ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى بىلىتىنى سېتىۋىلىشقا ئالدىراڭ

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
TwoSak
يازمىلار: 26
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 10:44 am
ئالاقىلىشىش:

ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى بىلىتىنى سېتىۋىلىشقا ئا

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان TwoSak » پەيشەنبە نويابىر 01, 2007 3:19 am

29 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەت سېتىش تور پونكىتى [url=www.tickets.beijing2008.cn]www.tickets.beijing2008.cn[/url] بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئېچىۋىتىلگەن بولۇپ ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىنىڭ بىلەت زاكاس قىلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدىكەن . خىرىدار مەزكۇر تور پونكىتى ئارقىلىق ئىچىلىش مۇراسىمى ، يېپىلىش مۇراسىمى ۋە ھەر قايسى يەككە تۈردىكى مۇسابىقىلەرنىڭ بىلەت ئەھۋالىنى ئىزدىيەلەيدىكەن .
29 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بىلىتىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىغا سېتىپ بېرىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى 2007- يىلى 4 - ئايدىن 7 - ئايغىچە بولۇپ ، بىلەت سېتىش تور پونكىتى ۋە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى يېرىگە تارالغان بېكىتىلگەن جۇڭگو بانكىسىنىڭ تور نۇقتىلىرى ئارقىلىق ئاممىنىڭ بىلەت زاكاس قىلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدىكەن . مەلۇم تۈرنىڭ ئىلتىماس سانى ئەسلىدىكى بىلەت سانىدىن ئىشىپ كەتسە ، چەك تارتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بىلەت تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىكەن . دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىغا بىلەت سېتىشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى 2007 - يىلى 10 - ئايدىن 12 - ئايغىچە بولۇپ ، بىلەت زاكاس قىلىش ئۇسۇلى بىرىنچى باسقۇچ بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن . دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىغا بىلەت سېتىشنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى 2008 - يىلى 4 - ئايدىن 9 - ئايغىچە بولۇپ ، بىلەت زاكاس قىلىش ئۇسۇلى بىرىنچى باسقۇچ بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن .
زاكاس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ پۇل تاپشۇرۇلغاندىن كىيىن ، خېرىدار دەرھال بىلەتكە ئېرىشەلمەيدىكەن . ئۈچ باسقۇچنىڭ بىلەت تەقسىم قىلىش ۋە بېلەتنى خېرىدارغا بېرىش خىزمىتى 2008 - يىلى 6 - ئايدا باشلىنىدىكەن .
10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 9:00 گىچە [url=www.tickets.beijing2008.cn]www.tickets.beijing2008.cn[/url] تور پونكىتىنىڭ زىيارەت قىلىش قېتىم سانى 8 مىليون قېتىمغا يەتكەن . بىرلا ۋاقىتتا زىيارەت قىلىدىغان تورداشلارنىڭ سانى ناھايىتى كوپ بولغانلىق سەۋەبىدىن ، توردا ئىلتىماس قىلغۇچىلار بىلەت زاكاس قىلىش ئىلتىماسىنى ۋاقتىدا تاپشۇرالمايدىغان ئەھۋاللار كورۇلۇپ تۇرغان . مۇشۇ سەۋەپلىك بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلات ھەيئەت مەركىزى مەزكۇر توردا ئاممىدىن كەچۈرۈم سورىدى . مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا جەھەتتىن ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن ئېھتىياتچان ھالدا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە ، تېخنىكىلىق لايىھىنى مۇكەممەللەشتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىككىنچى باسقۇچلۇق بىلەت سېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى قارار قىلغان . توردە ئىيتىلىشىچە بەش كۈندىن كىيىن توردا بىلەت سېتىش يەنە ئەسلىگە كىلىدىكەن .

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: TwoSak ، ۋاقتى: 2007-11-1 11:16 [/i]]



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار