[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • co. تور نامى ئېلان قىلىندى -
جەمئىي2 بەتنىڭ 2 - سى

يېزىلغان: جۈمە ئىيۇل 23, 2010 1:38 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Eagle
خەلقارا ئۆلچەم تەشكىلاتى ISO ئۇيغۇرنىڭ قىسقارتىلما ئىسمىغا ug نى بەلگىلەپ بەرگىلى نەچچە يىللار بولۇپ كەتتى.

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 4:24 am
تەرىپىدىن يوللانغان Julaliq
ئۇيغۇر نامىنىڭ ئېنگىلىزچە قىسقارتىلمىسى زادى uy مۇ ياكى ug مۇ؟
نىمىشقا مۇشۇ توغرىدا ئېنىقراق مەلۇمات يوق.
ھازىرغىچە كۆپىنچە تور بەتلەردە uy نى قوللۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ug نى قوللانغىنىنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم.

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 4:59 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eagle
خەلقارا ئۆلچەم تەشكىلاتى ISO ئۆزىنىڭ 1967-يىلى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئېلان قىلغان 639-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ 2 ھەرپلىك قىسقارتىلما كودى ئۈچۈن ug نى، 3 ھەرپلىك قىسقارتىلما كودى ئۈچۈن uig نى بەلگىلەپتىكەن.

تەپسىلاتى:

1- ۋىكىپېدىيەدىكى ئۇلانمىسى
[url]http://en.wikipedia.org/wiki/List_of_ISO_639-1_codes[/url]

2- خەلقارا ئۆلچەم تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلغان
(ئامېرىكا كونگىرېس كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان) تىزىملىكى
[url]http://www.loc.gov/standards/iso639-2/php/English_list.php[/url]

قايسى تور بەتلەر uy نى قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تور بېتىمۇ؟ ئۇنداقتا ئۆلچەمگە ئەمەل قىلماي، «ئەركىن» نى ARKIN دەپ يېزىۋالغاندەك، ئۆز خاھىشى، ئارزۇسى بويىچىلا uy دەپ يېزىۋاپتۇ.

ئۇيغۇرنىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشى Uighur نىڭ كامىدا 300-200 يىللىق تارىخى بار بولۇپ، خەلقارا ئۆلچەم تەشكىلاتى 1967-يىلى ئۇ ئۆلچەمنى تۈزگەندە، تېخى Uyghur دەپ يېزىلىشى دۇنياغا تۆرەلمىگەن بولۇپ، يەنىلا Uighur دەپ ئىشلىتىلگەن. شۇڭا ئۇ ئۆلچەمدە ug, uig بولۇپ بېكىتىلىپتىكەن.

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 5:22 am
تەرىپىدىن يوللانغان Julaliq
قايسى تور بەتلەر uy نى قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تور بېتىمۇ؟ ئۇنداقتا ئۆلچەمگە ئەمەل قىلماي، «ئەركىن» نى ARKIN دەپ يېزىۋالغاندەك، ئۆز خاھىشى، ئارزۇسى بويىچىلا uy دەپ يېزىۋاپتۇ
---------------------------------------------------------------
بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر تورى
[url]http://www.uyterjime.com[/url]

UKIJ تور بېتىنىڭ ئاستىدىكى دوستانە ئۇلىنىش قاتارىدىكى
[url]http://www.uyghurdictionary.org/[/url]

مېنىڭ بۇ بەتلەرنى مىسال قىلىپ يوللىشىمدا باشقا سەۋەب يوق. يۇقاردىكى ئىنكاسقا جاۋابەن يوللاپ قويدۇم.
بۇ تور بەتلەرنىڭ ئىسىملىرى خەلقئارالىق ئۇيغۇر دىگەن نامغا ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ؟ بۇنى مەن ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر توغرىسىدا بىلىمىم كەمچىل شۇڭا توغرا چۈشەنگەيسىلەر.

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 6:03 am
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
[url]www.uyXXX.com[/url] ، [url]www.xjXXX.com[/url] لاردىكى uy ۋە xj لار بىلەن تور نامىدىكى بىرلىككە كەلگىنى ئۇخشىمايدۇ، يۇقارقىدىكى «ئۇي» ۋە « ش ج » لار تور داشلار كۆڭلىدىكى تور نامىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان ۋاستە.
بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلىۋاتقان ug بولسا [url]www.XXX.ug[/url] دىكىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: [url]www.ukij.ug[/url]

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 6:23 am
تەرىپىدىن يوللانغان majeed
uy بولسا ئۇراگۋاي نىڭ

ug بولسا ئۇگاندا نىڭ

[img]http://www.popo8.com/files/albums/201006/1279884245.jpg[/img]

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 6:51 am
تەرىپىدىن يوللانغان kaqkuz
تور ئىسىمى قائىدىسى بويىچە، ئىككى خانىلىق ئىسىم پەقەت دۆلەت ۋە ئالاھىدە رايۇنلارغىلا بېرىلىدۇ، بېرەر مىللەتكە ياكى خەلققە بېرىلمەيدۇ. مەسىلەن: CN دۆلىتىمىزنىڭ، US ئامېرىكا، HK شاڭگاڭ، CM كامېرون دېگەندەك. (يەنە CC دېگەن ئىسىمۇ شىركەت ئىسىمى ئەمەس، بەلكى ئۇمۇ بىر رايۇننىڭ ئىسىمى، يەنى: 科科斯群岛نىڭ، 科科斯 نى ئۇيغۇرچە نىمە دەيدىغان بولغىيتتى، لۇغەتلەرنىمۇ قىزىۋەتتىم. :$ ) مۇشۇ پېرىنسىپ بويىچە، دۆلېتىمىز، CN ئىسىم ئاساسىدا، دۆلېتىمىزدىكى ھەر قايسى ئۆلكېلەرنىڭ نامىغا يەنە ئىسىم كۆپەيتىپ چىققان. مەسىلەن: bj.cn ياكى xj.cn دېگەندەك. (ناۋادا ئالىدىغان ئىسىملىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ تۈگەپ كەتكەن دوستلار بولسا، مۇشۇنداق رايۇنغا بېرىلگەن ئېسىم ئېلىشنىمۇ ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ جۇمۇ. بارلىق رەسمىيىتى CN ئىسىم بىلەن ئوخشاش. مەسىلەن: [url]www.qq.xj.cn[/url] ياكى [url]www.uyghur.xj.cn[/url] دېگەندەك.)

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 9:47 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eagle
مەن يۇقۇرىدا ئېيتقان ug, uig لار بولسا «ئۇيغۇر تىلى» غا بېرىلگەن قىسقارتىلغان ئۆلچەملىك كود (بەلگە) بولۇپ، ئۇنىڭ تور نامى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. (دەسلىپىدە گەپ ئېنىق بولمىغاچقا،) مەن قايمۇقۇپ قاپتىمەن.

ناۋادا تور نامى ھەققىدە گەپ بولسا، يۇقۇرىدا بەزى تورداشلار ئېيتقاندەك، بىر مىللەت ياكى تىلغا ئايرىم تور نامى بېرىدىغان ئىش يوق. پەقەت جۇغراپىيەلىك دۆلەت ۋە رايۇنغىلا تور نامى بېرىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ تور نامى ھەققىدە ھىسسىياتلىنىپ، ئارتۇق ئويلاپ كەتمەيلى.