ئىملا ئامبىرىنىڭ 1.6 نۇسخىسى قوشۇلدى. ئىملا ئامبىرىدىكى سۆزلۈك سانى 758382 يەتتى.ئىملا ئامبىرى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن تۈپ سۆزلەر ئۈچۈن«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997-يىل)» دىكى سۆزلەر ئاساس قىلىندى. ھەم بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كىشى ئىسىملىرى قوشۇلدى.
ئاپتوماتىك توغرىلاش ئامبىرىدىكى سۆزلۈك سانى 429305 يەتتى. بۇ قېتىم بۇنداق كۆپىيىشتىكى سەۋەب، ئىملادا خاتالىشىش ئېھتىماللىقى بولغان 1200 دەك سۆزلەر(جاۋاب، كىتاب، تىلىۋىزور، ھەركەت...)نى رەتلەپ چىقىپ كومپيۇتېردا توغرىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغانلىقتىندۇر.
كەنجى كوررېكتورنىڭ نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى ياخشىلاندى.
ئۇيغۇرئېدىتتىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلدى، يەنە ئۆلچەمسىز كودلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېكىستلەرنى چاپلىغاندا ئاپتوماتىك توغرىلاش ئىقتىدارى ئايرىم تىزىملىك قىلىپ قوشۇلدى. نەشرى 3.0 گە كۆتۈرۈلدى.
كېيىنكى پىلانلار: ئاپتوماتىك قۇر قاتلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، سىلاۋىيان يېزىقى، ئورتاق تۈرك تىلى ئېلىپبەسى قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشۇش.
كەنجى كوررېكتورنى سېتىۋالغۇچىلار مەن بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ. باھا بۇرۇنقىدەك.
كەنجى كوررېكتوردىكى سۆزلۈكلەر ھازىر كەنجى كوررېكتوردىلا ئىشلىتىلىپ كەلدى. ھەم شىفىرلىنىپ كۆرگىلى بولمايدىغان قىلىنغان ئىدى. باشقا سىستېمىلاردىمۇ مەزكۇر سۆزلۈكنى ئىشلىتىشنى ئويلاۋاتقان بولسا مەن بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ. ھەقلىق تەمىنلەپ بېرىمەن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[url]http://kenjisoft.homelinux.com/[/url]
ئىملا ئامبىرى، كەنجى كوررېكتور ۋە ئۇيغۇرئېدىت يېڭىلاندى
توردىكى ئەزالار
مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار