Vista SP1 تارقىتىلىشقا ئاز قالدى!

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

Vista SP1 تارقىتىلىشقا ئاز قالدى!

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » شەنبە فېۋرال 16, 2008 8:57 am

ئالدىنقى كۈنى تور بەتلەردىن ئارىلاپ كۆرۈپ، Vista SP1 تارقىتىلىشتىن ئاۋۋال سىستىمىغا 2دانە ياماق، يەنى KB937287 بىلەن 938371 ئىككى دانە ياماق قاچىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كۆرگەن ئىدىم.
بۈگۈن توردىن شۇنداق خەۋەر ئىزدەپ باقسام راست ساماندەك چىقتى، [img]http://image.yesky.com/TLimages/img/head/logo.gif[/img] تورىنىڭ تۆۋەندىكى خەۋەرنى كۆرۈپ بىقىڭ:
[url=http://os.yesky.com/windowsvista/132/7808632.shtml]http://os.yesky.com/windowsvista/132/7808632.shtml[/url]

ھالا بۈگۈن، كومپىيۇتېرىم بىر قانچە ياماقنى ياماپ ئولتۇرىدۇ، ھەم قايتا قوزغالسام بولاتتى، دەپ شۈمشىيىپ تۇرىدۇ، ھە، بوپتىكەن قوزغال، دەپ قويۇپ بىرىپ، قاراپ تۇرسام، قايتا قوزغىلىپ، ئۈستەل يۈزى كۆرۈنمەي تۇرۇپ، مەرھابا كۆزنىكىدە ياماقنى ياماپ بولۇپ، يەنە 1 قېتىم قايتا قوزغالدى.
ئاندىن سىستىمىغا كىردى، نىمىلەر يامالدى قېنى دەپ يامالغان ياماقلار تارىخى خاتىرىسىنى ئىچىپ قارىسام گۇمانلىق 8371 دەپ تۇرىدۇ (ئاخىرقى 4ھەرىپىنى يادىلىۋالغان ئىدىم :D )، شۇنىڭ بىلەن توردىن يۇقاردىكى ئۇلانمىنى ئىزدەپ تىپىپ سىلىشتۇرۇپ باقسام، [size=5]ۋاھ،[/size] :loveliness: دەل ئاشۇ 938371يامىقى بۈگۈن 16-چىسلا (تۈرى: مۇھىم) قاتارىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قاچىلىنىپتۇ.
دىمەك، دىمەك، دىمەك، ...... بۇ ئۆزى؟ ھىم، دەل شۇنداق، سىز Vista جان ئۇزاققا سوزۇلغان ياماق چۈشۈرۈش باسقۇچىنى باشلىماقچى؟ SP1نى چۈشۈرەي دەپسىز-دە، دەپ بىلدىم.
يەنە بىر ياماقتىن ھىچ گەپ يوق، ئىش قىلىپ، SP1گە ئاز قالغان گەپ، ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىللەر قانداق بولغاندۇ؟ [url=http://www.cnbeta.com/articles/49259.htm?f=tw]551 Bug [/url]ھەل قىلىنىدىغان بولغاندىكىن ھەل بولۇپ كىتەمدۇ؟ ھەيييييييي، چىققاندا بىر كۆرەيلى جۇمۇ~~~~~~~~~~~ :time:



Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » يەكشەنبە فېۋرال 17, 2008 4:38 am

Vistaنى يەنە نۇرغۇن جەھەتتە كەمچىللىكلىرى بار دىگەن تەقدىردىمۇ، توردىكى باشقا تىللاردىكى ماترىياللارغا ئاساسلانغاندا ۋە ئەمىلىيەتتە كۆرگىنىمىزدەك، يېڭى بىر ئىشلىتىش پۇكىيى، ئىنىقلىقى راۋرۇس ئاشۇرۇلغان رەڭ تۈسلىرى، كۆزنەك لاھىيلىرى، پروگرامما تۈرلىرىنىڭ XPدىن كۆپ پەرقلىق بولىشى... قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن يەنىلا كەلگۈسى پارلاق بولىشى مۇمكىن.

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » پەيشەنبە فېۋرال 21, 2008 10:48 am

17-چىسلا كۈنى KB937287 يامىقى يامىلىپتۇ.
كىيىن، Vistaنى كۆپ ئىشلىتەلمىدىم، بۈگۈن (21-چىسلا) تور بەت ئارىلاۋىتىپ مۇنۇلارنى كۆرۈپ قالدىم.
Vista SP1补丁导致PC无限重启 微软推迟发布计划
Vista SP1 كۆپلىگەن كومپىيۇتېردا چەكسىز قېتىم قايتىدىن قوزغىلىپ كىتىش ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، مىكروسوفت شىركىتى SP1 تارقىتىلىش ۋاقتىنى كىچىكتۈرىدىكەن.
ئەسىلى پىلان بويىچە كومپىيۇتېرغا يۇقاردىكى ئىككى ياماق، بولۇپمۇ كىيىنكى KB937287 يامىقى يامىلىپ بولغاندىن كىيىن، (بۇ ياماق قاچىلاندى دىگەن گەپ =>) SP1ئاپتۇماتىك چۈشۈشنى باشلايدۇ، دىگەن گەپ بولىدىكەن. لىكىن مىكروسوفت تەرەپ سانسىزلىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپىيۇتېرى يۇقاردىكى ئاخىرقى ياماق بولغان KB937287 نى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن، SP1چۈشۈشنى باشلىغاندا كومپىيۇتېر قايتا قايتا، قايتا قوزغىلىپ كىتىدىغان ناچار ئەھۋال شەكىللەنگەن بولۇپ، (مىنىڭ كومپىيۇتېرىمدا ھەجەپ ئۇنداق بولمىدى، ياكى مەن ئۇ كۈنى Vistaئالدىدا كۆپ ئولتۇرمىغاچقا بايقاشقا پۇرسەت بولمىدىمۇ بىلمىدىم)، مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن Windows Update پروگراممىسىدىن SP1نى چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنى بىكار قىلىۋەتكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، SP1 بولىقى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە بولغان ئارلىقنىڭ بىرىدە تارقىتىلىشقا كىچىكتۈرۈلگەن.

خەۋەر مەنبەسى:
[img]http://www1.pconline.com.cn/ponline_logo_sd.gif[/img]
[url=http://news.pconline.com.cn/nw/0802/1227601.html]http://news.pconline.com.cn/nw/0802/1227601.html[/url]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار