(SH.J.U) ئۇيغۇرچە OCR سىستېمىسى رەسمىي بازارغا سىلىندى

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

(SH.J.U) ئۇيغۇرچە OCR سىستېمىسى رەسمىي بازارغا سىل

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » جۈمە نويابىر 09, 2007 2:48 am

[color=DarkSlateGray][size=4]سەركە ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تورى 2007-يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋىرى:[/color]

خەلقىمىزنى تەقەززا قىلغان ئۇيغۇرچە OCR سىستېمىسى روزا ھېيت مەزگىلىدە بازارغا سېلىندى. [/size]
[img]http://www.xjsarka.com/uy/UploadFiles/SarkaOCR.jpg[/img]

ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە باسما يېزىق تونۇتۇش سىستېمىسىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ تەتقىق قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىنستىتۇتىدىكى خالمۇرات مەمەت، تۈرگۈن ئىبراھىم, تۇرسۇن قۇربان ۋە ئەسقەر ھەمدۇللا قاتارلىق مۇئەللىملارنىڭ زور كۈچ چىقىرىشى، شىنجاڭ سەركە ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەبلەغ سېلىپ مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇشى ئارقىسىدا 1.0 نەشرى غەلىبىلىك ھالدا بازارغا سېلىندى.
بۇ سىستېما ساپ ھالەتتىكى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە باسما يېزىقلىرىنى، شۇنداقلا بۇ ئۈچ خىل يېزىققا ئارىلىشىپ كەلگەن خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە باسما يېزىقلىرىنى تونۇيالايدۇ. تونۇپ بولغان ھۆججەتنى txt ھالەتتە ساقلايدۇ. تونۇيالايدىغان ھۆججەت شەكىللىرى tif، bmp، jpg، pcxقاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مەلۈم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ نەشىرىدە يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنىشى خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە ئىككى خىل تىلنى قوللايدۇ.
سەركە شىركىتى تور بىتى: [url=http://www.xjsarka.com]http://www.xjsarka.com[/url]
خەۋەر مەنبەسى: [url=http://www.xjsarka.com/uy/shownews.asp?id=72]http://www.xjsarka.com/uy/show...2[/url]

ھەرقايسى رايۇنلاردىكى مەخسۇس سىتىش نوقتىلىرى:
[url=http://www.xjsarka.com/uy/Structure.asp]http://www.xjsarka.com/uy/Structure.asp[/url]

---------------------------------
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا باھاسى 280يۈەن ئىكەن.

________________________________________
[size=4]ئۇيغۇرچە OCRنىڭ ئاخىرى بازارغا سىلىنغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشالمەن، ھەم سەركە شىركىتىنى تەبرىكلەيمەن.[/size]
سىستىمىنىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشى يوق ئىكەن، ئۇيغۇرچە دىتاللار كاتالوگىغا كىرگۈزۈشكە ... :Q
ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت دىتال بولغاندىكىن كىرگۈزسەك توغرا بولامدىكىن.



Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » يەكشەنبە نويابىر 11, 2007 10:27 am

ئۇيغۇرچە OCR ئاخىرى بازارغا سىلىنىپتۇ، تەبرىكلەيمەن!:victory:
بىلىك مۇنبىرىدىكى تونۇش نىسپىتىدىن قارىغاندا خىلى ياخشى تونۇيدىكەن، لىكىن، ھەرپلەرنى پارچىلىۋىتەمدۇ-نېمە؟ ھەربىر ھەرپنى بىر پارچىلىۋىتىكەن، مۇشۇ OCR دىگەن نىمىغۇ ئادەمنى بەك ئاۋارە قىلىدۇ، تونۇنۇپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىرمۇ بىر تۈزىتىشكە بەك كۆپ ۋاقتىمىزنى ئالىدۇ.
نىمىلا دىمىگەن بىلەن، ئۇيغۇرچە خەت تونۇتۇش سىستىمىمىزمۇ بار بولدى.

karakash
يازمىلار: 27
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇل 10, 2007 10:06 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان karakash » سەيشەنبە نويابىر 13, 2007 9:44 am

بۇ ھەقىقەتەن بىر خوشخەۋەر ئىكەن.
ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟ مۇۋەپپەقىيەت دەرىجىسى قانداقراق؟
ئىشلىتىپ باققانلار سىناق نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا...
رەھمەت.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە نويابىر 13, 2007 4:56 pm

ئىشەنچلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا بالدۇر بازارغا سىلىپ قويۇپتۇ.

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە نويابىر 18, 2007 4:35 am

ئىشىلتىپ سىناپ باققانلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا سىكەنىرلەش تېخنىكىسى تۈۋەن ( سىكەنىرلاشتا ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن ۋە تەھرىرلەش قۇرالىدا رەسىمنىڭ قاش كىرپىكىنى ياسىيالمايدىغان) ئىشلەتكۈچىلەر 60% لىك ئۈنۈمگە ئىرىشەلمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلىشىۋاتىدۇ...

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » دۈيشەنبە نويابىر 19, 2007 5:58 am

ئادەتتە كۆپلىگەن OCR لارنىڭ تونۇشتىن كىيىنكى خىزمەتلىرى بەك چۇۋالۋاق بولىدۇ، خەتنى تونۇغان بىلەن، باسقۇدەك قىلىپ، تەھىررلەپ قىلىشقا نۇرغۇن ئەمگەك كىتىدۇ، ئۇيغۇرچە يېزىقىمىز تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇنىسى تەبىئىي ئەھۋال.
ئاخىرقى ھىسابتا ئۇيغۇرچە يىزىق تونۇتۇش سىستىمىسى OCRنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى، شۇنداقلا نىمىلا دىمىگەن بىلەن ھامان ئىلان قىلىنغانلىقى ياخشى ئىش.:handshake

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە نويابىر 25, 2007 3:00 pm

سېتىۋېلىپ ئىشىلتىپ باققانلار تەجرىبىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باققان بولسا!

ahtar
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ماي 25, 2007 1:42 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان ahtar » جۈمە ماي 09, 2008 1:26 pm

ئامال بار يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەكرار ئىشلىنىشىنى توسىغان بولساق بەكمۇ ياخشى بولغان بولاتتى! ئەگەر مۇشۇنداقلا تەكرارلاش داۋاملىشىپ ، يىڭىلىق ئاز بولسا ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئېچىش كەسپىگە نىسبەتەن بولغان ئىلگىرلەشكە تەسىر يېتىشى مۇمكىن ، بەلكىم خەۋەردارسىلەر بۇندىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى بىر قېتىم ئۇيغۇرچە OCRنى ئىشلەپ بازارغا سالغان ئىدى ، ئۇندىن باشقا بىلىك تورىدىكى V.BASIC.Bئەپەندىممۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە OCRنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە شۇ يۇمشاق دېتال توغرىسىدىكى تەتقىقاتىنى خېلى بىر يەرگە ئاپارغان ئىدى (ھازىر بۇ يۇمشاق دېتالمۇ ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈپ بولدى تونۇش ئۈنۈمى يۇقرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرشىۋاتىدۇ ھاازىر تونۇش ئۈنۈمى 90%كە يەتتى) . ئەمدىلىكتە سىلەر مەزكۇر يۇمغاق دېتالنى بازارغا سېلىپسىلەر بۇ ھەقىقەتەنمۇ خۇشاللىنىشقا تىگىشلىك بىر ئىش ، ئەلۋەتتە ھەممىڭلار ئىشلەتكەن تېخنىكا ، لايىھەلەش مۇھىتى ھەمدە ئۇسۇلىدا خېلى كۆپ پەرقلەر بار لېكىن ، شۇ تېخنىكىلارنى يەنە باشقا يۇمشاق دېتال ئىشلەشتە قوللىنىشقىمۇ بولىدىغۇ....
شۇڭلاشقا مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەكرار ئىشلەپ چىقىرىنىنىڭ ئالدىنى ئالساق ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيوتېر تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەمدە ھەر بىر پروگراممىر ، شېركەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق دەپ ئويلايمەن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار