[img]http://yuk.qutyar.net/eser/hewerler/20100810/bba5ec1232eb919b4b8afda5ef4bef3f.jpg[/img]
Operaنىڭ بۇ سىناق نۇسخىسىدا ئەڭ ئاساسلىق ئۆزگەرگىنى يادرو قىسمى ھېسابلانغان Presto ماتورى بولۇپ، بۇ ماتور Opera نى دۇنيادا سۈرئىتى ئەڭ تېز تور كۆرگۈچكە ئايلاندۇرغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، HTML5 ۋە CSS3 مۇھىتىغا قارىتا قوللاش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن. كەڭ ھەۋەسكارلارنىڭ سىناق نۇسخىسىنى ئىشلەتكەندە مۇقىمسىزلىق ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، ۋاقتىنچە ئاساسىي تور كۆرگۈچ ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
Opera 10.70 نۇسخىسىدا يەنە يىغقۇچ ئىقتىدارىغىمۇ ئالاھىدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يىغقۇچقا ساقلانغان تور بېكەتلەرنىڭ قايتىلىنىپ قالماسلىقىنى ئىشلەتكۈچىگە ئەسكارتىپ تۇرىدۇ.
Opera پەقەت كومپيۇتېردىلا ئالقىشقا ئېرىشىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە Opera Mini تور كۆرگۈچىسى تېلېفوندا تورغا چىقىدىغانلانىڭ بىرىنچى بولۇپ تاللايدىغان قورالىغا ئايلاندى.
+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
مەنبە: قۇتيار تور بېكىتى [url]http://qutyar.net[/url]
Opera 10.70 سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
توردىكى ئەزالار
مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار