جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

Microsoft شىركىتى Yahoo دىن ۋاز كەچتى

يېزىلغان: دۈيشەنبە ماي 05, 2008 9:21 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin
Microsoft شىركىتى Yahoo دىن ۋاز كەچتى
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سېتىۋېلىشتا بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، شۇ كۈنى Microsoft شىركىتى Yahoo شىركىتىنى سېتىۋېلىش پىلانىنى قايتۇرىۋالغان. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» تورى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، Microsoft شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى پاۋىل ۋە Yahoo شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ياڭ جىيۈەن قاتارلىق ئەمەلدارلار 3-ماي سىئەتىل شەھرىدە كۆرۈشكەن. پاۋىل Yahoo نىڭ ھەر بىر پاي چېكىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسىنى 33 دوللارغا كۆتۈرگەن، لېكىن ياڭ جىيۈەن 37 دوللاردىن تۈۋەن بولسا بولمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان. Microsoft شىركىتى بۇ يىل 2-ئايدا ھەربىر پايچېكىنى 31 دوللاردىن جەمئى 44 مىليارت 600 مىلىيۇن دوللار باھا قويغان بولسىمۇ، Yahoo شىركىتى بۇ باھانى تۈۋەن كۆرۈپ رەت قىلغان. بۇ قېتىم 47 مىلىيارت 500 مىلىيۇن باھا قويۇلغان بولسىمۇ يەنىلا رەت قىلىنغان. Microsoft نىڭ Yahoo نى سېتىۋېلىش خەۋىرى پۈتۈن تور دۇنياسىدا زور زىلزىلە قوزغىغان ئىدى.

ھەجەپ قىممەتكەنغۇ!

يېزىلغان: دۈيشەنبە ماي 05, 2008 1:23 pm
تەرىپىدىن يوللانغان koktash
ئالامەتلا باھالارنى قويۇپتىغۇ!
شەبنەم، دىيارىملار قانچە پۇلغا يرايدىغاندۇ!؟؟1؟1