جەمئىي2 بەتنىڭ 2 - سى

يېزىلغان: شەنبە يانۋار 17, 2009 6:40 am
تەرىپىدىن يوللانغان gheyret
سالام كۆپچىلىك،
كۆپچىلىكنىڭ تەلىپى بويىچە كەنجى كوررېكتور يەنە يېڭىلاندى. يەنى ئىملا تەكشۈرۈش جەريانىدا ULY نى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ياكى كەتمەيدىغان قىلىپ تۈزىتىلدى. بۇنى كەنجى كوررېكتورنىڭ بۇيرۇق تاياقچىسىغا ULY دەيدىغان يەنە بىر بۇيرۇق كۇنۇپكىسى قوشۇش ئارقىلىق ھەل قىلدىم. ئادەتتە ULY نى تەكشۈرمەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويدۇم. ULY نى تەكشۈرمەكچى بولسا مەزكۇر بۇيرۇق كۇنۇپكىسىنى بىر چېكىۋېتىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
[url]http://kenjisoft.homelinux.com/uyghuredit/[/url]
دىن چۈشۈرۈڭلار.

يېزىلغان: چارشەنبە يانۋار 21, 2009 2:24 am
تەرىپىدىن يوللانغان Computer
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم غەيرەت ئەپەندى،
مۇشۇ ئۇيغۇرئىدىتنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە (كونا يىزىقچە) قىلغىلى بولغان بولسا تولىمۇ ياخشى بولاتتى. زادى مۇمكىن بولماسمۇ؟

يېزىلغان: چارشەنبە يانۋار 21, 2009 8:10 am
تەرىپىدىن يوللانغان Sahran
سىز ئۇيغۇر ئېدىتنىڭ تىزىملىكىدىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تاللاپ قويسىڭىز ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشكە ئۆزگەرتىپ ئىشلىتەلەيسىز.

[IMG]http://i709.photobucket.com/albums/ww98/SahranPhoto/other/uyghuredit0.jpg[/IMG]

[IMG]http://i709.photobucket.com/albums/ww98/SahranPhoto/other/uyghuredit.jpg[/IMG]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Sahran ، ۋاقتى: 2009-1-21 14:12 [/i]]

يېزىلغان: دۈيشەنبە يانۋار 26, 2009 2:17 am
تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997
بۇ قېتىمقى يېڭىلانغىنى بەك ياخشى بوپتۇ... ئەمدى جاپا تاتمايلا ULY نى تەكشۈرۈش تەكشۈرمەسلىكنى بەلگىلەپ ماڭالىغۇدەكمىز...
غەيرەتكامنىڭ ئەجرىگە رەھمەت...