2007 - يىلىدىكى ئەڭ ياخشى كەشپىيات

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
TwoSak
يازمىلار: 26
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 10:44 am
ئالاقىلىشىش:

2007 - يىلىدىكى ئەڭ ياخشى كەشپىيات

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان TwoSak » دۈيشەنبە نويابىر 05, 2007 10:28 am

ئامېرىكا « دەۋر » ژورنىلى يىقىندا 2007 - يىللىق ئەڭ نادىر كەشپىياتنى باھالاپ چىقتى ، ماشىنا ، ئايرۇپىلان ، ئالەم قاتنىشى ، ماشىنا ئادەم ، كوڭۇل ئىچىش ، قانۇن - تەرتىپ ، تۇرمۇش ، مۇھىت ، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق ، كومپيۇتېر ، ساغلاملىق ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىلغان ئېلېكتر بويۇملىرى جەھەتلەردىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكا ۋە ئەڭ يېڭى كەشپىياتلار بۇ قېتىملىق باھالاشنىڭكى ئوبىكتىۋى بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالما شىركىتىنىڭ iPhone يانفۇنى ئەڭ نادىر كەشپىيات قىلىپ باھالاندى .
« دەۋر » ژۇرنىلىنىڭ iPhone يانفۇنىنى ئەڭ نادىر كەشپىيات قىلىپ باھالاپ چىقىشىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالتە تۇرلۇك سەۋەبى بار ئىكەن :
1 . iPhone كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ ، كىشىلەرنىڭ يۆتكەلمە ۋاستىلىق ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان ئەنئەنىۋى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكەن . ئۇنىڭ تاشقى كۆرىنىش ، سىغىمچانلىقى ئىقتىدارى كىشىلەرنى ئۆزىگە يۈكسەك دەرىجىدە مايىل قىلغان ؛
2 . لاھىيلەش جەھەتتە بوسۇش ھاسىل قىلغان بولۇپ ، iPhone نىڭ لاھىيىلىنىشى بىلەن تېخنىكىلىق ئامىللار تەڭ ئورۇنغا قويۇلغان ؛
3 . iPhone ئىكرانىغا يېڭى تېخنىكا ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، سېزىمچان ئېكران كۆزنىكى ئاز دېگەندە ئىككى نۇقتىدىكى تىگىش ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ ؛
4 . iPhone ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئارقىلىق يانفۇن بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تىخىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن ؛
5 . iPhone غا كوپ ئىقتىدارلىق OS X ئۇستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ ، ئۇ خۇددى بىر مېكرو كومپيۇتېرغا ئوخشايدۇ ؛
6 . iPhone نىڭ كەلگۈسىدىكى بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك بولىدۇ .
[u]كەسىپلەر بويىچە ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتلار [/u]
قاتناش - ترانسىپورت : Venturi ئۆزلىگىدىن قوزغىلىدىغان توكلۇق ماشىنا ؛
ئالەم قاتنىشى : ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ؛
ئايروپىلان : Boeing ئارزۇ 787 ؛
ماشىنا ئادەم : HortiBot ئوت ئورۇش ماشىنىسى ؛
كوڭۇل ئىچىش : رەقەملىك 3D كىنو ؛
قانۇن - تەرتىپ : قوغلاپ تۇتۇش مەشغۇلات سىستېمىسى ؛
تۇرمۇش : 1000 دوللارلىق زەيتۇن توپ دۇبۇلغىسى ؛
مۇھىت : پۇراقلىق باتارىيە ؛
قۇرۇلۇش - بىناكارلىق : كىشىنى ھەيران قالدۇرغان سۇ قۇرۇلۇشى ؛
ساغلاملىق : Power Foot ئىقتىدارلىق يالغان پۇت ؛
كومپيۇتېر : قاتلىغىلى بولىدىغان ئېكران .



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار