تۇنجى يەككە كومپيۇتېر ياسىغۇچى

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
TwoSak
يازمىلار: 26
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 10:44 am
ئالاقىلىشىش:

تۇنجى يەككە كومپيۇتېر ياسىغۇچى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان TwoSak » پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 6:10 am

[attach]56[/attach]

Steve Jobs ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ؛ 1985 - يىلى Reagan زۇڭتۇڭ تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك تېخنىك مېدالغا ئىرىشكەن ؛ 1997 - يىلى رەسىمى « دەۋر ژۇرنىلى » تەرىپىدىن داڭلىق كىشى سۈپىتىدە مۇقاۋا يۈزىگە بيسىلغان ؛ 2007 - يىلى « بايلىق » ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادا تەسىر كۈچىگە ئىگە سودا ساھەسىدىكى 25 باشلامچىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزىلغان ؛ كەسىپداشلىرى تەرىپىدىن « كومپيۇتېر تەلۋىسى » دەپ شۆھرەت قازانغان .
[u]ئالما شىركىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى [/u]
1955 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ، Steve Jobs ئامېرىكىنىڭكى San Francisco شەھىرىدە تۇغۇلغان . دۇنياغا كوز ئىچىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىۋېرسىتېت پىراففىسسور دادىسى ۋە چۈشكىن سەنئەتچى ئانىسى تەرىپىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن تاشلىۋىتىلگەن . بەختكە يارىشا ياخشى نىيەتلىك بىر جۇپ ئەر - ئايال بۇ بىچارە بالىنى بىقىۋالغان . ئۆگەي ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا خۇددى ئوز ئوغلىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنگەن .
ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىكى Jobs ئەقىللىق ، كەپسىز . باشقىلاردىن ھېيىقمايدىغان بالا بولۇپ ، ئويلىمىغان يەردىن بىمەنە قىلىقلارنى قىلىپ باشقىلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۇشۇرۇپ قۇيۇشنى ياخشى كۆرەتتى . بىراق ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى ئىدى .
شۇ ۋاقىتلاردا Jobs ئائىلىدىكىلىرى بىلەن داڭلىق كىرىمنىي جىلغىسىدا تۇراتتى ، ئۇلارنىڭ قوشنىلىرى كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ مۆتىۋەرلىرى -- Hp شىركىتىنىڭ يۇقىرى قاتلام خىزمەتچىلىرى ئىدى . مۇشۇ كىشىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن Jobs كومپيۇتېرغا كىچىكىدىن تارتىپلا ئىشتىياق باغلايدۇ . HP نىڭ بىر ئىنژېنېرى ئۇنىڭ ئوتتەك قىزىقىشىنى كورۇپ ، ئۇنىڭغا HP شىركىتىنىڭ « بايقاش كۇلۇبى » غا قاتنىشىش تەلىپىنى بىرىدۇ . بۇ كۇلۇبقا مەخسۇس ياش ئىنژېنېرلار يىغىلىدىغان بولۇپ ، ھەر ھەپتىنىڭكى سەيشەنبە كۈنى شىركەت ئاشخانىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزەتتى . مەلۇم بىر قېتىملىق يىغىلىشتا ، Jobs تۇنجى قېتىم كومپيۇتېرنى كۆرىدۇ ۋە كومپيۇتېرغا نىسبەتەن غۇۋا چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ .
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر قېتىملىق يىغىلىشتا Jobs ئۆزىدىن 5 ياش چوڭ Steve Wozniak بىلەن ئۇچرىشىدۇ . شۇ ۋاقىتلاردا Wozniak مەكتەپ ئېلېكترون كۇلۇبىنىڭكى باشلىقى ئىدى ، ئېلېكترونغا بولغان ئورتاق قىزىقىش ئۇلارنى يىغىن دوستلارغا ئايلاندۇرىدۇ ( 8 يىلدىن كىيىن ئۇلار بىرلىشىپ ئالما شىركىتىنى قۇرغان ) .
19 - ياشقا كىرگەن يىللىرى ، ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى ئوقۇۋاتقان Jobs تۇيۇقسىز مەكتەپتىن چېكىنىپ Atari ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق شىركىتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى بولىدۇ . ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ بۇددا دىنىغا قىزىقىپ قالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن خىزمىتىنىمۇ تاشلاپ ئوكيان ئاتلاپ ھىندىستانغا بېرىپ دۇئا-ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىپ گۇمپا ئۇگىنىدۇ . ئۇ بۇ جەرياندا بۇددا دىنىنى ئۇگىنەلمەيلا قالماستىن بەلكى يەتكىچە جەبىر-جاپا تارتىدۇ . ئاخىرى ۋەتەنگە قايتىپ Atariشىركىتىدە ئىنژېنېرلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .
Atari شىركىتىگە ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن ئوسمۇرلۇك ۋاقتىدىكى قىزىقىشى بويىچە Wozniak بىلەن بىللە ماشىنا ئىسكىلاتىدا كومپيۇتېرنى تەتقىق قىلىدۇ . ئۇلارنىڭكى شۇ ۋاقىتتىكى ئارزۇسى بولسا ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بىر كومپيۇتېرغا ئېرىشىش ئىدى . ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا سېتىلىۋاتقان كومپيۇتېرلارنىڭكى كۆپىنچىسى سودا خاراكتېرىدىكى كومپيۇتېرلار بولۇپ ، سىغىمى چوڭ ، ھەم بەك قىممەت ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوزلىرى كومپيۇتېردىن بىرنى ياسىماقچى بولىدۇ . يەككە كومپيۇتېرنى ياساش ئۇچۇن مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ كىرەك بولاتتى ، ئەمما شۇ ۋاقىتتىكى 8080 ئۆزەك پلاستىنكىنىڭكى يەككە سېتىلىش باھاسى 270 دوللار ئىدى ، ئۇنىڭ ئۇستىگە پەقەت تىزىمغا ئالدۇرغان شىركەتلەرگىلا سېتىلىپ بېرىلەتتى . ئۇلار توختىماي ئىزدىنىش ئارقىلىق 1976 - يىلى سان فىرانسىسكو Wisconsin كومپيۇتېر مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە Motorola شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئىقتىدارى Intel شىركىتىنىڭ 8080 دىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ، باھاسى 20 دوللارلىق ئەرزان 6502 ئۆزەك پلاستىنكىسىنى سېتىۋالىدۇ .
6502 ئۆزەكنى سىتىۋالغانغا چەكسىز خۇشال بولغان بۇ ئىككى ياش ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانى ئۇچۇن توختاۋسىز ئىزدىنىدۇ . ئۇلار ئالدى بىلەن بىر توك يولى تاختىسىنى ياساپ چىقىپ ، 6502 مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە باشقا قاتتىق دېتاللارنى ئۇنىڭ ئۇستىگە ئورنىتىدۇ . چاتقۇچ ئېغىز ئارقىلىق مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن كونۇپكا تاختىسى ۋە ئېكراننى ئۇلايدۇ . تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بىر نەچچە ھەپتىدىن كىيىن بىر كومپيۇتېر ياسىلىپ چىقىلىدۇ . شۇ ۋاقىتتا Jobs نىڭ دوستلىرى ناھايىتى ھەيران قالىدۇ ، ئۇلارنىڭ ھىس قىلمىغان بىر ئىش شۇكى ، بۇ كۆرۈمسىز نەرسە دەل كىيىنكى دەۋرگە غايەت زور تەسىر كورسەتكەن دۇنيادىكى تۇنجى يەككە كومپيۇتېر ئىدى .
[attach]58[/attach]
[color=Blue] ياش ۋاقىتتىكى Jobs ۋە Wozniak (سول ۋە ئوڭ)[/color]
چىچەن Jobs بۇ نەرسىنىڭ چوقۇم بازار تاپىدىغانلىقىغا چۇڭقۇر ئىشىنىدۇ ۋە كوپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ توپلاش ئۇچۇن ، ئۇ ئۆزىنىڭكى كىچىك ماشىنىسىنى سېتىۋېتىدۇ . شۇنداقلا Wozniak نەسىھەت قىلىپ ئۇنىڭكى HP كومپيۇتېرنى ساتقۇزىۋىتىدۇ . شۇنىڭ قىلىپ يۇرۇپ ئۇلار ئىگىلىك تىكلەيدىغان 1300 دوللار پۇلنى راسلاپ چىقىدۇ .
1976 - يىلى « ئالداش بايرىمى » كۈنى Wozniak ، Jobs ۋە Jobs نىڭ دوستى Wayne كىيىنكى دەۋرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئىشنى قىلىدۇ : ئۇلار ئۈچ ئادەم بىرلىكتە توختام تۈزۈپ شىركەت قۇرۇشنى قارار قىلىدۇ . شىركەت نامى ئالمىغا ئامراق Jobs نىڭ تەكلىپىي بويىچە '' ئالما '' قويۇلىدۇ . شىركەت ماركىسى بولسا بىر چىشلەم چىشلەپ قويۇلغان ئالما رەسىمى بولىدۇ . ئۇلار ياسىغان تۇنجى كومپيۇتېرى '' ئالما بىرىنچى نومۇر '' دەپ ئاتىلىدۇ .
[attach]57[/attach]
[color=Blue]ئالما بىرىنچى نومۇر[/color]
شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى باسقۇچلاردا '' ئالما '' كومپىيۇتېرنىڭكى سودىسى ناھايىتى سۇس بولىدۇ ، ئېلېكترونغا قىزىدىغان كىشىلەردىن باشقا كىشىلەر بۇ كومپيۇتېرغا دىگەندەك قىزىقىپ كەتمەيدۇ . بىر تاساددىپىي پۇرسەت '' ئالما '' شىركىتىنىڭ تارىخى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشىغا شەرت - شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ .
( ئاخىرى بار )

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: TwoSak ، ۋاقتى: 2007-11-29 15:16 [/i]]



Erdewil
يازمىلار: 27
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 06, 2007 2:58 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil » جۈمە نويابىر 30, 2007 6:22 am

ئالما شىركىتى مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىكەنمەن،ھەقىقەتەن تىرىشچانلىك كۆرسىتىپتۇ.

Jewlaniy
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 07, 2007 4:34 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Jewlaniy » جۈمە يانۋار 25, 2008 4:24 pm

بۇ ئاڭلاپ قويۇشقا تىگىشلىك خەۋەر ئىكەن.
ئاخىرى ئۈزۈلۈپ قالدىما؟ بولسا داۋامىنى يوللىۋەتسىڭىز بوپتىكەن.
داۋامىنى كۆرۈشكە تەشنامىز. :)

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار