[تەۋسىيە]قۇتيار تورىنىڭ چاقىرىقى(يەنە قوشۇمچە سوۋغات)

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Erdewil
يازمىلار: 27
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 06, 2007 2:58 pm
ئالاقىلىشىش:

[تەۋسىيە]قۇتيار تورىنىڭ چاقىرىقى(يەنە قوشۇمچە سوۋغ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil » دۈيشەنبە ئاپرىل 13, 2009 3:08 am

ئەسسالام قېرىنداشلار:
تۆت يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە(بۇ ئىشنى تۇنجى بولۇپ ئالىمجان دېگەن يىگىت باشلىغان دېيىشكىمۇ بولىدۇ)تور دۇنياسىدا ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ كىنو ھەۋەسكارلىرى ھەم كەڭ تىل ئۆگەنگۈچىلەر(بولۇپمۇ ئانا تىلغا ھۆرمىتى چوڭقۇر كىشىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلغا بولغان تەشنالىقىنى مەلۇم جەھەتتىن قاندۇرالايدۇ، يەنە شۇنى دېيىشكە بولىدۇكى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرمۇ تىل-يېزىق ئىشلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور پايدىسى بار.قوش تىل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىككىلا تىلنى پىششىق ئىگىلىشىگىمۇ پايدىلىق دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.)نىڭ مەنىۋى تەشنالىقى دەسلەپكى قەدەمدە قاندۇرۇلدى.بۇ جەرياندا نۇرغۇن كىنو ھەۋەسكارلىرى جاپا-مۇشەققەتلەرگە چىداپ پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشلەپ داڭلىق فىلىملەرنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەرجىمە قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا سۇندى.بۇ ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ سەركىسى بولغان قۇتيار(ئۆتمۈشتىكى بىلىك-ئىنتىل)ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى دەل مۇشۇ جاپاكەش فىلىم ھەۋەسكارلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئاۋانگارت قوشۇن.يېقىندا بۇ گۇرۇپپا ئۆزىنىڭ مۇلازىمېتىرىنى ئىشقا سېلىپ كۈلكە ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا ئۆزىگە خاس مۇكەممەل بىر تور پونكىتى([url=http://www.qutyar.net/]http://www.qutyar.net[/url])نى بارلىققا كەلتۈرۈپ ھازىرغىچە تەرجىمە قىلىنغان 100دىن ئارتۇق خەتلىك فىلىملەرنى تورغا يوللاپ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلىرىنىڭ ئىزچىل تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس سالدى. قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى روك(ئالىمجان) كۈلكە(يۈسۈپجان)ۋە مۇڭلان( ئەكبەرجان)ئەپەندى بۇ جەرياندا ئاز جاپا تارتمىدى.ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ئاسان ئىش ئەمەس ئۇ تورداشلاردىن يۇقىرى تەلەپلەرنى كۈتىدۇ.ئانا تىلغا پىششىق بولۇشتىن باشقا يەنە پولاتتەك كاسسا بولۇشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ ئەلۋەتتە.ئىلگىرى ئوتتەك قىزىپ پوقتەك سوۋۇپ كەتكەن تورداشلارمۇ بولغانىدى(چۈنكى بۇ بەك قىيىن خىزمەت،بىرسى سىزگە پۇلمۇ بەرمەيدۇ-دە....شۇڭا).دېمەك،بۇ چوڭ خىزمەت،ئاددىي ئەمەس،بۇنىڭ ئۈچۈن قۇتيار تورى يەنە نۇرغۇن خالسمەن كىشىلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە موھتاج.
گەپنى يىغاي ئەمدى. قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ تور دۇنياسىدىكى ھەقىقىي ئىلغار گۇرۇپپا بولۇپ چىقىشى ھەم باشقا گۇرۇپپىلارغا ئۈلگە بولالىغۇدەك سۈپەتلىك ، ياخشى گۇرۇپپا بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن تور دۇنياسىدىكى بارلىق كىنو ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەم تېخنىكلارنىڭ قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورىغا يىغىلىپ مۇشۇ تور بېكەتنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىڭلارنى،كىنو ئىشلىرىنى مۇنازىرە قىلىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇشبۇ سەۋەبتىن،قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى كەڭ كىنو ھەۋەسكارلىرىغان قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ نادىر كارتونلىرىدىن بىرى بولغان<<ئويناق قوزىچاق>>نى ھەقسىز بەھرە ئېلىشقا سۇندى(دىققەت:گەرچە بۇ فىلىمنىڭ نەشر ھوقۇقى مەسىلىسى بولمىسىمۇ يەنىلا فىلىمنى سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ، بەزىدە ئويلىمىغان يەردىن نەشر ھوقۇقىغا چېتىلىپ قالسىڭىز پۇشايماندا قالىسىڭىزمۇ ئۈلگۈرمەيسىز!)،قېنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ شۇنداقلا تەرجىمە فىلىمگە ياكى كىنو ساھەسىدىكى خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمانلىققا ۋەياكى قۇتيارنىڭ كەلگۈسىگە ئائىت پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى بېرىڭ.سىزنىڭ مەدىتىڭىز قۇتيار تورىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى كەمكۈتسىز ئەمەس بىراق% 100بولۇشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر مۇشۇ خىلدىكى كىنولارغا قىزىقىپ قالغان بولسىڭىز دەرھال قۇتيار تور بېكىتىگە كىرىڭ،ئاجايىپ ئېسىل ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنولار سىزنى ساقلاۋاتىدۇ.
[img]http://i.6.cn/cvbnm/d6/09/a3/f999ba6d45f4a92b365e379eac1065f4.jpg[/img]

تۆۋەندىكى كارتوننى [url=http://yuk.qutyar.net/02_Oynaq_Qozichaq.rmvb][color=#0000ff]چۈشۈرۈڭ[/color][/url] ياكى بولمىسا 56تورىدىن بىۋاسىتە كۆرۈڭ:[url=http://www.56.com/u77/v_NTYyMzU0OTg.html]http://www.56.com/u77/v_NTYyMzU0OTg.html[/url]
بۇ يەردىن سىغىمى كىچىك بولغان flvنۇسخىسىنى [url=http://f8.r.56.com/f8.c60.56.com/flvdownload/14/6/128876186972hd_clear.flv][color=#0000ff]چۈشۈرۈڭ[/color][/url](سەل سۈزۈك ئەمەس،بىراق سىغىمى بەك كىچىك)






[align=center]قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ شۇئارى: ۋاقىت قوغلىشىش بىرىنچى ئەمەس، كىنونىڭ تەرجىمە ھەم تېخنىكا سۈپىتى بىرىنچى!!! [/align]
[align=center][url=http://www.qutyar.net/][size=5][color=#800080]http://www.qutyar.net[/color][/size][/url]

[size=5]ھۆرمەت بىلەن
قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى
2010-يىلى25-ئۆكتەبىر[/size]
[/align]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Erdewil ، ۋاقتى: 2011-3-17 20:43 [/i]]



Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » سەيشەنبە ئاپرىل 14, 2009 4:45 am

[size=4]مەن بىلقۇت خەزىنىسىدىن بىرنى بىر يىرىم يىل ئاۋۋال (2007-يىلى 12-ئايلاردا) قەشقەر سەيگى كومپىيۇتېر شەھەرچىسىدىن سىتىۋالغان ئىدىم، ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتىمەن.
بىرلا ئىغىز گەپ: ھەقىقەتەن ياخشى تۈزۈلگەن قامۇس خاراكتىرلىك، لۇغەت ئىقتىدارى قوشۇلغان مول بىلىم كانى، دىيىش ئارتۇق كەتمەيدۇ.
ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان كىتابلار: (ھەربىر تۈر بىر قامۇس بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە كۆپلىگەن كىچىك تۈر مەزمۇنلىرى بار)
[img]http://www.uighurtibbi.com/other/B1.png[/img]

يۇقاردىكى تۈرلەردىن ئۇيغۇر تائاملىرى دىگەن بىر تۈرنى ئىچىپ ساناپ باقسام 389 خىل تائام تۈرى (ئىتىش ئۇسۇلى سول تەرەپتە چىقىدىكەن) چىقتى. :L ساناپ باقاي، دەپ ساناپ ساپتىكەنمەن 389نى ساناپتىمەن، ... بەلىكىم سانىشىمدا 3-4چە پەرق بولىشى مۇمكىن.
يۇقاردىكى رەسىمدىكى بىر تۈردىن شۇنداق چىققان تۇرسا، يەنە باشقا تۈرلەردىن :L :L :L :L :L :L :L :L :L [/size]
بىرلا ئىغىز گەپ [size=7]زور بىلىم كانى!!![/size]

ئۇندىن باشقا تىل ئۈگىنىشكىمۇ قولايلىق ئاۋازلىق دىئالوگلار بار ئىكەن.
ئىشارەت تىلىنىمۇ ئۈگەنگىلى بولىدىكەن.
بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئىلىپبە قىسمىمۇ تولىمۇ چىرايلىق ئىشلىنىپتۇ.
[flash]http://www.uighurtibbi.com/other/Elpida_A.swf[/flash]

مەن سىتىۋالغاندا 168يۈەنگە سىتىۋالغان ئىدىم.

مەن بارلىق تورداشلارغا كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
بىلقۇت شىركىتىنىڭ بۇنداق مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرىپلا قالماستىن بەلكى يەنە، تور بىتىنى تولىمۇ مول رەڭدار ئىشلەپ، باشقىلارنىمۇ، يەنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە فىلىم تورىنىمۇ قوللاپ كىلىۋاتىدۇ، باشقىلارنى ئويلىغاننى بىزمۇ ئويلاپ قويساق نىمە بوپتۇ؟ بىلقۇتتەك، ئىرپاندەك شىركەتلىرىمىزنى قوللاش ھەقىقەتەن ئارتۇق كەتمەيدۇ.

سىتىۋالغۇچىلارنىڭ يۇقاردىكى ئەردەۋىل ئەپەندىنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسى بويىچە ئالاقە قىلىشىنى سەمىگە سالىمەن:
ئالاقىلاشقۇچىلار:
يۈسۈپجان (كۈلكە)
تېلېفون:13899227595 15292528250 09972617519
تور مۇڭداشقۇسى: 450363022

ئۆمەرجان (ئەردەۋىل)
تېلېفون: 13899894928 تور مۇڭداشقۇسى: 66821134

kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » چارشەنبە ئاپرىل 15, 2009 9:03 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار

بىزنىڭ خەتلىك فىلىمنى قوللاپ بېرىۋاتقان بارلق تورداشلارغا كۆپ تەشەككۈر.
يۇقىردا پەرھات ئەپەندىم ئېيتقاندەك بىلقۇت خەزىنىسى ھەقىقەتەن ياخشى. قالغىنىنى ئىشلىىتپ باققانلار بىلىدۇ.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: kulke0997 ، ۋاقتى: 2010-11-3 15:38 [/i]]

teshnayi
يازمىلار: 21
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە مارت 21, 2009 1:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان teshnayi » جۈمە ماي 08, 2009 5:11 am

[size=5]
ئەردەۋىل تور مۇڭداشقۇسىدا سۆزلىشىشنى رەت قىلدى.[/size]

kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » چارشەنبە نويابىر 03, 2010 9:49 am

نېمە ئۈچۈن رەت قىلدى .

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار