Apple شىركىتى ئۇيغۇر شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

Apple شىركىتى ئۇيغۇر شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » پەيشەنبە ماي 24, 2007 9:32 am

قارلۇق (Qarluq) ستۇدىيىسى تەشكىللىگەن، ئامېرىكا ئالما (Apple) شىركىتى، ئۇيغۇرسوفت (Uighursoft) شىركىتى، ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورى(UyghurDev.net) ھەمكارلاشقان، شىنجاڭدىكى كومپيۇتېردا لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ھەمكارلىق 2007 يىغىنى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى.

[img]http://www.uighursoft.com/temp/cp2007.gif[/img]

بۇ يىغىندا ئامېرىكا ئالما (جۇڭگو) شىركىتىدىن ليۇ يى، قارلۇق ستۇدىيىسىدىن پەخرىدىن قارلۇق، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىن ئالىم ئەھەت، ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورىدىن ئۆمەرجان ئۇچقۇن قاتارلىق خادىملار كومپيۇتېر قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال بىلىملىرى، كومپيۇتېر گرافىك سەنئىتى، ئۇيغۇرچە قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش، كوللېكتىپ ھەمكارلىقىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەر بويىچە كەڭ دائىرلىك ۋە قىزىقارلىق لېكسىيە بېرىدۇ.

بۇ يىغىنغا جەمئىي 1000 غا يېقىن قاتناشقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىمىز. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى، كومپيۇتېر شىركەتلىرى، تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىپ بېرىشىنى سورايمىز. ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپ بويىچە تىزىملىتىشىنى قارشى ئالىمىز.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناشقۇچىلار بېكىتىلگەن ئورۇندىن «كىرىش بېلىتى»نى ئېلىۋالسا بولىدۇ. يىراقتىن كېلىدىغانلار تور ئارقىلىق تىزىملاتسىمۇ بولىدۇ، تىزىملاتقانلارغا «كىرىش بېلىتى» ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ (تىزىملىتىش تورى دۈشەنبە كۈنى رەسمىي ئېچىلىدۇ)

[color=Red]يىغىن ۋاقتى: 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى (يەكشەنبە) چۈشتىن كېيىن 1:30~5:30[/color]

ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى
[img]http://www.uighursoft.com/temp/timeline.gif[/img]

[img]http://www.uighursoft.com/temp/xju.gif[/img]

[img]http://www.uighursoft.com/temp/campus.gif[/img]

[color=Blue]«كىرىش بېلىتى»(تەكلىپنامە) ھەققىدە[/color]

كىرىش بېلىتىنىڭ كۆرۈنۈشى 12-بەت 114-قەۋەتتىكى يازمىدىن كۆرۈڭ.

2007-يىلى 5-ئاينڭ 22-كۈنىدىكى ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدا خەۋەر بېرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا بۈگۈن ئەتىگەن، چۈش ۋە كەچلىك خەۋەرلەردىمۇ يىغىن ئەھۋالى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلدى.

[img]http://images13.51.com/12/b/92/eb/sabah/614_606_09703ab097374b87.jpg[/img]

توردا تىزىملىتىش مەنزىلى:[url]http://www.qarluq.com/2007/[/url]



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار