Google قۇرغۇچىلىرى

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
TwoSak
يازمىلار: 26
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 10:44 am
ئالاقىلىشىش:

Google قۇرغۇچىلىرى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان TwoSak » چارشەنبە نويابىر 14, 2007 11:25 am

ھازىر Google ئىنتېرنېت تورى ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ بىر ئايرىلماس قورالىغا ئايلاندى . ئۇ ھەر بىر كىشى تاپماقچى بولغان جاۋاپ بىلەن سوئالنىڭ ئارىلىقىنى بىر كۇنۇپكا بىلەنلا يىقىنلاشتۇرماقتا .
[attach]48[/attach]
[color=Blue]Sergey Brin [/color]
Google نىڭ قۇرغۇچىسى Sergey Brin يەھۇدى بولۇپ 1974 - يىلى موسكىۋادا تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى ماتېماتىك بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتا سىۋىت ئىتتىپاقى پىلان كومىتېتىدا ئىشلىگەن . سىۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يەھۇدىلارغا قارىتا كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسىتى تۈپەيلىدىن 1979 - يىلى ئائىلىسى بويىچە ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ چىكەتكەن . ظذ Maryland ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر كەسپى بويىچە تەبىئىي پەنلەر باكلاۋۇرلۇقىنى ئالغان ۋە Stanford ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرلىقنى ئوقۇمايلا دوكتورلۇقتا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن . بىراق ئۇ ئۆزى بىلەن تەڭ دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان Larry Page بىلەن بىللە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ، Google ئىزدەش ماتۇرىنى قۇرۇشقا كېرىشىپ كەتكەن .
[attach]49[/attach]
[color=Blue]Larry Page[/color]
1995 - يىلى 3 - ئايدا Sergey Brin بىلەن Larry Page ئوز ئارا ئۇچراشقان ۋە ئۆز - ئارا ئۇچۇر ئالاقىسى توغرىسىدا ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئىلىپ بارغان . گەرچە نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىككىيلەننىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ ئەمما « قانداق ئۇسۇل بىلەن ئۇچۇر دېڭىزىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ » دېگەن مەسىلىدە كۆز قارىشى ئوخشاش چىقىپ قالغان .
بۇ ئورتاق قىزىقىش ئۇلارنىڭ كەسپىتە بىللە مىڭىشىگە سەۋەپچى بولغان . ئۇلار ھەمكارلىشىپ ئىش باشلىغان ۋاقىتتا ئىنتېرنىتتا ئىزدەش تېخنىكىسىدا غايەت زور تەرەققىيات بوشلۇقىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان . ئۇلار بىرلىشىپ ئىناۋەت كارىتىسىغا 15000 ئامېرىكا دوللىرى قەرز قىلىپ ئۈسكىنە سېتىۋېلىپ ئۇنىۋېرسىتىدا ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىنى قۇرغان . 1998 - يىلى 9 - ئايدا 24 ياشلىق Brin ۋە 25 ياشلىق Page ئۇلار بىرلىشىپ شىركەت ئىچىش قارارىغا كەلگەن ، ئۇلار دەسلەپتە ئىنتېرنىتتا ئۇچۇر ئىزدەشنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر مۇلازىمەت تۈرى قىلغان . سودا - سېتىق پىلانىدىن ئازراقمۇ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇلار Cisco شىركىتىنىڭ 100 مىڭ ئامېرىكا دوللارلىق مەبلىغىنى ئىشەنچىسىگە تايىنىپ قولغا كەلتۇرگەن ۋە ماشىنا ئىسكىلاتىدىن بىرنى ئىجارىگە ئىلىپ Google نىڭ تۇنجى مۇساپىسىنى باسقان . شۇ ۋاقىتتا شىركەتتە بۇ ئىككەيلەن بىلەن قوشۇلۇپ بىر ياللانما خادىم ئىشلەيتى . شىركەت قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي Google نىڭ ھەر كۈنلۈك ئىزدەش قېتىم سانى ئون مىڭغا يەتكەن ، ئاخبارات ۋاستىللىرىمۇ بۇ شىركەتكە قىزىقىشقا باشلىغان . ئىككىنچى يىلى ، ئىككى تەۋەككۈلچى مەبلەغ سالغۇچى google غا 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سىلىپ ، goolge تەرەققىياتنىڭ بىر بالداق ئالدىغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغان . 2000 - يىلى 8 - ئايدا ئۇلار ئۆزىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سىلىپ مىليۇنىرلارغا ئايلانغان .
ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا Sergey Brin بىلەن Larry Page توت مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مال - مۈلكى بىلەن تۇنجى قېتىم Forbes مۇنبىرىدە 26 رەتتە تىزىلىپ ، دۇنيا بويىچە مال - مۈلكى ئەڭ كوپ ئىككى ياش بولۇپ قالغان . يىقىندا 25 - نۆۋەتلىك Forbes بايلار مۇنبىرىدە Sergey Brin نىڭ 4 مىليارد توت يۇز مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىلىق ، Larry Page نىڭ 4 مىليارد بەش يۇز مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىلىق مال - مۇلكى بار دەپ كۆرستىلگەن .
Sergey Brin بۇ يىل 5 - ئايلاردا توي قىلغان :
[attach]50[/attach]
توردا Larry Page تويىنىڭ كىلەر ئايدا ئوتكۇزىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر يىزىلغان :
[attach]51[/attach]
google شىركىتىدە «ھەقسىز» بولسا شىركەت مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى : خىزمەتچى خادىملارنىڭ تامىقى ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ، بەدەن ئۇۋىلىتىش ، كىر يۇغۇزۇش ، مۇنچىغا چۇشۇش ، كېسەل كۆرسىتىش قاتارلىقلارنىڭكى ھەممىسى ھەقسىز ؛ شىركەتتە خىزمەتچىلەر سەپلەپ بىرىلگەن ئەڭ ناچار كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانى 17 سۇڭلۇق كىرىستال ئېكران ؛ ھەر بىر قەۋەتتە بىردىن قەھۋەخانا بولۇپ ، كىشىلەر خالىغان ۋاقىتا ھەقسىز قەھۋە ئىچىپ ، تاتلىق تۇرۇملەرنى يەپ ، تۇڭلاتقۇ ئىچىدىكى ئىچىملىكلەرنى خالىغان ئىچىپ قىلالايدۇ .
ئىشچى خىزمەتچىلەر بالىلىرىنى ۋە ياخشى كۆرگەن ھايۋانلىرىنى ئىلىپ خىزمەتكە كەلسە بولىدۇ ، شىركەتتىكى ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ بىردىن ئىشخانىسى بولۇپ ، ئىشخانىنىڭ قانداق بىزىلىشىنى خىزمەتچى خادىم ئۆزى بەلگىلەيدىكەن .



Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » چارشەنبە نويابىر 14, 2007 12:38 pm

مانا بىزمۇ مۇشۇ ياشتا تۇرۇپتىمىز. لېكىن،« باشقىلار كەتسە ئۇزام دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن» دىگەندەك. تىل يېزىقىمىزنى ۋە يۇنىكودېنى بىرلىككە كەلتۇرىمىز دەپ 2003-يىلدىن بۇيان توۋلاۋاتىمىز...

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە نويابىر 18, 2007 4:46 pm

5- ئايدا توي بولۇپ بولغان
[خەۋەر ] Google نىڭ قۇرغۇچىسى توي قىلدى
[url]http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=21790[/url]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار