[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • DELL شىركىتىنىڭ تارىخى تەرەقىياتى
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

DELL شىركىتىنىڭ تارىخى تەرەقىياتى

يېزىلغان: دۈيشەنبە ماي 05, 2008 9:24 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin
DELL شىركىتىنىڭ تارىخى
DELL شىركىتىنى Michael Dell دېگەن كىشى 1984-يىلى قۇرۇپ چىققان. بۇ شىركەت كومپيۇتېر ساھەسىدە تەخىتكە ئولتۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان باش ئىجرائىيەتچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. DELL شىركىتى مال سېتىش جەھەتتە دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر كومپيۇتېر شىركەتلىرىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «بايلىقتكى 500 كۈچلۈك» ئىچىدە 25- ئورۇندا تۇرىدۇ. DELL مەسئۇلاتلىرىنىڭ بازاردىكى ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرى بولىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەب بۇ شىركەتنىڭ ئىزچىل ھالدا بىۋاستە سېتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقىدا، ئۆلچەملىك كومپيۇتېر ۋە ئۆلچەملىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەنلىدە. نۆۋەتتە DELL شىركىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا 75100 نەپەر خىزمەتچىسى بار.

DELL شىركىتى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىنقىلاب خارەكتىرلىك ئىسلاھاتلارنى ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئۇنىڭ خىرىدارلىرى ھەر خىل شىرگەت، ئىدارە ئورۇن، مائارىپ سىستېمىلىرىدىن تارتىپ يەككە ئىستىمالچىلارغىچە بولۇپ، DELL مەسئۇلاتلىرى باھاسىنىڭ مۇۋاپىق، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ كۈچلۈك، ئىشلىتىشكە قۇلايلىق بولۇشى بىلەن ھەر قايسى ساھەدىكى ئىستىمالچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. DELL شىركىتى خىرىدارلارنىڭ تەلىپىگە لايىق كومپيۇتېر ئىشلەش، مالنى بىۋاستە ئەۋەتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ۋاقىت ۋە تەننەرىخنى تۆۋەنلەتكەن.
DELL شىركىتى 1993-يىلى تۇنجى قېتىم ياپونىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە بىلەن تىجارەت قىلغاندىن كىيىن، DELL مەسئۇلاتلىرى ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان بازىرىغا كىرىشكە باشلىغان. شۇنىڭدىن كىيىن DELL شىركىتى ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان بازىرىغا مەبلەغ سىلىشقا باشلىغان.


نۆۋەتتە DELL شىركىتىنىڭ ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان سودا رايونىدا ياپۇن، كورىيە، جۇڭگۇ، ھىندىستان، مالايسىيە، يېڭى زىللاندىيە، سىنگاپور قاتارلىق 13 جايدا بىۋاستە مال سىتىش ۋە مال زاكاس قىلىش ئورنى بار. بۇ رايودىكى مۇلازىمەت يادروسى مالايىسىيىگە قۇرۇلغان بولۇپ، «ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان خىرىدارلار مەركىزى» (APCC) دەپ ئاتىلىدۇ.

DELL شىركىتى «ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان خىرىدارلار مەركىزى» نىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە كەسپى ئىقتىدارىنى ئۆلچەم قىلىپ 1998-يىلى 8-ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ فۇجىيەن ئۆلكىسى شىيامىن شەھرىدە «جۇڭگۇ خىرىدارلار مەركىزى» (CCC) نى قۇرۇپ، جۇڭگۇنىڭ DELL مەسئۇلاتلىرىغا بولغان ئىھتىياجنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە.

DELL شىركىتىنىڭ ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان سودا رايونى ئۈچۈن قۇرغان تور بېكىتى [url]www.dell.com/ap[/url] ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە، كورىيىچە ۋە ياپونچە تۆت خىل تىل يىزىقتا قۇرۇلغان.

DELL شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، چىڭدۇ، نەنجىڭ، خاڭجۇ، شىنجىن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئىش بىجىرىش ئورنى بار. ھازىر دۆلىتىمىزدە 5500 دىن ئارتۇق ئىشىچى-خىزمەتچىسى بار.

يېزىلغان: سەيشەنبە نويابىر 11, 2008 7:31 am
تەرىپىدىن يوللانغان uyghurweb
مەنبەسى: [url]http://www.uyghurweb.com/munber/viewthread.php?tid=445&extra=page%3D1[/url]

ئۇنتۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ.