىلغان . دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 400 پەن - تېخنىكا ئالىمى 10 گۇرۇپپىغا بولۇنۇپ ، ھەر بىر باپ ۋە پاراگرافنىڭ تەكشۈرۈش ۋە لايىھە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان . بۇ پەن - تېخنىكا ئالىمىنىڭ 157 سى بولسا ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىۋاستە ئەۋەتكەن مۇتەخەسسىسلەر ، قالغانلىرى بولسا 47 دۆلەتنىڭ 50 نەچچە تەتقىقات مەركەزلىرىدىن تاللىۋېلىنغان ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ سەرخىللىرى . مۇندىن باشقا 1000 پەن - تېخنىكا ئالىمى بۇ دوكلاتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە قاتناشقان . مۆلچەرلەشكە قارىغاندا كىيىنكى قېتىملىق يەر شارى مۇھىتىغا نەزەر ئۇنىۋېرسال دوكلاتى يەنە بەش يىلدىن كىيىن UNEP تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىكەن .
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى ، مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى Achim Steiner مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : '' 1987 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى « بىزنىڭ ئورتاق كەلگۈسىمىز » دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ، بىز سانسىزلىغان ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئاڭلاپ كەلدۇق ، GEO-4 نىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش بولىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىت قىلىمەن . تەبىئەت ۋە يەر شارى بايلىقلىرىغا سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىش دەرىجىسى بىزنى ھازىرقىدەك مۇشۇنداق باسقۇچقا ئەكىلىپ قويدى . دۇنيا ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنىڭ ئىقتىسادىي مەۋجۇتلۇق ئىقتىدارى كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئەۋلادلىرىمىز ئۇچۇن قالدۇرغان ھېسابات تالونىغا ئۇلار ( مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ) چىقىش قىلىپ بولالمايدۇ '' .
[u]20 يىلدىن بۇيانقى يەر شارى خاراكتېرلىق ئۆزگۈرۈشلەر[/u]
ئىنسانىيەت نوپۇسى 34 پىرسەنت ئېشىپ ، ئالتە مىليارد يەتتە يۈز مىليونغا يەتكەن ؛
يەر شارىدا ھەر يىلى 73 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر ئورمانلىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ تۇرغان ؛
تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ھەر يىلى 3 مىليون ئادەم سۇ مەنبەسىنىڭ بۇلغىنىشى مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ ئولۇپ كەتكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى 5 ياشتىن تۆۋەن كىچىك بالىلار ؛
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 يىلدىن بۇيان دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 39 پىرسەنت ئاشقان ؛
سۇغۇرۇش ۋە توك چىقىرىش ئۇچۇن دۇنيادىكى 60 پىرسەنت دەريا - ئېقىنلارغا توسما سىلىنغان ياكى يۆلىنىشى ئۆزگەرتىلگەن ؛
تاتلىق سۇ بىلىقلىرىنىىڭ مىقدارى 50 پىرسەنت ئازلىغان ؛
دۇنيادا يىرىمدىن ئارتۇق شەھەرنىڭ بۇلغىنىشى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بېكىتكەن بۇلغىنىش ئۆلچىمىدىن ئىشىپ كەتكەن .

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: TwoSak ، ۋاقتى: 2007-10-29 10:47 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: TwoSak ، ۋاقتى: 2007-10-29 13:40 [/i]]



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار