[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تورى ئېچىلدى
جەمئىي2 بەتنىڭ 1 - سى

ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تورى ئېچىلدى

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئاۋغۇست 09, 2010 1:10 pm
تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997
بايانات

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار، ئەزىز تورداشلار:

دىيارىمىزدا تور توختىغاندىن بۇيان كۆپلىگەن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى تاقىلىپ، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىغا نىسبەتەن تاكى بۇ يىل 2-ئايغىچە كومپيۇتېر بىلىملىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر ئازلاپ كېتىپ، ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىقتەك بىر بوشلۇق شەكىللىنىپ قالغان ئىدى. (گەرچە بىر قانچە بېكەتلەر ئوچۇق بولسىمۇ ئەمما ئۇ بېكەتلەر شۇ ۋاقىتتىكى شارائىتقا نىسبەتەن كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالمايتتى) شۇ سەۋەبلىك بىز 2-ئاينىڭ ئاخىرى كومپيۇتېر بىلىملىرى، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم ئىشلىرى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاش، كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە شۇنىڭدەك ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇش مەقسىتىدە، ئۆلچەملىك تور بېكەتتىن بىرنى قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن تور بېكەت نامىنى ئىزدىنىش، قايتا-قايتا ئويلىشىش ئارقىلىق قۇتيار دېگەن ئىسىمنى تور بېكەت ( [url]www.qutyar.net[/url] ) نامى قىلىپ قوللىنىشنى لايىق تاپتۇق ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئۈچۈن تىنىم تاپماي ھەقسىز خىزمەت قىلىۋاتقان، ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تورىنى ئامالسىز [url]www.terjimefilim.com[/url] تورىغا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدۇق (ئەسكەرتىش: ئەسلىدىكى

[url]WWW.UYTERJIME.COM[/url] تور نامى يامان نىيەتلىك ئادەملەر تەرىپىدىن ئېلىۋېلىنغاچقا داۋاملىق تورداشلار ئۈچۈن خىزمەت قىلالماي قالدى، بۇ سەۋەبلىك بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان كەڭ تورداشلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىملەر [url]www.terjimefilim.com[/url] تورىدا
داۋاملىق خىزمىتىڭلاردا بولىدۇ) ...

3-ئاينىڭ بېشىدا قۇتيار تور بېكىتىنى ئېچىپ ئادەتتىكى بىر ASP بېكەت سىستېمىسىنى ئىشلەتكەنىدۇق، ئەمما بۇ ASP بېكەت سىستېمىسى بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقالمىغاچقا، 4–ئاينىڭ باشلىرى PHPCMS بېكەت سىستېمىسىغا كۆچۈپ بۇ سىستېمىنى بىر قانچە ئاي سىناپ ئىشلەتتۇق. لېكىن PHPCMS بېكەت سىستېمىسىمۇ بىزنىڭ ھاجىتىمىزگە تولۇق ماسلاشمىغاچقا 5–ئاينىڭ ئاخىرى 6–ئاينىڭ باشلىرىدا 3–قېتىملىق كۆچۈپ ECMS بېكەت سىستېمىسىغا رەسمىي كۆچۈپ كەتتۇق، (بۇ بېكەت قۇرۇش جەريانىمىزدىكى ئۈچ چوڭ بېكەت كۆچۈش بولۇپ قالدى) گەرچە بىز بۇنداق كۆپ بېكەت كۆچۈشنى ئويلىمىغان بولساقمۇ، ئەمما بېكەتنىڭ بەزى قۇرۇلمىلىرى بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزنى تولۇق قاندۇرالمىدى. بىز ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تور ئەسلىگە كېلىشتىن بۇرۇن بېكىتىمىزنى ماڭدۇرۇپ بولىمىز دەپ پىلان قىلغان بولساقمۇ، يۇقىرىقىدەك ئىشلار تۈپەيلى تور ئېچىلغاندىن كېيىنمۇ بېكىتىمىز ئېچىلىپ بولالمىدى. ECMS بېكەت سىستېمىسىغا كۆچكەندىن كېيىن سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تور بېكىتى([url]www.terjimefilim.com[/url] ) بىلەن بىرلەشتۈردۇق. بېكىتىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ھازىر ئەڭ مودا بولۇۋاتقان WEB2.0 ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، بېكەتنىڭ ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا بېكەت قېلىپلىرىنى 0 دىن باشلاپ تۈزۈپ چىقتۇق ۋە قىسمەن ئورۇنلاردا AJAX تېخنىكىسىنىمۇ قوللاندۇق.

شۇنداق قىلىپ تۆت ئايدىن ئارتۇق جاپالىق تىرىشىش، كېچە-كۈندۈز ئىزدىنىش نەتىجىسىدە سىز كۆرۈۋاتقان قۇتيار تور بېكىتى ۋە ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تور بېكىتىنى بارلىققا كەلتۈردۇق.

نۆۋەتتە قۇتيار تور بېكىتى مۇنداق ئۈچ چوڭ سەھىپە بىلەن ئېچىلدى:

1. ماقالە سەھىپىسى - بۇ سەھىپە مەخسۇس كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى، بىلىملىرى، خەۋەرلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. كىنو سەھىپىسى - بۇ سەھىپە مەخسۇس ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىملەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، گۇرۇپپىمىز مۇشۇ سەھىپە ئۈچۈن داۋاملىق نادىر خەتلىك فىلىملەرنى تارقىتىدۇ ھەمدە چەتئەلنىڭ يېڭى چىققان فىلىملىرىنى چۈشۈرۈش بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا يەنە چىقىش ئالدىدىكى يېڭى فىلىملەردىنمۇ سىلەرنى خەۋەردار قىلىدۇ.

3. چۈشۈرۈش سەھىپىسى - بۇ سەھىپە مەخسۇس ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار، بۇرۇنقى تېپىش تەس بولغان باشقا تىلدىكى يۇمشاق دېتاللار ۋە يېڭى چىققان سەر خىل ئويۇنلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

نۆۋەتتە بىز يەنە دەرسلىك سەھىپىسى ۋە مەھسۇلات سەھىپىسىنى جىددىي ئىشلەۋاتىمىز.

ئەزىز تورداشلارنىڭ قۇتيار تور بېكىتى ۋە ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تور بېكىتىگە نىسبەتەن قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى، ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىملەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار تور بېكىتى

ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تورى

قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى

2010-8-9

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: kulke0997 ، ۋاقتى: 2010-8-9 19:42 [/i]]

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئاۋغۇست 09, 2010 3:18 pm
تەرىپىدىن يوللانغان sonic
ياخشى بولدى، كارتون فىلىملەرنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىڭلار! :lol مەسىلەن:
[img]http://a1.att.hudong.com/85/28/01300000316864122793286256415.jpg[/img]
[img]http://zixun.58.com/uploads/userup/0806/1Z935506256.jpg[/img]

ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي! :victory: :lol

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 2:10 am
تەرىپىدىن يوللانغان kaqkuz
مۇبارەك بولسۇن، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرگە خېلى رەھمىتىم بار جۇمۇ، شەنبە كۈنى، تارىخىمدا تۇنجى قىتىم، بىر چەتئەللىك بىلەن ئىنگىلىزچە سۆزلىشىپ باقتىم. :lol

كۆپ قىسىملىق فىلىم تەرجىمە قىلىساق

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 11:22 am
تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997
ئەمدى بەتنى قۇرۇۋالدۇق ئاستا - ئاستا قىلىمىز.
ھازىر كۆپ قىسىملىق فىلىمدىن «تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى» نى تەرجىمە قىلىشقا باشلىدۇق، كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىملەردىنمۇ بىرەرنى قىلىشنى ئويلاشقان ئەمما تۈزۈكرەك كارتون يوقكەن. ياپونىيەنىڭ «نارۇتو» دېگەن كارتونىنى قىلىشنى ئويلىغان ئەمما ئۇنىڭدىن سېھىر، ئەپسۇنلارغا ئۇيغۇرچىدا تۈزۈك ئاتالغۇ بولمىغاچ تەرجىمە قىلىشتىن ۋاز كەچتۇق. ئەگەر شۇ سېھىر ، ئەپسۇنلارغا مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ تاپالىساق بۇ كارتوننىمۇ تەرجىمە قىلىشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:10 pm
تەرىپىدىن يوللانغان sonic
ئەگەر ئەپسۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلار يېغىلىسا مەن تەرجىمە قىلىشقا ياردەملىشەي!

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: sonic ، ۋاقتى: 2010-8-10 18:12 [/i]]

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:22 pm
تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997
ئاتالغۇ يىغىلغان ۋە ياكى بار بولغان بولسا بىزمۇ قىلىپ بولاتتۇق. شۇ ئاتالغۇ يوق تۇرۇپ قالدۇق. غەلىتە ئەپسۇنلار بەك جىق ئەمەسمۇ بۇنىڭدا...

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:39 pm
تەرىپىدىن يوللانغان salahiddin
10 كارتوندىن بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئەلا. كۈچنى تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى بار نەرسىلەرگە سەرىپ قىلىڭلار مەنمۇ ھە- پە دېيىشىپ بىرەي.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:43 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Apple
بولسا مۇشۇ فىلىم تەرجىمە قىلىش جەريانىدا يېڭىدن تەرجىمە قلىغان ئاتالغۇلارنىمۇ يىغىپ قويۇڭلار،كېيىن ئاتالغۇنىڭ بىردەك بولۇشىغا پايدىلىق.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:53 pm
تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]salahiddin[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-10 06:39 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3225&ptid=596][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
10 كارتوندىن بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئەلا. كۈچنى تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى بار نەرسىلەرگە سەرىپ قىلىڭلار مەنمۇ ھە- پە د ... [/quote]
ھۆججەتلىك فىلىممۇ بار. ئۇنىڭدىن غەم قىلماڭ. ئاللاھ خالىسا ھەر ئايدا فىلىم چىققاندا بىردىن ھۆججەتلىك فىلىممۇ چىقىدۇ. كۈچەيمىز.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:54 pm
تەرىپىدىن يوللانغان salahiddin
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Apple[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-10 18:43 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3228&ptid=596][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بولسا مۇشۇ فىلىم تەرجىمە قىلىش جەريانىدا يېڭىدن تەرجىمە قلىغان ئاتالغۇلارنىمۇ يىغىپ قويۇڭلار،كېيىن ئاتالغۇ ... [/quote]
كىنو ئاتالغۇلىرى لۇغىتى قىلىپ قويۇڭلار دېمەكچىمۇ؟ بۇمۇ بولۇپ قالىدىغان ئىشكەن جۇمۇ.