UyghurWeb بىر يىلىڭغا مۇبارەك !!!

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
uyghurweb
يازمىلار: 13
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە نويابىر 24, 2007 4:32 am
ئالاقىلىشىش:

UyghurWeb بىر يىلىڭغا مۇبارەك !!!

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uyghurweb » سەيشەنبە نويابىر 11, 2008 7:29 am

UyghurWeb بىر يىلىڭغا مۇبارەك !!!

[color=red][size=5][align=center]ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز.[/align][/size][/color]

ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىمىز 2007--يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، بۈگۈن دەل بىر ياشقا كىرگەن توغۇلغان كۈنى.
مۇناسىۋەتلىك يازما :
[url=http://www.uyghurweb.com/munber/viewthread.php?tid=33&extra=page%3D1][color=blue]ئۇيغۇر كومپيۇتىر تېخنىكىسى تورى قۇرۇلدى![/color][/url]
ئەسلى بىز ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1 يىللىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن يازما يىزىش باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش پائالىيىتى، يۇمشاق دېتال ئەسرى مۇسابىقىسى، نادىر يازما مۇسابىقىسى ۋە تور مەشرىپى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئىدۇق، لېكىن خىزمەت ئالدىراشچىلىقى، ۋاقىتنىڭ قىس بولىشى ۋە شەخسى تۇرمۇش جەھەتتىكى تاساددىبىلىقلار تۈپەيلىدىن يۇقارقى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈشكە ئىمكان بولمدى. شۇنداقتىمۇ بىز باشقا بىر ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ بىر كۈننى خاتىرلەشنى لايىق كۆردۇق.

[color=blue]ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەت پائالىيەتلرىنى تورداشلارغا ئاشكارىلاش ۋە جاكارلاشنى بېكىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1 يىللىق سوۋغىسىى قىلىشنى توغرا تىپىپ بۇ يازمىنى توردشلارغا سۇندۇق.[/color]

ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىمىز قۇرۇلغان مۇشۇ بىر يىلدىن بۇيان تورداشلارنى كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بىلىم، ئەڭ يېڭى تېخنىكا ۋە ئەڭ يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئارىسىدا چۇڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردۇق. بىز بۇنىڭدىن كىيىن يەنىمۇ تىرىشىپ تورداشلارنىڭ بىلىم ئىھتىياجىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پىلانلىق ھالدا بىزگە ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان يۇمشاق دېتاللانى ياساپ تارقىتىشقا تىرىشىمىز. بىز ئەڭ ياخشىسى ئەمەس، لىكىن ئەڭ ياخشىسى بولۇشقا تىرىشىمىز.

[color=red][size=5]ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىنىڭ تۆھپىسى[/size][/color]

1. بىز Discuz5.5 نىڭ (مۇنبەر سىستېمىسى) ئۇيغۇرچ نەشىرىنى ھەقسىز تارقىتىپ، كۆپلىگەن بېكەتلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە تۈرۈتكە بولدۇق. (بىزنىڭ بۇ ھەقسىز تارقاتقان مۇنبەر سىستېمىمىزنى ئىشلىتىپ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن بېكەتكەر 30 دىن ئاشىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە زور كۆپچىلىكى دەۋرگە تەڭ ماسلىشىپ نەشىرىنى يۇقىرى كۆرتۈردى)، قاچىلاش ئۇسۇلى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى، يولۇققان مەسىلىلەر ۋاقتىدا ھەل قىلىندى.

2. DIY_Pager نىڭ (باش بەت سىستېمىسى) ھەر قايسى نەشىرلىرىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ، ماس ھالدا تەڭشەپ ھەقسىز تارقاتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنى قاچىلاش، ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇردۇق. ھۆججەتلىرىنى تەھلىل قىلىپ تورداشلارغا تونۇشتۇردۇق. كۆپلىگەن تورداشلار بۇ باش بەت سىستېمىسى بىلەن ئەتراپلىق تونۇشۇپ چىقتى. بۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن نۇرغۇن تورداشلىرىمىز بۇ بەت سىستېمىسىغا قىزىقتى. ئىشلىتىشنىڭ نەقەدەر قولاي ۋە ئاسان ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىپ نەشرىنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇردى. ۋە باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەقسىسز تارقىتىپمۇ تۇردى.

3. مەنزىل يۇمشاق دېتال گۇرۇپپىسى (تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە Windows XP نى تەرجىمە قىلغان يۇمشاق دېتال تۈزۈش گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تورداشلار ئارىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك قايىللىق تۇيغۇچى پەيدا قىلغان، ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ساھەسىگە ئىنقىلاب ئىلىپ كەلگەن.) بىلەن ھەمكارلىشىپ كوت-كوت ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش يۇمشاق دېتالىنىڭ سىناش ۋە سىناق نۇسخىسىنى تارقىتىش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاپ ، مەنزىل يۇمشاق دېتال گۇرۇپپىسى ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتۇق.

4. خەت نۇسخىسى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يىتىپ ALKATIP, UKK, UKIJ, ALPIDA, Uyghur Ekran قاتارلىق 55 خىل پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلغان خەت نۇسخىلىرى قوشۇلغان كۆپ ئىقتىدارلىق يۈنىكودلۇق (UNICODE) كىرگۈزگۈچ ---- Uyghur Unicode IME نى تارقىتىپ، تورداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈچلەرنى تەكرار قاچىلاش، ئۈسىتىمۇ-ئۈستى قاچىلاش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدۇق.

5. PHP مۇھىتى ھازىرلاش يۇمشاق دېتالى بولغان UyghurWeb PHP نى تارقاتتۇق. ھەممىمىزگە مەلۇمكى ھازىر تورداشلار ئارىسىدا PHP قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولماقتا. ھالبۇكى PHP تىلى Windows مۇھىتىدا بىۋاستە ئىجرا بولمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىتىنى ھازىرلاشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ خىل مۇھىتنى قۇرۇشنىڭ قەدەم باسقۇچىلىرى مۇرەككەپ، قاچىلاشقا تىگىشلىك دېتاللار كۆپ بولۇپ، يېڭى ئۈگەنكۈچىلەر ئۈچۈن تولىمۇ مۈشكۈل، تولىمۇ قىيىن. بىز دەل مۇشۇنداق يېڭى ئۈگۈنگۈچىلەرنى ئوبىكىت قىلىپ، پۇختا بىلگۈچىلەرگە قۇلايلىق يارىتىش مەقسىتىدە PHP, Mysql, Apache, Zend Optimizer, phpMyAdmin قاتارلىقلارنى توپلاشتۇرۇپ UyghurWeb PHP نامى بىلەن تارقاتتۇق. بۇنىڭ بىلەن تورداشلارنىڭ يۇقىرىقى قىيىنچىلىقى ھەل قىلىندى، قولايلىق يارىتىلدى.

6. ئۆزىمىز تۈزۈپ چىققان ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورى چۈشۈرۈش بېتى 1.2 نۇسخىسى ئىلان قىلىندى. ([url=http://down.uyghurweb.com/]http://down.uyghurweb.com[/url]) ۋە بېكىتىمىزنىڭ چۈشۈرۈش بېتى سۈپتىدە ئىشلىتىلدى. بۇ چۈشۈرۈش بېتىدە بېكىتىمىز ھەقسىز تارقاتقان بارلىق يۇمشاق دېتاللار ۋە كۆپ قوللىنىلىدىغان دېتاللار قوشۇلدى، چۈشۈرۈش بېتىنىڭ زىيارەت مىقدارى كۈندىن كۈنگە ئاشماقتا. نۇرغۇن تورداشلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا. بىز بۇ چۈشۈرۈش بېتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ تورداشلارغا ھەقسىز تارقىتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. پات ئارىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشكىسى.

7. ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىمىز Moodleدەرسخانا سېستىمىسىنى تەرجىمە قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، بۇ دەرسخانا سىستېمىسىنى تەرجىمە قىلماقتا. بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز بېكىتمىزنىڭ [url=http://www.uyghurweb.com/munber/forumdisplay.php?fid=65&page=1][color=blue]« Moodle مەخسۇس سەھىپىسى »[/color][/url] گە دىققەت قىلىڭ. Moodle غا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى يازمىنى كۆرۈڭ.
[url=http://www.uyghurweb.com/munber/viewthread.php?tid=2838&extra=page%3D1][color=red]Moodleدەرسخانا سېستىمىسىنىڭ قىسقىچە ھۆججەت قۇرۇلمىسى[/color][/url]

8. تورداشلارنى كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەر (يۇمشاق دېتال خەۋەرلىرى، قاتتىق دېتال خەۋەرلىرى، داڭلىق شىركەتلەرنىڭ خەۋەرلىرى) بىلەن تەمىنلەپ تۇردۇق ۋاقتى كەلگەندە يەنە قاتتىق دېتال باھاسى جەھەتتىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى تەمىنلەپ تورداشلارنى ئىقتىداى مەنپەتكىمۇ ئىرىشتۈرگەن بولدۇق.

[color=blue]ئەگەر بېكىتمىزگە قىزىقسىڭىز، بېكىتمىز توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز بېكىتمىزگە مەرھەممەت قىلىڭ. [/color]
[url=http://www.uyghurweb.com/munber]http://www.uyghurweb.com/munber[/url]

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
[url=http://www.uyghurweb.com/munber/viewthread.php?tid=593&extra=page%3D1][color=blue]UyghurWeb بىلدۈرگۈسى[/color][/url]
[url=http://www.uyghurweb.com/munber/forumdisplay.php?fid=42][color=blue]بېكەت پائالىيەتلىرى[/color][/url]

ھۆرمەت بىلەن:

[color=red][size=4][url=http://www.uyghurweb.com/]ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورى[/url][/size][/color]



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار